ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
شۆھرەت ھوشۇر
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىق چارە – تەدبىرلىرى بارغانسېرى ئەسەبىي، ھەجىۋىي ۋە ھاماقەتچە شەكىللەردە داۋاملاشماقتا. بۇ قاراشنى دەلىللەيدىغان پاكىتلاردىن بىرى بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ ئاقسۇ ئايكۆلگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە ئايكۆل بازىرىدىكى دېھقانلار ھەر دۈشەنبە ئەتىگەندە كەنت ئىشخانىلىرىغا مەجبۇر توپلىنىپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇرۇلغان. ھەر قېتىملىق مۇراسىمغا 400 – 500 دېھقان توپلىنىپ، ئارىسىدىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بايراقنى چىقارسا، قالغانلىرى سەپ بولۇپ تىزىلىپ بايراق چىقىرىشنى سۈكۈت ئىچىدە كۆزەتكەن.
بۇ ئىشنىڭ ئەجەپلىنەرلىك يېرى، مۇراسىمغا قاتناشقان دېھقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بۇ بايراق چىقىرىشنىڭ مەنىسى، مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەن
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/bayraq-chiqirish-10302015221014.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.