ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺑﯩﺰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺗﻪﻫﻠﯩﻠﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ. ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻟﯜﺷﯩﭽﻪ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ، ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺗﻪﻫﻠﯩﻠﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ، 5 - ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ”ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ“ﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ.
ﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﺰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ، ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻜﻪﻥ.
ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻟﯜﺷﯩﭽﻪ، ”5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ“ﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭ، ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﺘﺎ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ، ﺩﻩﻝ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻟﯜﺷﯩﭽﻪ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﺘﻪ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺵ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻟﯜﺷﯩﭽﻪ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 5 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 - ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ، 2 ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﺎﮔﯧﻨﺘﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ، ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﺳﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ 60 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭ، ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﭖ – ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻪﯞﭖ ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﻧﭽﻪ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺗﻪﻫﺪﯨﺘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ”ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻢ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯘﻕ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻢ“ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.
ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ”5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ“ﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺋﯚﺯﻯ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﯩﺶ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﺴﯩﺰﭼﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﯞﻩ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: ”ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﯞﻩ ﺑﺎﻻﻡ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ….“ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ: “ ﻳﺎﻕ. ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﻰ ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻣﯘﻫﯩﺖ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ….“ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﯘﻻﺳﯩﻠﻪﭖ، ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻟﯜﺷﯩﭽﻪ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ. ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻨﻰ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻼﺭ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ، ﺷﯟﯦﺘﺴﺎﺭﯨﻴﻪ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻧﻮﺭﯞﯦﮕﯩﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﻪﻧﻪ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ.
ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻠﻪﺭ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: ”ﻣﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻻﺭ(ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ)ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، 10 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ، ﺑﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ، ﺋﺎﯕﻼﺷﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻣﻪﻥ.“
ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻟﯜﺷﯩﭽﻪ، ”5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ“ﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺑﯘ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: ”ﻣﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ، ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻫﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﻛﺎﻟﻼﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺗﯧﺨﻰ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ؛ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺗﺎﭘﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻧﯘﻗﺘﺎﻡ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ، (ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ) ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ، ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.“
2010.10.5
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/ilham-toxti-we-uyghurlar-10052010192547.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER