logo

trugen jacn
28 مارت 2014

ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ: ‘ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ’ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺑﯘﺭﻣﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ

 

ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ

ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ”ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ“ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ، ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺳﯚﻫﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ. ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ”ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ“ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻫﻪﻡ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺸﻜﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ.

”ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻘﺎ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ“

ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻗﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺪﻯ.

ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ”ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ. ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻫﻪﻡ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﺍ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﻼ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ، ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ، ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ – ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﯩﻠﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻳﻮﻕ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﺎﺭﻛﻰ – ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻫﻮﻗﯘﻕ ‘ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯗ’ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﺗﻪﻟﻪﭖ، ﻳﻮﻟﺴﯩﺰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ!“

”ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ‘ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ’ ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻧﻜﻰ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ 10 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﺭ. ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻫﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺕ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ. ﻫﻪﻡ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﯘ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ، ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺑﯘ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ. ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ – ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ؟ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻡ ﺳﯧﻜﺮﯦﺘﺎﺭﻯ ﺟﺎﯓ ﭼﯜﻧﺸﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﺑﺎﺭ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺴﺎ، ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘﺭﻣﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﺭﻯ – ﺗﺎﻗﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ؟ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.“
”ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﯘﻫﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﺍﻳﺴﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻣﯘﻫﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﭗ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ“

ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﯘﻫﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﺍﻳﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﺪﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻣﯘﻫﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﭗ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﺩﻯ.

ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ”ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ. ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭﻭﻫﻰ. ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﻣﯘﻫﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﺍﻳﺴﺎ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯚﺭﯛﭖ -ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰ، ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰ، ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻫﯘﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﯘﻫﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﺪﺍ ﻛﯚﺭﺩﯗﻗﻘﯘ؟ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﺗﺎﺭﺍﻳﺴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺷﯘ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻣﯘ ﺋﺎﺯﻻﻳﺪﯗ، ﺷﯘ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﺎﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻫﻪﻡ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ، ﺷﯘ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﺪﯗ، ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ، ﭘﻪﻥ -ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﯩﻤﯘ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﯩﺴﯩﻐﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﯘﻫﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺴﯩﺨﯩﻚ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺑﯚﻟﯩﻨﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﯘﻫﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﺍﻳﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻮﻝ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ، ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ، ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﯩﻦ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﯦﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻥ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯘ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.“

ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﯘﻫﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ”ﻣﻪﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺟﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﻤﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ. ﺋﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﻧﯩﻴﺎﺯﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﺩﻯ. ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﺳﺎﻫﯩﺒﻰ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﻠﺴﻪ، 2 – ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻞ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﯓ ﺳﯧﻜﺮﯦﺘﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺴﺎ ﺟﺎﯓ ﭼﯜﻧﺸﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ“
”ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ“

ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ “ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ“ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﻰ.

”ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﺎ ‘ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ’ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺘﯩﻢ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ‘ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺑﯩﺰ’ ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﻩ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﯓ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺳﺎﯞﺍﺗﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻗﺘﯘﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻤﯘ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ 3 – ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭙﺘﯘﺩﻩﻙ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭙﺒﻪ ﺳﺎﯞﺍﺗﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭ ﺳﺎﯞﺍﺗﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ.“
”ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.“
ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻫﻪﻡ ﺑﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ.

”ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﻼﺭﻣﯘ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﻣﻪﻥ 30 – 40 ﺗﻪﻙ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﯩﻢ. ﺷﯘﻻﺭﻣﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﯩﻞ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯩﻞ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺋﯩﺶ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺶ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ.“
”ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ‘ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ’ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ“

ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺳﯚﻫﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺪﻯ.

ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: ”ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﯞﺍﺵ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻳﺎﯞﺍﺵ ﺋﺎﺩﻩﻣﻤﯘ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ. ﻳﺎﯞﺍﺵ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻤﯘ ﻏﯘﺭﯗﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺩﻩﺳﺴﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﻪﻥ ‘ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ’ ﻗﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ‘ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ‘ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ‘ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ‘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺩﯦﻤﻪﻙ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻫﻮﻗﯘﻕ. ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻫﻮﻗﯘﻕ. ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﺩﺍ ﺑﻪﺭﺳﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ!“

2010.11.4
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/ilham-tohti-we-qosh-til-11042010200410.html/story_main?encoding=arabic

Share
1352 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.