logo

trugen jacn

ئاۋاتتىكى مۇسەللەس سودىسىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مونوپول قىلىۋالغانلىقى مەلۇم

image

ئىرادە

2015-u0605-pma.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە يېڭى كەلگەن بىر خىتاي كارخانىچى ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ ياردىمى بىلەن ئاقسۇ ئاۋاتتىكى مۇسەللەس تىجارىتىنى مونوپول قىلىۋېلىشقا تەييارلانغان. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ياردىمىگە مۇيەسسەر بولالمىغان ئۇيغۇر مۇسەللەسچىلەردە ئەندىشە ۋە نارازىلىق قوزغىغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىدا يېقىندا «نارازىلىق ئۈزۈمى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە رېتسېپقا ۋە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دورىلىق ئىچىملىكى – مۇسەللەس تونۇشتۇرۇلغان ۋە شۇنداقلا ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد مۇسەللەس ياساش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىلىپ بۇ ئاتا مىراس كەسپىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

مۇخبىر مۇسەللەسنىڭ ئۆزگىچە رېتسېپقا ئىگە بولغان ۋە ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ ئىستېمال قىلىپ كەلگەن بىر خىل ئىچىملىك ئىكەنلىكى، بىراق ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان ۋە قولىدا نۇرغۇن مەبلەغ بولغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بولسا ھازىر مۇسەللەس ياساشقا كىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارىتىنى تارتىۋېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغان چېن نەيباۋ ئىسىملىك خىتاي بولسا جىياڭسۇدىن چىقىپ ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن بىر خىتاي كۆچمىنى بولۇپ، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن ئاۋات ناھىيىسىدىكى تەييار بىر مۇسەللەس زاۋۇتىنى سېتىۋالغان. مۇخبىر ماقالىسىنىڭ بېشىدىلا بۇ يەردىكى مىللىي كەمسىتىش ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ بايان قىلغان: ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى، تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىدۇ. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەرگە تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما، چېن نەيباۋنىڭ تىجارىتى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسەتلىرىنىڭ پايدىسىنى يەرلىك ئۇيغۇرلار ئەمەس بەلكى خىتاي كۆچمەنلىرى كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. مانا بۇمۇ مىللىي زىددىيەتنىڭ بىر مەنبەسىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ قاچاندىن باشلاپ مۇسەللەس ياساپ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىراق، تاڭ دەۋرىگە ئائىت بەزى شېئىرلاردا مۇسەللەس تەسۋىرلەنگەن ۋە بۇ شېئىرلاردا مۇسەللەس «غەربنىڭ شارابى» دەپ تىلغا ئېلىنغان… بىراق جياڭسۇدا چوڭ بولغان ۋە ھېلىھەم جياڭسۇغا كېلىپ – كېتىپ تۇرىدىغان چېن نەيباۋ بۇ تىجارەتكە كىرىشىپ، تەييار بىر مۇسەللەس زاۋۇتىنى سېتىۋالغىنىغا تېخى 4 يىل بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككى گېكتار كېلىدىغان ئۈزۈملۈكىدىكى ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسەللىسىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىۋەتتىم. بىزدە تېخنىكا بار، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇنى بىلمەيدۇ» دېدى. ئۇ گەرچە مۇسەللەسكە يېڭىلىق ئەكەلدىم دېگىنى بىلەن ئۇنىڭ تىجارىتىنى ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد مۇسەللەس ياساپ كېلىۋاتقان يەرلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلاردىن ئۈستۈن قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق مۇھىم بىر ئامىل بار. ئۇ بولسىمۇ – ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىدۇر.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، چېن نەيباۋ يېقىندا يەنە 5 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۆزى تەييار سېتىۋالغان بۇ مۇسەللەس زاۋۇتىنى كېڭەيتكەن ۋە يىللىق مۇسەللەس ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مىڭ توننىغا يەتكۈزگەن. ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانلىرىنىڭ بىرىگە ئاساسەن ئۇ بۇ تىجارىتى ئۈچۈن بىر مىليون يۈەن ياردەم ئالغان.

بىراق مۇخبىر خەۋىرىدە، ئوخشاش جايدىكى باشقا ئۇيغۇر مۇسەللەس ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بۇنداق ياردەمگە ئېرىشىپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى رېزا ھاشمەت فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا مۇخبىرىغا «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق سىياسەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «قارا، بىز رايونغا ياردەم قىلىۋاتىمىز» دېيىشى مۇمكىن.

بىراق ئۇلار بۇ پروگراممىلارنىڭ چوقۇم يەرلىك ئۇيغۇرلارغا نەپ يەتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلمىغان» دېگەن. خەۋەردە يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى 2013 – يىلى ئىچىدىلا ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلارنى يۆلەش ئۈچۈن 530 مىليون يۈەن سەرپ قىلغان. بۇ تېخى چېن نەيباۋ پايدىلانغان مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم مەبلىغىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. مەبلەغدىن كىملەرنىڭ پايدىلانغانلىقى ئادەتتە ئاشكارىلانمايدۇ. ئەمما، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختا سانائىـتىگىلا 3 يېرىم مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان.

مۇخبىر خەۋىرى داۋامىدا مۇسەللەس ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىنىڭ مەزمۇنىنى بەرگەن. ئۇنىڭدا ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئائىلىسى ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد بۇ ئىشنى قىلىپ كەلگەن، ئۇلار ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئون يىل ئاۋۋال بىر مۇسەللەس زاۋۇتى قۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىللىق مۇسەللەس ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 100 توننا ئىكەن. بۇ ئۇيغۇر مۇخبىرغا: «بىز بۇ زاۋۇتنى پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپ قۇردۇق، تىجارىتىمىزنى كېڭەيتكىمىز بار، لېكىن قولىمىزدا ئىقتىساد يوق، بىزگە ھېچكىم ياردەم قىلمىدى، ھۆكۈمەتنىڭمۇ بىرەر ياردىمىگە ئېرىشىپ باقمىدۇق» دېگەن. ئېيتىپ بەرگەن. يەنە بىر ھۆكۈمەت كادىرى ئۇيغۇر بولسا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمەت مەبلىغىنى ناھايىتى پىلانلىق ھالدا ئىشلىتىپ، باشلىغان ئىشىنى باشقا ئەپ چىقىدىغانلىقىنى، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنداق قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

تەتقىقاتچى رىزا ھاشمەت بولسا بۇنداق ياردەم مەبلەغلىرىدىن ئادەتتە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تىجارەتچىلەرنىڭ بىر – بىرىدىن ئۇقۇپ خەۋەردار بولىدىغانلىقى، پايدىلىنىدىغانلار پايدىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ داۋرىڭىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بولىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/awat-muselles-06052015234556.html

Share
1505 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.