logo

trugen jacn

مائارىپىمىزنىڭ ھالى ۋە زارى

images

ئابلەت ئابلىكىم  (غۇلجا ناھىيە ئۈچئون خۇيزۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن )

 

                ( سۆھبەت خاتىرىسى )                        

 

تۇرسۇنمۇھەممەت توختى (  قورغاس ناھىيەلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپتىن )

 

   بىر دانا «مائارىپى ساختىلاشقان ئەلنىڭ تەرەققىياتىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ»دەپتىكەن. شۇڭا، مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى سەمىمىيلىك بىلەن كۆرسىتىپ بېرىش، ئىلغار ئىدىيە ئارقىلىق ئوقوتقۇچىلارنى يېتەكلەش ھەر بىر مائارىپچىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، ئەلۋەتتە. مائارىپ تەتقىقاتچىسى تۇرسۇنمۇھەممەت توختى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر سۆھبەت خاتىرىسى، مائارىپ ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىز ۋە تەپەككۇرىڭىزنى زەرەتلەپ، سىزنى  زەررىچە ئويلىنىشقا سالالىسا، قىلغان ئەمگىكىمدىن ئالەمچە شادلانغان بولاتتىم.
    ئابلەت ئابلىكىم : بىز ، مائارىپشۇناسلارنىڭ: «بۈگۈنكى كۈندە مائارىپنىڭ بولىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، گەپ قانداق مائارىپنىڭ بولىشىدا، مائارىپ سۈپىتىنىڭ قانداقلىقىدا» دېگەنگە ئوخشاش ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. سىزنىڭچە، بۈگۈنكى كۈندە دەۋرنىڭ تەرەققىياتى تەقەززا قىلىۋاتقان مائارىپ قانداق بولىشى كېرەك؟ ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بىز مائارىپنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىدىن چەتنەپ كەتتۇقمۇ قانداق؟
   تۇرسۇنمۇھەممەت توختى:ھەرقانداق بىر ئەلنىڭ مائارىپ ئىدىيەسى ، مائارىپ  نىشانى شۇ ئەل مائارىپىنىڭ مەزمۇنى ۋە ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدۇ . ئىلغار ئىدىيەنىڭ قوماندانلىقىنى يېتەكچى قىلغان مائارىپ ھەرىكىتى دەۋرنىڭ سەرخىللىرىنى، ساپالىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرسە، قالاق ئىدىيەنىڭ ئىسكەنجىسىگە ئايلىنىپ قالغان مائارىپ ھەرىكىتى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان بىر تۈركۈم ساپاسىز كىشىلەرنى، گالۋاڭلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ مەنىدىن ئالغاندا مائارىپقا مۇتلەق ئىجابىي نۇقتىدىن قارىۋېلىشقا، زىيادە ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ. دۇنيادا ئادەمنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىمكانىيەت بىلەن تەمىن ئېتىدىغان، ئادەمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغىتىدىغان مائارىپمۇ؛ ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويىدىغان، تەرەققىياتىنى بوغىدىغان، ھەتتا ئادەمنىڭ ئىدىيەسىنى زەھەرلەيدىغان مائارىپمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت. شۇڭا، بۈگۈنكى كۈندە مائارىپنىڭ بولىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، مۇھىمى ئىلغار، زامانىۋى ئىدىيەنى يېتەكچى قىلغان سۈپەتلىك مائارىپنى بەرپا قىلىشتا. قارايدىغان بولساق، ئىختىساسلىقلار رىقابىتى ھەل قىلغۇچ ئورۇنغا ئۆتكەن بۈگۈنكى دۇنيادا، قايسى ئەلنىڭ پەن-تېخنىكىسى، مائارىپى ئىلغار بولسا، شۇ ئەل رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولماقتا، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلمىگەن، مائارىپى ئارقىدا قالغان ئەللەر رىقابەت ئىچىدە جان تالاشماقتا.
تۇرمۇشتىن، ئەمەلىيەتتىن، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىدىن ئايرىلىپ قالغان مائارىپ ھاياتىي كۈچىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن مائارىپتۇر. ئامېرىكىلىق داڭلىق پەيلاسوپ، پېداگوك، ئەمەلىيەتچىل مائارىپ نەزەرىيەسىنىڭ پېشىۋاسى  جون دېۋېي بۇندىن بىر ئەسىر ئىلگىرىلا مائارىپنى قۇرۇق نەزەرىيە، دەبدەبىلىك شوئارلار، جانغا ئەسقاتمايدىغان ئۆلۈك بىلىملەر، دورامچىلىق، شەكىلۋازلىق بويۇنتۇرۇقلىرىدىن ئازات قىلىپ، مائارىپنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاشنى، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلىگەن ھەم ئۆز قاراشلىرىنى ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ مائارىپ مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ:«پەلسەپەنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان مائارىپ بىلەن ، ئۇنىڭغا چوڭقۇر ئۇچرىمىغان مائارىپ ئوخشىمايدۇ، بىرىنىڭ مەقسىتى ئېنىق بولىدۇ، يەنە بىرى سىناقتىن ئۆتمىگەن قائىدە-يۇسۇن ۋە ئەنئەنىنىڭ ياكى بىۋاسىتە ئىجتىمائىي بېسىمنىڭ ئاستىدا قارىغۇلارچە مېڭىۋاتقان بولىدۇ. بۇ پەرقنى پەلسەپە دېگەن سىرلىق نەرسە پەيدا قىلمىغان، بەلكى مائارىپنىڭ مەقسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنىڭ ئۆزىلا پەلسەپىدۇر. مائارىپ شۇ شەخسنىڭ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئېڭىغا قاتنىشىش جەريانىدىن ئىبارەت. كىشىلەر مەكتەپنى ئىلىم ئۆگىتىدىغان، ياخشى ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرىدىغان جاي، دەپ قارايدۇ ھەم بۇ پائالىيەتلەرنى كەلگۈسىنىڭ تەييارلىقى دەپ تونۇيدۇ . نەتىجىدە، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەقىقىي تەربىيەۋى رولى بولمايدۇ. مائارىپ تۇرمۇشنىڭ داۋامىدۇركى، ھەرگىزمۇ كەلگۈسىنىڭ تەييارلىقى ئەمەس. ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى مول تەجرىبە ۋە پاراسەتكە تايىنىپ تۇرمۇشتىكى قانۇنىيەتنىڭ بالىغا (ئوقۇغۇچىغا) قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت » دېگەن. ئۇ يەنە «ھەقىقىي مائارىپ بالا تۇرغان جەمئىيەت ئېھتىياجىنىڭ بالىنىڭ ئىقتىدارىنى غىدىقلىشىدىن كېلىدۇ. مۇشۇنداق ئېھتىياجلار بالىنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغۇتۇپ، بالىنى بىر سىستېمىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بالىنى ھېسسىيات ۋە ھەرىكەتتىكى بىر تەرەپلىمىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە ئۆزى تەۋە جەمئىيەتنىڭ پاراۋانلىقى نۇقتىسىدىن قاراشقا ئۆگىتىدۇ» دەپ قارىغان. ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيەسى ئامېرىكىنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا خېلى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ئەپسۇس، بىزنىڭ مائارىپچىلرىمىز تېخى بۇنىڭغا ئوخشاش ئىلغار مائارىپ ئىدىيەلىرى بىلەن قوراللىنىپ بولالمىدى. شۇڭا، نۆۋەتتە كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ۋە يولغا قويىلىۋاتقان ساپا مائارىپى  ئۆزىنىڭ ئوربېتىسىدىن بارغانسېرى چەتنەپ ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماقتا.
     دۆلىتىمىز مائارىپى بۈگۈنگە قەدەر ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىشنى ئاساسىي ۋاسىتە،  نومۇرنى مەقسەت قىلغان ئىمتىھان مائارىپىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىدى. «كىتابنى ئۆلۈك ئۆگىنىش، ئۆلۈك كىتابنى ئۆگىنىش، كىتابنى ئۆگىنىپ ئۆلۈش»تەك ئىمتىھان مائارىپى بالىلارنىڭ ئىقتىدارىنى بۆشىكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇپ قويماقتا. ئىمتىھان مائارىپىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئادەمنى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈش بولماستىن، بەلكى ئۇلارغا ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىتىش ، ئوقۇغۇچىلارنى تۈركۈملەپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكۈزۈش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى كەلگۈسىدە ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئىگە قىلىش بولغاچقا، مائارىپىمىزدا ئېغىر دەرىجىدە مەنپەئەتپەرەسلىك خاھىشى يامراپ كەتتى. ئۆز ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلماي، ئۆز ئەھۋالىغا قارىتا ئىجادىي ئىش كۆرمەي، ھەممە ئىشتا يۇقىرىنىڭ ئېغىزىغا قاراش، ھەممىدە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم بويىچە ئىش كۆرۈش ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا  ئوخشاش تەلەپ قويۇش، ھەممە ئادەمنى بىر قېلىپتا تەربىيەلەشكە ئورۇنۇش ھادىسىلىرى مەكتەپلەرنىڭ، جۈملىدىن ھەر خىل مىجەز-خاراكتېردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى ۋە خاراكتېرىنى نابۇت قىلماقتا. شۇ ۋەجىدىن دۆلىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار، بايلار، زىيالىيلار ئىمكانقەدەر پەرزەنتلىرىنى چەتئەللەردە ئوقۇتۇشقا كۈچىمەكتە، چەتئەلدە ئوقۇتۇش قىزغىنلىقى مودىغا ئايلانماقتا. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئىمتىھان مائارىپى تۈزۈلمىسى  سانسىزلىغان ئەۋلادلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنى بوغۇپ ، ئەقىل-پاراسەت ۋە ئىستىداتىنى تۇنجۇقتۇرۇپ ، ئۇلارنى ئادىمىيلىك ھېسسىياتتىن ياتلاشقان ماشىنا ئادەملەرگە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا؛ ۋاقىت، زېھىن ئادەم بايلىقى جەھەتلەردە مۆلچەرلىگۈسىز ئىسراپچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئەگەر بۇ خىل ھالەت داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، مائارىپتا ئېغىر بۆھران يۈز بېرىشى مۇمكىن. سابىق زۇڭلى جۇ رۇڭجى:«ئەگەر سز  مائارىپقا زور كۈچ سەرپ قىلمىسىڭىز، نۇرغۇن مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر پايدا-مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى» دېسە؛ پىروفېسسۇر چيەن ۋېنجوڭ بۇ ھەقتە كەسكىن قىلىپ:«جۇڭگو مائارىپىنى كېسەل چىرماپ كەتتى، ھەتتا قۇتقۇزۇشقىمۇ ئامال قالمىدى» دېگەن. داڭلىق فىزىكا ئالىمى چيەن شۆسېن ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە:« بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىز نېمىشقا مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ چىقالمايدۇ؟» دەپ قاتتىق ئۆكۈنگەن. دېمەك، بىز مائارىپنىڭ ئەسلىي قانۇنىيىتى بويىچە ئىش كۆرەلمەيۋاتىمىز، مائارىپنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تېخى چىن مەنىسىدىن تونۇپ يېتەلمەيۋاتىمىز. خاتالىققا پاتقانسېرى مائارىپ ھەققىدە قايتا ئويلانماقتا يوق ، يەنىلا ئۆزىمىز بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ كېتىۋاتىمىز. ئوقۇتۇش سۈپىتىمىز يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ. مائارىپچى  لى كۇەيخەي ئەپەندى «خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ قەيەردە؟» ناملىق فېليەتونىدا:«مائارىپ قاچان جەمئىيەتكە خۇشامەت قىلمىسا، ھوقۇققا خوشامەت قىلمىسا، مائارىپ ئاندىن خاسلىققا ئىگە بولالايدۇ. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلارنىڭ چىرايىغا قاراپلا ئىش تۇتسا، ئۇنىڭ ئىستىقبالى بولمايدۇ، خەلقنى ھەقىقىي رازى قىلالمايدۇ. مائارىپ مەنپەئەتتىن يىراقراق تۇرالىسا، ھوقۇققا ئازراق خۇشامەت قىلسا، ئىنسان قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئىچكىرىلەپ كىرەلىسە، ئاندىن ئەسلىي ماھىيىتىگە قايتالىشى مۇمكىن» دەپ قارىغان. بىز بۇ يەردە مائارىپ بوھرانىنىڭ قانداق پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە توختالساق گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ.
     ئەگەر بىز ھەقىقىي مەنىدىكى ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئوقۇغۇچىلاردا  ساغلام خاراكتېر ، توغرا قىممەت قارىشى  يېتىلدۈرەلەيدىغان، ئۇلارنىڭ خاسلىقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان، ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىدىغان،  بىلىم بېرىشكە قارىغاندا ، پىكىر ۋە تەپەككۇر يوللىرىنى ئېچىشقا، يېڭىلىق يارىتىش ئىستىكىنى شەكىللەندۈرۈشكە، قىزىقىشىنى قوزغاشقا، پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئېتىبار بىلەن قارايدىغان، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىيالايدىغان سەھىنە بىلەن تەمىن ئېتىدىغان  مائارىپقا تولىمۇ مۇھتاج.
  ئابلەت ئابلىكىم:بەزىلەر مىللىي مائارىپ سۈپىتىنىڭ يىلسېرى يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرسە، يەنە بەزىلەر مىللىي مائارىپنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋپسىرىمەكتە. سىز بىر مائارىپ ۋە ئىجتىمائىيەت ھەققىدە ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟
تۇرسۇنمۇھەممەت توختى:ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىگە كىرىزىسنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزىنىڭ كىرىزىس ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمىسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، كۆزىنى مۆلدۈرلەتكىنىچە  ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەگەر كىرىزىس ئىچىدە تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ تەدبىر قوللىنىشقا ئالدىرىمىسا، ئاقىۋەتتە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز پۇشايمانغا، ئېغىر دەرتكە قالىدۇ. رېئاللىقنى پەردازلاپ كۆرسىتىش، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنى بۇرمىلاش، ئۆز ئەھۋالىغا توغرا ھۆكۈم قىلالماسلىق، شەكىلۋازلىق، دورامچىلىق، ياخشىچاق بولۇشتەك بىنورمال خاھىشلار مەسىلىنى توغرا تونۇش ۋە ھەل قىلىشقا ئېغىر دەرىجىدە پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ. كۆزىتىشىمچە، مىللىي مائارىپىمىزدا باشنى قاتتۇرىدىغان، ھەل قىلىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان مەسىلىلەر كۆپىيىپ كەتتى، مىللىي مائارىپنىڭ سۈپەت مەسىلىسىنىڭ خىرسقا دۇچ كەلگەنلىكى ئېڭى ئويغاق كىشىلىرىمىزنى ئەندىشىلىك ئويلارغا سېلىپ قويدى. مىللىي مائارىپ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.  ئەگەر بىز كېسەلگە توغرا دىياگنوز قويۇپ دەرھال داۋالاش ئېلىپ بارماي، مائارىپىمىزنىڭ كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا پەرۋاسىز پوزىتسىيەدە بولساق، كەلگۈسىدە قانداق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش ھەقىقەتەن قىيىن. بىر قىسىم ئېڭى ئويغاق، مەسئۇلىيەتچان كىشىلىرىمىز بۇ مەسىلە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى، مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق سادالارغا قۇلاق سالمايۋاتىدۇ. مۇشۇنداق تەخىرسىز مەسىلە ئۈستىدە جىددىي ئويلانماي، تالاش-تارتىش قىلماي، ئويغانماي، كىرپىدەك بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ يۈرىۋېرىش ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.
     تەكىتلەش ھاجەتكى، ھازىر مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە باھا بېرىش نوقۇل ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە باغلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئىمتىھان نەتىجىسى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈشتىكى پەقەت بىر تۈر بولىشى كېرەك. ھازىر مىللىي مەكتەپلەر بىلەن خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىدىكى پەرق ھەقىقەتەن چوڭىيىپ كەتتى. مەن ھەر قېتىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندا، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىي پەنلەردىكى ئۆزلىشىش نىسبىتىنىڭ تولىمۇ تۆۋەنلىكىگە قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ. بۇنداق تۆۋەن نەتىجىنى باشقىلارغا دېيىشكىمۇ ئادەمنىڭ تىلى بارمايدۇ. گەرچە ئىمتىھان نەتىجىسى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى بەلگىلەيدىغان بىردىن بىر ئامىل بولمىسىمۇ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنىمىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىشكە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بىز ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ جەھەتتە بولسىمۇ يۈزىمىزنى يورۇق قىلىدىغان ئىش قىلساق بولاتتى.
    ساپا مائارىپى تەلەپ قىلىۋاتقان ئوقۇتۇش سۈپىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ساپالارنى قايسى دەرىجىدە يېتىلدۈرگەنلىكىگە چېتىلىشى كېرەك. چەتئەللەردە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قالتىس ياكى قالتىس ئەمەسلىكىگە باھا بېرىشتە ئىمتىھان نەتىجىسى ئاساس قىلىنماي، بەلكى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مۇستەقىل قاراشقا، پىكىرلىرىنىڭ ئىجادىي بولىشىغا، يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ بار – يوقلىقىغا بەكرەك قارىلىدىكەن. مەسىلەن، فرانسىيەلىكلەرنىڭ نەزەرىدىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار بولسا: ئۆگىنىشتە ئاكتىپ، تەشەببۇسكار، نەتىجىسى يۇقىرىلار؛ يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ۋە ياخشى بولغان ھەرىكەت قىلىش ئەمەلىيىتىگە ئىگە بولغانلار؛ دەرسخانىدا سۇئال سوراشقا، ئۆزىنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆزقارىشىنى بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغانلار؛ ساۋاقداشلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەيدىغان، كوللىكتىپ بىلەن ھەمكارلىشالايدىغانلار؛ قىزىقىشى كەڭ، دەرستىن سىرتقى تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە ئاۋامغا پايدىلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدىغانلار ئىكەن.
   ئابلەت ئابلىكىم: ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەن بولۇشى مائارىپىمىزدىكى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ مەسىلىگە قارىتا ئاتا-ئانىلار، ئوقوتقۇچىلارنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس، مېنىڭچە، سەۋەبنى ئۆزىدىن ئىزدىمەي باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش ئىلمىي پوزىتسىيە بولمىسا كېرەك. سىزنىڭچە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللار نىمە؟ بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك توختىلىپ باققان بولسىڭىز؟
  تۇرسۇنمۇھەممەت توختى: مەن 2011-يىلى كۈزدە جياڭسۇ ئۆلكىسى جياڭيىڭ شەھىرىنىڭ مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلىنىشتە بولدۇم. خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە 2012-2013-ئوقۇش يىلىدا بىر مەۋسۇمدىن ئارتۇقراق ناھىيەمىزدىكى بىر خەنزۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە تۇردۇم. كۆزىتىشىمچە، مەيلى ئىچكىرىدىكى ياكى رايونىمىزدىكى خەنزۇ مەكتەپلەر بولسۇن، گەرچە ئۇلار ئىمتىھان مائارىپىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش، ئوقۇتۇش ئىشلىرى خوتىغا چۈشكەن بولۇپ، تەرتىپلىك، سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش يۈكى ئېغىر بولۇپ، كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش، ئۆگىنىش، مەسىلە يېشىشتىن باش كۆتىرەلمەيدىكەن. بېرىلىدىغان تاپشۇرۇقلار كۆپ بولغاچقا ، ئوقۇغۇچىلار ئائىلىگە قايتقاندىن كېيىنمۇ 2-3 سائەت ئۆگىنىش قىلىشقا، تاپشۇرۇق ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدىكەن. ئۇلار ئۆزلىرى خالاپ ياكى مەجبۇرىي بولسۇن ، ئىشقىلىپ ئۆگىنىشكە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەن. ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بىر ئادەمدە ئۈگىنىش روھى بولمىسا، ئاسانلا چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ.
     سىز دېگەندەك، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، ئوقۇشتىن سوۋۇيدىغان، بىزار بولىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋۇپ بېرىشى ئاپتونوم رايونىمىز مىللىي مائارىپدا ئومۇمىيۈزلۈك كۆرىلىۋاتقان ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ ھەرگىز كىچىك مەسىلە بولماستىن، ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىغان چوڭ مەسىلە، يەنە كېلىپ ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلە. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبىنى يەنىلا ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت مۇھىتىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.
   ئائىلە ئامىلى: بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ قىياپىتى تېز يېڭىلىنىپ بارماقتا، تۇرمۇش رەڭگا-رەڭ تۈس ئالماقتا، كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىمۇ مۇرەككەپلىشىپ بارماقتا. زامانىۋىلىق  ئېلىپ كەلگەن يېڭىلىقلار ئالدىدا ساددا تەبىئەتلىك كىشىلەر نىمە قىلارىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالماقتا ياكى ئۆزى بىلگەن سەنەمگە ئۇسۇل ئوينىماقتا. دۇنيانىڭ يەر شارىلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ مىللىي كىملىك خىرسقا دۇچ كېلىۋاتقان، رىقابەت كەسكىن تۈس ئالغان، يوشۇرۇن خەۋىپلەر كۆپىيىپ بېرىۋاتقان، ئىقتىدار ۋە ئەقىلگە تايانمىسا ياشاش قىيىنلىشىۋاتقان  مۇشۇنداق بىر مۇرەككەپ ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە، ئەسلىدە ئائىلە تەربىيەسىگە تەخىرسىز پوزىتسىيەدە بولىشىمىز، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئېيتقاندەك: «ئائىلە- مىللەتنىڭ نەسىل بۆشىكى، ئانا تىلنىڭ تۇنجى مەكتىپى، مىللىي پىسخىكىنىڭ شەكىللىنىش بولىقى، مىللىي مەدەنىيەتنى ئۆزلەشتۈرىدىغان تۇنجى ئوچاق، مىللىي ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئورتاقلىقىنىڭ بىرىنچى ھالقىسى» ئىدى. ئالىم ئاگاھلاندۇرغاندەك، «قەبىلە-مىللەت ئائىلىدە ئاپىرىدە بولغان، ئۇنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتىمۇ ئائىلىگە باغلىق» ئىدى. مىللىي مەۋجۇتلۇق ئىلغار ئائىلە مەدەنىيىتى ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە بولالايتتى. ئائىلە تەربىيەسىگە ئېتىبارسىز قاراش، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىپ قوياتتى. ئەپسۇس، ئائىلە مائارىپىنىڭ زېممىسىگە تېخىمۇ ئېغىر ۋەزىپىلەر يۈكلىنىۋاتقان ئەھۋالدا، بىزنىڭ ئەسلىدىنلا ئاساسى ئاجىز، ئەنئەنىۋى تۈستە داۋام ئېتىپ كېلىۋاتقان ئائىلە مائارىپىمىز تېگىشلىك تەرەققىياتقا ئېرىشەلمىدى، ئەكسىچە مەسىلىلەر تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتتى.  قارايدىغان بولساق، مەكتەپلىرىمىزدە 80-90 پىرسەنت دېھقان ، چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ساۋاتسىزلىرىمۇ مەلۇم نسبەتنى ئىگىلەيدۇ. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن، ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز بولۇپ  تىرىكچىلىك غېمى بىلەن ئالدىراش. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ دېققەت ئېتىبارى ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىي ئېھتىياجلىرىنى قامداشقا مەركەزلىشىپ قالغان. باشقا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلگىدەك ھەپسىلىسى يوق. بولۇپمۇ بالىلارنى ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇش، ئىلمىي چېنىقتۇرۇشقا ئېتىبارسىز قارالغاچقا ،كۆپ ساندىكى پەرزەنلىرىمىزنىڭ تەن ساپاسىدا كۆرىنەرلىك چېكىنىش كۆرۈلمەكتە، ئىمۇنىتېت كۈچى ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ بارماقتا، ئەخلەت يېمەكلىكلەر ئۇلارنىڭ تېنىنى يەنىمۇ زەئىپلەشتۈرمەكتە. تەن ساپا ياخشى بولمىسا نېرۋىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، كاللىنى ئۈنۈملۈك ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. قول ئىلىكىدە بارلىرىمۇ، ھەتتا خېلى ئۇقۇمۇشلۇق دەپ قارىلىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭمۇ ئائىلە تەربىيەسىنىڭ رولىغا نىسپەتەن تونىشى مۈجىمەل. دېمەك، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىز بالا تېپىش ۋە بېقىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش باسقۇچىدا بولۇپ، بالىنى ئىلمىي تەربىيەلەش باسقۇچىغا ئۆتكىنى يوق. بىزنىڭ ئائىلە مائارىپىمىز ئىلمىي، سىستېمىلاشقان، نەزەرىيىۋىلەشكەن بىر ئىلىم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشتىن تېخى يىراق. بىر ئائىلىنىڭ ساپاسى شۇ ئائىلىنى بەرپا قىلغۇچى ئاتا- ئانىنىڭ ساپاسىغا باغلىق. ئەگەر ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئېڭى ئاددى، ساپاسى تۆۋەن بولسا، پەرزەنتىمۇ شۇ خىل ساپاسىزلىقنىڭ بىۋاسىتە زىيىنىغا ئۇچرايدىغان گەپ. 2011-يىلى ئېلىپ بېرىلغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش نىسبىتى ھەققىدىكى ئىستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەھۇدىيلار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 64 پارچە، روسلار 55 پارچە، ئامېرىكىلىقلار 50 پارچە، ياپونلار 40 پارچە، كورىيەلىكلەر 11 پارچە، فرانسىيەدە ئاياللار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 پارچە، ئەرلەر 9 پارچە كىتاب ئوقۇيدىكەن. بىز تېخى بۇنداق مەدەنىي تۇرمۇشتىن تولىمۇ يىراقتا. بىزدە ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا بىرەر پارچە گېزىت ياكى بىرەر بەت خەت ئوقۇمايدىغانلار ساماندەك، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مائاشلىقلىرىمىز ئىچىدىمۇ ئۆزلىرى خالاپ گېزىت-ژۇرنالغا مۇشتېرى بولىدىغانلار، كىتاب سېتىۋالىدىغانلار، كىتاب-ماتېرىيال كۆرىدىغانلار ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ. ئون مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر نوپۇسى ئىچىدە، پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت كىتابتىن 10 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ئوقۇغانلاردىن زادى قانچىلىكى باردۇر؟ مۇشۇنىڭ ئۆزىدىنلا خەلقىمىزنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنىڭ قايسى باسقۇچتا تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەي تۇرۇپ ساپالىق، مەدەنىي ئائىلە بەرپا قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مانا بۇ بىزنى ھەر تەرەپتىن قىيناۋاتقان ھالقىلىق مەسىلە، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىن مەسىلە.  
      كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. بىراق، ئۇلاردا بالىغا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلالىغۇدەك بىلىم، جۇغلانما يوق، بالىغا نېمىنى ئۆگىتىش، قانداق ئۆگىتىش، قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭىش ھەققىدە يول كۆرسەتكۈدەك ئوماچ يوق. گەرچە ئاياللار مەرىكە، چاي، ئادىمىگەرچىلىك ئىشلىرى دېگەندەك ئايىغى چىقماس ئىشلار بىلەن تالجىقىپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ خىل مۇناسىۋەت چەمبىرىكىدىن ئۆزىنى ئازات قىلالىغىنى يوق. خېلى كۆپ ساندىكى ئەرلىرىمىزمۇ ئىچىملىك،چېكىملىك سورۇنلىرىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە زەئىپلىشىپ بارماقتا. بۇنىڭغا ئوخشاش تايىنى يوق كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىشلىرىنىڭ ئەدەپ كېتىشى ئاتا-ئانىلارنى ئائىلىدىن يىراقلاشتۇرماقتا، پەرزەنتلەرنى تەربىيەنىڭ سىرتىدا قالدۇرماقتا. بەزى ئائىلىلەر ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېيتقاندەك «نوقۇل ياتاق ۋە ئاشخانا تۈسىگە كىرىپ قالماقتا». مەن شۇنىڭغا ھەيران، ئامېرىكا، ياپونىيەدەك تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى گەرچە باي بولسىمۇ، ئاددىي كىيىنىشىپ يۈرۈيدىكەن، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ھەرگىز ئىسراپچىلىق قىلمايدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى مۇكەمەللەشتۈرۈش يولىدا ۋاقىت يېتىشتۈرۈپ بولالماي ئاۋارە. بىز بولساق ئۆزىمىزنىڭ نامراتلىقىغا باقماي قەرز ئېلىپ بولسىمۇ قىممەت باھالىق كىيىملەرنى ئېلىپ كىيىپ، «دېدەك مۇنچاق ئاسسا كىرمىگەن ئۆيى قالماس» دېگەندەك، كىيىم ئارقىلىق ئۆزىمىزنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئورۇنىمىز،  يانچۇقىمىزدا پۇلىمىز يوق، سارغىيىپ ياشاۋاتقان بولساقمۇ سورۇنلاردا ھەشەمەتچىلىك قىلىمىز. قىممەت قارىشىمىزنىڭ شۇ قەدەر تۆۋەنلىكىدىن ئىلىم ئېلىشتا، ئۆزلۈك قىممىتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە بەسلەشمەي، كىيىم-كېچەك، قۇرۇق نام -ئابروي، شۆھرەت قوغلىشىشقا بېرىلىپ كەتتۇق. دېمەك، بىز مۇشۇنداق زامانىۋى دۇنيادا ياشاپ تۇرۇقلۇقمۇ نادانلىقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيۋاتىمىز، بىزنىڭ بىر قىسىم چەكتىن ئاشقان قائىدە يوسۇنلىرىمىز، ھاماقەتلىكىمىز تەرەققىياتىمىزنى بوغۇپ قويىۋاتىدۇ. ھېچقانچە ئەھمىيىتى بولمىغان ئىشلارغا كۈچەپ، پەرزەنت تەربىيەلەشتەك چوڭ ئىشلارغا سەل قاراش، ئاخىرقى ھېسابتا مەنىۋى بەرباتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارماي قالمايدۇ.
      بىزنىڭ كاللىمىز تولىمۇ ئاددىي، شۇڭا ئويلايدىغانلىرىمىز، پىكىر-تەپەككۇرىمىز تولىمۇ تار دائىرىدە چەكلىنىپ قالغان. شۇ ۋەجىدىن قىلىشىدىغان پاراڭلىرىمىزنىڭ تېمىسى مەھەللىۋى ئاڭدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن. بىزدە ئىلمىي مەسىلىلەر، چوڭقۇر تېمىلاردا پىكىرلىشەلەيدىغان سەۋىىيەگە ئىگە كىشىلەر ئاز سانلىقنى، قۇرۇق پاراڭ بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغانلار، ھاياتقا نىسبەتەن ئەقىدە-ئېتىقادى سۇس،  بىرەر غايىسى بولمىغان، روھىيىتى پۇچەك كىشىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ.
مەن ئىككى يىل ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن سوۋۇش خاھىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئامىللار ھەققىدە بىر تەتقىقات تېمىسىنى تۇتقان ئىدىم. تەتقىقاتنىڭ ئېھتىياجى بويىچە، ئوبيېكىت قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئىگىلىشىمچە بىر سىنىپتا ئاز دېگەندە 20 پىرسەنت، كۆپ بولغاندا 80 پىرسەنت يېتىم بالا ئوقۇيدىكەن. مۇشۇ كۈنلەردە يېتىم بالىلارنىڭ كۆپىيىپ بېرىشى ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانماقتا. بۇ خىل ئەھۋال ھەقىقەتەن ئادەمنى ئەندىشىگە سالماي قالمايدۇ. ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كېتىش، تۈرمىگە كىرىپ قېلىش، زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇش ياكى ئەيدىز دېگەندەك كېسەللەرنى يۇقتۇرۇۋېلىش ، ياكى بولمىسا كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش، تۈرلۈك ھادىسىلەردە قازا قىلىش قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ يېتىم بولۇپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر ئىكەن. ئادەتتە يېتىم قېلىش بالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بىر قاتار سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ روھىيىتىدە نۇرغۇن كەمتۈكلەر بولىدۇ. يەنى ئۆزىنى تۆۋەن چاغلايدۇ، ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ، تاشقى تەسىرلەرگە پاسسىپ ئىنكاس قايتۇرىدۇ. كاللىسى ئەندىشە، ۋەھىمە ۋە بىر قاتار زىددىيەت-توقۇنۇشلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بۇنداق بالىلارنىڭ ئۆگىنىشكە رايى بارسۇنمۇ؟ مانا مۇشۇنداق بىر قىسىم ئاتا ياكى ئانا بولغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقەللىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمايۋاتسا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى قانداق بولماقچى؟!     
     ئائىلە تەربىيەسىنىڭ تەخىرسىز مەسىلە بولىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئادەتتە يەتتە ياشقا كىرگىچە بالىنىڭ خاراكتېرى، خۇي-پەيلى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولىدۇ،  بولۇپمۇ دەسلەپكى تەربىيە باسقۇچىدا ئېرىشكەن تۇرمۇش تەسىراتلىرى بالىنىڭ ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئائىلە باشلىقى بۇ مەزگىلدە بالىنىڭ قەلب ئېتىزىغا «ئۆگىنىش» تىن ئىبارەت بۇ «ئۇرۇق»نى تېرىپ، ياخشى پەرۋىش قىلىدىغان بولسا، كېيىنكى كۈنلەردە بۇ «ئۇرۇق» بىخ سۈرۈپ، يىلسېرى چوڭىيىپ شېرىن مېۋە بېرەلەيدۇ. شۇڭا، بۇ مەزگىل پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانا بولغۇچى بۇ مەزگىلدىكى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسا ياكى بالىغا ئىلمىي، ئۈنۈملۈك، دەل ھەم قاراتمىلىق تەربىيە بېرەلمىسە، كېيىن ھەرقانچە كۈچىگەن بىلەنمۇ تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. ھاياتلىق جەريانىنىڭ ئۇلى ئائىلىدە سېلىنىدۇ، ئاتا-ئانىنىڭ ساپاسى بالىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەكس ئېتىدۇ. بالىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە تەرەققىي قىلالماسلىقىنىڭ، يارامسىز بولۇپ قېلىشىنىڭ نېگىزىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك، يەنىلا ئائىلىگە، ئائىلە تەربىيەسىگە بېرىپ چېتىلىدۇ. شۇڭا، كۆپ ساندىكى مائارىپشۇناسلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئالاقىدار تەربىيەنىڭ كۆپ قىسمى ئائىلىدە بېرىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى ئاخىرقى ھېسابتا مىللەتنىڭ ۋەيرانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا، بولۇپمۇ ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ  ئائىلىنىڭ تەسىرى ئاجىزلىشىپ سىرتقى ئامىللارنىڭ تەسىرى كۈچىيىشكە باشلايدۇ. دېمەك، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەبنى كۆپ ساندىكى  ئاتا-ئانىلارنىڭ بىلىم ساپاسى ۋە مائارىپ قارىشىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر قاتار نۇقسانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەكتەپ ئامىلى:بۈگۈنكى كۈندە كۆپ ساندىكى مىللىي مەكتەپلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاجىزلاپ،  جەلپكارلىقى يوقالماقتا. مىللىي مائارىپىمىزغا چۈشكۈنلۈك كېسىلى چاپلاشماقتا. بۇ ھەقتە «شىنجاڭ مائارىپ» ژۇرنىلىدا نۇرغۇن مۇلاھىزە ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى، ھېلىمۇ توختىماي ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. مەكتەپتىكى مەسىلىلەرنى مۇنداق بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
     بىرىنچى، مەكتەپ ئىشلىرىغا باشقا ساھەلەرنىڭ ئارىلىشىشى كۆپىيىپ كەتتى، مەكتەپنىڭ مەركىزىي خىزمىتى بولغان ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيەگە نىسبەتەن فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ  نازارىتى، يېتەكچىلىكى بوشۇشۇپ، باشقا خىزمەتلەرنىڭ تۈرى كۆپىيىپ كەتكەچكە، مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا سەل قارايدىغان خاھىش كېلىپ چىقتى. ئەسلىدە مەكتەپتىكى بارلىق خىزمەتلەر ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيەنى مەركەز قىلغان ھالدا قانات يايدۇرۇلىشى ئەقەللىي بىر قائىدە ئىدى. بىراق، ھازىر مەكتەپلەردە قوشۇمچە ئىشلار زىيادە كۆپىيىپ كەتكەچكە ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەسپىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بولالمايۋاتىدۇ. تۈرلۈك ئۆگىنىشلەر، توختىماي خاتىرە يېزىشلار، يۇقىرىنىڭ «جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى»نى بەجا كەلتۈرۈشلەر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىلىرىگە بېرىپ تەربىيە ئىشلەش دېگەندەك ئايىغى چىقماس ئىشلار ئوقۇتقۇچىلارنى ھالسىرىتىپ قويىۋاتىدۇ. بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى قىس بولغاچقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت نورمىسى ئېغىر ، ئۆز كەسپى ھەققىدە بېرىلىپ ئىزدەنگۈدەك ۋاقتى يوق. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرى ئارتىپ كەتكەچكە كۆڭلى ئارامىدا ئەمەس. ئىلگىرى ئىقتىدارلىق دەپ قارالغان بىر قىسىم ئوتتۇرا ياش ئوقۇتقۇچىلار تىل ئۆتكىلى سەۋەبلىك قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ تەلىپىدىن چىقالمىغاچقا ھەمدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان سەھنە تارىيىپ كەتكەچكە بەل قويىۋېتىپ بارىدۇ.  بۇنداق ئەھۋالدا مەكتەپ مەكتەپكە ئوخشىماي قالىدۇ، ئۆتىلىۋاتقان دەرسلەرنىڭ تايىنى بولمىغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىمۇ سۇسلىشىپ  كېتىدۇ.
     ئىككىنچى، مەكتەپلەردە شەكىلۋازلىق ئىللەتلىرى يامراپ كەتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھنى ياسالمىلىق، شەكىلۋازلىق قىلمىشلىرىغا سەرپ بولماقتا. بەزىلەر «ھازىرقى مائارىپ ئارخىپ مائارىپى بولۇپ قالدى، ئوقۇتقۇچىلار كۆزەتچىگە ئايلىنىپ قالدى» دېيىشمەكتە. دېمىسىمۇ ھازىر تۇرغۇزۇشقا تېگىشلىك ئارخىپلارنىڭ تۈرى تولىمۇ كۆپىيىپ كەتتى. «ئىككى ئاساسەن» ئارخىپلىرىدىن باشقا يەنە پارتىيە قۇرۇلۇشى، مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، «پاكىز ناھىيە»، «پاكىز شەھەر» بەرپا قىلىش، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىككە ئائىت بىر قاتار ئارخىپلارنى تۇرغۇزۇش تەلەپ قىلىنغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە  تەكشۈرگۈچىلەر ئارخىپتىكى ماتېرىياللارغا ئاساسەن مەكتەپ خىزمىتىگە باھا بېرىدىغان بولغاچقا، مەكتەپلەرمۇ مەخسۇس ئادەم كۈچى تەشكىللەپ، مەكتەپنىڭ  ئاساسلىق خىزمىتى بولغان ئوقۇتۇشنى  بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ بولسىمۇ زەربىدارلىق بىلەن ئارخىپقا كۈچەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ تالاي ئارام كۈنلىرى شۇنداق ئىشلار ئۈچۈن سەرپ بولماقتا. ئەمەلىيەتتە، تۇرغۇزىلىۋاتقان ئارخىپلارنىڭ 70-80 پىرسەنتى ساختا بولۇپ، پايدىلىنىش قىممىتى يوق دېيەرلىك. يۇقۇرىمۇ بۇنداق كۆز بويامچىلىقلارغا «توغرا قارايدىغان»، تۆۋەنمۇ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن غەيرىلىك ھېس قىلمايدىغان،  ئوچۇق-ئاشكارە ساختىلىق قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالدى. ھەتتا شەكىلۋازلىق ئەڭ پاك، مۇقەددەس ئورۇن ھېسابلىنىدىغان دەرس مۇنبىرىگىچە بۆسۈپ كىردى. بۇ يەردىكى قەغەز-قەلەم، ۋاقىت، زېھىن  ئىسراپچىلىقىغا؛ بۇ خىل ساختىلىق ۋە شەكىلۋازلىقنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى قايسى دەرىجىدە بۇلغاۋاتقانلىقى، زىيىنىنىڭ قايسى دەرىجىدە بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش قىيىن. بولىۋاتقان بەزى ئىشلارغا ئادەمنىڭ ياقا چىشلىگۈسى كېلىدۇ. بۇنداق خىزمەتتىكى شەكىلۋازلىق ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا ئادەم ئاستا- ئاستا بۇنىڭدىن غەيرىيلىك ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. مۇبادا ياۋرۇپالىق بىر مائارىپچى قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى كۆرسە ھەيران قېلىشى، نورمال ئادەملىكىمىزدىن گۇمانلىنىشى، ھەتتا بىزنى ساراڭغا چىقىرىشى، بۇ ئىشلارنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ بولالماسلىقى تۇرغان گەپ. ئەسلىدە ، ئادەم تەربىيەلەيدىغان مۇقەددەس ئورۇن – مەكتەپنى بۇ جەھەتتىن پاك تۇتۇش زۆرۈر ئىدى، مەنىۋى ئىللەتلەر بىلەن يۇقۇملانغان بىر مەكتەپ قانداقمۇ ئادەم تەربىيەلەشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىسۇن؟
     ئۈچىنچىدىن، كۆپ ساندىكى مىللىي مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇلىشى ئىلمىي ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئۈنۈملۈك يېتەكلەش كەمچىل، چۇۋالچاقلىق ئېغىر.  تۈزۈملەرنىڭ كۆپىنچىسى جازالاشنى ئاساس قىلغاچقا، ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش، قوزغۇتۇش رولىغا ئىگە ئەمەس. يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلار ئىدىيەدىن ئۆتمەيدۇ، شۇ ۋەجىدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كاللىسىدا تۈگۈن ۋە بوپىلار كۆپ. پېداگوكلار «بىر ياخشى مۇدىر-بىر ياخشى مەكتەپ» دەپ قارىغان. دەرۋەقە، بىر ياخشى مۇدىر ناچار بىر مەكتەپنى ياخشى بىر مەكتەپكە ئايلاندۇرالايدۇ. بىر ئىقتىدارسىز مۇدىر ياخشى بىر مەكتەپنى ئاسانلا زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىدۇ. شۇڭا، بىر مەكتەپكە مۇدىر بېكىتىش چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس. مۇدىر بولغان ئادەم ئالدى بىلەن مائارىپ ۋە ئوقۇتۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى، مەقسەت-نىشانىنى چۈشىنىدىغان، كەسىپكە پۇختا ھەم ئۆز كەسپىنى سۆيىدىغان، بارلىق ئىشلارنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغان كەسپىي ئاڭغا ئىگە بولىشى،  قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھالىغا يېتىپ ئۇلارنى ئۆزىگە مايىل قىلىشى، كەڭ قورساق بولىشى، ئوقۇتقۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى ، كۈچلۈك تەشكىللەش، تەدبىقلاش ئىقتىدارىغا ۋە باشقۇرۇش سەنئىتىگە، مۇستەققىل قاراش ۋە مەيدانغا، تەنقىد قىلىش روھىغا، ھالقىلىق پەيتلەردە ھۆكۈم قىلىش ۋە قارار چىقىرىش ئىقتىدارىغا، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە بولىشى، ياخشىچاق بولۇش، خۇشامەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بىراق، نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ بۇ جەھەتتە ئامىتى كەلمىگەن. راست گەپنى قىلغاندا بىزدە ساپالىق مەكتەپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ (سەركىلەرنىڭ) كەم بولىشى مەكتەپلەرنىڭ خارابلىشىشى ۋە چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
     تۆتىنچىدىن، كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپقا نىسبەتەن ئەقىدە-ئېتىقادى سۇسلاپ كەتكەچكە، قوشۇنىمىزدا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار ئازلاپ كەتتى. ھەتتا، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار مائارىپنى جان بېقىشنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرىۋالدى. بىلىمنىڭ بۇلىقى، ئەقىلنىڭ چىرىغى بولغان مەكتەپ ئەسلىدە قويۇق ئىلمىي كەيپىياتقا ئىگە بولىشى كېرەك ئىدى. ئوقۇتقۇچىلار كەسىپ، ئىلىم مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆپرەك بەس- مۇنازىرىلەرنى قىلىشسا، بوش ۋاقىتلىرىدا كۆپرەك كىتاب-ماتېرىيال كۆرسە، كۆپرەك ئىزدەنسە، ئۇلاردىكى بۇ خىل ئىزدىنىش روھى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىشىگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەتتى. مەكتەپ تەشكىلىمۇ ئەشۇنداق بىر ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن بىزدە ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئاز بولغانلىقىغا قارىماي، تېخى ئۇلار دېگەندەك قوللاشقا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ساپا مائارىپىغا نىسبەتەن تونىشى يېتەرسىز بولغاچقا ، دەرسلىك مەزمۇنىنى ئۇدۇللۇق يەتكۈزۈش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.  ئىشخانىلاردا پۇچەك پاراڭلار كۆپىيىپ كەتتى، كىمنىڭ نوركا پەلتۇ، كىمنىڭ ماشىنا ياكى ئۆي سېتىۋالغانلىقى، قاچان مائاشنىڭ ئۆسىدىغانلىقى ياكى قانداق پۇللارنىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلىقى، ئۇنۋان ۋە ئىلغار بېكىتىشتىكى دەتالاشلار،  جەمئىيەتتە يەنە قانداق يېڭى ئىشلارنىڭ بولغانلىقى پاراڭنىڭ قىززىق تىمىسىغا ئايلىنىپ قالدى. ئوقۇتقۇچىلار گەپ-سۆز، ئىش-ھەركەتتە دىققەت قىلماي نۇرغۇن ئاجىزلىقلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئاشكارىلاپ قويغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازى خىرەلىشىپ كەتتى. ئەتراپلىق ئىزدەنمەي يۈزە تەييارلىق بىلەن ئۆتۈلىۋاتقان، يېڭىلىقى بولمىغان دەرسلەر ئوقۇغۇچىلارنى دەرسخانىغا جەلىپ قىلالمايۋاتىدۇ. مەكتەپ ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يوقىتىپ قويىۋاتقاچقا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتتىكى ناچار خاھىشلارنىڭ زەرەتلىشىگە ئاسانلا ئۇچرىماقتا. مەن شۇنداق قارايمەن: بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولىشى مەكتەپ شارائىتىنىڭ كاتتا بولىشىغا باغلىق بولماستىن، ئەڭ مۇھىمى مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىغا باغلىق. چۈنكى، ياخشى بىر مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ تەشەببۇسكار ھالەتنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. ياخشى بىر ئوقۇتقۇچى ساغلام بولغان پىسخىكىلىق ساپاسى، پەزىلىتى، ئوقۇتۇش سەنئىتىگە تايىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام روھىي دۇنياسىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ. ئەگەر مەكتەپ مۇدىرىدا بوشاڭلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، ئوقۇتقۇچىلاردا مائارىپقا نىسبەتەن ئەقىدە-ئېتىقاد كىرزىسى يۈز بەرسە، مەكتەپلەرنىڭ تۈگەشكىنى شۇ!
       بەشىنچى، بىلىم قاچىلاشنى مەقسەت قىلغان بۇرۇقتۇم، زېرىكىشلىك ئوقۇتۇش مۇھىتى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنىڭ  يىرىكلىشىپ بېرىشى، بەزىدە جىددىي تۈس ئېلىشى، ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاشلىنىپ قېلىشى ياكى ئۇلارنىڭ مەسخىرە، كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىشى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە، مەكتەپتىن سوۋۇشى ياكى چېكىنىشىگە سەۋەب بولماقتا. بىر ئادەم ئۆگىنىۋاتقانلىرىنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى، جانغا ئەسقاتىدىغانلىقىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكەندىلا ئاندىن ئۇنىڭدا ئۆگىنىشكە نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولىدۇ ؛ قانچە كۆپ بىلگەنسېرى، ئۇستازلىرىنىڭ رىغبىتىگە قانچە كۆپ ئېرىشكەنسېرى ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئېشىپ تىرىشىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۈگىنىۋاتقانلىرىنىڭ زادى نېمىگە ئەسقاتىدىغانلىقىنى ئاڭقىرالمىسا، يەنە كېلىپ ئۆگىنىش مەجبۇرلاش تۈسىنى ئېلىپ قالسا ۋە ياكى ۋەزىپىگە ئايلىنىپ قالسا ئوقۇغۇچى ئۈگىنىشتىن ئاسانلا بىزار بولىدۇ. ئادەتتە ئۈگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىگە نىسپەتەن ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ قويىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن تاشلىنىپ قالسا ياكى ئوقۇتقۇچىنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچرىسا ئاسانلا ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ ھەتتا ئوقۇتقۇچى بىلەن قارشىلىشىدىغان، باشقىلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان پىسخىك كەيپىيات شەكىللىنىدۇ. بىزدە «ھەسەلنى كۆپ يېسە ئەمەن تېتىيدۇ» دېگەن ماقال بار. ئوقۇغۇچىلارنى 10سائەت ، ھەتتا 12 سائەتلەپ سىنىپقا سولىۋېلىپ دەرس ئۆتۈش ۋە تەكرار قىلدۇرۇش، ئارام كۈنلىرىمۇ قويۇپ بەرمەي تەكرار ئورۇنلاشتۇرۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئۇلارنى ئۆگىنىش دېسە «ھۆ» قىلىدىغان ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇنداق ئەھۋال خەنزۇ مەكتەپلەردە بىرقەدەر ئېغىر. ئاتا-ئانىلارمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ پەرزەنتلىرىنى ئالىي مەكتەپكە ماڭدۇرىۋېلىشنىڭ، شۇ ئارقىلىق بىرەر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشتۈرۈشنىڭ غېمىدە بولغاچقا، مەكتەپنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا باشقىچە پىكىردە بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى ھېسابلىنىدۇ. چەتئەللىكلەر بۇنداق ئەھۋالنى كاللىسىغا سىغدۇرۇپ بولالمايدۇ، بۇنداق ئەھۋاللار چەتئەللەردە ھەم قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپتا ئولتۇرىدىغان ۋاقتىغا قارىغاندا سىرتلاردا پائالىيەت قىلىدىغان ۋاقتى كۆپ بولىدۇ، ئۇلار نومۇر ئۈچۈن ئەمەس ، بىر نەرسىنى بىلىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، ئۆيلىرىگە بالدۇر قايتىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇلاردا تاپشۇرۇق بېسىمى يوق دېيەرلىك. ئۇلار ئۆزىگە تېگىل ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ، كۇتۇپخانىلارغا بارىدۇ، تەتقىقات تېمىسى ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ. ئۇلار شۇ قەدەر ئەركىن-ئازادە . شۇڭا، ئۇلاردا ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئادىتى تەبئىي شەكىللەنگەن. پېداگوك تاۋ شىڭجى ئەپەندى بىر قېتىملىق لېكسىيە پائالىيىتىدە يوغان بىر خالتىنى ئېلىپ دەرس مۇنبىرىگە چىقىپ، خالتىدىن بىر توخۇ ۋە بىر سىقىم گۈرۈچ ئالغان. ئۇ توخۇنىڭ بېشىنى تۇتۇۋېلىپ گۈرۈچ يېيىشكە مەجبۇرلىغاندا، توخۇ تىركىشىپ يېگىلى ئۇنىمىغان؛ كېيىن توخۇنى ئەركىگە قويۇۋەتكەندە، ئەركىنلىككە ئېرىشكەن توخۇ ئۆزلۈكىدىن ئىشتىھا بىلەن گۈرۈچ يېگەن. ئاڭلىغۇچىلار ھاڭۋېقىپ قالغان پەيتتە، تاۋ ئەپەندىم:«مائارىپ خۇددى توخۇ باققانغا ئوخشايدۇ، ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى كۆپرەك قوزغاتقاندا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېگەن. دېمەك، بىزنىڭ ھازىرقى ئوقۇتۇش مەزمۇنىمىز، يەتمەكچى بولغان مەقسىتىمىز، كۆزلىگەن نىشانىمىز، قوللىنىۋاتقان ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلىرىمىزدە ئېغىر نۇقسانلار مەۋجۇت. بىر مۇخبىر خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 350 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مەكتەپ مۇدىرىدىن:« بۇ مەكتەپنىڭ ئەڭ ئىپتىخارلىنىدىغان تەرىپى نېمە؟» دەپ سورىغاندا ئۇ:«مەكتىپىمىزنىڭ ئەڭ ئىپتىخارلىنىدىغىنى ئالتە نەپەر زۇڭتۇڭ، نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 36 كىشىنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىق  ئەمەس، بەلكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا تولۇق تاللاش پۇرسىتى ۋە يېتىلىش ماكانى يارىتىپ بېرىپ، ھەر بىر ئالتۇننى چاقنىتالىغانلىقىدا» دېگەن.
     مەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارغا گەپ ئۆتمەيدۇ ، شۇنچە قىلسىمۇ ئۆگەنمەيدۇ، تەپ تارتىشنى بىلمەيدۇ…» دېگەندەك ۋايساشلىرىنى دائىم دېگۈدەك ئاڭلاپ تۇرىمەن. ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى يالغان دېيىشكە بولمايدۇ، بىراق مەسىلىنى باشقىلارغا ئارتىش، زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، مەسىلىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلانماسلىق ياخشى پوزىتسىيە ئەمەس. يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاقنىڭ قەلبى خۇددى بىر ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ، ۋۇجۇدى شۇ قەدەر پاك بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا ياخشى ياكى يامان دېگەن باھالارنى بېرەلمەيمىز. بوۋاق ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۆزى ياشاۋاتقان تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، بولۇپمۇ تەلىم-تەربىيە مۇھىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بالا ياخشى خىسلەتلەرنىمۇ، يامان ئىللەتلەرنىمۇ چوڭلاردىن ئۆگىنىدۇ. شۇڭا، بىز بالىلارنىڭ «بۇزۇلۇپ كېتىش» سەۋەبىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ كۆرگىنىمىز تۈزۈك. مەن شۇنداق قارايمەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىماسلىقى، ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇ دەرسنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئۆتەلمىگەنلىكىدىن بولىدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەت قىلماسلىقى، شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىمسىزلىكى، ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاشنى بىلمىگەنلىكىدىن بولىدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىش ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتىن، ئوقۇتقۇچىلىرىدىن دىلى سۇ ئىچمىگەندە ئوقۇشتىن سوۋۇيدۇ. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆزىگە سىغمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىشى، قىرىچە تېگىشى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلارنىڭ مەكتەپتىن چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مائارىپچى جۇ يۇڭشىن ئەپەندى  قىلچە يۈز-خاتىرە قىلماي ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ «بوسۇغىسى»نى ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ قاراپ:«ئوقۇتقۇچىلىق خەتەرگە تولغان كەسىپ، مەشھۇر ئادەم ۋە جىنايەتچىلەر بىردەك ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا يېتىشىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈشى، ئەڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆزى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى بۈيۈكلۈككە باشلىشى كېرەك» دېگەن. لى چۇفاڭ ئىسىملىك بىر ئاپتور «ئەسكى بالا ھەققىدە پاراڭ» ناملىق ماقالىسىدە :«مۇئەللىمنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ بىر قەدەمنى توغرا ماڭسا، بالىلارنى جەننەتكە باشلايدۇ، بىر قەدەمنى خاتا ماڭسا بالىلارنى دوزاخقا باشلايدۇ» دەپ يازغان. دېمەك، بىز ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىشنىڭ غوجايىنىغا ئەمەس، بەلكى قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇق.
     ئالتىنچى، ھازىرقى رېئاللىق شۇكى، خىزمەتچىلەر، پۇلى ۋە يولى بارلارنىڭ كۆپىنچىسى پەرزەنتلىرىنى خەنزۇ مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا بېرىۋاتىدۇ. ئۇلاردىن ئېشىپ قالغان ئوتتۇراھال سەۋىيەدىكى بالىلار قوش تىل سىنىپلىرىغا تاللىنىپ، قالغانلىرى (ئاساسلىقى نامرات دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرى) ئاساسەن دېگۈدەك ئانا تىل سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتىدۇ. قوپالراق ئېيتقاندا، ئانا تىل سىنىپلىرىدا ئۈچىنچى دەرىجىگە ئايرىلغان بالىلار ئوقۇۋاتىدۇ. ئانا تىل سىنىپىدا ئوقۇيدىغان بالىلاردا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى ئېغىر. ئادەتتىكى بالىلاردىن تەشكىللەنگەن سىنىپنىڭ نەتىجىسىدىن سەرخىل  بالىلاردىن تەشكىللەنگەن سىنىپنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئەلۋەتتە يۇقىرى چىقىدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە، ئوخشاش سەۋىيەدىكى بالىلارنى بىرلىك قىلىپ نەتىجىسىنى كۆرۈپ بېقىش كېرەك. دېمەكچىمەنكى، ئوقۇغۇچىلار سىنىپلارغا تەكشى تەقسىم قىلىنمىغاندا، بىر سىنىپتا باشقا بالىلارغا ئۈلگە بولغىدەك، ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭغۇدەك سەركىلەر بولمىغاندا، بۇنداق سىنىپنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاجىز بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى «ئالاھىدە سىنىپ»، «تەجرىبە سىنىپ»، «ئادەتتىكى سىنىپ»لارغا ئايرىش مائارىپىمىزدىكى چوڭ بىر يېتەرسىزلىك بولۇپ، ئادەتتىكى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئېڭىغا  «ئادەتتىكى» دېگەن تامغىنىڭ بېسىلىپ قېلىشى، ئۇلارنىڭ روھىيىتىدىكى نۇرغۇن ئاكتىپ ئامىللارنى چەكلەپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ.
     ئامېرىكىلىق مائارىپشۇناس روسېنتال مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا  مۇنداق بىر سىناقنى ئېلىپ بارغان. ئۇ، مەكتەپ بۆلۈپ بولغان تېز سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئاستا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى باشقىلارغا تۇيدۇرماستىن ئالماشتۇرىۋەتكەن ھەمدە بۇ ئەھۋالدىن خەۋەرسىز دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىغا: « تېز سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپ كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ چىققان ئەقىللىق ئوقۇغۇچىلار. ئۇلارنى ياخشى ئوقۇتساڭلار كەلگۈسىدە دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكلىرىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئاستا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى بۇرۇن قانداق ئوقۇتقان بولساڭلار شۇنداق ئوقۇتىۋېرىڭلار» دەپ تاپىلىغان. ئوقۇتقۇچىلار تۇنجى دەرىسىدە «تېز سىنىپ»تىكى «ئەقىللىك» ئوقۇغۇچىلارغا قىزغىن نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇلاردىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدلىرىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئادەتتىكىچە پوزىتسىيەسىنى «ئاستا سىنىپ»قىمۇ ئېلىپ كىرىدۇ. نەتىجىدە ئاتالمىش «تېز سىنىپ» ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپ بىشارىتىدىن ئىلھاملىنىپ، ئاكتىپ روھىي ھالەتكە ئۆتىدۇ. «ئاستا سىنىپ» ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پاسسىپ بىشارىتى تۈپەيلىدىن ئاكتىپ روھىي ھالەتكە ئۆتەلمەيدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن «تېز سىنىپ» ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، «ئاستا سىنىپ» ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ئومۇمىي يۈزلۈك تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ. مەۋسۇم ئاخىرىدا ئىككى سىنىپنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرىدا ھېچقانچە پەرق قالمايدۇ. بۇنىڭدىن ئوقۇغۇچىلارنى دەرىجىگە ئايرىشنىڭ قانداق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
      يەتتىنچى، بىزدە ياخشىچاقلىق ، قۇلچىلىق ئىدىيەسى كۈچىيىپ كەتتى.  گەرچە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا غەيۋەت-شىكايەت، ئارقىسىدىن غاجاشلار دائىم بولۇپ تۇرسىمۇ، لېكىن يۈزتۇرانە ھالەتتە بىرسىگە يامان بولۇشنى ھېچكىم  خالىمايدۇ. ئۇلار ناچار ئۆتۈلگەن بىر سائەت دەرسنى ئاڭلاپ چىقىپمۇ دەرس ئىگىسىگە بىرمۇنچە ياغلىما گەپلەرنى قىلىشىدۇ، بىر-بىرىنى يالغاندىن ماختاپ ئۇچۇرىشىدۇ، بىر-بىرىنىڭ ئەيىبىنى يېپىشىدۇ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرىدۇ، مەنپەئەتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئەمىلى  بارلارغا خۇشامەت قىلىشىدۇ، بىرىنىڭ خاتا ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ توسۇش نىيىتىدە بولمايدۇ، پىرىنسىپسىز، ناھەق ئىشلار ئالدىدىمۇ سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرىشىدۇ. ھەق گەپ قىلىپ بالاغا قېلىشتىن قورققاچقا ، كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدۇ. كىشىلىك قەدىر قىممەت تۇيغۇسىدىن ياتلاشقان،  تىلى بىلەن دىلى ئوخشىمايدىغان، ھەق بىلەن ناھەق ئارىلىشىپ كەتكەن، ھەقىقەت دائىم دېگۈدەك بويۇن قىسىپ قالىدىغان  كېسەل ئىجتىمائىي ئېكولوگىيە شۇ ئىجتىمائىي توپنى تەرەققىيات پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ، ياش-ئۆسمۈرلەرمۇ بۇ خىل ناچار كەيپىياتنىڭ سەلبىي تەسىرىدە ئادىمىيلىك قىممىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
  جەمئىيەت ئامىلى:بۇ دۇنيادا ياخشى ئادەملەر ھامان كۆپ، ئۇنداق بولمىغىنىدا جەمئىيەتنىڭ چاقى نورمال پىرقىرىمىغان، جاھان ئوڭتەي-توڭتەي بولۇپ كەتكەن بولاتتى. جەمئىيەت ساغلام بولسا كىشىلەرمۇ ساغلام يېتىلىدۇ، ساغلام بولمىغان جەمئىيەت كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئوخشاش بولمىغان جاراھەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
     دۆلىتىمىزگە ساياھەت ۋە ئېكىسپېدىتسىيەگە كەلگەن ياپونلۇقلار گۈزەل تاغلىرىمىزغا، مەنزىرىلىك رايونلىرىمىزغا، قۇملۇقلىرىمىزغا بىز تاشلىغان يالتىراق ۋە بوتۇلكىلارنى تېرىپ چىقىپ بىزنى ئۇياتقا قالدۇردى. دۆلىتىدە دېڭىز تاشقىنى بولۇپ يادرو ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ئۇلار ناھايىتى سالماق، ئۆزىنى تۇتىۋېلىش پوزىتسىيەسىدە بولدى، ھۆكۈمەت قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى تارقاتقاندا ئۆچىرەتتە تەرتىپلىك تۇرۇپ پەقەت ئۆز ئېھتىياجىغا لايىقلا نەرسە ئېلىپ ئىش-ھەرىكەتتە ئۆزىنىڭ يۇقىرى ساپاسىنى نامايان قىلدى. كوچىدا كېتىۋاتقان كورېيەلىك بىر ياشنىڭ قولىدىن تۇخۇم چۈشۈپ كېتىپ يەرنى شالتاق قىلىپ قويىۋىدى، بۇ ياش يەرنى تازىلايدىغان نەرسە تاپالماي ئامالسىز كۆڭلىكىنى سېلىپ يەرنى پاكىز سۈرتۈپ كېتىپ قالدى. ئالتۇن ۋە زىبۇ-زىننەت ساتىدىغان بىر ئەرەب غوجايىن جۇڭگولۇق ئىككى خېرىدارغا دۇككاننى ئوڭچە تاشلاپ قويۇپ ھەتتا پۇل ساندۇقىنىڭ ئېغىزى ئېچىقلىق ھالەتتە خاتىرجەم پۇل پارچىلاشقا چىقىپ كەتتى. نورۋېگىيەلىك دېھقانلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ئالاھىتەن ۋاقىت ئاجراتمايدىكەن، ئۇلار يول بويلىرىغا مەھسۇلاتلىرىنى ئەپچىقىپ باھاسىنى يېزىپ قويۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىۋېرىدىكەن، خېرىدارلار ئۆزلىرى جىڭلاپ تېگىشلىك پۇلنى پۇل ساندۇقىغا تاشلاپ يولىغا راۋان بولىدىكەن.  قايسى بىر يىلى ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى چېنى بىر باغچىغا كىرىپ، يەل مىلتىق ئېتىش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر پۇقرانى ئازراق زەخمىلەندۈرۈپ قويىۋىدى، بۇ ئىش دۇنيادىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، چېنى تۈگىمەس بالاغا قالدى. ئاۋسترالىيەدە بىر مۇسۇلمان قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن بىر قوينى بوينىدىن باغلاپ ماڭغان ئىكەن، شۇ يەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ھايۋانلارنى خورلىغان دەپ قارىلىپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالدى. كورېيەنىڭ بىر زۇڭتۇڭىنىڭ تۇغقىنى خىيانەتچىلىك دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىق سەۋەبلىك زۇڭتۇڭ ھېچ ئىككىلەنمەي ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بەردى. ساپالىق ئەل كىشىلىرى كوچىدا ھېچكىم بولمىسىمۇ ھەرگىز قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتمەيدۇ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئادەملەرنى كۆرگەندە «ياردىمىم كېرەكمۇ؟» دەيدۇ، شۇنداق بىر ياخشى ئىشنى قىلىۋېلىشتىن خۇشاللىق تاپىدۇ. مۇھىت ئېڭى يۇقىرى بولغاچقا باشقىلار مەجبۇرلىمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن كۆچەت تىكىدۇ، مۇھىتنى قوغدايدۇ. ئۇچرىشىش ۋە يىغىلىشلارغا دەل ۋاقتىدا بارىدۇ، ئادەم ساقلىتىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. ئاجىز، مېيىپلارنى دوراشنى ئېغىر ئەخلاقسىزلىق دەپ قارايدۇ.
     گەرچە دۆلىتىمىز چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئالدىنى ئېلىپ بولالمايۋاتىدۇ. ئەدناسى بىرسى بىرەر ئىشنى پۈتتۈرمەكچى بولسا مۇناسىۋەتلىك ئادەمنى تېپىشنى، يولىنى قىلىشنى ئالدى بىلەن خىيالىغا كەلتۈرىدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە پارىخورلۇقلا چىرىكلىشىش بولۇپ قالماستىن، شەخسنىڭ ئۆز كوللىكتىپىنى، تۆۋەننىڭ يۇقىرىنى ئالدىشى، خىزمەتتە ياسالمىلىق، شەكىلۋازلىقنىڭ ئەدەپ كېتىشى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە نان بېرىۋاتقان خىزمىتىگە سادىق بولماسلىقى، شەخسىيەتچىلىك، دىققەتنى ماھىيەتلىك ئىشلارغا قاراتماي ، ئەھمىيىتى بولمىغان ئىشلار ئۈچۈن بىھۇدە پالاقشىشلار، چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك، ئەخلاقسىزلىق ئىللەتلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشى قاتارلىقلارمۇ چىرىكلىشىش جۈملىسىگە كىرىدۇ. تارىخىي ساۋاق شۇكى، بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ ۋەيرانلىقى چىرىكلىشىشتىن باشلىنىدۇ.  چىرىك بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان بالىلار شۇ خىل جەمئىيەتنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
     ھازىر جەمئىيەت تولىمۇ رەڭگا-رەڭ تۈسكە كىردى، ساختا نەرسىلەرمۇ ئەتراپنى قاپلاپ كەتتى. سىرتنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت، تۈرلۈك ئېقىملىرى بوراندەك يوپۇرۇلۇپ كىرمەكتە، مەدەنىيەت ئاساسى ئاجىز كىشىلەر نېمىنى قوبۇل قىلىشتا تەپەككۇرىنىڭ تاسقىشىدىن ئۆتكۈزۈپ كۆرمەيلا يامان ئىللەتلەرنى ئۆزلىرىگە يۇقتۇرىۋالماقتا. پۇلغا چوقۇنۇش، مەنپەئەتپەرەسلىك خاھىشلىرى كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى سۇسلاشتۇردى،  ھايا ۋە ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ نازۇك چۈمبەردىسى يىرتىلىپ كەتتى. جىنسىيەتكە ئائىت قىلمىشلار يوشۇرۇنلۇقتىن ئاشكارىلىققا ئۆتتى، رەڭلىك سورۇنلار بىر قىسىم كىشىلەرنى شەھۋەت كوچىسىغا باشلاپ كىردى. بۇرۇنلاردا شەرم-ھايالىق، پەزىلەتلىك خانىم قىزلىرىمىز تۆت ئەر توپلاشقان يەردىن ئۇيۇلۇپ توغرا ئۆتەلمەيتتى، ھازىر بىر قىسىم خانىم قىزلىرىمىز يېرىم يالىڭاچ كىيىنىپ كوچىلاردا بىمالال يۈرىۋېرىدىغان بولدى. بىزدىكى سورۇندارچىلىقنىڭ جەمئىيەتلىشىشى ئاشخانا، رېستورانلارنى قايناق بىر بازارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بىر قىسىم ئەرلىرىمىز ئىچىملىك-چېكىملىككە بېرىلىپ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زەئىپلەشمەكتە، بىر قىسىملىرى ئاق تاماكىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ياشلا ھاياتىدىن ئايرىلماقتا، بىر قىسىم كىشىلەر ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ نالە-پەرياد ئىچىدە ئېچىنىشلىق جان تالىشىپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشماقتا. جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن «جەلپكار» توزاقلار پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قەلبىنى ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتماقتا، ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان بەزى ئىشلارنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭمۇ «كۆزى ئېچىلىپ» قالماقتا. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىمىز تاماكا چېكىشنى، مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى، مۇھەببەتلىشىشنى، قىز تالىشىپ سوقۇشۇشنى كىملەردىن ئۆگىنىۋاتىدۇ؟ ھازىر كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار تېلىفونلىشىپ كەتتى، بەزىلىرى تېلىفونغا، بەزىلىرى ناخشىغا، بەزىلىرى تورغا شۇ قەدەر مەستانە بولۇپ كەتكەنكى، باشقا ئىشلار قۇلىقىغا تېتىمايدۇ. بولۇپمۇ تورغا خۇمار بولۇپ قالغان قىسمەن بالىلار قورسىقىنىڭ ئاچقىنىنىمۇ ئۇنتۇپ تورخانىلاردا تۈنەپ قالماقتا. دېمەك، ئوقۇغۇچىلار كۆپ قىسىم ئىللەتلەرنى جەمئىيەتتىن يۇقتۇرىۋالماقتا. يۇقىرىقىدەك بىر قاتار مەسىلىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە، ئەخلاقىي جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىشىگە سەۋەب بولماقتا. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ھەرقانداق بىر ئادەم ئۆزىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە قىيدىغىنىمىز، قاقشىغىنىمىز، مەسىلىنى بىر-بىرىمىزگە دۆڭگىگىنىمىز بىلەن ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل بولمايدۇ. شۇڭا، ھەر بىرىمىز دىققەت ئېتىبارىمىزنى ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشكە قارىتىشىمىز، شۇ ئارقىلىق باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشنى بىلىشىمىز لازىم.  
   ئابلەت ئابلىكىم:بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار: «ئائىلە مائارىپى مەكتەپ مائارىپىدىن مۇھىم» دەپ قارىسا، يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار:«ئائىلە مائارىپىنى مەكتەپلەشتۈرۈش» خاھىشىنى تەنقىد قىلماقتا. مائارىپ تەتقىقاتچىسى تاۋ شىڭجى ئەپەندى:«ئائىلە مائارىپىنىڭ ياردىمى بولمىسا، مەكتەپ مائارىپىنى باشقۇرغىلى بولمايدۇ» دېگەن. سىزمۇ پەرزەنت تەربىيەسى تېمىسىدا قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتىسىز، بولۇپمۇ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010- يىللىق 2- سانىدا ئېلان  قىلىنغان «دەسلەپكى تەربىيەنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە مائارىپنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلغا ئايلىنىشى»، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن تەشكىل قىلىنغان «ئانىنىڭ كامالىتى — بالىنىڭ ھالاۋىتى» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن «بالا تېپىش ۋە بېقىشتىن تەربىيىلەشكە ئۆتۈشنىڭ تەخىرسىزلىكى» ناملىق زور ھەجىملىك ماقالىڭىز ئائىلە مائارىپى ھەققىدە يېزىلغان يىرىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. سىز بۇ ھەقتە ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن يۇقارقى مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟
تۇرسۇنمۇھەممەت توختى: مېنىڭچە بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئائىلە مائارىپىمۇ مەكتەپ مائارىپىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. ئەگەر بالا سۈپەتلىك ئائىلە مائارىپىدىن بەھرىمەن بولالمىسا ئۆز ۋۇجۇدىغا يوشۇرۇنغان تۈرلۈك بايلىقلار يوشۇرۇن پېتى قېلىۋېرىدۇ، ۋۇجۇدىدىكى ئاكتىپ ئامىللارنىڭ رولى  جارى بولمايدۇ، ئادىمىيلىك قىممىتىنى نامايان قىلىدىغان روھىي كۈچتىن ئايرىلىپ قالىدۇ-دە، بۇنىڭ يوشۇرۇن زىيىنىنى بىر ئۆمۈر تارتىشقا توغرا كېلىدۇ. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا سىستېمىلىق تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان ئورۇن بولۇپ، بالا ھەرقانچە سۈپەتلىك ئائىلە مائارىپىدىن بەھرىمەن بولغان تەقدىردىمۇ، مەكتەپ مائارىپىنىڭ سۈپەت-ساپاسى تۆۋەن بولسا، بالىنىڭ تەرەققىياتى ئوخشاشلا توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. بۇ ئىككى مائارىپ بىر بىرىنىڭ رولىنى ئۆتىيەلمىسىمۇ، بىر-بىرىنى تولۇقلاپ ئورتاق بىر كۈچكە ئايلىنىشى كېرەك.  تاۋ ئەپەندىنىڭ «ئائىلە مائارىپىنىڭ ياردىمى بولمىسا، مەكتەپ مائارىپىنى باشقۇرغىلى بولمايدۇ» دېگەن گېپىنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار.
ئائىلە مائارىپىنى «مەكتەپلەشتۈرۈش» مەسىلىسىگە كەلسەك، باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك دۆلىتىمىز ئىمتىھان مائارىپىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىدى، نومۇر يەنىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل بولغاچقا، ئائىلە باشلىقلىرىمۇ باشقا تەرەپلەر بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە، تاپشۇرۇق ۋە ئىمتىھانلاردا  قانچە نومۇر ئالغانلىقىغا زىيادە ئېتىبار بىلەن قاراشماقتا. شۇ ۋەجىدىن بالا مەكتەپتە بىر كۈن قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ھېرىپ ئېچىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئائىلىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ رولىنى ئۆتەپ پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تاپشۇرۇق ئىشلەش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا، مۇنداقچە ئېيتقاندا بالا مەكتەپتىكى مۇئەللىمدىن ئاران قۇتۇلغاندا ئائىلىدىكى مۇئەللىمگە تۇتۇلماقتا، ئائىلە تەربىيەسى مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ داۋامى، مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بېقىندىسى بولۇپ قالماقتا. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارام كۈنلىرى تۈرلۈك كۇرسلاردا ئوقۇش، دەرس تەكرارلاش بىلەن ئۆتمەكتە. مائارىپشۇناسلار بۇ خىل ئەھۋالنى ئائىلە تەربىيەسىنى «مەكتەپلەشتۈرۈش» دەپ قاراپ، بۇ خىل خاھىشنى تەنقىد قىلماقتا. كىتابىي بىلىملەرنى ئۆلۈك ئۆگىنىش، ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆگىنىش ئادەمنى ئۆگىنىش ماشىنىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، بۇنداق ئۆلۈك بىلىمنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالىنىڭ ئۆگىنىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتى بار، بىراق ئۇ نوقۇل مەكتەپتىكى ئۆگىنىشنىڭ داۋامى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. بالىنىڭ ساغلام خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈش، ياشاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئالاھىدىلىكىنى بايقاش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قانداق ئېچىش، ئىدىيە ۋە تەپەككۇرى، گۇمانىي تۇيغۇسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى قانداق يېتىلدۈرۈش، قىزىقىشىنى قانداق قوزغاش، ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچىسىنى قانداق ئاشۇرۇش، ئادىمىيلىك قىممىتىنى قانداق تونۇتۇش، پەزىلىتىنى قانداق يېتىلدۈرۈش… قاتارلىقلار ئائىلە تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنلىرى ھېسابلىنىدۇ. قايسى بىر يىلى ئىچكىرىدە «تەلەپچان» بىر ئاتا-ئانىنىڭ ئۆگىنىش زۇلىمىنىڭ نەتىجىسىدە تىرىشىپ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن بىر ياش، ئالىي مەكتەپتە بىر يىل ئوقۇپ نەتىجىسى ئارقىدا قالغانلىق سەۋەبىدىن چۈشكۈنلىشىپ، تەتىلدە ئۆيىگە قايتقاندا ئاتا-ئانىسىنى ئۆلتۈرىۋەتمىدىمۇ؟! ئامېرىكىلىق 10 ياشلىق بىر ئوغۇل دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئەمگەك قىلىۋاتقاندا، ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىسى ئۇنىڭ ئىككى بىلىكىنى ئۈزىۋەتكەن. بۇ بالا ئاغرىققا چىداپ، 400 مېتىر يىراقلىقتىكى ئاممىۋى تېلېفۇن بوتكىسىغا بېرىپ چىشى بىلەن نومۇر كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئاخىر بولالماي ھوشىدىن كەتكەن. قۇتقۇزغۇچى خادىملار كېلىپ ئۇنى ھوشىغا كەلتۈرگەندە، ئۇ يەنە ئۈزىلىپ كەتكەن ئىككى بىلىكىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى جېكىلىگەن. مۇبادا بۇ بالا مەكتەپ ۋە ئائىلىدە بىلىم ئىگىلەش بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ، ياشاش ئىقتىدارى جەھەتتە تەربىيىلەنمىگەن بولسا، شۇ ھادىسىدە ئۆزىنى قۇتقۇزالارمىدى؟
      سىز تىلغا ئالغان يۇقارقى ئىككى پارچە ماقالەمدە تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ ئائىلە مائارىپى، يەسلىي مائارىپىغا ئائىت بىر قاتار ئۇچۇرلار بېرىلدى، تەخىرسىزلىكنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى تەھلىل قىلىنىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى تەربىيەگە قايسى دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، قانداق مەزمۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، بۇ ھەقتە قانداق ئىدىيە قاراشلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى  ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلدى. نۆۋەتتە دەسلەپكى تەربىيە ۋە ئائىلە تەربىيەسىدە ساقلىنىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەر، قانداق قىلىش، قانداق تەربىيەلەش مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. مەن بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ئىككى پارچە ماقالىنى ئوقۇپ بەلگىلىك نەپكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قىستۇرۇپ ئۆتۈش ھاجەتكى، «ئائىلە تەربىيەسى» بىلەن «ئائىلە مائارىپى» باراۋەر ئۇقۇم ئەمەس. بىزدىكى ئائىلە تەربىيەسى تېخى مائارىپلىشىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگىنى يوق.
   ئابلەت ئابلىكىم:ئالىملىرىمىز:«بالىلارنىڭ چوڭلارغا ئوخشاپ قېلىشى بىر پاجىئە» دەپ قارىماقتا. بالىلارغا بالىلارچە نەزەر بىلەن قارىيالماسلىق، بالىلارغا خاس تەسەۋۋۇر، بالىلارچە تەپەككۇرنىڭ تۇنجۇقتۇرىلىشى بالىلارنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى يىگىلىتىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل بولۇشى مۈمكىن. سىزنىڭچە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى چاقنىتىشتا ئوقوتقۇچىلار قايسى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر؟
  تۇرسۇنمۇھەممەت توختى:يۈ جيەن ئىسىملىك ئاپتور «مائارىپتىكى قورقۇنچلۇق ئەھۋاللار» ناملىق ماقالىسىدا:«قىزىمنى يەسلىگە ئاپىرىپ بەرگەن تۇنجى كۈنى، سىنىپقا كىرىشىمىزگە مۇئەللىم ئۇنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا بۇيرىدى. بۇ ۋاقىتتا سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يىغلاۋاتقان بولۇپ، بۇنى كۆرگەن قىزىمنىڭ كۆزىگىمۇ ياش كەلدى. قىزىم باشلانغۇچ مەكتەپتە كىرگەن تۇنجى كۈنى، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىگە قاتناشتىم. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆزى مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى. چۈنكى، ئۇنىڭ سۆزى ئىدارىمىزدىكى رەھبەرلەرنىڭ سۆزى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولۇپ، نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ياخشى ۋەزىيەت ھەمدە جۇڭگو خەلقىنىڭ قەيسىرانە روھى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيتتى. قىزىم بويۇنلىرىنى سوزۇپ مەكتەپ مۇدىرىغا تەئەججۈپ ئىلكىدە قارىماقتا ئىدى. بىر ئازدىن كېيىن قىزىمنىڭ دىققىتى ئۇچۇپ يۈرگەن كېپىنەكلەرگە مەركەزلەشتى» دەپ يازغان. بۇ ئاددىي يازمىنىڭ ئارقىسىغا كىشىنى ئويغا سالىدىغان چوڭ بىر سوئال قويۇلغان. بەزىلەر بالىسىنى ئەقىللىق قىلىش مەقسىتىدە چوڭلارچە قاراشنى سىڭدۈرۈپ، بالىنى يېشىغا سۆز-ھەرىكىتى ماسلاشمايدىغان «قېرى»غا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. مەكتەپلەرمۇ كۆپ ھاللاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلماي، ئۇلار ھېچ چۈشەنمەيدىغان ئابىستراكىت گەپلەرنى قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى گاڭگىرىتىپ قويماقتا. بۇنداق قىلىش بالىلارنى بالىلىق تۇيغۇسىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ.
      بالىلارنىڭ قەلبى ساپ بولۇپ، چوڭلارنىڭكىدەك بىر قىسىم خاتا ئىدىيە ، خاتا بىلىشلەرنىڭ بۇلغىنىشىغا ئانچە ئۇچرىمىغان بولىدۇ. ئۇلار ساختىلىق ۋە  ھىيلە- مىكىرلىك قىلىشنى بىلمەيدۇ، كۆڭلىدە نېمە بولسا شۇنى ئېيتىدۇ. تاشقى دۇنياغا، يېڭى شەيئىلەرگە شۇ قەدەر قىزىقىش بىلەن باقىدۇ، شۇڭا ئۇلار تەسەۋۋۇرغا باي كېلىدۇ، تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرىمۇ ساپ بولىدۇ.  مېنىڭچە بالىلارنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى چاقنىتىشتا بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تەربىيە بېرىش،ئۇلارنىڭ ئەركىن تەپەككۇرى ۋە تەسەۋۋۇرىنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەش، «نېمە ئۈچۈن؟ »لىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش، تەپەككۇرىنى غىدىقلاپ تۇرىدىغان مۇھىت شەكىللەندۈرۈشكە ھەر دائىم ئېتىبار بىلەن قاراش، مۇتلەق قاراش، تەييار ھۆكۈملەر بىلەن ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى قاشاڭلاشتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلماستىن، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى بىلدۈرۈشكە، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆزى جاۋاب تېپىشقا يېتەكلەش، بالىنىڭ قارىشى ھەرقانچە كۈلكىلىك بولغان تەقدىردىمۇ ئالدىراپ رەت قىلىۋەتمەي يەنە ئويلىنىپ كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش، مەسىلە پەيدا قىلىپ بالىنىڭ تەپەككۇرىنى كۆپرەك قوزغايدىغان ئىشلارنى قىلىش، كۆپرەك تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئىجادىيلىققا ئىگە پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويغاندا ئالاھىدە ئىلھاملاندۇرۇش، ئىلمىي، ئىجادىي ئائىلە ۋە مەكتەپ مۇھىتى بەرپا قىلىش لازىم. بالىلارغا چوڭلارنىڭ  قارىشىنى تېڭىش، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنى خەت ۋە ئەمەللەرنى ئۆلۈك ھالدا ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاش، ھە دېسىلا بالىنىڭ پىكىرىنى چەتكە قېقىۋېتىپ ئىشەنچىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش، ئەركىنلىكىنى، بولۇپمۇ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش، بالىنى ھەممىدە ئاتا-ئانىنىڭ ئاغزىغا قارايدىغان قىلىپ قويۇشتەك خاتا تەربىيە ئۇسۇللىرى ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىق تۇيغۇسىنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدۇ.
      گېرمانىيەدە مائارىپ تەكشۈرىشىدە بولغان بىر خانىم ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەنىدى: گېرمانىيەدە ئادەتتە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىغا چىققانغا قەدەر ماتېماتىكىدا ئەمەل ۋە ھېسابلاشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئۆتۈلمەيدىكەن. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا رەسىملىك مەزمۇنلار كۆپ بولىدىكەن. ئەينى يىللىرى بىر مۇئەللىم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4- يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلىرىغا ماتېماتىكىدىن ئائىلە تاپشۇرۇقى بەرگەن: ئۇنىڭدا تۆت يىگىتنىڭ رەسىمى بىلەن تۆت قىزنىڭ رەسىمىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر «+» بەلگىسى قويۇلغان بولۇپ، قانچە چىقىدىغانلىقى سورالغان ئىكەن. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تەڭلىك بەلگىسى كەينىگە 8 دېگەن جاۋابنى يازغان. بىرنەچچىسى 12، 14 دېگەندەك جاۋابلارنىمۇ يازغان. ئوقۇتقۇچى 8 دىن باشقا جاۋابلارنى يازغان تاپشۇرۇقلارغا دەماللىققا خاتا بەلگىسى قويىۋەتمەي سوئال بەلگىسى قويۇپ قويغان. ئەتىسى سىنىپقا كىرگەندە ئۇقۇغۇچىلارغا :« بالىلىرىم ، ھەممىڭلار تاپشۇرۇقنى ناھايىتى ياخشى ئىشلەپسىلەر، بىر قىسىم ساۋاقداشلارنىڭ بۇ مەسىلىگە ئوخشىمىغان قارىشى بارلىقىنى بايقىدىم. X X  ساۋاقداش بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى 14 چىقىرىپتۇ. مەن ئۇنىڭ تەپەككۇرىغا، بۇ مەسىلىنى ئىشلىگەندە نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىغا بەك قىزىقىپ قالدىم. شۇڭا بۇ ساۋاقداشنىڭ قارىشىنى ئاڭلاپ باققان بولساق» دېگەن. بۇ ئوقۇغۇچى:«ئەگەر  تۆت يىگىت تۆت قىز بىلەن توي قىلىپ بالىلىق بولمىسا جەمئىيەت تەرەققىي قىلمايدۇ، شۇڭا مەن 14 دېگەن جاۋابنى يازدىم. مېنىڭچە 12، 16 دىگەن سانلارنى يازسىمۇ بولىۋېرىدۇ» دېگەن. ئوقۇتقۇچى بالىنىڭ جاۋابىدىن ناھايىتى ھاياجانلىنىپ ئۇنى يەڭگىل بىر قۇچاقلىغاندىن كېيىن: «يارايسەن، يارايسەن، بۇ خىل پىكىر قىلىش ئۇسۇلۇڭ مېنى بەك قايىل قىلدى، سەن بىر تەپەككۇر ئىگىسى ئىكەنسەن، كەلگۈسىدە كاتتا ئالىم بولغۇدەكسەن» دەپ ئۇنىڭغا ئىلھام بەرگەن. دەرۋەقە ، كېيىنكى ۋاقىتتا بۇ ئوقۇغۇچى تەبىئىي پەن ساھەسىدە كاتتا ئالىم بولۇپ يېتىشكەن. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قۇچىقى گۈللەرگە تولغاندا، بۇ ئالىم ھاياجانلانغان ھالدا ئەينى ۋاقىتتىكى شۇ بىر قېتېملىق تاپشۇرۇققا ئائىت ئىشلارنى ئەسلەپ :«بۇ گۈللەر مېنىڭ ئاشۇ سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچۇمغا مەنسۇپ بولىشى كېرەك، ئۇ مېنى ئىلھاملاندۇرمىغان، بالىلىق قەلبىمگە قىزىقىش ئوتى سالمىغان، ئىشەنچ ئاتا قىلمىغان بولسا، بەلكىم بۈگۈنكىدەك ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى» دېگەن. بۇ مىسال بىزنىڭ ناتوغرا تەربىيە ئۇسۇللىرىمىزغا نىسبەتەن بىر قامچا بولسا كېرەك.   
ئابلەت ئابلىكىم:نۆۋەتتە، مەملىكەت خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك خىزمىتى چىڭ تۇتىلىۋاتىدۇ. لېكىن، بىر قىسىم مەكتەپلەردە بىخەتەرلىكنى تۇتتۇق دەپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ نورمال ھەرىكەتلىرىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولىۋاتىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم بىر مەكتەپ تۈزگەن بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىسىدە 35 تۈرلۈك «قىلماسلىق»ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇ بەلگىلىمە بويىچە بولغاندا ئوقوغۇچىلار ھېچنىمە قىلماي ئۆيىدە ئولتۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن. بىز بۇ جەھەتتە زىيادە سەزگۈرلىشىپ كەتتۇقمۇ قانداق؟
    تۇرسۇنمۇھەممەت توختى: دېمىسىمۇ ھازىر مەكتەپلەردە تۈرلۈك ھادىسىلەر كۆپ يۈز بەرمەكتە، بۇنىڭغا قارىتا بىخەتەرلىك خىزمىتىگە قويىلىدىغان تەلەپمۇ ئېشىپ بارماقتا. يەنە كېلىپ كىشىلەرنىڭ قانۇنىي ئېڭىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىق قانۇنىي يول بىلەن ھەل قىلىنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە. مەكتەپتە بىرەر ھادىسە يۈز بەرسە، گەرچە بۇ ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مەكتەپ ياكى ئوقۇتقۇچى سەۋەبچى بولمىغان تەقدىردىمۇ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلغاندا «مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى ياخشى تۇتۇلمىغان» دەپ ، بىر قىسىم مەسئۇلىيەتنى، ھەتتا بارلىق مەسئۇلىيەتنى،  مەكتەپكە ئارتىدىغانلىقى ئېنىق قائىدە بولۇپ قالدى. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارمۇ، مەكتەپ رەھبەرلىرىمۇ  مۇشۇ كۈنلەردە بىرەر ئىشنى تەشكىللىدىم دەپ ئۆزىگە ئارتۇق ئىش تېپىۋېلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيدىغان بولۇپ كەتتى. مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە نىسبەتەن سەزگۈرلىكىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال ھەرىكەتلىرىنىمۇ چەكلىمىگە ئۇچراتماقتا. لاگىر پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى دالىلارغا ئەپچىقىپ ئەۋرىشكە يىغىشقا تەشكىللەش، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ئېلىپ بېرىش دېگەندەك بىرقەدەر خەتىرى بار پائالىيەتلەر مەكتەپلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.
بىز بالىلىق چاغلىرىمىزدا مەھەللىدىكى دوستلىرىمىز بىلەن كەڭرى كەتكەن ئېڭىزلىقلاردا، دالىلاردا يالاڭئاياغ چېپىشىپ خىلمۇخىل ئويۇنلارنى ئوينايتۇق. سۇغا چۆمۈلۈش، ئات، ئىشەك، كالىلارغا مىنىۋېلىپ چاپتۇرۇپ ئويناش ئادەتتىكى ئىش ئىدى. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا، ھەر يىلى بالىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەندە مەكتەپ  بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ 4-5 كىلومېتىر يول ماڭدۇرۇپ، سازلىق، جىرا ۋە سايلارنى باسقۇزۇپ ئېگىز ھەم ھەيۋەتلىك بىنەم قاپتىلىغا ئېلىپ باراتتى. بىنەم قاپتىلىدا كەڭرى كەتكەن بىر جىرا بولۇپ، بۇ يەردە بۇلاق ۋە سازلىقلار ناھايىتى كۆپ ئىدى، بۇلاق سۇلىرىنىڭ قوشۇلىشىدىن پەيدا بولغان  يوغان بىر ئۆستەڭ يىلاندەك تولغىنىپ ئويناقشىپ ئېقىپ تۇراتتى. ياپ-يېشىل چىملار، ئادەمنى چۆكۈرىدىغان چۆپلەر، تەبىئىي ئورمانلار، يېشىللىقنى ماكان قىلىپ تۈرلۈك ئاۋازلاردا سايرىشىۋاتقان قۇشلار، ياۋايى ھايۋانلار، جان-جانىۋارلار بۇ يەرنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە بۇ يەردە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلاتتى. بولۇپمۇ بايراق ئىزدەش پائالىيىتى(كىچىك بايراق ئالدىن بىر يەرگە يوشۇرۇپ قويۇلىدۇ)، بىنەمگە يامىشىش پائالىيىتى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى. بايراقنى تېپىش ئۈچۈن بۇ يەرنىڭ خەتەرلىكلىكىگە باقماي نە نەلەرگە كېتەتتۇق، بىنەمنىڭ ئېگىزلىكى 100 مېتىردىن ئاشاتتى، كىم ئەڭ بۇرۇن چىقىپ بايراقنى ئىگىز كۆتۈرۈپ لەپىلدىتەلىسە، شۇ بىرىنچى بولاتتى. ئەسلىسەم، ھاياتىمدىكى خېلى چوڭ-چوڭ ئىشلار ئۇنتۇلۇپ كەتتى-يۇ، لېكىن بالىلىقتىكى ئاشۇنداق ئەسلىمىلەر ھېلىمۇ شۇنداق روشەن ئېسىمدە ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ. بىز شۇ چاغلاردا تەبىئەتتىن ئىبارەت بۇ كاتتا مەكتەپنىڭ ھەقىقىي ئوقۇغۇچىسى بولالىغان ئىكەنمىز،  تەبىئەتتىن ئېرىشكەنلىرىمىز ناھايىتى كۆپ بولغان ئىكەن. تەبىئەت ئاتا قىلىدىغان بىلىملەرگە مەكتەپتە ھەرگىز ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئائىلە ۋە مەكتەپكە قامىلىپ قالغان، كەڭرى تەبىئەتتىن ئايرىۋېتىلگەن بالا خۇددى پارنىكتىكى گۈلگە ئوخشايدۇ. بۇنداق بالىلار ھېچقانداق كەچۈرمىشلەرگە ئىگە بولمىغاچقا، تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرى تولىمۇ نىمجان بولىدۇ. ئەسلىي گەپكە كەلسەك، ھازىر مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنداق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەشكە ھەرگىز جۈرئەت قىلالمايدۇ.
      ھايات ئىنسان ئۈچۈن پەقەت بىر قېتىم نېسىپ بولىدۇ، شۇڭا ھاياتنى قوغداش ۋە قەدىرلەش ھەممىدىن مۇھىم. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيەىسىنى ئەمەلىي، ئىلمىي، ئورۇنلۇق، قايىل قىلارلىق، لايىقىدا ئېلىپ بېرىشى كېرەك. لېكىن بىخەتەرلىكنى تۇتتۇق دەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال ھەرىكەتلىرىگە چەك قويۇۋېلىشقا بولمايدۇ. مەن شۇنداق قارايمەن: ئەگەر بالىغا يېتەرلىك ھەرىكەت قىلىش، چېنىقىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، ھەتتا بىر قىسىم خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىش بوشلىقى بېرىلمىسە؛ مۇستەقىل ئىش كۆرۈشى، مۇستەقىل ياشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىلمىسە، مەلۇم قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇپ ئىرادىسى چېنىقتۇرۇلمىسا، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كۆرىدىغان كەچۈرمىش يارىتىپ بېرىلمىسە، خاتا ئىشلارنى قىلىپ قويۇشىغا، ئەگرى يولدا مېڭىپ قېلىشىغا قەتئىي يول قويۇلمىسا، كۆيۈمچانلىق چەكتىن ئېشىپ كەتسە، بۇنداق بالىنىڭ ياشاش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، بۇنداق قىلىش بالىنى ھاڭغا ئىتتىرگەنلىك بولۇپ، كەلگۈسى رىقابەتتە بالا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىدۇ. بەزى مەكتەپلەر «ئۆزىگە پۇختا» بولۇش، «گەپ كېلىپ قېلىش»تىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىلىرىغا «بولمايدۇ»لارنى كۆپەيتمەكتە. يۇقىرىدىكى بىر مەسئۇل رەھبەر «مەن بۇ گەپلەرنى سىلەرگە ئېيتتىم، مەسىلە چىقسا جاۋابكارلىق ئۆزۈڭلاردا» دەيدۇ؛ مەكتەپ مۇدىرى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە «مەن ھەممىنى دېدىم، كىم مەسىلە سادىر قىلسا مەسئۇلىيەتكە ئۆزى ئىگە» دەيدۇ؛ ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا «قەتئىي قىلماسلىق» ھەققىدە بىر تالاي گەپلەرنى قىلىپ خەتەر چىقسا مەسئۇل بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كىممۇ يۈرەكلىك بىر ئىش قىلىشقا پېتىنالىسۇن؟ ئەگەر ئوقۇغۇچى ئۇنى قىلسىمۇ بولمىسا، بۇنى قىلسىمۇ بولمىسا ئۇنداقتا زادى نىمە قىلىشى كېرەك؟ رىم خەلقئارا ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پىئېرلۇگى چېررى:«بالىلار نىشانسىز قالدى، ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان، ئۇلار مۇشۇنىڭغا كۆنۈپ قالغاچقا، بېشىغا تۇيۇقسىز كۈن چۈشكەندە، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب— ئائىلە باشلىقلىرى ئۇلارغا مەسئۇلىيەت ۋە خېيىم – خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئۈگەتمىگەن» دەپ قارىغان. بالىنىڭ ھەرىكىتىگە زىيادە چەك قويۇش بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان خەتىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىۋېتىدۇ. ھېچنىمە كۆرمەي، ھېچنىمىگە يولۇقماي بىخەتەر مۇھىتتا چوڭ بولغان ئادەمنى تېخىمۇ چوڭ خەتەرلەر ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ. ھېلىمۇ نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنى زىيادە ئەتىۋارلاپ، ھەممە ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىپ، ھەتتا تۇخۇمنىمۇ ئاقلاپ يېيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىۋاتىدۇ. خەتەر كۆپ ھاللاردا ئادەمنىڭ ئېڭىغا باقمايدۇ، بەزىدە بىخەتەر يەردىمۇ يۈز بېرىدۇ. خەتەر ئۆز نۆۋىتىدە شۇ ئادەمنى قىممەتلىك تەجرىبە ساۋاققا ئىگە قىلىپلا قالماي، باشقىلارغا نىسبەتەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىدۇ. بەزىدە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلماي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ، ھاياتلىقتا بولۇپ تۇرىدىغان نورمال ھادىسە. ئادەملەر بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشنى بىلىشى كېرەك. شاللىنىش ۋە تاللىنىش تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى.
  ئابلەت ئابلىكىم:  بىر مەكتەپنىڭ ھاياتىي كۈچى مەكتەپ مەدەنىيىتىدە. مەكتەپمۇ ئۆز نۆۋىتىدە مىللىي مەدەنىيەتنى نامايان قىلىدىغان، ئىلغار مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىدىغان ئورۇن. لېكىن، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن مەكتەپلىرىمىزگە نەزەر ئاغدۇرساق، بىزنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ. سىز مەكتەپ مەدەنىيىتىنى قانداق چۈشىنىسىز؟
  تۇرسۇنمۇھەممەت توختى: مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا نىسبەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تونىشى يۈزە. بەزىلەر مەكتەپنىڭ تازىلىقى پاكىز بولسا، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ فورمىسىنى رەتلىك كىيسە، مەكتەپ قورۇسى ئىچىدىكى تەشۋىقات دوسكىلىرى تۈرلۈك مەزمۇندىكى خەتلەر بىلەن تولدۇرۇلسا، كارىدورلارغا داھىيلارنىڭ، ئالىملارنىڭ رەسىملىرى ئېسىلسا، نۆۋەتتە مۇدا بولىۋاتقان شوئارلار كۆزگە ئاسان چېلىقىدىغان  جايلارغا چاپلانسا، سىنىپلار رەڭگا-رەك بېزەلسە، ئوقۇغۇچىلار ئوستازلارنى، سىرتتىن كەلگەنلەرنى كۆرگەندە سالام قىلسا، مەكتەپتە سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بولۇپ تۇرسا… مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلغانلىق دەپ قارايدۇ.
      مەكتەپ مەدەنىيىتى تولىمۇ كەڭ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشتا شەكلەن نەرسىلەرگە ئېسىلىۋالماي، ماھىيەتلىك تەرەپلەرنى تۇتۇش كېرەك. بولۇپمۇ  مەكتەپ مەدەنىيىتى ئادىللىق ئۈستىگە قۇرۇلىشى، ئادەمنى ئاساس قىلىشى كېرەك. مەن «ئىمتىھان مائارىپىنىڭ ئاسارىتى، ساپا مائارىپىنىڭ دالالىتى» ناملىق زور ھەجىملىك ماقالەمدە «مائارىپ ئادىللىقى» ھەققىدە خېلى تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم.  ئادەمنى ئاساس قىلىش ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىشنى، ئادەم ۋۇجۇدىغا يوشۇرۇنغان بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى، ئادەمنىڭ قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى، يەنى ئادەمنى تەرەققىيات مۇمكىنچىلىكى بىلەن تەمىن ئېتىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ. ئادەمنى ئاساس قىلغان مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىنغاندا،  ھەر بىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىك قىممىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىبار بىلەن قارىلىدۇ، كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھەقىقىي ھۆرمەت تاپىدۇ، ھەممە ئوقۇغۇچى تەربىيەنىڭ ئوبيېكتى قىلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپتە كۆپ سانلىقلار ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشكە دىققىتىنى قارىتىدىغان ئىلمىي كەيپىيات، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىدىغان، ھەمكارلىشالايدىغان ئومۇمىي ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. بۇيرۇق ياكى دېكتاتۇرىغا تايىنىپ مەكتەپ باشقۇرىدىغان ياكى قائىدە-تۈزۈمگە تايىنىپ مەكتەپ باشقۇرىدىغان قالاق مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىغا خاتىمە بېرىلىپ، مەكتەپ مەدەنىيىتى ئارقىلىق مەكتەپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ. بىر مەكتەپنىڭ خاسلىقى، مىللىي ئالاھىدىلىكى مەكتەپ مەدەنىيىتىدە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپقا بولغان ئەقىدە-ئېتىقادى مەكتەپ مەدەنىيىتىدە پارلاپ تۇرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئوقۇتقۇچى شەكىلۋازلىق قىلىشقا، باشقىلارنىڭ كۆزىنى بوياشقا پېتىنالمايدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشىغا ۋىجدانى يول قويمايدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. ھەقىقىي مەنىدىكى مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپا بولغاندا باشقىلار ھەيدەكچىلىك قىلمىسىمۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلار ئاڭلىق ھالدا ئۆز ئىشىنى ئۆزى تېپىپ قىلالايدىغان تەشەببۇسكار ھالەت شەكىللىنىدۇ. ئەگەر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلاردا ھېچكىم كۆرمىگەن ياكى بۇيرىمىغان ئەھۋالدا، ئالدىغا ئۇچرىغان قەغەز پارچىسى ياكى يالتىراق خالتىنى ئەخلەت تۇڭىغا تاشلايدىغان، بىھۇدە يورۇپ تۇرىۋاتقان چىراغنى ئۆزلۈكىدىن ئۆچىرىۋېتىدىغان، قىيىنچىلىققا يولۇققان كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنىدىغان، كىشىلىك قەدىر قىممىتىنى نۇرلاندۇرۇشنى چىقىش قىلىپ ئاڭلىق ھالدا ئۆگىنىدىغان، مۇھىتنى ئاسرايدىغان، باشقىلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاكتىپ روھىي ھالەت  شەكىللەنسە، بۇ خىل ئىپادىلەر مەكتەپ مەدەنىيىتىنىڭ بەرپا بولىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
  ئابلەت ئابلىكىم: ئوقوتقوچىلارنى مەكتەپ ئىچىدە تەربىيەلەش ، مەكتەپ خىزمىتىدىكى مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بىر قىسىم مەكتەپلەر بۇ نۇقتىغا سەل قاراۋاتىدۇ. ھەتتا مۇشۇنداق نازۇك مەسىلىدىمۇ رەڭۋازلىق قىلىۋاتىدۇ. تەربىيەلەش نىشانى ئېنىق بولمىغاچقا، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرەلمەيۋاتىدۇ. سىزنىڭچە، ئوقوتقۇچىلارنى مەكتەپ ئىچىدە تەربىيەلەش خىزمىتىدە قايسى نۇقتىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك دەپ قارايسىز؟
تۇرسۇنمۇھەممەت توختى: ھازىر مەيلى بىلىم ياكى تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشى بولسۇن، جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئۆزگىرىشلەر بولسۇن، يېڭىلىنىش بەك تېز. بۈگۈنكى كۈندە، داۋاملىق ئۆگىنىپ ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرمىغان ئادەم دەۋرگە ماسلىشالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىدىغان، مەدەنىيەت تارقىتىدىغان ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن، داۋاملىق ئۆگەنمىسە، تەربىيەلىنىش كۇروسلىرىغا قاتنىشىپ تۇرمىسا نۆۋەتتىكى ئوقۇتۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىپ بىلىم ئاشۇرىدىغان شارائىتى يوق ئەھۋالدا، مەكتەپ ئىچىدىكى تەربىيەلىنىشنى چىڭ تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلارغا ئېتىبار بىلەن قاراش كېرەك: بىرىنچى، ئالدى بىلەن مەكتەپ تەشكىلى بۇ خىزمەتنى مۇھىم خىزمەتلەر كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، باشتىن ئاخىر بوشاشماي چىڭ تۇتىشى، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەھۋالى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ۋە ساپا قۇرۇلمىسى، ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، بىرقەدەر مۇكەممەل، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان، قوزغىتىش كۈچىگە ئىگە مەكتەپ ئىچىدە تەربىيەلەش لايىھەسى، يىللىق ۋە مەۋسۇملۇق پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىشى، پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئېتىبار بىلەن قارىشى كېرەك. ئىككىنچى، كەسپىي ئۆگىنىشكە نىسبەتەن ئىلمىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، يەنى مەزمۇنلۇق، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، يېڭىلىقى بولغان، نەپ بېرىدىغان كەسپىي ئۆگىنىشلەرنى كۆپلەپ تەشكىللەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېڭىنى يېڭى بىلىم، يېڭى قاراش، ئىلغار تەجرىبىلەر بىلەن زەرەتلەپ تۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپتىكى يېڭىلىقلارغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش لازىم. بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان مائارىپنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشى، ساپا مائارىپىنىڭ ئىدىيەسى، نىشان ۋە مەقسىتىنى چۈشىنىشى، مائارىپنىڭ تەخىرسىزلىكىنى، مائارىپ ئىسلاھاتى، دەرس ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يېتىشى، دۇنيا مائارىپ ئېقىملىرىدىن ئاز-تولا بولسىمۇ خەۋەردار بولىشى لازىم.  مەكتەپلەردە نۆۋەتتە رەسمىيەت  يۈزىسىدىن، شەكىل ئۈچۈن كەسپىي ئۆگىنىش قىلىدىغان ئەھۋاللار ئېغىر بولماقتا. ئۈچىنچى، تەربىيەلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلارنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، شارائىت يارىتىپ ھەر تەرەپتىن قوللايدىغان، ئېتىبارسىز قارايدىغانلارنى تېگىشلىك مەنپەئەتتىن مەھرۇم قالدۇرىدىغان باھالاش مېخانىزىمىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئىجرا قىلىش لازىم. كىشىلەر تېخى ئاڭلىق ھالەتكە ئۆتمىگەن ئەھۋالدا تۈزۈمنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. تۆتىنچى، مەكتەپتە شەكىل تۈسىنى ئالمىغان تۇرلۈك مەزمۇندىكى دەرس ئۆتۈش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەجرىبە تونۇشتۇرۇش ۋە لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەش، مۇھاكىمىلەرگە ئۇيۇشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارغا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نادىر لېكسىيەلىرىنىڭ سىن ھۆججىتىنى قويۇپ بېرىش، كەسىپ ئەھلىلىرىنى مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يېڭىلىقلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ تۇرۇش، شۇ ئاساستا مەكتەپنىڭ ئىلمىي ھاۋاسىنى قويۇقلاشتۇرۇش لازىم. بەشىنچى، ئوقۇتقۇچىلارنى كىتاب-ژۇرنال كۆرۈشكە، ماقالە يېزىشقا، تېما تەتقىقاتى تۇتۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك . ئالتىنچى، تۈرلۈك ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش لازىم. نۆۋەتتكى مائارىپىمىزغا نىسبەتەن تەتقىقات تىپى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار توپىنى شەكىللەندۈرۈش، ئۆگىنىش تىپىدىكى مەكتەپ بەرپا قىلىش دەۋرنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى.
  ئابلەت ئابلىكىم: مەلۇم تور بېكەتتە ئوقۇتقۇچى بىلەن مائارىپچىنىڭ پەرقى توغرىسىدا مۇنازىرە بولۇپ، خىلمۇ-خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىڭىز قانداق؟
  تۇرسۇنمۇھەممەت توختى: بۇ ھەقتە قانداق مۇنازىرىلەرنىڭ بولغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق. مېنىڭ قارىشىمچە، ھەرقانداق كەسىپنىڭ ئۆزىگە خاس كەسپىي ئاتالغۇسى بولىدۇ. «ئوقۇتقۇچى»، «مۇئەللىم»  دېگەن بۇ  ئۇقۇم  مەخسۇس ئادەم تەربىيەلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا قارىتىلغان. بىراق، ھەر بىر كەسىپ ئەھلىنىڭ بىلىم ۋە ماھارىتى، پەزىلەت ۋە ساپاسىدا پەرقلەر بولىدۇ. مەكتەپ پۈتكۈزگەن بىر ياش ھۆكۈمەتنىڭ ئىمتىھان ۋە سىناقلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن مەكتەپكە ئورۇنلىشىپ ئوقۇتقۇچى بولالىشى مۇمكىن، لېكىن ھەقىقىي مەنىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىغا ئايلىنىش تولىمۇ قىيىن. دېمەك، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىچىدە ئوقۇتقۇچى بولىدۇ، بۇنى ۋىليام ئارتۇر ۋاتنىڭ «ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچى بايان قىلىدۇ، ياخشى ئوقۇتقۇچى چۈشەندۈرىدۇ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ماھارەت كۆرسىتىدۇ، ئۇلۇغ ئوقۇتقۇچى ئويغىتىدۇ» دېگەن ھېكمىتىدىن روشەن ھېس قىلغىلى بولىدۇ. «ئوقۇتقۇچى»دېگەن ئۇقۇمغا  قارىغاندا «مائارىپچى» دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەنا دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئادەتتىكى بىر ئوقۇتقۇچى پىششىپ يېتىلىپ ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپنىڭ ئەھلىگە ئايلانغاندا، ئىزدىنىش روھىنى نامايان قىلالىغاندا، تۆھپە ۋە ئۇتۇقلىرى باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەندە، بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولالىغاندا، ئاندىن  مائارىپچى بولۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ.
ئابلەت ئابلىكىم: بىزدە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى، ئوي-پىكىر ۋە ھاسىلاتلىرىنى ماقالە شەكلىدە ئىپادىلەپ، گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرۇپ، باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئوقوتقۇچىلار ناھايىتى ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. كۆپ ساندىكى ئوقوتقۇچىلار ئۇنۋان ئېھتىياجى ئۈچۈنلا ماقالە يازىدۇ. سىزنىڭچە ماقالە يېزىش بىر ئوقوتقۇچى ئۈچۈن نېمىدىن بېشارەت بېرىدۇ؟ ئوقوتقۇچىلار مائارىپ ئىلمىي ماقالىسى يازغاندا قايسى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك؟
  تۇرسۇنمۇھەممەت توختى: كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىز ماقالە-ئەسەر يېزىشنى يازغۇچىلارنىڭ، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق بىر ئادەم ئۆز كەسپىي ساھەسىدە ياكى ئۆزى ئىزدىنىۋاتقان، ئۆزىگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان مەسىلىلەر ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتسە بولىۋېرىدۇ. يۇقىرى ساپالىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان زامانىۋى بىر جەمئىيەتتە ھەرقانداق بىر ئادەم قەلەمكەش بولالىشى، ئىلگىرى بىرەر  پارچە  ئەسەرمۇ ئېلان قىلىپ باقمىغان بىرى بىردىنلا قولىغا قەلەم ئېلىپ يېزىقچىلىق ساھەسىدە داڭ چىقىرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىپ يېزىقچىلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى، شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا، ئىزدىنىش ۋە ئۆزىدىن ھالقىش روھىغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن، ھاياتنىڭ مەنا قاتلاملىرىغا ئىچكىرىلەپ كىرىۋاتقانلىقىدىن، ئۆزىنى توختىماي مۇكەممەللەشتۈرۈپ بېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى، ماقالە يېزىش ئىنچىكە كۈزىتىشنى، كۆپرەك ئەمەلىيەتكە چۆكۈشنى، كۆپ ئوقۇشنى، كۆپرەك ئۆگىنىشنى، كۆپرەك پىكىر ۋە تەپەككۇر قىلىشنى، كۆپ مەشىق قىلىشنى، مۇستەھكەم ئىرادە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
     كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار تەسىرات خاراكتېرىدىكى، مەزمۇنى ئاددىي ماقالىلارنىمۇ «ئىلمىي ماقالە» دەپ ئاتىشىۋالىدۇ. ئىلمىي ماقالە يېزىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. ئادەتتە مائارىپ ئىلمىي ماقالىسى مائارىپقا ئائىت بىرەر ئىلمىي مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە بىرەر يېڭى نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، شۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى بايان قىلىش مەقسىتىدە يېزىپ چىقىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىلمىي ماقالە پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئەركىن بايانى ۋە ئەكس ئەتتۈرۈلىشىدۇر. ئىلمىي ماقالە يېزىش ئۈچۈن تاللىغان تەتقىقات تېما ئۈستىدە كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش، تەجرىبە ئىشلەش، نەزەرىيە جەھەتتىن دەلىللەش دېگەندەك بىر قاتار ئىلمىي ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا، مەسىلىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئىچكى تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ياكى مەلۇم تەتقىقات ساھەسىدە ئېرىشىلگەن يېڭى قاراش، يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى ئىلمىي خۇلاسىلاشقا توغرا كېلىدۇ.
      مائارىپ ئىلمىي ماقالىسى يازغاندا تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش لازىم. بىرىنچى، ئالدى بىلەن بەلگىلىك ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە تېمىنى تاللاش تولىمۇ موھىم. چۈنكى، تاللىغان تېما تەتقىقاتنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر ھېچقانچە ئەھمىيىتى بولمىغان بىر تېمىنى تاللىۋالغاندا ۋاقىت ۋە زېھىن بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ، بۇ خۇددى شېغىللىق يەرگە كەتمەن چاپقانغا ئوخشايدۇ. شۇڭا، تاللىغان تېما ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ قىممىتى، زۆرۈرىيىتى بار- يوقلىقىنى دەلىللەش زۆرۈر.  ئىككىنچى، تېما تاللىغاندا ھۆددىسىدىن چىقىپ كېتەلەيدىغان تېمىنى تاللاش، بەك يۇقۇرىغا ئېسىلىۋالماسلىق، مۇرەككەپ تېمىلارغا ئېسىلىۋېلىپ باشقا ئېلىپ چىقالماسلىقتىن ساقلىنىش لازىم. ئۈچىنچى، تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي يۈزلىنىش ۋە تەتقىقات ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش، ئىلگىرىكىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە بولۇش ۋە ئۇنىڭغا توغرا ۋارىسلىق قىلىش، شۇ ئاساستا تەتقىقات ئۇسۇلى ۋە يۆلىنىشىنى بەلگىلەش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا ئىلگىرىكىلەر مېڭىپ بولغان يولنى قايتا مېڭىشتەك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. تۆتىنچى، تەتقىقات ماتېرىياللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، بولۇپمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا، سىناق ۋە تەجرىبە ئېلىپ بېرىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك. باشقىلارنىڭ قاراشلىرىدىن پايدىلىنىپ بىرەر ماقالىنى سۈنئىي ھالدا قۇراشتۇرۇپ چىقىش ھەرگىز ئىلمىي ماقالە ھېسابلانمايدۇ ھەم بۇ ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. ئىلمىي ماقالە كۈچلۈك ئىلمىيلىق ۋە ئىجادىيلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىجادىيلىق، ئوتتۇرغا قويۇلغان كۆزقاراشلارنىڭ يېڭىلىقى ئىلمىي ماقالىنىڭ جېنى ھېسابلىنىدۇ. يېڭى كۆزقاراش، يېڭى نۇقتىئىنەزەر، يېڭى پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلمىغان ماقالىنى ئىلمىي ماقالە دېيىشكە بولمايدۇ. بەشىنچى، ئىلمىي ماقالە يېزىشنىڭ ئۇسۇل ۋە قەدەم-باسقۇچلىرىنى پۇختا ئىگىلەش، كەسپىي ئاتالغۇلارنى دەل ۋە توغرا قوللىنىش، پايدىلانمىلارنى تەلەپ بويىچە ئېنىق ئەسكەرتىش لازىم.
      نۆۋەتتە ، مائارىپ ئىلمىي ماقالىسى يېزىشقا قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرى بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىزدا بۇ خۇسۇستا قەلەم تەۋرىتىۋاتقانلار تولىمۇ ئاز. مەن كەسىپداشلارنىڭ ئىلمىي ماقالە يازمىغان تەقدىردىمۇ، ئۆز تەجرىبە ۋە تەسىراتلىرى ئاساسىدىكى ماقالىلارنى بولسىمۇ يېزىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  ئابلەت ئابلىكىم:مەكتەپلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرى قەيەردە دەپ قارايسىز؟
تۇرسۇنمۇھەممەت توختى:دۆلەتنىڭ مەكتەپلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سىياسىتى، ئاھالىسى تارقاق، مەكتەپكە بېرىپ-كېلىش قولايسىز بولغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ناھىيە ياكى شەھەردىكى مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى دۆلەتنىڭ غەمخورلىقىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا زىيادە قىزىپ كېتىش،جانلىق ئىجرا قىلماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. بىر قىسىم رايونلاردا يېزىلاردىكى ئۇزۇن يىللىق، مۇنتىزىم ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرمۇ ناھىيە مەركىزىگە ۋە شەھەرلەرگە كۆچۈرۈپ كېلىنىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئەسلىدە بۇ سىياسەت «ئاھالىسى تارقاق، مەكتەپكە بېرىپ-كېلىشى قۇلايسىز بولغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار»نى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا قارىتىلغان ئىدى. مەركەز تۆۋەندىكى بۇ خىل قىزىپ كېتىش ئەھۋاللىرىنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك، كېيىن بۇ توغرىسىدا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى، سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى. ئەسلىدە بىر مەكتەپنى يەنە بىر مەكتەپكە قوشۇۋېتىش، بىر مەكتەپنى يوق قىلىۋېتىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ئىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قاتار قانۇنىي رەسمىيەتلەر ئۆتىلىشى كېرەك ئىكەن. ئاپتونوم رايوننىڭ مەخسۇس مۇشۇ ئىشقا مەسئۇل ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ تەستىق سالغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار مەركەزنىڭ شۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورگىنىغا يوللىنىدىكەن. دېمەك، بىر مەكتەپنى قىسقارتىش ئۈچۈن مەركەزنىڭ تەستىقى بولىشى كېرەك ئىكەن. بىزدە ھەتتا بىر يېزا باشلىقى ياكى سېكرىتارنىڭ بىر ئېغىز بۇيرۇقى بىلەن بىر مەكتەپنىڭ تەقدىرى بىر تەرەپ بولۇپ كېتىدىغان ئىشلارغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ.
       مائارىپ ئىلمىيلىكنى تەلەپ قىلىدىغان زىل كەسىپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە خىلاپ ھەرقانداق قىلمىش ئاخىر بېرىپ دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيانلارنى سالىدۇ. «ئىككى ئاساسەن»نى ئومۇملاشتۇرۇش مۈشكۈل بولىۋاتقان شارائىتتا، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ناھىيە ۋە شەھەرلەرگە زىيادە مەركەزلەشتۈرۈش، مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ، قورامىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئائىلە مائارىپىنىڭ تەسىرىدىن ئايرىۋېتىش بالىلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز زىيان سالىدۇ.
       باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىغا دەرس بېرىدىغان ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچى جۇڭگونىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن بىر قىزنىڭ تۇغما ئىقتىدارلىق، ئۆگىنىشتە ئەستايىدىل ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنى سەۋىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇتۇش بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ قىز تەخمىنەن جۇڭگونىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىغا توغرا كېلىدىغان سەۋىيەگە يەتكەندە، مۇئەللىم ئۇنىڭغا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش تەكلىپى بەرگەن ھەم ئۇنى يالى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا تونۇشتۇرغان. ھەر ئىككى مەكتەپ پروفېسسورلارنى ئەۋەتىپ، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسىنى تەكشۈرۈپ «بۇ بالا ھەقىقەتەن تۇغما ئەقىللىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئالاھىدە تەربىيەلەشكە ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن» دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن. نەتىجىدە ئۇ 15 يېشىدىلا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ بالىنى 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ تەربىيەلىگەن. ئۇنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا، بالدۇرلا ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلسا جىسمانىي، پسىخىكىلىق ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرەپ، ئۇنىۋېرسىتېت بىرىنچى يىلى بىر مۇئەللىمنى قىزنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بولغان مادىسون شەھىرىگە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېرىپ دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان. مەكتەپ ئۇنىڭغا يەنە مەخسۇس تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىسى سەپلەپ بېرىپ، كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى قاتارلىقلارنى ئۆگەتكەن. ئىككىنچى يىلى ئۇ ئاندىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرىپ ئوقۇغان. كېيىن ئۇ مەكتەپنىڭ تەلىپى بىلەن مەكتەپ تەمىنلىگەن دەسمايە ئارقىلىق مەبلەغ سېلىپ 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پايدا ئالغان. ۋېنچۇەندە يەر تەۋرىگەندە ، بۇ قىز بارلىق پۇللىرىنى ئۇ جايغا ئىئانە قىلىۋەتكەن. بۇ مىسال ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالماي قالمايدۇ.
  ئابلەت ئابلىكىم:نەچچە يىلدىن بېرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار مەكتەپ ئامانلىقىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش مەقسىتىدە، ئوقۇتقۇچىلارنى كېچىلىك ۋە كۈندۈزلۈك نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۈزۈملەشتۈرۈپ كەلمەكتە. بۇ ئىش ئوقۇتقۇچىلاردا ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى پەيدا قىلماقتا. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
    تۇرسۇنمۇھەممەت توختى: ھازىر مەكتەپنىڭ كېچىلىك ۋە كۈندۈزلۈك نۆۋەتچىلىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىپ قالدى. ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كېچىلىك نۆۋەتچىلىككە  3 تىن 5 كىچە ئادەم بولۇش تەلەپ قىلىنسا، بەزى ئەھۋاللاردا 5 تىن10 غىچە ، ھەتتا 15 نەپەرگىچە بولۇش تەلەپ قىلىنماقتا. يەنە كېلىپ بەزى ئورۇنلاردا بۇ خىل ۋەزىپە سىياسىي تۈس ئالغان بولۇپ،  كىمكى كېلەلمىسە ماددىي ۋە مەمۇرى جەھەتتىن تېگىشلىك جازاغا تارتىلماقتا. ھازىر بۇ خىل ئەھۋال ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلانغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەكتە.
      يېقىندا مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر ۋەكىلى بىلەن پىكىرلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا بىر ۋەكىل دەل مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە تەكلىپ سۇنۇپتۇ. قارىغاندا بۇ ئىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارغاندەك تۇرىدۇ. دۆلىتىمىز قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت، پۇقرالار ئۆز ھوقۇق مەنپەئەتىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداشقا تامامەن ھوقۇقلۇق. بىراق، يەرلىكتىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار ھە دېسىلا ئىشلارنىڭ خاراكتېرىنى سىياسىيغا بۇراپ، شۇ ئارقىلىق قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ، گەپ ياندۇرغان، تىكىلىپ قارىغانلارنىڭ تاناۋىنى تارتىپ باشقۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قالغان. ھۆكۈمەت مۇقىملىق، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەپ تەكىتلەۋاتسا، تۆۋەندە ئەنە شۇنداق بىر تۈركۈم يەرلىك «خاقان»لار خىزمەت ئۇسۇلىغا دىققەت قىلماي، ئىشلارنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرماي، ھە دېسىلا زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىپ يۇقىرىغا باش ئاغرىقى تېپىپ بەرمەكتە. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى  مەركەزنىڭ ئاممىۋى لۇشەن تەربىيەسىنىڭ تەلىپىگىمۇ خىلاپ ، ئەلۋەتتە .
      گېپىمىزگە كەلسەك، ئوقۇتقۇچىلارنى نۆۋەتچىلىكتىن ئازات قىلىش ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە. مەسىلىگە ئىلمىي ھەم ئوبيېكتىپ نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، نۆۋەتچىلىك قىلىپ كېچىچە ئۇخلىمىغان ئوقۇتقۇچى، قائىدە بويىچە ئەتىسى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتىشى كېرەك. كېچىچە ئۇخلىماي، دەرستىن ئىلگىرىكى تەييارلىقلارغا پۇختا تەييارلىق كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ، گاراڭ ھالەتتە ئۆتۈلگەن دەرسنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ، زىيادە چارچاش ئوقۇتقۇچىلارنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتمىگەن ئىشتىن مەسىلە چىقماي قالمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئەمگەك قانۇنى بويىچە ئارتۇق ئىشلىگەنلەر تېگىشلىك ھەققە ئېرىشىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بۇ مەسىلىنى مەكتەپنىڭ ئامانلىق خادىملىرىنى كۆپەيتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ. (05)   
                                   
  ( «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1 – ، 2  – قوشما سانىدىن ئېلىندى )
                             
                                          
                                      مەسئۇل مۇھەررىرى : تاھىرخالىق

http://bbs.bagdax.cn/thread-28556-1-1.html

Share
3072 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.