ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
قۇتلان
بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئىدارە-جەمئىيەتلەر شۇنىڭدەك ھەر ساھە ۋە كەسپلەر بويىچە 200 مىڭدىن ئارتۇق كادىرنى ئاتالمىش «مۇقىملىق خىزمىتى» بويىچە ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلماقتا.
«يېزا-كەنتلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش»، «خەلق رايىنى بىلىش ۋە قولغا كەلتۈرۈش»، «مۇقىم ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش» دېگەندەك چىرايلىق ۋىۋىسكىلار بىلەن جەنۇبتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىغا بارغان بۇ زور تۈركۈمدىكى كادىرلار راستىنلا ئۇلارغا «ئىللىقلىق» يەتكۈزەلىدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ «تۆۋەنگە چۈشۈشى» ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىدىكى يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن مەۋجۇت رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلىدىمۇ؟
بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بەلكىم يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر تور بەتتە ئېلان قىلىنغان «جەنۇبتىكى مەلۇم كەنتتە كۆرگەن-بىلگەنلىرىم» ناملىق ئىنكاس تولۇقلىسا كېرەك.
- مەن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئاپتونوم رايون مىقياسىدىكى 200 مىڭ نەپەر كەنتكە چۈشكەن كادىرنىڭ بىرسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت جەنۇبتىكى مەلۇم كەنتتە تۇردۇم،- دەپ سۆزىنى باشلايدۇ ئۇ ، – مەن بۇ جەرياندا ئۆزۈم كۆرگەن، بىلگەن ياكى بىۋاستە ئاڭلىغان شۇنداقلا باشقىلار راست سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمىغان بەزى ئەھۋاللار ئۈستىدە تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
ئۇ يازمىسىدا ئۆزىنىڭ قاچان ۋە قايسى كەنتكە چۈشكەنلىكى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«مەن تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق مەلۇم يېزىنىڭ مەلۇم كەنتىگە بۇ يىل 3-ئايدا چۈشۈپ ھازىرغىچە شۇ ئورۇندا ئىشلەپ كىلىۋاتىمەن. خىزمەت ئورنۇمنى ئاشكارىلىغۇم كەلمىدى، كەچۈرگەيسىلەر!»
1. ئۇ ئىنكاسىنىڭ بىرىنچى نۇقتىسى قىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
«بىز كەنتكە چۈشكەندىن كېيىن ئائىلە زىيارىتى قىلدۇق ياكى دېھقانلاردىن ئايرىم ئەھۋال ئىگىلىدۇق. مەۋجۇت مەسىلىلەرنى پىرىنسىپ جەھەتتىن يېزىلىق پارتكوم، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە يوللاپ بەردۇق. بىزنى يېزىلىق پارتكوم باشقۇرىدۇ، شۇڭا يولۇققان مەسىلىلەرنى ناھىيىگە ئەمەس، يېزىغا يوللاپ بېرىشكە مەجبۇرمىز. كەنتتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ساقلاندى مەسىلىلەر يېزىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خىزمەت گۇرۇپپىمىز بۇ مەسىلىلەرنى بىۋاستە ناھىيەگە يوللاپ بېرەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ھەل بولۇش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولدى. كەنتنى ئەمەس، يېزا ئورگانلىرىنى تۈزەش، تەرتىپكە سېلىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتىم.»
بىز بۇ ئىنكاسقا ئاساسەن پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ ئويتاغ كەنتىگە تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ياش دېھقان ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قۇربىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئۇ كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ كېلىشى ۋە كېتىشىنى خۇددى «سۇ كېتىپ تاش قالىدۇ، ئوسما كېتىپ قاش قالىدۇ» دېگەندەكلا بىر ئىش دەپ چۈشەندۈردى.
قەشقەر شەھىرىگە قاراشلىق مەلۇم يېزىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان يېزىلىق پارتكومنىڭ يوقىرىدىن چۈشكەن كادىرلارنى دەۋا-دەستۇرى كۆپ كەنتلەرگە ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ يەنە ئۆزلىرىنىڭ دەۋا-دەستۇرىنى يوقىرىدىن چۈشكەن كادىرلارغا ئاڭلىتالمايدىغانلىقىنى، ھەممە ئىشتا يېزىلىق پارتكومنىڭ كونتروللۇقى بويىچە ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2. تورغا ئىنكاس ئېلان قىلغان ئۇيغۇر كادىر ئۆز ئىنكاسىنىڭ ئىككىنچى نۇقتىسىنى مۇنداق شەرھىلەيدۇ:
«يۇقىرىدىن دېھقانلارغا كىپەز، بۇغداي ۋە قوناق ئۇرۇغلۇقىغا تولۇقلىما بېرىش، ئاپەتكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى، ئاشلىق ۋە كىپەز سېتىپ بېرىش تولۇقلىما پۇلى، ئاپەتكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما پۇلى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى، ياشانغاندا بېقىلىش سۇغۇرتا پۇلى، « ئۈچ پىشقەدەملەر» تەمىناتى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى پۇلى، پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋانامىسى ئالغانلارغا بېرىلىدىغان پۇل قاتارلىق ئىقتىسادىي ياردەملەر بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئەمەلىيلەشمەيدىكەن. بۇ سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا يەنە تەكشىسىزلىك، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، ئۇرۇق - تۇغقان، ئۆز يېقىنلىرىنىلا ئويلاش خائىشى ئېغىر ئىكەن، ئاپەتكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىدا دېھقانلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش كۆرۈلمەي مەجبۇرلاش، ئارتۇقچە چىقىملارنى كەلتۈرۈش، ئۆي قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى بازار باھاسىدىن يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار بار ئىكەن.»
بۇ ھەقتە پەيزىۋاتلىق دېھقان يىگىت ئۆزى ياشاۋاتقان كەنتتە كەنت سېكرىتارىنىڭ پۈتكۈل كەنتتىكى 40% دىن ئارتۇق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېرىدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلدى.
قەشقەر شەھىرىگە قاراشلىق مەلۇم يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر دېھقانمۇ دېھقانلارنىڭ گېپىنى قىلىدىغان كەنت سېكرىتارىنىڭ ئورنىدا تۇرالمايدىغانلىقىنى، كىم دېھقانلارنى باستۇرۇپ بەرسە شۇنىڭ سېكرىتار بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
3. ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن ئۇيغۇر كادىر ئۆز يازمىسىنىڭ ئۈچىنچى مۇھىم نۇقتىسى سۈپىتىدە مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ:
«يېزىلىق پارتكوم رەھبەرلىرى بەكمۇ قوپال، خىزمەت ئۇسۇلى ئاددىي، زىددىيەتتىن قاچىدىغان، كىچىككىنە بىر ئىشلارنىمۇ ھەل قىلماي بىر-بىرىگە ئىتتىرىدىغان، ئەمەلىي ئىش قىلمايدىغان، كەنتلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەزەرگە ئىلماي بۇيرۇقۋازلىق قىلىدىغان، تۆۋەننى بېسىپ، يۇقىرىنى ئالدايدىغان، شەكىلۋازلىق قىلىدىغان، قالايمىقان جەرىمانە ئالىدىغان ئىشلار بەك كۆپ ئىكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئارىسىدا زىددىيەت ۋە چۈشىنىشمەسلىكلەر كەپ چىقىدىكەن…»
نەزەرباغلىق ئۇيغۇر دېھقان زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەزەلدىن ئىشەنگەن ئادىمىنى كەنت كادىرى قىلىپ سايلاپ باقمىغانلىقىنى، كەنت كادىرلىرىنى پۈتۈنلەي يېزىلىق پارتكوم كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلارنىڭ 10% گىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەتتا يىللاردىن بۇيان ئۆز ھويلىسىدا قىزىل بايراق چىقىرىپ، كاللىسى كوممۇنىزم مەپكۇرىسى بىلەن يۇيۇلۇپ كەتكەن ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىنىڭ قايراق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق قىزىل ئاكتىپ قۇربان ئۆمەرمۇ ئەمەلدارلاردىكى چىرىكلىك ۋە بۇزۇقلۇقنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمىدى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/asasiy-qatlam-11252014224521.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.