ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
مالايشىيا كۆچمەنلىرى دائىرىلىرى پايتەخت كۇئالالۇمپۇر شەھەر مەركىزىدىكى 2 ئولتۇراق بىنانى قورشاپ، 155 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى تۇتقۇن قىلغان. تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ 42 نەپىرى ئەر، 37 نەپىرى ئايال ۋە 76 نەپىرى بالىلار ئىكەن
دائىرىلەر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى مالايشىيا چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغان
تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۆچمەنلەر دائىرىلىرى يەنە ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ئاتالمىش بىر ئادەم ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنى قولغا ئالغان. لېكىن خەۋەردە، مەزكۇر ئادەم ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنىڭ يەرلىك مالايلار ياكى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان
خىتاي ھۆكۈمىتى2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن باشلاپ دىنىي باستۇرۇشنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ يۈننەن ۋە گۇاڭشى ئۆلكىلىرى ئارقىلىق شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە قېچىپ چىقىشقا باشلىغان. مالايشىيا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەر 3-بىر دۆلەتكە بېرىپ ئورۇنلىشىشىدىكى مۇھىم ئۆتكەل بولۇپ قالغان ئىدى
نۆۋەتتە، مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ياكى خىتايغا قايتۇرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، دىنىي، مەدەنىيەت تىل ۋە باشقا جەھەتلەردىكى نىشانلىق باستۇرۇشىدىن قاچقان بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خەتەرلىك بولۇپ، خىتايغا خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش،، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ۋە ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/malayshiya-uyghur-10032014165955.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.