logo

trugen jacn

تىنجىماس زىمىن

timthumb

ئابدۇرېھىم ئابلەتخان

 

  تارىخ ئاجايىپ نەرسە. ئادەمنى جەلىپ قىلىۋالىدۇ. ئوقۇغانچە ئوقۇغۇڭ كېلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ھەممەيلەن تارىخنى ھەقىقى بىلىم دەپ ھىساپلايدۇ. چۈنكى ئىنسانىيەت مۇشاقەتلىك تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ بۈگۈنكىدەك مول نەتىجىگە ئېرىشكەن

تۆنۆگۈنكى قۇلنىڭ قانداق قىلىپ بۈگۈنكىدەك خوجايىنغا ئايلانغانلىقىنى، بىر چاغلاردىكى نادان قەۋمنىڭ بۈگۈنكىدەك مەدەنىي مىللەتكە قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى، نىمە ئۈچۈن باراۋەرلىك ۋە ئىنسانىيلىقنىڭ مۇستەبىت زوراۋانلىقتىن ھامىنى ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ….. ئەشۇ تارىخ بىزلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ.
       بۇنىڭغا ئوخشاش ھەقىقەتلەرنى باشقىلارنىڭ تارىخىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاندىن ئۆگەنگىلى بولىدۇ. كۆز ئالدىمىزنى يورۇتىدۇ
ئەممازە مۇشۇ ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى ئوقۇساق نىمىشقىدۇ ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ ئىچى سىقىلىپ، مىجەزى قۇداڭشىيدۇ. باش ئېغىرلاپ، مەيدىنىڭ سول تەرىپى مۇجۇپ ئاغرىيدۇ. ئىشەنمەمسىز ؟! ئەمىسە سىناپ بېقىڭ
       ياخشىلىق ۋە ئىناقلىق ئىنسان تەبىئىتىدىكى زوقلانغۇدەك تەرەپلەردۇر. ئۇلارنى راۋاجلاندۇرۇش شۇنداقلا تېخىمۇ يۈكسەكلىككە ئۈندەش تۆھپىگە توشمىسىمۇ يامانلىق قىلغاندىن ياخشىراقتۇر
       بىراق، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان شۇنداق مىنۇتلارمۇ باركى بەزىدە ئىناقلىق ۋە ياخشىلىقنىڭ ساھىپلىرى جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. يامانلىقنىڭ ئىگىسى ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرىنى سوراق قىلىدۇ. ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ سوراق مەيدانىدا  سوراقچى ياخشىلىقنىڭ تونىنى كىيگەن بولىدۇ…………….
       بۈگۈن بۇ ئىشلارنىڭ تارىخقا ئايلانغانلىقىغا ھەممىسى ئىشىنىدۇ
………………………..
       شىنجاڭنىڭ ئۈچ تەرەپتىكى قوشنىلىرى بىلەن قاتمۇ-قات ئىگىز تاغ-داۋانلار ئارقىلىق چېگىرلىنىدۇ. بۇنداق قولايسىزلىق ئۇياقتىكىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلە ئىشلىرىدا قىسمەنلىكتىن ھالقىيالمىغان. شەرق تەرەپنىڭ تۈزلەڭلىك بولۇشتەك نىسبەتەن ئەۋزەل شارائىتى، تارىختىن بۇيانقى بىرلىك ۋە بۆلۈنۈشكە ئوخشاش چوڭ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
       بىزدە “ تارىخنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش“ دەيدىغان بىر ئۇقۇم بار. بۇ قانداقتۇ تارىخنىڭ پايپاق-پىتەكلىرىگە قەدەر بۈگۈنگە سۆرەپ كېلىمىز دىگەنلىك ئەمەس. يولداشلار بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. تارىخىي تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ۋە ئىبرەت ئېلىش ئۆزىنى خېلىلا ئەقىللىق ھىساپلايدىغان ئادەم ئۈچۈن ئاددى ساۋات. ئۇنداقتا تارىخقا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز ؟  ئەلۋەتتە تارىخىي ماتىريالىزىملىق نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىمىز. ھەرگىزمۇ ئىدىئالىزىمچىلارنىڭ تارىختىكى رىئالنى ۋەقەلەرنى تولغاپ ئۆزلىرىنىڭ غايىسىدىكى ئوي-پىكرىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالىدىغان ناتوغرا ئۇسۇلىنى قوللانمايمىز.
       تارىخنى ھۆكۈمرانلىق ئېھتىياجى بويىچە شەرھىيلەيدىغان خاتالىقلار بىزدە كۆپ يۈز بەرگەن. ئۆتكەن كۈنلىرىمىزدە مەدەنىيەتنى سىياسىيلاشتۇرۇشتەك ئىنقىلاۋى تېتىقسىزلىقلار بولۇپ ئۆتكەن بولسا بۈگۈنكى كۈنىمىزدە مەدەنىيەت-سەنئەتنىڭ سىياسىيلىشىش ئارقىلىق جان بېقىش ھۈنىرىمۇ يەنىلا كۆرۈلمەكتە.
بۇلاردىن باشقا يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئىنقىلاپلارنى ”ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىنىڭ تەسىرى بىلەن…..“ دىگەندەك شەرتلەر بىلەن زورمۇ-زور ئىزاھلايدىغان بىر قىلىق بار. ھەپتە كۈن سىيسىمۇ نېمىمايدىغان بۇنداق ئاساسى يوق سەۋەپلەرنى ئىلمىلىك بىلەن پەردازلىساق قاملاشمايدۇ. چۈنكى بۇنداق ئىزاھلاش توغرىدەك كۆرۈنگەن بىلەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىخىنى مۇجىمەللەشتۈرۈپ، قوزغۇلۇشقا مەجبۇر بولغان ئاچچىق رىئاللىقىنى سۇسلاشتۇرۇش رولىنى ئويناپ قالىدۇ. شۇنداقلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇكەممەل بىر مەدەنىيەتلىك خەلقنىڭ ئىستىخىيلىك ئىقتىدارىنى چۆكۈرگەنلىك بولۇپ قالىدۇ.
       بۇ بەلكىم ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى ياكى ئورۇستا ئوقۇغانلارنىڭ بۇ زىمىندا يۆتۈلۈپ سالغاننىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەشۇ ئىنقىلاۋىغا باغلاشنى شەرەپ دەپ بىلىشىدىن بولسا كېرەك. ئۇنداقتا ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن بۇرۇن بۇ دىياردا ھېچقانداق ئىنقىلاۋى ۋەقەلەر يۈز بەرمىگەنما ؟!                                                         ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. بۇ زىمىندىكى قوزغۇلاڭلارمۇ دۇنيانىڭ باشقا يېرىدىكى مىللى قوزغۇلاڭلارغا ئوخشاشلا بىر زۆرۆر شەرتنى ھازىرلىغان. ئۇ بولسىمۇ ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن كەلگەن ھاقارەت ۋە تەڭسىزلىك. ئەگەر “ ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىنىڭ تەسىرى..“ دىگەن ئاتالغۇ بىلەن ”زۇلۇم-ھاقارەتنىڭ تەسىرى…“ دىگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسى ئوخشاش بولسا مېنىڭ باشقا پىكرىم يوق.
       كۆپ ھاللاردا دىيارىمىز بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى باغلىنىش ۋە ئايرىلىش ھادىسىلىرىدىكى سەۋەپلەرنى تەھلىل قىلغاندا ھەقىقى تارىخشۇناسلار ئىلمى پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ھەم قىلىۋاتىدۇ. بىراق يېقىندىن بۇيان تارىختىن ئىبارەت ھەتتا ياراتقان خۇدامۇ ئۆزگەرتمەيدىغان بۇ مۇتلەق ساھەگە بىر قىسىم سەنئەت ساھەسىدىكى يولداشلار قىسىلىپ كىرىۋاتىدۇ. مەدەنىيەت-سەنئەت كەسپى مۇستەقىلچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان رىقابەت مەيدانى. بىراق سەنئەتتىن ئازراقمۇ خەۋىرى بولمىغان بۇ قوساق بەندىلىرى جان بېقىش ئۈچۈن يېڭىچە ھۈنەرلەرنى بازارغا سالماقتا. يەنى تارىخىي ماتىريالىزىملىقتىن ئىبارەت تۈپكى دۇنيا قارىشىمىزنى مەسخىرە قىلىپ سىياسى بىلەن تارىختىن ئىبارەت ئازراقمۇ تۇققاندارچىلىقى يوق ئىككى دەۋرنى تاشنى تاياققا تاڭغاندەك باغلاشقا تىرىشماقتا. ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ ۋەتەنپەرلىكنى فېئودالىزىملىق ئىدىيە بىلەن ئىسپاتلاش ئۈچۈن تارىخىمىزدىكى بىر قىسىم نالايىق ھۆكۈمرانلارنى ”ۋەتەنپەرۋەر“ قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
       ئەلۋەتتە بۇنداق ھادىسىلەر ئومومىيۈزلۈك بولماستىن پەقەت قىسمەن ئورۇنلاردا يەنى بىزنىڭ كىنو-تېلۋىزىيە ساھەسىدىكى بىرنەچچە چۈپرەندە تەرىپىدىن تولىراق سادىر بولىۋاتىدۇ. بۇنداق ئىلمى تەرەقىيات قارىشى بىلەن سىغىشالمايدىغان ھېسسىي بىلەرمەنلىك يامراپ كەتسە، جوڭگونىڭ پارلاق ئىنقىلاۋى تارىخى بۇرمىلىنىدۇ. ”بۆلگۈنچىلىك“تىن ئىبارەت بۇ قورقۇنۇچلۇق ئاتالغۇنى، سەۋەپنى سۈرۈشتۈرمەي نەتىجە بىلەنلا ئىزاھلاش زۆرۆرىيىتى تۇغۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ھىساپسىز قان-قەرزگە بوغۇلغان چىڭ سۇلالىسى “ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى تۆھپىكار“غا، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇلارغا قارشى كۈرەشلىرى ”بۆلگۈنچىلىك“كە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ بىزنىڭ تارىخىي ماتىريالىزىملىق نۇقتىنەزىرىمىزگە تۈپتىن خىلاپ جىنايەت.
تارىخنى ئەمگەكچى خەلق ياراتقان.(ماۋزېدۇڭ)
       ناۋادا بۇنداق تارىخىي ۋارىسمەنلىك باش كۆتۈرسە، ئەشۇ زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىمۇ باش كۆتۈرىدۇ. ئۇ چاغدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئەتى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالىدۇ. ئەجەبا ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق مەنپەئەتنى خەلق ھىمايە قىلامدۇ؟!
بىز مانجۇلار(جۇرجانلار)نىڭ سەددىچىننىڭ ئىچىگە باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىنكى جىنايەتلىك ھەركەتلىرىنى بىلىمىز. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا كىرىپ قىلغان جاللاتلىقلىرىدىنمۇ تولۇق خەۋەردارمىز. ئەسلىدە شىنجاڭنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىن بولىشىدىكى خىزمەتلەر تولۇق ئىشلىنىپ بولىدىغان ئەشۇ دەۋرلەردە چىڭدىن ئىبارەت نالايىق ھۆكۈمرانلارنىڭ سەۋەبىدىن ئالتۇندەك پۇرسەتلەر كېتىپ قالىدۇ. دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىدىن ئىبارەت بۇ غايىۋى نىشاننى ئۆزلىرىنىڭ ”باياشات-خاتىرجەملىك ئۈچۈن…“ دەپ ئويلاپ قالغان بۇ قارا قوساق بەدەۋىلەر توپى ھۆكۈمدارلىقنىڭ ھەر-بىر باسقۇچىدا ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمدارلىققا لايىق بولمىغان قارا كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ماڭىدۇ.
       ئۇلار ئۆزلىرىگە دەسلەپ بەيئەت قىلغان قومۇل،تۇرپان ۋاڭلىرىنى بۇ قېتىمقى ئىستىلادىكى سادىق مالىيى سۈپىتىدە ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا تۇرشاۋۇل قىلىپ بېسىپ كىرىدۇ. مانجۇلار بۇ ۋاڭلارنىڭ ئۆزلىرىگە بەيئەت قىلغانلىقىنى ”بىرلىككە كېلىشتىن ئىبارەت چوڭ ئىشتىكى تۆھپىسى…“ ھىساپلايدۇ.                   مانجۇلار شىنجاڭنى قولغا ئالغاندىن كېيىن بۇ ۋاڭلارنىڭ قولى بىلەن ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۇلارنى ياغاچ كېسىدىغان پالتىنىڭ ياغاچ سېپى قىلىدۇ. يەنى ئالتىشەھەر خەلقىنىڭ ئۈستىدىكى قورچاق بەگلەرگە ئايلاندۇرىدۇ.
       بېشىنى سىلاپ قويسا تاپىنىغىچە تەرلەپ، پايپاقلىرىمۇ ھۆل بولۇپ كېتىدىغان بۇ ”ۋاڭ“ لارنىڭ مانجۇ خاندانلىقىغا بوي سۇنۇشى قانداقتۇر بىز ئويلىغاندەك ”ۋەتەنپەرۋەرلىك“ بولماستىن بەلكى ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغانلىقىدەك شەخسى غەرىزى ئۈچۈن بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقى يولۋاسنى كەينىگە سېلىۋالغان كۆرەڭ تۈلكىدىن پەرقلەنمەيدۇ. ئىلگىرى بىر يۇرتنى شۈلەپ يىگەن بولسا، ئەمدىلىكتە پۈتۈن ئۇيغۇرنى قاپساپ يەيدۇ. قومۇل ۋاڭى يۈسۈپ ( مىڭلىغان مىليونلىغان ئاتا-بالىلارنىڭ قىساسى تۇتۇپ خاننى تاۋاپ قىلغىلى بېيجىڭغا كېتىۋېتىپ شەنشىدە ئۆلىدۇ. بالىسى ئۇنبڭ ئۆلىكىنى قايتۇرۇپ كېلىۋېتىپ گەنسۇدا ئۆلىدۇ)مانجۇلارغا بەيئەت قىلغاندىن كېيىن، جەنۇپنى تەسەررۇپ قىلىشقا ياردەملىشىدۇ. كېيىن قەشقەرنىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلىنىپ جەنۇپتىكى سەككىز شەھەرنى باشقۇرۇشقا قويىلىدۇ. ئۇكىسى ئابدۇل بولسا ئۈچتۇرپانغا ھاكىمبەگ بولىدۇ. چىڭ سۇلالىسى جەنۇپتىكى شەھەرلەر ئىچىدە ئۇچتۇرپاننىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلگەچكە بۇ جايغا مىللىلاردىن ئاسانلىقچە ئادەم تەيىنلىمەيتتى. ئەمما “ 1760-يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى ئابدۇلنى ئۇچتۇرپانغا ھاكىمبەگ قىلىپ تەيىنلەپ قومۇل ۋاڭ ئەۋلاتلىرىغا ئالاھىدە ئىشەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.“
       چيەنلوڭنىڭ 1788-يىلى چۈشۈرگەن بىر يارلىقىدا “ قومۇل، تۇرپان ئىككى رايون تارىختىن بۇيان دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلدى. قالغان شەھەردىكى مۇسۇلمانلار بولسا پېقىر شىنجاڭنى تېنىچلاندۇرغاندىن كېيىنلا ئەل بولغان بولۇپ، 30 يىللا ۋاقىت ئۆتتى. شۇڭا ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەپقەت ياغدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ….“  دىگىنىدەك چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە ماسلاشقان بۇ ھۆكۈمرانلار مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.                           
       يۇسۇپنىڭ ئۇكىسى ئابدۇل ئۇچتۇرپانغا ھاكىم بولغاندىن كېيىن ئىچكىرىدىن چىققان ئامبال سۇچىڭ بىلەن بىرلىشىپ خەلقنىڭ ئەرلىرىنى قۇل، ئاياللىرىنى دىدەك ئورنىدا كۆرىدۇ. ئاق ئىت بىلەن قارا ئىتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىت، خوجىلار يېغىلىقىدىن ئىسسىق جانلىرىنى ساقلاپ قالغان ئاخىرقى ئۇيغۇر نوپۇسلىرى ئۈستىدىن دەھشەتلىك ھاقارەت ۋە زۇلۇمنى كۈچەيتىدۇ. يۇقۇرىدا مۆلجەر تاغ باغرىدا قۇرۇلغان مەھكىمىنىڭ سېپىلىنى سوققان ئىشنى قىسقىلا سۆزلەپ ئۆتتۇق. كېيىنكى يىللاردا مەزكۇر سېپىلنىڭ ئاراچلىرىدا ئۆلتۈرۈپ سېپىلغا قوشۇپ سوقۇۋەتكەن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جەسەت سۆڭەكلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىكەن.
       ئامبال سۇچىڭ، ھاكىمبەگ ئابدۇللار ھوقوق تۇتقان بەش يىل ئىچىدە خەلق ئىچىدىكى ھەقسۆزلۈك، تەسىرى بار ھېساپلىغان  يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن“ ئىككى يۈزدەك ئادەمنى ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دىگەن باھانە بىلەن مەخپى ئۆلتۈرۈپ“ ئۆزلىرىنىڭ خاتىرجەم بۇلاپ يىيىشى ئۈچۈن ئاساس يارىتىدۇ.
بۇ ئىككى ئىت ئاددى خەلىقنىڭ خوتۇن قىزلىرىنىلا ئەمەس ھەتتاكى يەرلىك ئۇششاق ئەمەلدارلارنىڭ ئاياللىرىنىمۇ يامۇلغا ئەكىرىۋېلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بارچە تەبىقىسىگە ھاقارەت قىلىدۇ. رەھمىتۇللاھ بېگىمنىڭ ئايالىمۇ ئەشۇنداق ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ.
       خەلق نىمە ئۈچۈن “ كاپرلارنى يوقۇتۇش“ چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قوزغۇلاڭ كۆتۈرىدۇ ؟ ”دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى“دىن ئىبارەت بۇ يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى ئۇلاردا يوقمۇ ؟
       مەلۇم ھۆكۈمرانلىق سېستىمىسىغا ئىگە بىر دۆلەتتە پۇقرالارنىڭ باش-باشتاقلىق بىلەن زورلۇق ۋاستىسى قوللۇنىشى چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك. قانۇن بولغاندىكىن شۇ ئارقىلىق ھوقوقىنى قوغدىشى كېرەكتە !
       ئالدىرىمايلى. سۆزۈمىزگە ”ئۇچ“ يېڭىدىن ”ئۇچتۇرپان“ بولغان چاغلاردىكى مۇنۇ ۋەقەنى قىستۇرۇپ ئالايلى.
       ئۇچتۇرپان مانجۇلار تەرىپىدىن يېڭى بېسىۋېلىنغان چاغدا ئۇلارنىڭ خوجەسى دىگەن بىر ئۇيغۇر مالىيى مەلۇم ۋاقىت ھوقوق تۇتىدۇ. بۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى يۈزلىمە، كاززاپ ئادەم بولغاچ يەنە ئۇچىغا چىققان زالىم ئىدى.  
خوجەسى ئەسلىدە جۇڭغارلارغا بېقىنىپ يۇرتدارچىلىق قىلىپ ئۆتكەن، مانجۇلار كەلگەندىن كېيىن بولسا ئىلگىركى خوجايىنى جۇڭغار داۋاچىنى ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىپ مانجۇلارغا بېقىنىدۇ. كېيىن جۇڭغارلاردىن ئامۇرسەنا مانجۇلارغا(چىڭ خاندانلىقى) قارشى ئىسيان كۆتۈرگەندە ھېلىقى خوجەسى دىگەن يۈز ئۆرۈپ جۇڭغارلارغا قوشۇلۇپ مانجۇلارغا قارشى ئىككىنچى قېتىم ئىسيان كۆتۈرىدۇ. ئامۇرسەنا يوقالغاندىن كېيىن ئۇ يەنە خوجا جاھان تەرىپىگە ئۆتۈپ خوتەنگە ھاكىم بولىدۇ. كېيىن ئۇنىڭدىنمۇ يۈز ئۆرۈپ يەنە بىر چۆگۈلەپ مانجۇلارغا قايتىدىن ئەل بولىدۇ.
       بۇ يۈزسىز بەدبەخ جاھان تىنىچلانغاندىن كېيىن مانجۇلار قويۇپ بەرگەن تەختتە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ ئۇچتۇرپان دائىرىسىدىكى خەلقلەر ئۈستىدىن زۇلۇم قامچىسىنى ئوينىتىدۇ. ئۈچتۇرپان خەلىقلىرى خوجەسى ئۈستىدىن چەنلوڭغا ئەرز قىلىدۇ. بۇ ئەرزگە قارىتا چەنلوڭنىڭ مۇنۇ يارلىقى چۈشىدۇ. “ ئۈچتۇرپانلىق چەنتولار خوجەسى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپتۇ. بەزى ئامباللارمۇ ئۇنى مەنسىپىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا مەلۇمات يوللاپتۇ. ئەمما بىز ئۇنىڭ سەلتەنەتىمىزگە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، گۇناھىنى سۈرۈشتۈرە قىلمىدۇق. ئەمما خوجەسى ئۇ يەردە تۇرىۋەرسە ئۈچتۇرپاننىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يېتىدىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا يۇقۇرى مائاش ۋە ئالى تەمىنات بېرىپ ئاستانىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاشتۇق…“
      نىمە ئۈچۈن خوجەسىنىڭ ھاكىمىيەت ئىگىلىرىگە قىلغان يۈزسۈزلىكى نەچچە رەت بازار تاپىدۇ ؟  ئاۋۇ چەنلوڭ دىگىنى نىمە سەۋەپتىن ئۇنىڭ قارايۈزلۈكىنى كۆرمەسكە سالىدۇ ؟
      بۇنىڭدا پەقەت بىرلا سەۋەپ بار.
       ئۇ بولسىمۇ مانجۇ خاندانلىقى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئەڭگۈشتىرى قانداقتۇ دۆلەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بولماستىن بەلكى “ قالپاققا دىقەتتە، ھەركىتىگە بىر چەتتە“ ئىدى. شۇڭا بۇ زىمىندىكى ئەمەلدارلارغا نېسبەتەن بۆلگۈنچىلىك قىلمىسىلا قانۇندىن ھالقىپ يول قويۇش، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا خاتىرجەملىك بېغىشلاش ئىدى. شۇنداق قىلغاندىلا تۆۋەن بىلەن يۇقۇرىنىڭ بىرلىشىپ قېلىشىدەك ئاپەتتىن ساقلىنىپ، پارچىلىنىپ كېتىشنىڭ ئالغىلى بولاتتى. چىڭ ھۆكۆمىتى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇقىغا نېسبەتەن ھۆكۈمەت مالىيىسىگە خىيانەت قىلمىسىلا، پۇقرانىڭ ھەققىنى قانچلىك يىسىمۇ كارى بولمايدىغان، پەقەت ”بوغدا خانغا ئولپان يوللىدى.“ دىگەنگە مەستۇرە ئاتاققا قانائەت قىلىدىغان سىياسەتنى يولغا قويىدۇ.
       بۇ يەردە يۇرتىمىز بايدا يۈز بەرگەن يەنە بىر ۋەقەنى ئەسلەپ ئۆتىمىز. ئەمەلدارلارنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان زۇلۇملىرىغا چىدىمىغان باي خەلقى ئەيسا گۈنبەز، مۇھەممەت ئېلى بۇغرالارنىڭ باشچىلىغىدا ئاقسۇدىكى ئەمەلدارغا ئەرز قىلىدۇ. ئۇلار چىڭ ھۆكۈمىتىدىن بىرنەچچە ھارام تەبىئەتلىك ئەمەلدارنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ كېتىۋاتقان قان-تەرىنى ۋە دەپسەندە بولىۋاتقان ئىنسانىي-غۇرۇرىنى قوغداپ بېرىشنى ئۈمۈت قىلىدۇ. بىراق ئەزەلدىن يۇقۇرىنى يالاپ، خەلىقنى شوراپ ياشاۋاتقان ھۆكۈمەت ۋەكىللىكىدىكى بەگ، ئامباللار بىرلىشىپ “ بىرنەچچە ئادەم ئۇلۇغ خاننىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ، باغى-تاغى بولۇپ چوماق، كالتەكلەرنى كۆتۈرۈپ توپىلاڭ كۆتەردى .“ دەپ يۇقۇرىغا مەلۇمات يوللايدۇ. ئارقىدىن ئەيسا گۈنبەز باشلىق ئون يەتتە ئادەمنى دارغا ئاسىدۇ. قالغانلىرىنى نەچچە كۈن ئۇسسىز ۋە ئاچ قويۇپ ئاخىرى ھاكنى دوغاپ قىلىپ بېرىدۇ. ئۇلار چاڭقاپ كەتكەنلىكتىن بۇنى بىلمەستىن ئىچىدۇ ۋە ئورنىدا قېتىپ قالىدۇ. ئەمەلدارلار خەلىققە ”كېسەل بولۇپ ئۆلدى“ دەپ جاكالاپ كۆمدۈرۋېتىدۇ.
        كۇچا ۋە ئاقسۇدا يۈز بەرگەن مەمتېلى قارىم باشچىلىغىدىكى، ئاتالمىش ”بۈيۈك چىڭ خاندانلىقى“غا قارشى يەنە بىر قوزغۇلاڭنىمۇ مىسالغا ئالايلى.
كۇچا ئامبىلى ئورچىڭئا باشلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە قەدەر تېرىلغۇ يەرلەرنى شەخسى ئىگەللىۋېلىپ دېھقانلارغا ھەقسىز تېرىتىدۇ. دېھقانلارنى بوز يەر ئېچىشقا تەشكىللەپ ئاخىرىدا دىخانلار ئۆزلەشتۈرگەن يەرنىمۇ تارتىۋالىدۇ. يۇقۇرىدىن بۇيرۇلغان ھەر-خىل تۈردىكى قۇرۇلۇشلارنى دېھقانلارغا ھەقسىز قىلدۇرىدۇ. بۇ جەرياندا خىراجەت ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن مالىيەنىمۇ ئۆزلىرى بۆلۈشىۋېلىپ، بۇنى دېھقانلارغا سېلىق ھېساۋىدا تۆلىتىدۇ. تۆلەۋاتقان باج-ئالۋاڭ يەتمىگەندەك بۇ قوشۇمچە سېلىقلار دېھقاننى دات دىگۈزىدۇ.  بۇنىڭدىن باشقا خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزلىرى تەيىنلىۋالغان ساپاسىز ئۆلىما-ئىماملار ئارقىلىق بۇلغاپ، يەرلىكنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھاقارەت قىلىدۇ. خەلقنىڭ ئار-نومۇسىنى دەپسەندە قىلىپ ئاياللارنى نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلايدۇ. مەسىلەن ئورچىڭئانىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزدىن“ 200 دەك ئايالنى مۇشۇ مەخسەتتە مەجبۇرى يىغىۋالىدۇ.“
خەلق زادى قانداق قىلىشى كېرەك ؟!
        دەسلەپ يۇرتتىن مەمەتئېلى قارىم باشلىق بىر نەچچەيلەن پۇقرالىق مەجبۇرىيىتى بىلەن كىتاپلاردا ئېيتىلغاندەك ”قانۇنلۇق كۈرەش قىلىشنى تاللاپ…“ يەرلىك ئەمەلدارلارغا تۇيدۇرماستىن ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغىلى بارىدۇ. جاڭجۈن مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ ئەرزىگە ئېتىۋار بەرگەن قىياپەتتە سېلىقنى يەڭگىلىتىش توغرىلىق يارلىق چۈشۈرۈپ، باشقا مەسىلىلەرنى ئالدىرىماي چوقۇم ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەمتېلى قارىملار يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ.
       ئىشنىڭ تەرەقىياتى تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدەك بولىدۇ. ئەرزگە بارغان مەمتېلى قارىم باشلىق بۇ بىرنەچچەيلەن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يوقۇتۇش نىشانىغا ئايلىنىدۇ. ئۇلارنى يوشۇرۇن تۇتۇپ يوقاتماقچى بولغاندا خەلق بۇنى تۇيۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۇچا ۋە ئاقسۇ دائىرىسىدە دېھقانلار ئىنقىلاۋى ئامالسىز قوزغۇلىدۇ. بۇ قوزغۇلاڭلارمۇ ئىچكىرىدىكى تەيپىڭ تيەنگو ۋە يىخېتۇەن قوزغۇلاڭلىرىغا ئوخشاش ئېچىنىشلىق باستۇرىلىدۇ.
       بەلكىم بۇ كۇچادىكىلا مەسىلە دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. بىراق جىگدە يېغىلىقى بولۇشتىن بەش يىل بۇرۇن يەنى 54-يىلىدىن 60-يىلىغا قەدەر ئالتى يىل ئىچىدە قەشقەر خانئېرىقتا، خوتەندە، ئاتۇشتا، قەشقەرنىڭ ئۆزىدە ، چۆچەكتە ۋە يەنە بىر قېتىم كۇچادا بولۇپ جەمى يەتتە قېتىم قوزغۇلاڭ كۆتۈرىلىدۇ.   قوزغۇلاڭلارنىڭ ھەممىسى چىڭ سۇلالىسىنىڭ شېرىكلەشكەن ئەمەلدار-قاراقچىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلىدۇ.تارىخى ھەمىدىدە بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار قالدۇرىلىدۇ.
       “ باشقا شەھەرلەردىكى ئادەملەرمۇ ياركەنت خان ئامبىلىغا ياكى ئىلىدىكى جاڭجۈنگە ئەرز-داتلارنى سۇندى. ئۇلار بۇ ئەرزلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا تەستىق سېلىپ يەرلىك ئەمەلدارلارغا قايتۇردى. يەرلىك ئەمەلدارلار ئەرزچىلەرنى “ سەن ماڭا ئەرز قىلماي باشقا شەھەرنىڭ ئامبالىغا ئەرز قىلدىڭمۇ ؟ دەپ ئازاپ-ئوقۇبەت ۋە جەبرە-زۇلۇمغا مۇپتىلا قىلدى. پۇقرالارنىڭ ياخشى ياكى يامان ئەرز داتلىرىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلىش ئۇلۇغلارنىڭ بوينىدىكى ۋاجىپ ھەتتا پەرز ئىدى. لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى. بەلكى ئۇلارنى يوقاتتى. خان تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مائاشقا قانائەت قىلماي پۇقرانىڭ رىسقىغا قول ئۇزارتتى يەنە ئۆزىنىڭ نالايىق ھىلە-بۆھتانلىرىنى پۇقرالارغا ئارتىپ قويۇپ ئۇلارنى خان يارلىقى بىلەن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى. شۇڭا پۇقرالار ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىكى بۇ ئەمەلدارلارنىڭ كاللىسىغا تارتىنماستىن قىلىچ سالدى. ھالبۇكى غازات قىلغان بۇ ئادەملەرنى غازى ياكى شېھىت دىمەسلىككە يەنە قانداق سەۋەپ بار ! ”
       موللا موسا سايرامى دەرھەقىقەت توغرا ئېيتقان. بىز چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى بۇ قوزغۇلاڭچىلارنى “ غازى ! “ ياكى “ شېھىت ! “ دىمەسلىككە ھېچقانداق سەۋەپ تاپالمايمىز.
       ئېچىنىشلىق يېرى، چىڭنىڭ گاۋزۇڭ دەۋرىدىكى خاتىرىلەردە بۇ خىلدىكى قوزغۇلاڭ قاتناشقۇچىلىرى توغرىسىدا ”….غەليانغا قاتناشقانلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئىش-ئوقەتسىز، بىكار تەلەپ، لاغايلاپ يۈرۈيدىغان ھورۇن-ئۈششۈق چەنتولاردۇر. شۇڭا ئۇلار باشقىلارنىڭ گېپىگە كىرىپ غەليان كۆتۈرگەن…..“ دەپ خاتىرە قالدۇرۇلغان.
       “ ئالدىڭلارغا ئۇچرىغانلىكى ئاسىيلار، قېرى-ياش،ئەر-ئايال دىمەستىن ھەممىسى قىرىپ تاشلانسۇن…ئىش-ھەركىتى سەللا شۈبھىلىك بولغان ئادەملەرگە مۇشت كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتى بەرمەستىنلا قىرىپ تاشلانسۇن!“ يەنە بىر پەرمانىدا “ ئاغرىق-سىلاقلىرىدىن نىمجان بولۇپ قالغانلارغا ئوق-دورا ئىسراپ قىلىنمىسۇن ”دىيىلگەن بولسا “ مەڭگۈ چاتاق چىقمايدىغان قىلىپ ھەل قىلمىساق، كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئاپەتنىڭ يىلتىزىنى كۆمۈپ قويغان بولىمىز“ دەپ قوي پادىسى ئۈستىدىكى بۆرىدەك تەبىئىتى بىلەن يۇرت سورايدۇ. دۆلەتنىڭ ئاسايىشلىقى، پۇقرانىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن سەمىمى نىيەتتە بولمايدۇ.
چيەن لوڭنىڭ “ مۇسۇلمان يۇرتىدىكى قوشۇنلار چەنتولار بىلەن ئارىلىشىپ  تۇرسا بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئاسانلا چەنتولارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ غەليانغا سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ. ”دىگەن پەرمانلىرىدىن، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىكتىكى ئەمەلدارلىرىنىڭ خۇلق-پەيلىنى بىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ ئىتلىرىنىڭ ئامانلىقىنى دۆلەتنىڭ، خەلىقنىڭ ئامانلىقىدىن ئۈستۈن كۆرۈدىغان قاراقچىلار كوللىكتىپىغا خاس بولغان تەبىئىتىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
       چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قارشىلىقلارغا نېسبەتەن قوللانغان ئىجابى تەدبىرى دىسەك يەرلىك ئاھالە بىلەن ئىچكىرىدىن چىققانلارنى ئايرىپ باشقۇرغان. بۇ ھاكىمىيەتچىلىك تەدبىرى بولماستىن بەلكى ئۆز ئادەملىرىنىڭ مۇشۇنداق قوزغۇلاڭلاردا تەييارلىقسىز قىرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت مۇداپئەسى ئىدى.
       قىسقىسى بۇ ئاتالمىش ”ھۆكۈمەت“ مەۋجۇت مەسىلىلەرنى باستۇرۇپ قويۇشقا تىرىشقانكى، ئەمما سەمىمىلىك بىلەن ھەل قىلىش يولىدا ئازراقمۇ تىرىشمىغان. 
      ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز-ئارا زىدىيەتلىشىپ تۇرىشى ئۇلار ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ئەڭگۈشتەر ئىدى. ئۇلار بۇ ئەڭگۈشتەردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن، بىر مىللەتنىڭ ئىتىپاقلىشىپ قېلىشىدىن ئۆلگۈدەك قورقاتتى.
      1814-يىلى قەشقەر تاشمىلىق مەسچىتنىڭ ئىمامى زىياۋۇدۇن ئاخۇن (قارا تاغلىق) قەشقەر ھەزرەتتە ئولتۇرۇشلۇق قاسىم خوجا(ئاق تاغلىق)نىڭ قىزى بەھرىنىسانى نىكاھىغا ئالماقچى بولغاندا قەشقەرنىڭ ھاكىمبېگى يۈسۈپ “ ئاق تاغلىق بىلەن قارا تاغلىق ئۆز ئارا نىكاھلاشسا بولمايدۇ“ دەپ ئۇلارنىڭ تۇققاندارچىلىق قىلىشىغا قوشۇلمايدۇ. ئۇنىڭ بۇ يولسىزلىقى سەۋەبىدىن زىياۋۇدۇن ئاخۇن، بۇرۇت قىپچاقلىرى بىلەن بىرلىشىپ قوزغۇلاڭ كۆتۈرىدۇ.
دىنىي ئېتىقات بىلەن مىللى تۇيغۇسى نىسبەتەن كۈچلۈك بولۇش بۇ مىللەتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى. بۇنداق ئالاھىدىلىكنىڭ پايدىلىق تەرىپى بولغىنىدەك يەنە ئۇنىڭ زىيانلىق تەرىپىمۇ ھەم مەۋجۇت بولىدۇ. بىر شەرت چوقۇمكى نادانلىق ئۇنىڭ قېرىندىشى بولىشى كېرەك. مەزكۇر ئۈچ شەرتنى ھازىرلىغان خەلقىمىز مىللى ۋە دىنىي ھىسياتى بىلەن ئۆزىنى قانچىلىك قوغداپ قالغان بولسا يەنە ھەم شۇنچىلىك ۋەيرانىلىققا ۋە ئىتىپاقسزلىققا مۇپتىلا بولغان.  بۇ دۇنيالىق ئۈچۈن دىنىي قېرىندىشىدىن كېچىش ياكى تەقۋالىق ئوقىدا مىللەتنى ئېتىشتەك قىلمىشلار تولىمۇ كۆپ يۈز بەرگەن. شۇنىسى ھەقىقەتكى بۇ مىللەتنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ زور ئازابى دەل مۇشۇ خىلدىكى زىدىيەتتۇر. شۇ دەۋردىكى ھۆكۈمدارلار بۇنداق كۈچلۈك ھىسياتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆزىنى قورۇشتەك تەدبىردىن قۇرۇق قالغۇسى كەلمەيدۇ ئەلۋەتتە. شۇڭا يۇقۇرقىدەك ئىتىپاقلىق ئۈچۈن بولغان تىرىشچانلىقلارنى بىر ئامال قىلىپ يوق قىلىشقا تىرىشىدۇ.
       ئۈچتۇرپان قوزغۇلىڭى پارتىلاشتىن ئىلگىرىلا يەنى 1758-يىلى، بوغدا خان تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان ئۇ يەر بۇ يەردىكى قىسمەن قوزغۇلاڭلارنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، جاۋخۇي ۋە فۇدېنىڭ قوماندانلىقىدا جۇڭغارلارنى باستۇرۇشقا قوشۇن ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇغۇلۇستاندا ئەر-ئايال، قېرى-ياش دىمەستىن ئومومىيۈزلۈك چوڭ قىرغىن باشلىنىپ كەتتى. ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان بۇ چوڭ قىرغىندا بىر مىليون ئادەمنىڭ بېشى ئېلىندى.“ (موللا موسا سايرامى ۋە كروپاتكىن )
      بۇ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلار كىم ئىدى ؟! جۇڭغارلارمۇ ؟! ياق تامامى يەرلىك خەلق ئىدى.
      1678-يىلىدىن باشلاپ يۈز يىل ئىچىدە جەنۇپتىن ئىلىغا مەجبۇرى كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئاھالىلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يىلدا 900 جۈپتىن ( ئۇدا يۈز يىل ) ئېۋەتىلىدىغان غالچە يىگىت-چوكانلار(ئۇششاقلار)، “ تارانچى“ دەپ ئاتىلىدىغان دېھقانلار، ھۈنەر-سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان“ بازارگان“ لار، تۆمۈرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان “ بوچى“ لاردىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇرلار ئىدى.
       ئەنە شۇنداق قىرغىنلاردا ئىلى دەرياسىغا توشۇپ كەتكەن ئۆلۈكلەرنىڭ كۆپلىكىدىن دەريا توسۇلۇپ قېلىپ سۇ تېشىپ كېتىدۇ. بۇ سۇدا ئەسلىدىكى قورغاس كۈرەسىنىمۇ سۇ بېسىپ كېتىدۇ. ئاخىرى خانلىقتىن دەريادىكى ئۆلۈكلەرنى تازىلاش پەرمانى چۈشىدۇ. بۇ توغرىسىدا ”دەريادىكى ئۆلۈكلەر ئىلمەك بىلەن ئىلىپ ئېلىنغاچقا بۇ دەريا ئىلى دەرياسى دىگەن نام بىلەن ئاتالغان“ دىگەن رىۋايەتلەر سۆزلىنىدۇ.
      قانلىق باستۇرۇش سىياسىتى قانچىلىك ئۈنۈم بەردى ؟!
      بۇ جاللاتلار ئۆزىنىڭ مەخسىتىگە يېتەلىدىمۇ ؟ شىنجاڭنى مەڭگۈلۈك ئەمىن قىلالىدىمۇ ؟!
      ياق. ئاددى خەلققە قىلغان نوچىلىق ئۇلارنى ئازراقمۇ خاتىرجەم قىلمايدۇ.
دەسلەپ پارچە-پارچە قوزغالغان قوزغۇلاڭلار ئاخىرىدا خوجىلار يېغىلىقى دەپ ئاتالغان چوڭ قوزغۇلاڭغا ئۇيىشىدۇ. ئۇنى باستۇرۇپ ”ئۇھ“ دىمەيلا ئۈچتۇرپان قوزغۇلىڭى كۆتۈرىلىدۇ. چىڭ قاراقچىلىرى ئىش-ئەمىلى قىرغىنچىلىق بولسا، بۇ زىمىندىكى خەلىقلەرنىڭ ئىش-ئەمگىكى تىنىچسىزلىق بولىدۇ.
       1758-يىلىدىكى خوجىلار يېغىلىقىدىن 1765-يىلىدىكى ئۈچتۇرپاندىكى جىگدە يېغىلىقى باستۇرۇلغانغا قەدەر ( بۇ قېتىمقى باستۇرۇشقا قوماندان جاخۇي ۋە ھېلىقى كىنودىكى دوك ۋەزىر ليۇيوڭ ئوبرازىدىكى ئادەم مۇشاۋۇر بولۇپ قاتنىشىدۇ) قىسقىغىنە يەتتە يىل ئىچىدە مانجۇلار ئۇيغۇر خەلقىدىن دەھشەتلىك ئۆچ ئالىدۇ. نۇرغۇن تارىخىي شەھەرلەرنى، مەدەنىيەت-ئىقتىسات سودا نۇقتىلىرىنى ”ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسياچىلارنىڭ ئۇۋىلىرى“ دىگەن نام بىلەن ۋەيران قىلىپ يەر يۈزىدىن يوقىتىدۇ.
      چىڭ سۇلالىسى ”جىگدە يېغىلىقى“نى باستۇرۇش باھانىسىدە ئومومى ئۇيغۇر خەلقىدىن قىساس ئالىدۇ. ھەتتا يىراق قومۇلدىمۇ جىگدە يېغىلىقىنى باستۇرۇش باھانىسىدە يۇرت ئىچىدىكى ھەق-سۆزلۈكلەردىن بەش يۈز ئاھالىنى ئىلىغا پالايدۇ. ”پەرمانغا قارىتا تىلىنى چاينىغانلارنى ئۆلتۈرىدۇ“ جەنۇپتىكى تۆت شەھەردە ئاز دىگەندىمۇ بەش يۈز مىڭ ئادەمنى ياۋۇزلارچە قىرىپ تاشلايدۇ.“  “ ئاقسۇ دەرياسى ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسىتى بىلەن توشۇپ كەتكەچكە كىشىلەر ئۈچ يىلغىچە دەريا سۈيىنى ئىچەلمەيدۇ….“   
       ئىلى ۋادىسى بىلەن قەشقەرىيەنى ”جۇڭغارلارنىڭ زۇلمىدىن ئازات قىلدۇق“ دەۋالغان چىڭ مانجۇلىرى ئۆزىنىڭ رەزىللىك ۋە زالىملىقتا جۇڭغارلارغا ئۇستاز بولغۇدەك ئەپتى-بەشىرىنى ئەنە شۇنداق نامايەن قىلىدۇ. ”ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش“تىن ئىبارەت بۇ ئاتالمىش تۆھپىنىڭ سايىسىدە ھەر مىللەت خەلقىنى باستۇرۇپ قاڭغىر-قاخشىتىدۇ.
       خەلىقتىن بۇلاپ توپلانغان سېلىق خىراجەتلىرى ھەرگىزمۇ خەلىقنىڭ تۇرمۇشىغا ياكى شىنجاڭنىڭ مەڭگۈلۈك ئامانلىقىدىكى مىللى تەرەقىياتقا سەرپ قىلىنمايدۇ.  بۇ قان-تەرلەر دۆلەتتىن ئىبارەت مەۋھۇم ئۇقۇمنى تەشكىل قىلىۋالغان ئەشۇ قاراقچىلار كوللىكتىپىنىڭ يەپ-ئىچىشىگە، ئۆزلىرىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن سېپىل سوقۇپ، قىلىچ بىلىشىگە  سەرپ بولىدۇ.
       ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، سىز بەلكىم مانجۇلارنىڭ ”يۈكسەك جەڭ سەنئىتى شۇنداق چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سەۋەپمىدۇ ؟ “ دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە كېيىنكى باپلاردىكى ۋەتەن ساتقۇچ قىلمىشلىرىنى ئوقۇساقلا ئۇلارنىڭ قانچىلىك ”باھادىر“ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋالىمىز.
ئەمەلىيەتتە چىڭ ھۆكۈمىتى شىمال ۋە جەنۇپتىكى تاجاۋۇزىدا ھەقىقى بىر قوشۇنغا دۇچ كېلىپ باقمايدۇ. بۇنداق ”ئامەت“ ئۇلارنىڭ كەتمەن-گۈرجەك بىلەن قوراللانغان ئاددى قوزغۇلاڭچى خەلق ئۈستىدىن كۆرەڭلەرچە قىرغىنچىلىق قىلىۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. ئاخىرى خەلقنىڭ ئۈستىدىن بۇنداق كۆرەڭلىك بىلەن كېرىۋەرگەنلەرنىڭ تېرىسى يېرىلماي قالمىدى.
       يولداش ماۋزېدوڭ ۋاڭجېننى شىنجاڭغا ماڭدۇرىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا “ سىز شىنجاڭغا بارغاندىن كېيىن ئورۇنلايدىغان ئىككى تۈرلۈك خىزمەت بار. بىرى پارتىيە تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش. يەنە بىرى يۇرتدىشىڭىز زوزۇڭتاڭ(خۇنەندىن. چىڭ سۇلالىسىدىكى ھەربى ئەمەلدار. شىنجاڭدا ئاسىيلارنى باستۇرۇش باھانىسىدا چوڭ قىرغىنچىلىق قىلغان جاللات. ۋاڭجېن بىلەن يۇرتداش) ئۈچۈن قەرز قايتۇرۇپ، شىنجاڭغا خەلقىگە خىزمەت قىلىش“ دىگەن يوليورۇقنى بېرىپ چىڭ قاراقچىلىرىنىڭ تارىخىي جىنايەتلىرىنىڭ قۇيرۇقىنى ئۈزۈش ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
       بىز بۈگۈن مانجۇ تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتەك “ ئۇلۇغۋار خىزمەت“ىنىڭ باھاسى ئۈچۈن تۆلەنگەن شۇنچىلىك زور جان ۋە قاننى كۆرۈپ ھەيران قالدۇق.
       بىز شۇ مىنۇتلاردا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى ۋە تىنىچلىقىدىن ئىبارەت ئارزۇسى بىلەن ئەشۇ قاراقچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئوتتۇرىسىدا  قاتتىق ئازاپلاندۇق.
       ئەشۇ ھۆكۈمرانلارنىڭ ”بىرلىككە كەلتۈرۈش“ نىقاۋى ئۈچۈن خەلق ئادىمىي ھىسياتى، غۇرۇر-ۋىجدانى، ھايات-ماماتى بىلەن شۇنچىۋالا بەدەل تۆلىشى كېرەكمۇ ؟!
       بىرلىككە كەلگەن دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتدارلىرى، ئاتالمىش ھۆكۈمەت سانىلىۋالغان ئەشۇ ئەمەلدارلار نىمە ئۈچۈن تىرناقچىلىك بەدەل تۆلەشنى خالىمايدۇ ؟!….. دىگەن سوئاللارنى ئادەم بولسىلا ئويلىماي قالمايدۇ .
      1754-يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىپلاس قەدىمى شىنجاڭغا كىرگەندىن باشلاپ 1911-يىلىغا قەدەر چىڭ ھۆكۈمىتىگە بۇ دىياردا بىر كۈنمۇ ئاراملىق بولمىدى. ئاخىرى ھۆكۈمدارلىققا لايىق بولمىغان بۇ قارا كۈچ شىنجاڭدىن، جوڭگودىن يوقالدى.
       مانجۇ ھۆكۈمىتىنىڭ سەددىچىننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى جىنايەتلىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھەتتا كېيىنكى مانجۇ ئەۋلاتلىرىمۇ ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا چىڭ سۇلالىسى گۇمران بولغاندا مىليونلىغان مانجۇلار ئەجداتلىرىنىڭ جىنايىتىدىن قورقۇپ پارغا ئايلانغاندەك يوقاپ كەتتى. خۇددى لۈشۈننىڭ “ نارا نەگە كەتتى ؟! “ دىگىنىدەك بولدى.
       1912-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى جوڭگودا دىمكىراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزىمى ئورنىتىلىپ گومىنداڭنىڭ نەنجىڭ ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى.
بىراق شىنجاڭدا بولسا چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قۇيرۇقى بولغان ياڭزىڭشىن بىر ئۆرۈلۈپلا ئىنقىلاپچى بولۇۋېلىپ ھەر مىللەت خەلقى ئۈستىدىكى ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىنى داۋامۇلاشتۇرىۋەردى.
       ئەسلىدە شىنخەي ئىنقىلاۋى بولغاندىن كېيىن بۇ زىمىن يېڭى دۇنيانىڭ باھار نۇرىدا ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تاپسا بولاتتى.
       بىراق يىلىكى شورلۇق خەلقنىڭ تەغدىرىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئېيتقاندەك “ ئىسمى ئالماشقان بىلەن، قىلىقى ئالماشمىدى.“
       ياڭ ئەسلىدە 1908- يىلى گۇاڭشۈي خان ۋە سىشى تەيخۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ ئاقسۇغا ۋالىي بولغان ئىدى. (كېيىنكى جىنشۇرېنمۇ ياڭدىن كېيىنكى ئاقسۇ ۋالىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن)شىنخەي ئىنقىلاۋى قوزغالغاندا ئۇ ئۈرۈمچىدە تېنىچلاندۇرغۇچى بەگ ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ قانۇن ئىشلىرىنى مۇپەتتىش قىلغۇچى(شىنجاڭچە تەدبىر)لىق سالاھىيەتتىكى ئەمەلدار ئىدى.  
       جوڭگودىكى زور ئۆزگۈرۈش بۇ دىيارغا تەتۈر تەسىر كۆرسەتتى. يەنى ياڭنىڭ چىڭ دەۋرىدىكى مەنسىۋى ئۆسۈپ شىنخەي ئىنقىلاۋىدا ”ئۆلكە باشلىغى“ بولۇپ يۇرت سورىدى.
       شىنخەي ئىنقىلاۋىدىن شىنجاڭ خەلقى قانچىلىك نەپ ئالدى ؟
       مانجۇ ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپ ۋەدە قىلغان بەش خىل بېجى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قوڭى ئىسسىپ سانى ئېشىپ 65 خىلغا يەتكەن ئىكەن. ياڭزىڭشىن دەۋرىگە كەلگەندە بولسا باج خىزمىتىدە يۇقۇرى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ 92 خىلغا يېتىپ(بەزى جايلاردا يۈز خىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ) شىنجاڭنىڭ سېلىق تارىخىدىكى يۇقۇرى رىكورت يارىتىلىدۇ. ئۇ مىللىتارىزىملىق سىياسەت قوللۇنۇپ يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قاڭغىر-قاخشىتىدۇ. يولداش ماۋزېدوڭ 1957-يىلى سوۋېت ئىتىپاقىغا قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن شىنجاڭغا قايتماقچى بولغان سەيپىدىنگە يوليورۇق بېرىپ “ بىز خەنزۇلار ئۆتكەندە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئەزگەن، ھازىر نىمىلەرنى قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك ؟ سىز مۇشۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ “ دەپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدىدكى تارىخىي ئاسارەتلەرنى يوقۇتۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
      ياڭ زىڭشىن بۇرۇنقىلارغا ئوخشاش كوڭزىنى قالپاق، كوڭزى مۇخلىسى دىگەننى نىقاپ قىلىپ ”رەھىمدىلىك“ دەپ شوئار توۋلايدۇ. بۇ تۈلكە ئەمەلدارلىقتا چىڭنىڭ “ چەتلىتىش تۈزۈمى“ نى قوللىنىپ بۇ يەرلىككە ئۇ يەرلىكنى ئەمەلدار قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ مەخلۇق تۆۋەندىكى ئەمەلدارلارنى ئۆستۈرۈش ۋە قابىلىيىتىنى ئۆلچەشتە شۇ ئەمەلدارنىڭ خەلىقتىن قانچىلىك پۇل-مال شۈلىگەنلىكى ئاساس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ مەخپى ئۆلچىمى بولسىمۇ شۇ دەۋردىكى ئاشكارا مەخپىيەتلىك ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
      مەيلى چىڭ ياكى تۆنۈگۈنكى ياڭ،جىن،شىڭ….لارنىڭ قايسىسىلا بولمىسۇن كاللا ئىشلىتىپ پارە يىيەلىگەن ئادەمنى ئىشەنچىلىك سانىغان. نىمە ئۈچۈن ئۇنداق بولىدۇ ؟
      چۈنكى، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا خەلق بەك بېيىپ كەتسە ھۆكۈمەتكە مۇش ئاتىدىغان بولۇپ قالىدۇ دەيدىغان سەپسەتە بار ئىدى. (بۇ سەپسەتە قۇللۇقتىن گېنىراللىققا چىقىپ قالغانلارنىڭ تۇرمۇش مەنتىقىسى) شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنى يالجىتمايدىغان بۇنداق ئەمەلدارلارغا يېشىل چىراق ياقىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن جىمىكى ئوي-خىيالى ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈنلا چۆگىلەيدىغان ئادەمدە غۇرۇر-ۋىجدان، دۆلەت مەنپەئەتى ۋە ياكى قانۇننىڭ ئادالىتى دىگەن ئۇقۇملار بولمايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئامانلىقى بىلەن مال-دۇنياسىنىڭ سانىدىن ئىبارەت شۇنچىلىك ئاددى تەلەپ بىلەن ياشىغاچقا ئىنسانىي تۇيغۇ دىگەندىن ساۋاتسىزلىقى بىلەن قارا ھاكىمىيەتكە ئىشەنچىلىك بولىدۇ.
       نىمە ئۈچۈن ھاكىمىيەتكە ئىشەنچىلىك بولىدۇ  ؟
       خەلقنىڭ ھال-دەردىگە يېتىدىغان ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان ئادەمنىڭ غايىسى، ئۈمۈت-ئارزۇسى مىڭلىغان خەلقنىڭ رايى، دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكى بىلەن باغلىنىدۇ. شۇ مەنىدىن ئۇلار ئىشەنچىسىز ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ھۆكۈمەتلەر ئۆزىنىڭ مىڭلىغان خەلقنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، ھەققانىي يولنى تۇتۇپ ماڭالايدىغانلىقىغا ئۆزىمۇ ئىشەنمەيدۇ. قىسقىسى ئۆزىنىڭ قاراقچىلىقتىن باشقا ھۈنىرى يوقلىقىنى ئىستىخىيلىك ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇڭا ئەپلەپ-سەپلەپ بىرنىمىلەر قىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈش ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىقتىكى تىرىكچىلىك يولى بولۇپ قالىدۇ.
       ئىلگىركى خوجىلار دەۋرىدە ئۆزىنىڭ پىرىغا قانچىكى قارا قوساقلىق بىلەن ساداقەت بىلدۈرگەنلەر شۇنچىكى دۆلەتكە سازاۋەر بولغان ئىدى. چىڭ دەۋرىدە بولسا مانجۇلارغا قانچىكى كۈچۈكلۈنۈپ، قۇللۇق بىلدۈرۈپ خوشامەت قىلغانلار شۇنچىلىك ئىمتىيازغا ئىگە بولغان. بۇلارنىڭ ئاتىلىشى ئوخشىمىسىمۇ خۇلقى-ئەپتالى قىلچە پەرقلەنمەيدۇ. بۇنداق ھۆكۈمرانلارنىڭ دەۋرىدە ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئىلغارلىق راۋاجلىنالمايدۇ. ئىپلاسلىق بولسا مۇنبەت تۇپراققا ئېرىشىپ كۆكلەيدۇ.
      جەمىيەتتە پۇل بىلەن ئەمەل چوقۇنىدىغان نەرسىلەرگە ئايلىنىدۇ. ئەمەل ئۈچۈن تاناسىل ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنى تەغدىم قىلىدىغان خۇمسىلىق ئەۋج ئالىدۇ.جۇڭغارلار دەۋرىدە ئىشان-سوپىلار ”خۇدانىڭ مەرھىمىتى“نى بىۋاستە ئىزدىمەيدۇ. ئالدى بىلەن پىرىنىڭ چىرايىغا قارايدۇ. مانجۇلار دەۋرىدە يەرلىك ئەمەلدارلارمۇ دۆلەتنىڭ قانۇنى ياكى سىياسىتىنى بىۋاستە قوللانمايدۇ. ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقۇرى ئەمەلدارنىڭ(پىرىنىڭ) ئىش-ھەركىتى، گەپ-سۆزىنى كۈندۈلۈك تۇرمۇشىغا مىزان قىلىدۇ.  
       شۇڭلاشقا جوڭگو تارىخىدا خەلقنىڭ ئارزۇسىدىكى ئادىل ئەمەلدار باۋگۇڭ رىۋايەتلەردىن رىئاللىققا چىقالماي يۈرۈيدۇ.
       قىزىقارلىق يېرى چىڭ دەۋرىدە يەرلىك ئەمەلدارلارغا تولا ئېيتىلىدىغان بىر گەپ بار. ئۇ بولسىمۇ “ خانلىقنىڭ مائاش-كۇلياڭىنى يىگەندىكىن ساداقەتمەن بولايلى ! “ بۇ جۈملە كېيىنكىلەر دەۋرىدىمۇ ئوخشاش ئىستىمال قىلىنىدۇ.
       بىزدە ئوغرىنىڭ بالىسى قاراقچى دەيدىغان بىر گەپ بار. ئاتالمىش بۈيۈك چىڭ ھەرگىزمۇ مىڭلىغان تۆگىلەرگە مىليونلىغان ئاقچىلارنى كۆتۈرۈپ كېلىپ دۆلەت قۇرمىغان. شۇنداق تۇرۇپ ئەمەلدارلىرىغا بېرىدىغان ئاتىسىدىن مىراس قالغان ئاقچە نەدە دەيسىز؟
       بۇ ئاقچا ئەلۋەتتە خەلقنىڭ يانچۇغىدىن كېلىدۇ. ئاتالمىش خەلقنىڭ غەمگۈزارى بولىۋالغان بۇ قاراقچىلار خەلىقتىن شۈلىۋالغان ئەشۇ مال-مۈلۈكنىڭ تامچىسىنى تېمىتىپ ئەمەلدارلىرىنى پوققا ئولاشقان چىۋىندەك تاماخورلۇققا كۆندۈرىدۇ.
       ئەسلىدە يىگەن ئېغىز ئۇيالسا بولاتتى. بىراق خەلق ئاش-نان بېرىپ باققان بۇ ئىتلار ئوۋغا يارىماستىن بەلكى باققان ئىگىسىنىڭ پاچىقىدىن ئېلىشقا يارايدۇ. ياڭدىن باشلاپ گومىنداڭدا ئاخىرلاشقان زۇلمەتلىك تېرورلۇق قاپلىغان بۇ زىمىندىكى قوزغۇلاڭلارنى بىز سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشلۇق. چۈنكى ياڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋىرلەردىكى زۇلۇملار توغرىسىدا ئوقۇرمەنلەر ئاساسى چۈشەنچىلەرگە ئىگە
ئۇزاق تارىختىن بۇيان قۇللۇق بىلەن ھۆرلۈكنىڭ پاسىلىدا قانلىرىنى سۇدەك تۆككەن بۇ بەخىتسىز ئەمما قەھرىمان خەلق بۇ دەۋردىمۇ كەلگۈسىدىكى ئەۋلاتلار ئالدىدا سۆزلەپ بەرگۈدەك داستان كەبى ۋەقەلەرنى ياراتتى. ”جاھالەت بىر گەز ئورلىسە، ئادالەت مىڭ گەز ئۆرلەيدۇ“نى ئىسپاتلاپ، زۇلۇم ۋە ھاقارەتنىڭ بۇ دىياردا مەڭگۈ يىلتىز تارتالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى ”قىرىق يىللىق ياغاچتىنمۇ قىلدەك نەم چىقىدۇ“غانلىقىدەك ھەقىقەتنى بىزگە تونۇتتى

http://bbs.bagdax.cn/thread-26354-1-1.html

 

Share
2349 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.