ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى: قارقاش ناھىيەسىنىڭ ماڭلاي يىزىسىدا 20.ئىيۇن كۈنى كىچىدە 5 نەپەر خىتاي ساقچىسى ئۆلۈرۈرۈلگەن بولۇپ،خىتاي ھۈكۈمىتى يىزىغا بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىۋەتىپ ۋەقە يۈزبەرگەن ماڭلاي يىزىسىغا 21.ئىيۇن كۈنى كىلىپ يىزا خەلقىنى توپلاپ “20.ئىيۇن ۋەقەسى”نى پىپەن قىلىشقا ۋە سىياسى مەيدانىنى ئىپادىلەشكە مۇجبۇرلىغان
يىغىندا دىھقانلارغا گوشگىردە تارقىتىپ رەسىمگە تارتقۇزۇپ شىنخۇۋا تورىدا ئۆزلىرىنى “خەلق غەمگۇزارى” قىلىپ كۆرسەتكەن
ماڭلايدا يول توسۇپ خەلقنى قاخشاتقان 5 نەپەر خىتاي “خەلق ئەسكىرى” نامىدىكى زوراۋانلارنى ئۆلتۈرگەن پىدايىلارنى تاپالمىغان خىتاي ھاكىمىيىتى،ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىسمىنى يەنىلا ئاشكارىلىمىدى
قاراقاش ناھىيەسىدە كان مەھسۇلات بايلىقىدىن ئالتۇن، ئالماس، قاش تىشى، كۋارتس، ھاك تېشى، گەج تىشى، تۇز، سىليۇدا، خرۇستال، قوغۇشۇن قاتارلىقلار بار، ئالاقىدار ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا ئالتۇن بىلەن گەج زاپىسى بىر قەدەر كۆپ، ئالتۇننىڭ ئۇرۇنلاشتۇرلىشى بىر قەدەر كەڭىرى بۇلۇپ مۇئەييەن ئىچىش قىممىتىگە ئىگە، ھازىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تەبىئى گاز زاپىسى 6مىلىيۇن كۇب مېتردىن ئارتۇق، نىفىت زاپىسىمۇ خىلىلا كۈپ.ئامما خەلق شۇ رەسىملەردىكىدەك بەك كەمبىغىل
مەنبە
新疆墨玉县20日发生暴恐案:暴徒杀害执勤民兵
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.