ئەڭ يېڭى خەۋەر
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
شەرقىي تۈركىستان: بىر ئىسىمنىڭ سۈكۈتتىكى غەزىۋى ۋە كىملىك مۈجادىلىسى
ئاپتور: مەھمەت ئىمىن ھەزرەت
ۋاقتى: 2025-يىل 15-ئاپرېل
تۈرى: خەلقارا سىياسەت / كىشىلىك ھوقۇق / زامانىۋى مۇستەملىكىچىلىك
ئىسىم نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟
2025-يىلى 4-ئاينىڭ 9.كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتىدا مۇھىم بىر تەرەققىيات يۈز بەردى. دەنك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى ستېفان ۋان بارلې خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن «شىنجاڭ» دەپ بېكىتىلگەن رايونغا قارىتا رەسمىي ھۆججەت ۋە دۆلەت تىلىدا «شەرقىي تۈركىستان» نامىنى ئىشلىتىشكە ئا’ئىت قانۇن لايىھىسىنى سۇندى. بۇ ھەرىكەت پەقەت بىر ئاتالغۇنى تۈزەشلا ئەمەس. ئۇ يەنە تارىخىي ، مەدەنىيەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مەيدانىنىڭ ئىپادىسى. چۈنكى بەزىدە بىر ئىسىم كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل تەقدىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئۇزۇن تارىخى يىلتىزدىن كۆكلەپ چىققان ئىسىم: شەرقىي تۈركىستان
«شەرقىي تۈركىستان» دېگەن بۇ سۆز 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپا جۇغراپىيەشۇناسلىرى تەرىپىدىن ھازىرقى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايوننى تەسۋىرلەشكە باشلىغان. بۇ ئىسىم غەربىي تۈركىستان (ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈرك دۆلەتلىرى) بىلەن جۇغراپىيىلىك باغلىنىش ئورنىتىدۇ. ئەمما رايون خەلقى ئۈچۈن بۇ پەقەت جۇغراپىيىلىك ئىپادىلەشلا ئەمەس ئۇ يەنە مەدەنىيەت تەۋەلىكىنىڭ سىمۋولى ۋە تارىخى ۋەتىنى.
ئۇيغۇرلار بۇ تۇپراقلاردا نەچچە مىڭ يىل ھەر خىل ئىسىمدىكى دۆلەتلەرىنى قۇرۇپ ، يىپەك يولىنىڭ مەركىزىدە گۈللەنگەن مەدەنىيەت بەرپا قىلدى. 8-ئەسىردە قۇرۇلغان قاراخانىلار 10-ئەسىردە ئىسلام دىنىنى رەسمىي دىن سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان تۇنجى تۈرك دۆلىتى بولۇپ قالغان. شۇڭلاشقا ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ۋە تۈرك تارىخى جەھەتتىن ئىستراتېگىيىلىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە مۇھىم رايون.
«شىنجاڭ»: مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسم
خىتاي- مانجۇر ھۈكۈمىتى بۇ رايوننى «شىنجاڭ» (يېڭى چېگرا) دەپ ئاتايدۇ ، پەقەت 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ، چىڭ سۇلالىسى بۇ رايوننى ھەربىي ئىشغال قىلغان. بۇ ئىسىم خىتاي ئىمپېرىيىسىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ بىۋاسىتە تىل ئىپادىسى. خىتاي خەلقىنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىسىدە ، بۇ يەر «كېيىن ئېرىشكەن» چېگرا رايونى بولۇپ قالدى. قانداقلا بولمىسۇن ، بۇ رايوننىڭ قەدىمكى خەلقى ئۇيغۇرلار بۇ يەرلەرنى ئەجدادلىرىنىڭ ۋەتىنى دەپ قارايدۇ.
بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ، «شىنجاڭ» نامىنى ئىشلىتىش پەقەت جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكلا ئەمەس ئۇ تارىخىي رېئاللىقنى قايتا يېزىش ئۈچۈن تىرىشىش. زامانىۋى مۇستەملىكىچىلىك مەنىسىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.
نېمە ئۈچۈن بۇ ئىسىمنى تىلغا ئېلىش چەكلىنىدۇ؟
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى «شەرقىي تۈركىستان» نامىنى ئىشلىتىشنى بىر خىل جىنايەت دەپ بېكىتتى. بۇ ئىسىم خىتاينىڭ رەسمىي ئىدىئولوگىيىسى بويىچە «بۆلگۈنچى» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ، بۇ ئىبارىنى ئىشلىتىدىغانلار ھەمىشە «تېرورلۇق تەشۋىقاتى» ياكى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىدۇ. خەلقارا قانۇنلاردا ، كىشىلەرنىڭ ئۆز جۇغراپىيسىگە ئۆز تىلىدا ئىسىم قويۇشى نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقلاردىن بىرى.
ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئىسىمنى تەلەپپۇز قىلىش جىنايەت دەپ قارالغان مۇھىتتا ، تىل ، كىملىك ۋە مىللى مەدىنىيەت ئەلبەتتە ئېغىر دەرىجىدە ھۇجۇمغا ئۇچراماقتا. ھەتتا بۇلارنى ئەستە ساقلاشمۇ جىنايەت دەپ جازالاندۇرۇلماقتا.. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ، «شەرقىي تۈركىستان» دېيىش بىر مىللەتنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىش ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەش دىمەكتۇر.
سېلىشتۇرۇش نۇقتىسى: روسىيە ۋە باشقا كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەر
كۆپ مىللەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە نۇرغۇن دۆلەتلەردە ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىسىم قويۇشىغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ. روسىيە فېدېراتسىيەسى ئىچىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر ، مەسىلەن تاتارستان ، چېچەنىستان ۋە باشكورتوستان ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىدۇ. يەرلىك تىللار ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. بۇ ئادەتلەر كۆپ مەدەنىيەتلىك دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت دەپ قارالمايدۇ ، ئەكسىچە ، كۆپ خىللىق مەدىنىيەت بىر بايلىق دەپ قارىلىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن ، خىتاي شەرقىي تۈركىستان نامىنى «بۆلگۈنچىلىكنىڭ» بەلگىسى دەپ بەلگىلىدى ۋە ئۇنى زالىم سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشنىڭ ۋاستىسى قىلدى. ئەمەلىيەتتە ، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى ”شەرقى تۈركىستان“ دىگەن ئىسىم ئەمەس. ئەسلى قورقۇنۇچلۇق بولغىنى، بۇ ئىسىمنىڭ تارىخى مەنىسى ،بۇ ئىسىمغا چەمبەرچەس باغلانغان كىملىك ۋە ئۇ كىملىكنىڭ ئىنسانى ھۇقۇق ئىزدەش ئارزۇسىنى بوغۇپ تاشلاش سۈيقەستى.
خەلقارا جەمىيەتنىڭ مەسۇلىيىتى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى، بەزى دۆلەتلەر خىتايغا جازا يۈرگۈزدى. قانداقلا بولمىسۇن ، ئىسىم تاللاش مەسىلىسىدە يەنىلا ئىككىلىنىش بار. نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ياكى دىپلوماتىك سەزگۈرلۈك سەۋەبىدىن «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىدۇ.
ستېفان ۋان بارلېنىڭ تەشەببۇسى بۇ مەنىدىكى تارىخىي بۆسۈش بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى «شەرقىي تۈركىستان» دېيىش پەقەت ئىسىم ئىشلىتىشلا ئەمەس ئۇ شۇ ئىسىمدىكى بىر خەلقنىڭ دەردى ، ئۈمىدى ۋە ھوقۇقىنى ئىزدەش ۋە قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ.
خۇلاسە: ئىسىملار بەزىدە ھاياتىنى ساقلاپ قالىدۇ
شەرقىي تۈركىستاندا بىر خەلقنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ئۈگۈنى شىددەتلىك تۈردە ھۇجۇم ۋە ۋە بېسىمغا ئۇچرىماقتا. ئۇنىڭ كەلگۈسى خەلقارا جەمىيەتنىڭ ئاۋازىنىڭ يۈكسەك چىقىش، چىقماسلىقىغا باغلىق بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇرلار ”شەرقى تۈركىستان“ ئىسمىنىڭ ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشىنى تەقەززالىق بىئەن ئارزۇ قىلىدۇ. چۈنكى بىر خەلقنىڭ يۇرتىنىڭ ئىسمى ، ئۇ خەلقنىڭ تارىخى دىمەكتۇر. تارىختىن كەلگەن ئىسىم كىلەچەككە سېلىنغان كۆۋرۈكتۇر.بۇ كۆۋرۈك بولغاندىلا ئۇ خەلقنىڭ كەلگۈسى بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، گوللاندىيە پارلامېنتىدا دەنك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى ستېفان ۋان بارلې خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن «شىنجاڭ» دەپ بېكىتىلگەن رايونغا قارىتا رەسمىي ھۆججەت ۋە دۆلەت تىلىدا «شەرقىي تۈركىستان» نامىنى ئىشلىتىشكە ئا’ئىت قانۇن لايىھىسىنى سۇنۇشىنى ئەركىنلىكنى سۆيگەن بارلىق ئۇيغۇرلار چىن يۈرەكتىن تەبىرىكلەيمىز
مەنبەلەر:
https://www.uygurhaber.com/hollanda-parlamentosunda-dogu-turkistan-adinin-kullanilmasi-onerildi/
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.