logo

trugen jacn

ئەكىن سىدىق::جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دا كونفىرانس بەردى

مەن تۈنۈگۈن (جۈمە، 2025-2-14) كالىفورنىيەنىڭ لوس ئانجېلىس شەھىرىگە جايلاشقان دۇنياغا داڭلىق خۇسۇسىي ئالىي مەكتەپ جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Southern California) نىڭ تەكلىپى بىلەن مەزكۇر مەكتەپكە بېرىپ، «مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئەزالىرىغا بىر مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ بەردىم. لېكسىيەنىڭ ماۋزۇسى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى» بولدى. لېكسىيە ناھايىتى ياخشى ئۆتۈپ، ئۇنىڭغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن بەلەن بولدى. لېكسىيەدىن كېيىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار يېنىمغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئېغىر بولغانلىقىغا ھەيران قالغانلىقىنى، بۈگۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالغانلىقىنى ئېيتىشتى. دولان رەستۇرانىنىڭ خوجايىنى بۇغرا ئىنىمىز بۇ پائالىيەتكە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ناھايىتى ئوخشىغان ئۇيغۇرچە تاماقلار بىلەن تەمىنلىدى. مەن بۇ پائالىيەتتىن ئامەرىكىدىكى مۇسۇلمانلار تېخىچە ئۇيغۇرلار ۋە بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئاساسەن مەلۇماتسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇڭلاشقا بۇ جەھەتتىكى ئىشلىرىنىزنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز توختىتىپ قويمىساق بولغۇدەك.
Share
249 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.