logo

trugen jacn

يەنە تەكرار ئويلۇنۇش – مۇئەللىم

يەنە تەكرار ئويلۇنۇش

مۇئەللىم

چەتئەلدىكى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق بېغىنىڭ ئۈزۈۋېتىلىش پىلانلىرى تولۇقى بىلەن ئىشلىنىۋاتقانلىغىنى، خەلقىمىز بىلەن تەشكىلاتلىرىمىز ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان بىر- بىرىگە ئىشەنچسىزلىك ۋە قوللىماسلىقنىڭ ئاخىرى ئۇمىدسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىغا شاھىد بولماقتىمىز.
بىز پۈتۈن نەرسىنىڭ – مال – مۈلۈك، جان-تەن، ئەقىل- پىكىر،ئەخلاق، دىن ….. قاتارلىقلارنىڭ بىر ھاكىمىيەت تەرىپىدىن خالىغانچە ، خالىغان ۋاقىتتا ئارزۇ قىلغىنى بويىچە بىر تەرەپ قىلالايدىغان، ھاكىم مۇتلەق بىر تۈزۈم مائارىپىدا يىتىشتۇق. ھەق -ھوقۇق ۋە قانۇن – ئادالەتنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئەمىلىي ياشاش ئارقىلىق بىلگەن بولساقمۇ، بۇلارنىڭ ئاساسىي بولغان دېموكراتىيەنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تېخىچە چۈشەنمەي زېھنىي قارانلىق ئىچىدە كىتىۋاتىمىز . بۇ خىل زېھنىيەتنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالماسلىقنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بۇرمىلانغان دىنىي چۇشەنجىمىزنىڭ ھېلىھەم مىڭىمىزدىكى ھۆكمىرانلىقى. 300 يىلدىن بېرى بىزدىكى سىياسىي قۇرۇلما ۋە كوللېكتىپ قۇرۇلما ئوخشاش بىر خىل ھالدا داۋام قىلدى. چۇشەنچە ۋە پىكىر دۇنيارىمىز ھېچ ئوزگەرمىدى. ئەپسۇس ئەتراپىمىزدا ئالەمشۇمۇل ئوزگىرىشلەر بولۇپ، تۈرلۈك دەۋر بۆلگۈچ ئىنقىلاپلار يېڭى تۈزۈم ۋە سېستىمىلارغا كۆچكەن بولسىمۇ بىز ۋە بىزگە ئۇستاز بولغان مۇسۇلمان ئەللەر ئېغىر ئۇيقۇدىن كۆزىنى ئاچمىدى. دىنىي قېرىنداشلىرىمىزدىكى بۇ خىل زامانغا ماسلاشماسلىق بىزنىمۇ ئەتراپقا ئېچىلىشىمىزغا زېھنىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسەتتى، قىسقىسى توسقۇنلۇق قىلدى. ئەقىل بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش سىستىمېسىنى ھازىرغىچە قۇرۇپ چىقالماسلىقىمىز بىر پاجىئەدۇر. ئەتراپىڭدىكى دوشمەنلىرىڭ سىياسىي ۋە ئىلمىي ئەقىل بىلەن تۇرسا سەن ئۇنىڭغا قارشى باشقا بىر تۇيغۇسال ئەقىل بىلەن قارشى تۇرۇشىڭ ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە بەرگەن قانۇنىيتى ( سۇننەتۇللا..) گە خىلاپ ئىكەنلىگىنىمۇ چۈشەنمەي كەلدۇق. ئەقلىمىز مەغلۇبىيەتنىڭ ئازاپلىرى بىلەن چىقىش يولى ئىزدىگەن زامانلار بەك ئاز بولدى. ئۇزۇن زاماندىن داۋاملاشقان پىكىر قاتماللىقىنى ئوزگەرمەس بىر نەرسە دەپ قوبۇل قىلىپ كەلدۇق. ئەقىلنى قوللانغانلارنى دىننىڭ سىرتىغا چىقىش بىلەن، ئىمانسىزلىق بىلەن جازالاندۇرۇپ كەلدۇق. بۇ بىر نەچچە ئەسىرلەر بويىچە « ھەركەت قىلغان ئۆلۈككە ئوخشاش …» بوپ كەلدۇق. ئەقىلگە، بىلىمگە تايانغان، ئىنسانىيەت قانۇنىيتىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى بىلگەن كۈچلەر بىزنى ئۆزى خالىغان تەرەپكە ھەركەتلەندۈرۈپ مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئويناتتى، پايدىلاندى. يەنە بىر قېتىم بۇ خىل ئەھۋالغا قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ئىككى مېتىر ئەمەس ئىككى مىڭ مېتىرنى كۆرەلەيدىغان پاراسەت بىلەن ئىش قىلىشقا مەجبۇرمىز. بۇ مەجبۇرىيەتنى كوللېكتىپ ئۈستىمىزگە ئېلىشقا نە ئەقلىمىز نە كۈچىمىز بار، بۇنى ئالدىمىزدا كۆرىمىز. خاتانىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ھەر ساھادىكىلەرنىڭ كوللېكتىپ ئەقلىگە ۋە كۈچىگە ئىھتىياجىمىز بار. بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە شەخسىي قۇتۇلۇش يوق. چەتئەللەردىكى تارقاق ياشاش، ئىقتىسادىي خاتىرجەملىك ( غەرب ئەللىرىدە …) بىزدە شەخسىي قۇتۇلغانلىق بولۇپ قالغاندەك ھالەت شەكىللىنىپ قالغاندەك تۇرۇدۇ. بۇنىڭ دەلىلىي ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپلام بىر تەشكىلات قۇرۇش، بۇ قۇرغان تەشكىلات باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا دۈشمەن بولۇشتىن ئىبارەت رىئاللىق. بۇ بىزگە ئېغىر زىيان سالسا، دۈشمەننى خۇش قىلىدىغان ئىش. ئەقلىي ۋە ماددىي كۈچىمىزنىڭ خۇراپ كېتىشىنىڭ ۋە ئۇمىدسىزلىك ئۇرۇغىنىڭ ئەۋلاتلارغا تارقىلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرى. ئەجابا بۇ خىل سۆرەلمە كېسەللىلەرنىڭ بىزدە بۇنچە ئۇزۇن زامان داۋام قىلىشى، ھەتتا غەرىب دۇنياسىدا ئوقۇپ ياشاپ تۇرۇپمۇ يەنە ئېغىر بىر شەكىلدە كۆرۈنىشى ئىشەنگىنىمز بىلەن دۇنياغا قاراش ۋە تارىخىي قاراشتىكى خاتا چۇشەنجىمىزدىنمىدۇ .،؟! جاھالەت كېسەللىگىنىڭ خۇراپىسىنى تۈگۈتەلمەي تۇرۇپ ئىلمىي جاھىللىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىزنى ساقايتىش قېيىن بولغان يەنە بىر كېسەلگە مۇپتىلا قىلماقتا. ئىلىملىك ئادەملىرىمىز مىللەتنىڭ ئومۇمى قاتلاملىرىدىن يىراقلاشقانلىقىنى، ئاۋام خەلق بىلەن بىر ھاڭنى پەيدا قىلغانلىقى كۆرۇنۇپ تۇرۇدۇ. شەخسىي ئەقلىمىز كوللېكتىپ ئەقىلگە ئۆزگەرمىگەن تەقدىردە مەقسەتكە يىتەلمەيمىز. ئاخىرەتكە بەرگەنچىلىك دۇنياغىمۇ ئەھمىيەت بىرىشمىز كىرەك. قۇرئانىمىز بۇنى بۇيرىغان ئەمەسمۇ ،.! ھازىر دىنىي ساھا بىلەن ئىلمىي ( زىيالىلىرىمىز) ئارىسىدىكى ماسلىشالماسلىق، تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ مەنبەسى دەل بىرسى جاھالەت بىلەن بىرسى ئىمانسىزلىق بىلەن بىر- بىرىنى ئەيىپلەش. بۇنىڭ تارىخىي پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت بولماقتا. بىر بىرىمىزگە ئوخشىمىغانلار بىلەن ئولتۇرۇپ قوپۇشنى ئۈگۇنەلمىدۇق، چۇشەنچىدىكى پەرىقلىق كىشىلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىشنى ئۈگۇنەلمىدۇق. بۇ بىزنىڭ ئاساسىي ئىشىمىزغا ئايلانغان مۇددەتچە ۋەتەن قۇتقۇزۇش ئەقلىمىزدىن ئەمەس خىيالىمىزدىنمۇ چىقىپ كىتىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە. ھازىرقى كىچىكلەپ بارغان دۇنيادا بىز ئيچىلمىغان بىر كوللېكتىپ ھالىغا كەلدۇق. لىكىن بۇلار ئوتتۇرىسدا بىر ئوخشاشلىق بار، بىرلىرى پۈتۈن ئىشنى ئامېرىكا ۋە غەربكە يەنە بىرلىرى ئاللاھقا ھاۋالە قىلدى. ھېچ ئىش قىلماي كۈتۈپ تەييار بولۇپ ئولتۇرۇش. ھەركەت قىلماي مەدەت كۈتۈش. ياراتقۇچى ھەركەت بىلەن مەدەت تىلەشنى بىرلەشتۈرەلىگەنلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. ئەمما خىتاي روس ئەمەس، خىتاي ئازراق ئىنسانىلىقى بار دوشمەن ئەمەس. ھالا بۇ رەزىل ، يالغانچى دوشمەننىڭ ئاڭلايدىن تىلىدىن گەپ قىلىشىنى ، توۋىقى سىقىرايدىغان يەردىن ئۇرۇشنى تاپالماي كەلدۇق . ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر قىرغىنچىلىقلار، ھەممە تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىق بىلەن ھەركەت قىلىشىنىڭ ئاددىي بىر سەۋەبىمۇ بولالمىغان ئەھۋالدا، بىزنى قانداق نەرسە ھەمكارلاشتۇرار.،؟! دۇنيا ھەيرانلىق بىلەن قارىغان ھالدا بىزنى گۈزەتمەكتە… دىگەنلىرىمىز بىلەن قىلغانلىرىمىزغا دىققەت قىلماقتا …بىز دائىم ئاللاھىم ،.! ئەڭ يامىنىدىن ساقلىغىن دەيمىز، ئەمما ئەڭ يامىنىدىن ۋەز كىچەلمەيمىز. ھازىرغىچە ئوز- ئارا باراۋەرلىكنىڭ، ھەمكارلىقنىڭ، ئەركىنلىكنىڭ، قېرىندشلىقنىڭ … نىمىلىگىنى بىلگىنىمىز يوق. پەقەت موھمىنلەر قېرىنداش دىگەننى بىلىمىز. قېرىنداشلىق دىگەن ببر مىللەت بولۇش، بىر ئۇلۇس بولۇش دىگەنلىك. بىر ۋەتەننىڭ ئىگىللىرى بىردەك بولۇش دىگەنلىك. بۇلار ئىزچىللىقنى داۋام قىلغاندا دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسىي بولىدۇ. يىقىنقى ئەسىرلەردە قۇرۇلغان ئۈچ دوۋلىتىمىز( قەشقەرىيە دۆلىتى، شەرقىي تۇركىستان ئىسلام جومھۇرىيتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جومھۇرىيتى ) نىڭ ئەڭ ئۇزۇن دەۋر سۈرگىنى قەشقەرىيە دۆلىتى ( تەخمىنەن 14 يىل ) . چۈنكى بىز تارىختىكى 4، 5 يۈز يىل ئىزچىللىق بىلەن داۋام قىلغان دۆلەتلەرنى قۇرغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ قېرىنداشلىق روھىدىن يىراقلاشتۇق. ئىچكى قاينام ئىچىدە تالىشىپ كۈچىمىزنى خوراتتۇق. دۈشمەننى، تاجاۋۇزچىنى تونۇيالمىدۇق، دوستنى دۈشمەنلەشتۈردۇق. بۇ خىل روھىي چۇۋالچاقلىقىمىزنىڭ يەنە بىر ھالىتىنى بۇ ئېغىر كۈنلەردە ئېنىق كۆرۇۋاتىمىز. دۈشمەننى تونۇشقا، دۇنيانى تونۇشقا، ئالەمنى تونۇشقا ھەر زامان كىبىرلىك قىلىپ كەلدۇق. نە سىياسىي قانۇنىيەتكە نە تەبىئىي قانۇنىيەتكە نە ئەخلاقىي قانۇنىيەتكە ئىتىبار بەرگەن زامانمىز بولمىدى. پىكىر -چۇشەنجىگە ئىزچىل باغلانغان بىر ئالاھىدىلىگىمىز تېخىمۇ بولماي كەلدى. روھىمىزدا، زىھنىمىزدە بىر بۇتنى چېقىپ يەنە بىر بۇتنى تىكلەپ كەلدۇق. ئۆلۈمدىن قورقۇش دەرجىمىز ھەر كۈنى ئۆرلەپ باردى. بۇ بۇزۇلغان روھنى قان بىلەن داۋالاشنىڭ يولىنى باشقىلار كۆرسۈتۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بىز:“ بۇ بەدىلى ئېغىركەن!“ دەپ تەرك ئەتتۇق. ھالا ھازىر بۇ ھەقتە سۆز بولسا قورقۇپ تىترەشكە، ئاجىزلىقىمىزنىڭ پەلسەپىسىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمىز. تاجاۋۇزچىغا ئوخشاش ئادەم سانى، ئوخشاش ئەسكىرى كۈچ، ئوخشاش تېخنىكا …. دىگەنلەرنى تەييالاپ قارشى تۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيىسىنى سىزىپ يۈرۈيمىز. خىتاينىڭ نوپۇس كۈچى بىلەن تاجاۋۇزچىلىق قىلىدىغان نامەرت دۈشمەن ئىكەنلىگىنى بىلىشتىن قىينالدۇق. كۆچمەن خىتايلارنى ۋەتىنىمىزدە مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن 75 يىلىنى سەرپ قىلغان ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۇك يولى ئۇلارنى ئارامىنى بۇزۇش ۋە قورقۇنۇش ئىچىدە قېچىشقا مەجبۇرلاشنىڭ چارىسىنى تېپىش ئىدى. بۇ ئىشلارنىڭ ئۈنۈملۇك بىر ئىسترتېگىيىلىك پىلانلىرىنى 75 يىلدىن بېرى تۈزۈپ، قەدەم باسقۇچ بىلەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرالمىدۇق. 75 يىللىق چەتئەلدىكى ئىشىمىز داۋايىمىزنى باشقىلارغا ئاڭلىتىش، يىغلاش، ئەرز قىلىش دەرت تۆكۈش بىلەن داۋام قىلدى. داۋانى ئايرىيدىغان سۆتچىنى ، ئىجرا قىلىدىغان كۈچ ئىزلەپ يۈرىيمىز . بۇ بىر بىمەنە ئەخمەقلىق ، تاجاۋۇزچىنى داۋا قىلىش بىلەن ، باشقىلارغا يالۋۇرۇپ مەدەت تىلەپ چىقىرپ بەر دىيىش بىلەن ئەمەس، ئۆزەڭنىڭ بەدەل تۆلىشى ، قان ۋە جان بىرىشى بىلەن بولىدىغان ئاددى بىر قانۇنىيەت ئىكەنلىگىنى بىلمەي كەلدۇق . ئەمما ھېلىھەم داۋا ئاڭلىتىش يولدىن ۋەز كەچمىدۇق ، چەتئەللىكلەر ئاڭلاپ ھارمىدى، بىز دەرت تۆكۈپ ھارمىدۇق. ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاشنىڭ، ئوزىمىز قىلىشنىڭ ئورنىغا باشقىلار قىلىپ بەرسۇن دەپ تاماگەرلىك بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرۇپ ”تەييارغا ھەييار“بولۇش ھالەتىنى شەكىللەندۈردۇق.
ئىمانىي چۈشەنچىدىن چىقىپ ئەقلىي چۈشەنچىگە ئۆتۈشنى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى مەنىتىقىلىق بىر يولنى ئەركىن ھالدا تاپالماي كەلدۇق. ئەڭ خەتەرلىك ئىنسانلاردا داۋاملاشقان ئاز ئويلاپ ، ئاز چۇشۇنۇپ كوپ سۆزلەپ كۆپ ئىشەنگەنلىگىمىزدىن ۋاز كىچەلمىدۇق .
كۆز ئالدىمىزدا مەۋجۇتلىقىنى ئېغىر بەدەللەر بەدىلىگە ساقلاپ كەلگەن ئۆلۈمگە تەييار جاسارەتلىك كىشىللىرىمىزنى تونۇماي كەلدۇق. ئۆز قەھرىمانلىرىنى تونۇمىغان ھەتتا ئۇلارنى خائىنلىق، جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىپلەپ گۆرىدىمۇ ئارام بەرمىگەنلەرنىڭمۇ ئۆز ۋىژدانىغا ئامانەت.

 

30.10.2024

Share
564 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.