logo

trugen jacn

ئىبنى خەلدۇننىڭ 700 يىل ئىلگىرىكى كۈنىمىزنى كۆرگەندەكلا يازغان ئەسىرى

 

ئىبنى خەلدۇننىڭ 700 يىل ئىلگىرىكى كۈنىمىزنى كۆرگەندەكلا يازغان ئەسىرى:
ئىبنى خەلدۇن ئۆزىنىڭ داڭلىق «مۇقەددىمە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: «باج-سېلىق كۆپەيگەندە، دۆلەت يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ».
دۆلەتلەر يىمىرىلگەندە، پالچىلار، تىلەمچىلەر، ساختىپەزلەر، يالغانچىلار، كاتىپلار، ناتىقلار، ئىناۋەتسىز ناخشىچىلار، قافىيەلىك شېئىر يازغۇچىلار، تەلەيچىلەر ۋە ساختا ئالىملار كۆپىيىدۇ. نىقابلار ئېچىلىدۇ، ئارىلاشماسلىقى كېرەك بولغان نەرسىلەر ئارىلىشىپ كېتىدۇ. باھالاش قابىلىيىتى يوقىلىدۇ، باشقۇرۇش ناچارلىشىدۇ. مەنا ۋە مەقسەتلەر ئارىلىشىپ كېتىدۇ، راستچىللىق بىلەن يالغانچىلىق ئارىلىشىپ كېتىدۇ.
دۆلەتلەر يىمىرىلگەندە، قورقۇنچ ھۆكۈم سۈرىدۇ، كىشىلەر گۇرۇھلارغا بۆلۈنىدۇ. غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىدۇ، ئىغۋا-شىكايەتلەر كۆپىيىدۇ. دوستلار دۈشمەنگە، دۈشمەنلەر دوستقا ئايلىنىدۇ. باتىلنىڭ ئاۋازى كۈچىيىدۇ، ھەقىقەتنىڭ ئاۋازى پەسىيىدۇ. گۇمانلىق چىرايلار كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ، تونۇش چىرايلار يوقىلىدۇ. چۈشلەر ئازىيىدۇ، ئۈمىد ئۆلىدۇ. ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ يالغۇزلۇقى ئاشىدۇ، چىرايلارنىڭ ئالامەتلىرى يوقىلىدۇ. قەبىلە گورۇھۋازلىق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ساراڭلىقنىڭ بىر تۈرىگە ئايلىنىدۇ. دانىشمەنلەرنىڭ ئاۋازى ناتىقلارنىڭ شاۋقۇنى ئىچىدە يوقىلىدۇ.
بىر ئائىلىنىڭ ئەزالىرى بىر-بىرىنى جاسۇسلۇق ۋە ساتقۇنلۇق بىلەن ئەيىبلەيدۇ. چوڭ كىشىلەرنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى مىش-مىشلار تارقىلىدۇ. سۇيىقەستلەر پىلانلىنىدۇ. يىراق-يېقىندىن نەسىھەتلەر كۆپىيىدۇ. كۈچلۈكلەر يىراقلارغا كېتىش يوللىرىنى، بايلار مال-مۈلكىنى ئويلىشىدۇ. ھەممە كىشى تەييارلىق ۋە كۈتۈش ھالىتىدە بولىدۇ. ۋەتەن بىر ساياھەت مەنزىلىگە، ياشىغان جايلار چامادانلارغا، ئۆيلەر ئەسلىمىلەرگە، ئەسلىمىلەر ھېكايىلەرگە ئايلىنىدۇ.
Share
1096 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.