logo

trugen jacn

سىياسى دۆتلۈكمۇ، ياكى سىياسى سۈيقەستمۇ؟

سىياسى دۆتلۈكمۇ، ياكى سىياسى سۈيقەستمۇ؟

نوتۇس ”Notus“ تورىدا 2024.يىلى 10. ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان ”كىشىلىك ھوقۇق دۇنياسىدا جىنسىي پاراكەندىچىلىك مەسىلىسى بار“ سەرلەۋىلىك ماقالە ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىگە بىر ”ئاتوم بومبىسى“ سۈپىتىدە تاشلاندى. بۈگۈن 6.ئاينىڭ 10.كۈنى. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى. ياخشى ۋە يامان نىيەتلىك تالاش – تارتىشلار پەسەيگىنى يوق. مەن بۇ توغرۇلۇق ئايرىم توختىلىمەن. بۈگۈن مېنىڭ توختىلىدىغىنىم، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ”رەزىل“ قىلىش پىلانىنىڭ باش رولىنى ئوينىغان جۇلى مىلساپنى ئۇيغۇر مىللى داۋاسىنىڭ مەركىزىگە يەرلىشىشىگە كىم پۇرسەت يارىتىپ بەردى؟

جۇلى مىلساپ كىم ئىدى؟

جۇلى مىلساپ 2010.يىلى ئامېرىكىدىن خىتايغا كېلىپ،2012 يىلى بىر خىتاي ئەر كىشى بىلەن ئۆيلىنىپ، 2020.يىلغىچە خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا ياشىغان بىر ئايال. جۇلى مىلساپنىڭ خىتايدا ياشىغان 10 يىللىق ھاياتى تامامەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە. بۇلۇپمۇ، 2016-2020.يىللىرى ئارىسىدا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر جازا لاگىرلىرىغا قامىلىپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان يىللاردا، ئىچكى موڭغۇلىيەگە قوشنا بولغان شەرقى تۈركىستانغا بىر قېتىممۇ بېرىپ باقمىغان، ئۇيغۇر دېگەن مىللەتكە ھېچقانداق يېقىنلىق تۇيغۇسى بولمىغان،2020.يىلى خىتاي ئېرى بىلەن بىللە ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن.

جۇلى مىلساپنى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىشىغا كىم يېشىل چىراق ياندۇرۇپ بەردى؟

جۇلى مىلساپ ئامېرىكىغا كېلىشى بىلەنلا ”ئۇيغۇر ھەرىكىتى“ تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس بىلەن تونۇشىدۇ. جۇلى مىلساپ، ”ئۇيغۇر ھەركىتى“ گە خىزمەتكە كىرىش ئىلتىماسى سۇنىدۇ. روشەن ئابباس، جۇلى مىلساپنىڭ خىتايدا ياشىغان 10 يىللىق قاراڭغۇ ھاياتى توغرۇلۇق ھېچقانداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماستىن، ئونى دەرھال ئىشقا ئالىدۇ.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى“ تەشكىلاتىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سىياسەت بەلگىلىگۈچى ئاساسى ئورۇننى ئىگىلىۋالغان جۇلى مىلساپ،خەلقئارادا تېخىمۇ زور تەسىرى بولغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» (UHRP) ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلىرىنى مەسئۇللىرى بىلەن تونۇشىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.
ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى تامامەن ئىگىلەپ بولغان جۇلى مىلساپ، بۇ يەردىن ئايرىلماي تۇرۇپ،«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» (UHRP) نىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنى جىنسى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ،ئارقىدىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» ( UHRP) قا ئىشقا ئۇرۇنلىشىۋالىدۇ.«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» (UHRP)نىڭ رەئىسلىرى نۇرى تۈركەل، ئۆمەر قاناتلارمۇ، بۇ ئايالنىڭ قاراڭغۇ ئۆتمۈشىنى سۈرۈشتە قىلمايلا قالماستىن، جۇلى مىلساپنى، ھۈكۈمەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىش، ھۆكۈمەت ۋە باشقا فوندلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم بۈلۈمنىڭ مۇدىرلىقىغا ئۆستىرىدۇ. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» (UHRP)دىن نۇرى تۈركەلنىڭ ئىستىپا قىلىشىغا سەۋەپچى بولغان جۇلى مىلساپ، ھازىرمۇ بۇ تەسكىلاتتا ئىشلەۋاتقان باشقا ئۇيغۇرلارنى دىر، دىر تىترىتىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىگە ئائىت «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» (UHRP) چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتىدۇ.
ژۇرنالىست ھالەي بيرد ۋىلتئى تاپقانمۇ، بېلگىيەدىكى ئەسما گۈن تېپىپ، ئۇنى جاسارەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچلەرگە زور ماددى ۋەدىلەرنى قىلغانمۇ جۇلى مىلساپتۇر.
جۇلى مىلساپنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قۇچىقىغا تاشلاپ قويغان كىم؟ روشەن ئابباس.

ئارسلان ھىدايەتنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېغىرىنى كولىغۇچى بىر شەخسكە ئايلىنىشىغا كىم سەۋەبچى بولدى؟

ئارسلان ھىدايەت ئىنگىلىزچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچەنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان، يازالايدىغان، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئوت يۈرەك ياش ئىدى. روشەن ئابباس، ئۇنى خىزمەتكە ئېلىپ ئامېرىكىغا ئەكەلدى. ئاستا، ئاستا ئۇنى زېرىكتۈرۈپ ئىشتىن چىقىرىپ رادىكال گۇرۇپلارنىڭ قوينىغا تاشلاپ بەردى.
ھازىر ئارسلان ھىدايەت، روشەن ئابباستىن يىگەن زەربىنىڭ ئىنتىقامىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن ئېلىش ئۈچۈن قەسەم ئىچكەندەك تۇرىدۇ. ئۇ، بىر تەرپتىن جۇلى مىلساپنى داۋاملىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى ئىستىغبارات بىلەن تەمىنلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسما گۈننى ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تۈكۈرۈپ تاشلىۋېتىلگەن چۈپرەندىلەرنى ئىكرانغا چىقىرىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ يېغىرىنى كوچلاشتىن باشقا ئىشقا ئەقلى ئىشلىمەيۋاتىدۇ. قارىغاندا ئارسلان ھىدايەت بىر ساپ ئۈزۈم ئۈچۈن بىر باغقا ئوت قويۇۋېتىشتىن يالتايمايدىغان ئەلپازى بار.
ئارسلان ھىدايەتنى مۇشۇ ئەھۋالغا كەلتۈرگەن كىم؟ روشەن ئابباس.

روشەن ئابباس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا ۋەزىپە ئېلىپ ئىشلەش ئورنىغا ئۆزى بىر تەشكىلات قۇرۇپلا قالماستىن، ئېرىگە يەنە باشقا بىر تەشكىلات قۇرۇپ بېرىپ ھەركەت قىلىۋاتىدۇ. ھازىر شەكىللەنگەن ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلساق، روشەن ئابباس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن ئىبارەت بۇ بىنا چۆكۈپ كەتسە، ئورنىغا ئۆزىنىڭ ۋە ئېرىنىڭ تەشكىلاتىنى دەسسىتىش پىلانى بارمۇ، يوق؟
روشەن ئابباسنىڭ، جۇلى مىلساپ ۋە ئارسلان ھىدايەتكە پائالىيەت زىمىنى ھازىرلاپ بېرىشى سىياسى دۆتلۈكمۇ، ياكى سىياسى سۈيقەستمۇ؟
ئۇيغۇر مىللىتىگە كەلتۈرۈلگەن بۇ ئېغىر زىيانلاردا كىملەرنىڭ پىلانى، كىملەرنىڭ قولى بار؟
ھەممەيلەن ئەقلىنى ئىشلىتىپ باقسۇن!

Share
719 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.