ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دائىرىلەر 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ يىللىق يازلىق تەتىل ئۈچۈن ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى توپلاپ، خىتاي دۆلەت بايرىقى ئالدىدا كوللېكتىپ قەسەم بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
ئاقسۇ ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىن خىتاينىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر، ئالىي-ئوتتۇرا تېخنىكوملار ۋە كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان 10 مىڭلىغان ئوقۇغۇچى شۇ كۈنى «مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ۋەتەن ۋە خەلققە سادىق بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ‹ئۈچ خىل كۈچ› بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىمەن،» دەپ قەسەم ئىچكۈزۈلگەن.
قەسەمياد يىغىنىدىن كېيىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى «دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇپ، سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك ئىزباسارلىرىدىن بولىمىز» دېگەن لوزۇنكىغا ئىمزا قويۇشقا ئۇيۇشتۇرۇلغان.
شۇ كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 8 ناھىيە، بىر شەھىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدا سىياسىي نەزەرىيە تەربىيەسى بويىچە ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوقۇتقۇچىلار سىياسىي ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلارمۇ تۈرلۈك شەكىلدىكى سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ تەتىللىك ئارامى بۇزۇلغان
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/oqughuchi-qesem-07032017140442.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.