logo

trugen jacn

شىنجاڭدىكى شۈبھىلىك ئېتىبار سىياسىتى

 

ئادرىئان زېنز

ئاپتور كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنسانشۇناسلىق بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر گېرمانىيەنىڭ كورنتال شەھىرىدىكى ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە تېخنىكا ئىنىستېتۇتىدا ئىجتىمائىي تەتقىقات مېتودلىرى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تەتقىقات نۇقتىسى خىتاينىڭ تىبەت ۋە شىنجاڭ(James Leibold بىلەن ھەمكارلاشقان)دىكى مىللەتلەر سىياسىتى ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالى. ئۇ خەتەر ئاستىدىكى تىبەتلەر (2014- يىلى نەشىر قىلىنغان)ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى.

شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن يامان ئىش ئەمەس.

12- ئاپرېل، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ يىراق غەربىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان ئەنسىز  ئۆلكىسى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شەرقىي تۈركىستان – ت)دا، بۇندىن كېيىن قوش تىل مائارىپى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىغا تىزىملاتقۇچىلارغا نومۇر قوشۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قوش تىل مائارىپى 2004- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. قوش تىل مائارىپى سىستېمىسىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى پەقەت بىر تىل دەرىسى ھالىتىدە چەكلەپ قويۇلغان بولۇپ، ئىنتايىن قويۇق بولغان خىتاي تىلى مۇھىتى يارىتىلغان.

خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ سەۋىيەسى كۆپىنچە خىتايلاردىن خېلىلا تۆۋەن بولغانلىقىتىن، دۆلەت ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشتا باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن  بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان. بۇ سەۋەبتىن، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانى(gaokao) ۋە مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا ئانا تىلى ئورنىغا خىتاي تىلىدا ئىمتىھان بەرسە نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ. شىنجاڭدىكى قوش تىللىق مائارىپتا ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى خىتايچە بېرىدۇ ۋە بۇنىڭ بىلەن ئېتىبار نومۇرغا ئېرىشىش سالاھىيىتىگە بولىدۇ.

2000- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ما روڭ ۋە خۇ ئەنگاڭغا ئوخشاش تەسىر دائىرىسى بار بولغان بىر قىسىم خىتاي زىيالىي ۋە ئالىملىرى «ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى»  دەپ ئاتالغان بىر تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغان. بۇ خىل قاراشتىكىلەر، مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ مىللىي كىملىكلەر ئارىسىدىكى پەرقنى چوڭايتىپ ئىجتىمائىي ئويۇشۇشقا خەۋپ ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مائارىپ ئاساسىي ياخشى بولغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا تەڭسىز ئەۋزەللىك بېرىدۇ. يەنە كېلىپ، ئېتىبار مۇئامىلە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «تىرىشچانلىق» روھىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ دەپ قارىغان. ئۇلار بۇنىڭ ئورنىغا ئېتىبار مۇئامىلە پەقەت ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئىھتىياجنى ئاساس قىلىشى لازىم. شارائىتى ياخشى بولمىغان رايونلاردا مىللەت ئايرىماستىن بارلىق ئاھالىلەر بۇ خىل قوللاشقا ئېرىشىشى كېرەك دەپ تەشەببۇس قىلغان. گەرچە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا بىرىكىپ كېتىش ئۇسۇلىنى قوللىسىمۇ، لېكىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ خىل تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشتا ئىككىلىنىپ كەلدى، بەلكىم مىللىي مەنپەئەتلەر ئۈستىدىكى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

قوش تىللىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا نومۇر قوشۇپ بېرىشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن، شىنجاڭ ئەمەلىيەتتە ئاللىبۇرۇن ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى تەلىپىنىڭ ئىككىنچى قەدىمىنى باستى. 2015- يىلى، بۇ ئۆلكە جەنۇبتىكى تۆت ۋىلايەتكە قارىتا رايونلارنى ئاساس قىلغان ئېتىبار بېرىش تۈزۈمى يولغا قويدى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ رايونلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۆلكىنىڭ باشقا جايلىرىدىن خېلىلا كېيىن تۇرىدۇ. بۇ ۋىلايەتلەردە، قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىنى خىتايچە بەرسىلا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ. لېكىن، بۇ سىياسەت مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان ئېتىبار بېرىش تۈزۈمىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتەلمىگەن. ئاز دېگەندە ئاتا – ئانىسنىڭ بىرى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغانلارغا 50 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ. باشقا ۋىلايەتلەردە، پەقەت ئاتا- ئانىسىنىڭ ئىككىلىسى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغانلارغا بىردەك 50 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ، ئاتا – ئانىسىنىڭ بىرى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغانلار ئاران 10 نومۇرغا ئېرىشەلەيدۇ.

خىتايچە ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكى ئاشماقتا

شىنجاڭنىڭ يېڭى سىياسىتى ئېتىبار بويىچە قوبۇل قىلىش سىتېمىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكەن بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرىدىن ئېلىنغان ھۆججەتلەر بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ. 1- جەدۋەلدە، ئىمتىھان بەرگەن تىلىغا ئاساسەن ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالى كۆرسىتىلگەن. خىتاي تىلىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خىتايلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئەمەلىيەتتە تەڭ دېگۈدەك.

خىتاي تىلىدا ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىيازىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى قەشقەرنىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش ئەھۋالى. بۇ يەردە، خىتايچە ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نەتىجىسىگە ئون نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇيغۇرچە ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ، لېكىن بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئېتىبار مۇئامىلىگە ئېرىشىش سالاھىيىتى بولمايدۇ.

2012- يىلى، خىتايچە ياكى ئۇيغۇرچە ئىمتىھان بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرى خىتايلاردىن ئوخشاشلا 10 نومۇر ئەتراپىدا تۆۋەن بولغان. لېكىن، 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلگەن بولغاچقا، خىتايچە ئىمتىھان بېرىشنى تاللىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرى خىتايلارنىڭكىگە يېقىنلاشقان.

2016- يىلىغا كەلگەندە، خىتايچە ئىمتىھان بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئەڭ ياخشى بولۇپ، نومۇر قوشۇپ بېرىلگەچكە، ئوتتۇرىچە نومۇرى ئېشىپ خىتايلارنىڭكىدىن 6 نومۇر يۇقىرى بولغان. گەرچە قەشقەرنىڭ ئەھۋالى پۈتكۈل شىنجاڭغا ۋەكىللىك قىلمىسىمۇ، لېكىن خىتايچە ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكىنىڭ خىتايلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

خىتايچە ئوقۇغانلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئوقۇغانلار ئارىسىدا يوچۇق پەيدا بولماقتا

نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە خىتايچە ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بارغانسىرى ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئوقۇغانلاردىن ئايرىلىپ قالماقتا. 3- جەدۋەلدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئىككى خىل گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %30 پەرقلىنىدۇ. دىققەت قىلشقا ئەرزىيدىغىنى، تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن رايونلاردا بۇ يوچۇقتا ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمىغان.

كىشىنى ئويغا سالىدىغان بۇ رېئاللىق بەك دىققەت قىلىپ كەتمىگەن بىر يۈزلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا نومۇر قوشۇپ بېرىلمەيدۇ. ئەكىسچە، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نومۇر چېكى ئەڭ تۆۋەن.

ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سىقىپ چىقىرىلىشىمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارقىلق قوبۇل قىلىنىش ئومۇمىي ئەھۋالىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغان بىر رېئاللىق(4- جەدۋەل). 2006- يىلى، خىتايچە ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان  ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەشتەن بىرىنى (%24.7 ئىچىدە %4.8)ئىگەللىگەن.  16\2015 يىللىرىغا كەلگەندە، ئۇلار ئومۇمىي ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمىنى(%41 ئىچىدە %23) ئىگەللىگەن. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى 24.7 دىن 41.0 گە چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نىسبىتى 19.9 دىن 18 گە تۆۋەنلىگەن.

ئوخشاش ئەھۋال قەشقەرنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھان نەتىجىسىدىمۇ كۆرۈلگەن. ھەر بىر خىزمەت ئورنىغا مىللەت تەلىپى قويۇلغان. بەزىلىرى ھەر قانداق مىللەتكە ئوچۇق، لېكىن بەزىلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە چەكلەنگەن

2012- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا نوپۇسىنىڭ %92 ى ئۇيغۇر بولغان بىر ۋىلايەتتە، ئۇيغۇر تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بىر ھەسسە تۆۋەنلىگەن، يەنى 30 دىن 16 گە چۈشۈپ قالغان.

خۇلاسە: نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قوش بىسلىق مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ

ئومۇمەن، قوش تىللىق مائارىپتا ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ خىتايلار بىلەن خىتاي تىلىدا رىقابەتلىشەلەيدىغان بىر ئەۋلاد ئاز سانلىق مىللەت تەربىيلەشتە غەلبىگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. لېكىن، ئۆزىنىڭ مىللىي تىلىنى ئاساس قىلغان مائارىپتا ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەتلەر تېز سۈرئەتتە ئارقىدا قالغان.

شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نۇقتىسىدىن قارىغاندا، نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنىڭ ئۇلارغا پايدا ئېلىپ كېلىشى ناتايىن. بىر تەرەپتىن، بۇ ئالىي مەكتەپ ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ خىتايچە ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئانا تىلىدا ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى يوچۇقنى تېز سۈرئەتتە چوڭايتىپ، مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىكى ئاسسىمىلياتسىيەنى كۈچەيتىدۇ.  بۇ سەۋەبتىن، نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن پۈتۈنلەي يامان ئىشمۇ ئەمەس.

مەنبە: دىپلومات تورى (The Diplomat)

يىل 2017-  5ئىيۇن

http://turkistantimes.com/uy/news-1622.html

Share
1629 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.