logo

trugen jacn

ئۈرۈمچىدىن كەلگەن خەت: بىر ئۇيغۇر فىروپىسسورنىڭ ئاخىرقى تۆۋۋەنامىسى

ئۈرۈمچىدىن كەلگەن خەت:  بىر ئۇيغۇر فىروپىسسورنىڭ ئاخىرقى تۆۋۋەنامىسى

 

قولۇمدا قەلەم، ئۈستەلدە كومپىيوتۇر . يېزىش ئۈچۈن ئولتۇرىۋاتىمەن. يازىدىغىنىم ئىلمىي ماقالە ئەمەس، ”ئىككى يۈزلىمىچىلىكىم“ نىڭ ئىتىراپنامىسى. بۇ كېچە يېزىپ ئەتە ئەتتىگەن ئۇنىۋېرستتىتىمىزنىڭ رەھبەرلىكىگە تاپشۇرمىسام، فىروپىسسورلىغىمدىن، مائاشىمدىن مەھرۇم قالىمەن. پارتىيدىن قوغلاپ چىقىرىمەن.ھەتتا قولۇمغا كويزا سېلىنىپ قاراڭغۇ كامېرلارغا سولىنىشىم مۇمكىن. يالغۇز مەن ئەمەس، پۈتۈن ئائىلە ئەپرايىم ۋەيران بولىدۇ. كېسەل ئازابى تارتىۋاتقان 30 يىللىق قەدىردان ئايالىمنى، جان- جىگەر بالىلىرىمنى، ئوماق نەۋرىلىرىمىنى كۆرەلمەيمەن. گۇندىپايلارنىڭ ئالدىدا ئىتتىن خار بولىمەن. نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق…. مەن ھەقىقەتەن جوڭگۇ كوممونىستىك پارتىيىسىگە، خەنزۇ خەلقىگە ئىككى يۈزلۈك قىلدىممۇ؟ مەن بىر تۇزكورمۇ؟ ياق. ھاياتىمدا ھىچ قاچان پارتىيىگە ئىككى يۈزلۈك قىلىشنى كۆڭلۈمگە كەلتۈرۈپ باقمىدىم. نىمىشكە مېنى ئىككى يۈزلىمەچىلىك روھى دۇنيامنى قېزىپ ئېتىراپنامە يېزىشقا مەجبۇرلايدۇ؟

ئويلا،ئەي، ھاياتىڭنى داۋازنىڭ ئاغامچىسىدا ئەنسىز ماڭىدىغان داۋازغا ئوخشاش ئەنسىزلىك ۋە ئېھتىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ كەلگەن فىروپىسسور!… ئويلاپ، ئويلاپ ئاخىرى ئۆزەمنىڭ  ئىككى يۈزلىمىچى ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يەتتىم. مەن ئىككى يۈزلىمىچى. مەن ئۆمرۈم بويىچە ئۆز مىللىتىمگە ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلدىم. مەن بىر قانۇن فىروپىسسورى تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلىرىمغا مىللىتىمنىڭ قانۇندىكى ھوقۇقلىرى توغرىسىدا بىر قېتىممۇ دەرس سۆزلىمىدىم. سورىغانلارنى ئازارلىدىم. ئوقۇغۇچىلىرىمغا ”سىڭگەن نېنىڭلارنى يەڭلار“ دەپ نەسىھەت قىلدىم. دادام ئۆلدى، ئانام ئۆلدى. جامائەت مەسچىتتە نامىزىنى چۈشۈرگەندە مەن مەسچىت ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇم. ئاتا- ئانامنىڭ جىنازا نامىزىدىمۇ جامائەت بىلەن سەپتە تۇرمىدىم. ساقچىلار مەن دەرس سۆزلەۋاتقان سىنىپقا كېرىپ ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەندە، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇناھى نىمە؟ قولىڭىزدا تۇتۇش رۇخسىتى بارمۇ؟ دەپ سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. فاكولىت پارتىيە ياچېيكىسى ”تۇتۇلغان ئوقۇغۇچىلاردا بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى بولغان“ دىسە، مەن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئەينەن يەتكۈزدۈم. ئوقۇغۇچىلىرىمدىن “ تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ نەخ جىنايىتى بارمۇ؟“ دەپ سورىغاندا. ”ئۇلۇغ پارتىمىز، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى بىخەتەرلىك ئورگانلىرىمىز خاتا ئىش قىلمايدۇ“ دەپ جاۋاپ بەردىم
بىر ئوغلۇمنى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىۋەتتىم. چەتئەلدە بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئارىلاشماسلىق توغرىسىدا دايىم تاپىلاپ تۇردۇم. جۇڭگو رەھبەرلىرى ئۇ دۆلەتكە زىيارەتكە بارغاندا ئوغلۇمغا تېلېفۇن قىلىپ “ خەنزۇ يولداشلار بىلەن بىللە قولۇڭغا قىزىل بايراقنى ئېلىپ چىقىپ رەھبەرلىرىمىزنى قارشى ئېلىشقا قاتناش” دېدىم. بالام چەتئەلدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، ھاقارىتىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ دېگىنىمنى قىلدى. مەن تۈركىيىگە ساياھەتكە باردىم. ئۇنىۋېرسىتېتتا بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقدىشىم ئىستانبۇلدا ياشايتتى. كۆرۈشكۈم بولسىمۇ كۆرۈشمىدىم. ھەتتا باشقىلاردىن ئىسمىنى سوراپ قويمىدىم. باشقا سەپداشلىرىمغا “ ئىستانبۇلدا تونىمىغان ئۇيغۇر گەپ سورىسا جاۋاپ بەرمەڭلار. مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ تەشۋىقات تورلىرىغا چىقماڭلار.“ دەپ ئاگالاندۇرۇپ تۇردۇم. ئىستانبۇلنىڭ ئاقساراي دېگەن يېرىدە بىر بىنانىڭ ئۈستىگە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئېسىغلىق ئىكەن، بىز ساياھەتچىلەرگە يول باشلاۋاتقان بىر ئۇيغۇر بالا “قاراڭلار! ئۇ بىزنىڭ مۇستەقىل بولغان ۋاختىمىزدىكى دۆلەت بايرىقى“ دەپ كۆرسەتتى. ھەممەيلەن قارىدى. بايراقنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. يېنىمدىكى بىرسى، نىمشكە يىغلايسىز؟، دەپ سورىدى. ”شۇ بايراقنى ئېلىپ يېرتىۋىتەلمىگىنىمگە ئېچىندىم“ دېدىم

بۇ يىلقى دوپپا بايرىمى يېقىنلاشقانسېرى ئوقۇغۇچىلىرىم ”مۇئەللىم، دوپپا بايراملىرىدا ھەممىمىز دوپپا كىيىپ، قىزلار ئەتلەس كۆينەك، ئوغۇل بالىلار ،كانۋاي كۆينەك كىيىپ، مىللىي قىياپەت بىلەن ياسىنىپ بايرىمىمىزنى تەبرىكلەيمىز. سىز بىر قېتىممۇ دوپپا كېيىپ بىز بىلەن بىللە بولمىدىڭىز. بۇ بايرامدا دوپپا كېيىڭ بىللە تۇرۇپ بىر خاتىرە رەسىمگە چۈشۈۋالايلى“ دېيىشتى. ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم دوپپا، كانۋاي كۆينەك كىيىپ بايرامنى ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن بىللە تەبىرىكلىدىم.خاتىرە رەسىمگە چۈشتۇق. ئوقۇغۇچىلىرىم بەك خوشال بولۇشتى. ئۇلار ”مۇئەللىم، مىللىي كىيىم سىزگە بەك يارىشىدىكەن.“ دېيىشتى. مەن ھاياجاندىن” مەن بىر ئۇيغۇر. ئۇيغۇرلىغىم بىلەن پەخىرلىنىمەن. سىلەرمۇ پەخىرلىنىڭلار“ دەپ ساپتىمەن. مانا ئەمدى ”ئىككى يۈزلىمىچى“ بولۇپ قالدىم. تەكشۈرۈش يېزىۋاتىمەن. مەن ھەقىقەتەن ئىككى يۈزلىمىچى، ئاسىيمەن. كىمگە ئاسىلىق قىلدىم؟ ئۆز ئاتا- ئانامغا، ئۆز خەلقىمگە، ئۆز مىللىتىمگە، ئۆز تارىخىمغا، ئۆز مەدەنىيىتىگە ئاسىيىق قىلغان ئىككى يۈزلىمىچىمەن. شۇنداق قىلىپمۇ پارتىيەگە يارىنالمىغان، ئۇلۇغ خەنزۇ مىللىتىگە يارىنالمىغان ئىككى يۈزلىمىچىمەن. قانۇن ئوقۇپ، قانۇن فىراپىسسورى بولۇپ تۇرۇپ خەلقىمنى قانۇن بىلەن قوغداشنى بىلمىگەن، قانۇننى ئۆز خەلقىمنىڭ پۇت، قولىغا سالىدىغان كويزا- كىشەن قىلىپ ئىشلىتىشكە سەۋەبچى بولۇپ بەرگەن ئىككى يۈزلىمىچىمەن. ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەق گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن قاراڭغۇ كامىرلاردا يېتىۋاتقان، كۈندۈزلىرى ئۇرۇلۇپ،سۇقۇلۇپ جوللىغى چىقىپ، كېچىلىرى، باققۇچىسى يوق ياشانغان ئاتا- ئانىسىنى، ئايالىنى، بۇۋاقلىرىنى، سۆيگەن قىزلىرىنى… سېغىنىپ, كۆزىدىن ئاققان ياشلارنى يارا باسقان قوللىرى بىلەن سۈرتۈپ ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتقۇزغان ۋەتەن ئەۋلاتلىرىنى ئۆمرىدە بىر قېتىممۇ ئويلاپ قويمىغان ئىككى يۈزلىمە تۇزكورمەن. ھاياتىم بويىچە خەنزۇلارغا خىزمەت قىلىپ، خەنزۇ بولاي دەپ بولالمىدىم. خەنزۇلارغا يارىناي دەپ يارىنالمىدىم. قويچى قولىدىكى تاياقنى پۇلاڭلاتقاندا بىر ئوڭغا، بىر سولغا ئۈركۈپ قېچىشقان پادا ئارىسىدىكى بىر قوي بولۇپ ياشىدىم. ئىھتىيات ۋە خۇشامەتچىلىك ئۇيغۇرنى قۇتقۇزىدىغان بولسا، مېنى قۇتقۇزاتتى. ئۇلار ئاخىرىدا مېنى يەنە ”ئىككى يۈزلىمىچى“ دېدى. ئىززەت –نەپسىمنى، غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلدى. زادى مەندە غۇرۇر يوقتى. جان بېقىش ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچىلىقتن ئىبارەت ئۇلۇغۋار كەسىپنى ئۇنۋان ئېلىشنىڭ، پۇل تېپىشنىڭ پەللەمپېيى قىلىپ ئىشلەتتىم. مەن ئىززەت-نەپسىمنى ئۆزەم ئاياق-ئاستى قىلىپ بولغان بىر زىيالىمەن. ئاخىرىدا ئۆز ۋەتىنىمىزدە جۇڭگودىكى نېگىرلار بولۇپ قالغانلىغىمىزنى چۈشىنىپ يەتكىنىمدە تېگى يوق بىر قۇدۇقنىڭ ئاستىدىكى قاراڭغۇلۇققا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتقان نىمجان ئىكەنلىگىمىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. دۆڭكۆرۈكتىكى كاۋاپچى ئۇستام كۆز ئالدىمغا كىلىۋاتىدۇ. ئۇ، ھەر قېتىم كوچىدىن ئۆتسەم چاقىرىپ، قولۇمدىن تۇتۇۋېلىپ بىر قانچە زىخ كاۋاپ يىگۈزەتتى. پۇل ئالغىلى ئۇنىمايتتى. ”ئەپەندىم. سېلى دىگەن بىزنىڭ غۇرۇرىمىز. “ دەيتتى. ئۇ كوچا دوقمىشىدىكى سامسىپەزچۇ! ”ئەپەندىم شۇ ئىسسىق سامسىدىن ئىككىنى يېۋالسىلا دەيمەن“ دەيتتى. شورپىسى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان لەززەتلىك سامسىنى يەتتىم. ”سېلى مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىدىغان زىيالىلار ئەپەندىم.“ دەپ پۇل ئالغىلى ئۇنۇمايتتى. 20 يىل شۇ كاۋاپچى، سامسىپەز ئۇستلارغا ئوخشاش كۆپلىگەن تۆۋەن تەبىقە ماڭا ھۆرمەت قىلدى. بېشىغا ئېلىپ كۆتەردى. مەن، ماڭا ھۆرمەت قىلغانلارغا ئەمەس، مېنى ئەزگەنلەرگە ھۆرمەت قىلدىم. مەندە شۇ ياغ دوپپىلىق كاۋاپچى، سامساپەزچىلىك غۇرۇر يوق ئىكەن. ئۇلارنى ھىچكىم ”ئىككى يۈزلىمىچى“ دەپ تەكشۇرۇش يازدۇرالمايدۇ. نىمشكە؟ چۈنكى، ئۇلار ئۆز ئەمگىگىگە تايىنىپ جان باقالايدۇ. ئۈرۈمچىدىن قوغلىۋەتسە، قەشقەردە, ئاقسۇدا يەنە جان باقالايدۇ. مەنچۇ؟ مەن مائاشتىن ئايرىلىپ قالسام كوچىلاردىكى ئىگىسىز ئىتتىن پەرقىم قالمايدۇ. قورقتۇم. ماشتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قۇرقتۇم. ئۆمۈر بويى قورقۇپ ياشىدىم. كوچىدىكى ئىت بولۇپ قالماي دەپ، بوينى باغلانغان ئىت بۇلۇپ ياشىغانلىقىمنى بىلمىدىم. ئىسىت،ئىسىت… خەلقىمگە فىروپىسسو ئەمەس، زەھەر قۇسۇر بولغىمغا ئىسىت…. بارلىق ۋاپاسىزلىقلارنى كەچۇرۈپ كەلگەن ئۇلۇغ خەلقىم. مېنىڭ ۋاپاسىزلىغىمنى كەچۈرۈڭلار! مېنىڭ سىلەرگە قىلغان ئىككى يۈزلىلىكىمنى كەچۈرۈڭلار! مەن، مېنى خارلىغانلاردىن ئەمەس، خارلانغان خەلقىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن. ئەندى خەخنىڭ يۇزىگە قاراشقا يۇزۇم يوقلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتىم. شەرەپسىز ياشاشتىن، شەرەپلىك ئولسەم ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلىمەن. خەلقىم مېنىڭ گۇىاھكار روھىمنى باغرىغا باسسا، مېنىڭ ئىككى  يۈزلىلىكىمنى ئەپۇ قىلسا، مەن ئۇ دۇنياغا راھەت كېتىمەن. ئەلۋىدا ئېزىز،ۋاپادار،خارلانغان ئۇيغۇر مىللىتىم

ئۇرۇمچى. 2017.يىلى 5. ئاينىڭ 20. كۈنى. كېچە

Share
3177 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.