ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئەلروھلان
مەن ئالدىنقى ماقالىدە ئامېرىكا چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دۇنياغا تونۇلغان تاشقى ئىشلار سىياسىيسى مۇتەخەسسىسى دوكتور جون مىئېرشايمېر (John Mearsheimer) نىڭ «جۇڭگو نېمىشقا تىنچ يول بىلەن تەرەققىي قىلالمايدۇ؟» دېگەن تېمىدىكى بىر مەيدان ئىلمىي دوكلاتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. دوكتور جون مىئېرشايمېرنىڭ داڭلىق كىتابلىرىنىڭ ئىچىدە «نېمىشقا لىدېرلار يالغانچىلىق قىلىدۇ: خەلقئارا سىياسەتتىكى يالغانچىلىق ھەققىدىكى ھەقىقەتلەر» دېگەن بىر كىتابىمۇ بار بولۇپ، ئۇ مۇشۇ تېمىدىمۇ كۆپ قېتىم ئىلمىي دوكلات بەرگەن. ئاشۇ ئىلمىي دوكلاتلارنىڭ بىرى 2012-يىلى 1-مارتتا ئامېرىكىنىڭ چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلەنگەن بولۇپ، مەن مەزكۇر ماقالىدە ئاشۇ بىر قېتىملىق ئىلمىي دوكلاتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن. مەن بايان قىلىدىغان ئىدىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىكى مەنبەگە تەۋە بولۇپ، ئەگەر مەن ئۆزۈمنىڭ سۆزلىرىنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇنى «ئىلاۋە» شەكلىدە بىر ئايرىم ئابزاس قىلىپ يازىمەن.
تۆۋەندىكىسى دوكتور جون مىئېرشايمېر دوكلاتىنىڭ مەن ئۆزۈم تاللىغان مەزمۇنلىرى.
يالغانچىلىق بەزىدە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. بەزىدە مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ لىدېرى (رەھبىرى) نىڭ يالغانچىلىق قىلىشى مەلۇم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. يالغانچىلىق بەزىدە دۆلەت ھاكىمىيەت ھۈنەرلىرىنىڭ بىر ياخشى قورالى بولالايدۇ. يالغانچىلىقنى «شەخسىيەتچى يالغانچىلىق» بىلەن «ئىستراتېگىيىلىك يالغانچىلىق» دېگەن 2 تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. لىدېرلار ئۆزلىرى پايدا ئېلىش ئۈچۈن قىلىدىغان يالغانچىلىق شەخسىيەتچى يالغانچىلىق بولىدۇ. لىدېرلار دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ قىلىدىغان يالغانچىلىق بولسا ئىستراتېگىيىلىك يالغانچىلىق بولىدۇ.
مەن كىتابىمدا ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاش ئۈچۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى كىچىك بۇش قىلغان 4 خىل يالغانچىلىقنى تىلغا ئالدىم. بۇش ھاكىمىيىتى ئۇ يالغانچىلىقلارنى شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قىلغان ئەمەس. ئۇلار ئىراق بىلەن ئۇرۇشۇش ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن پايدىلىق، دەپ قاراپ، ئاشۇنداق يالغانچىلىقلارنى قىلغان. ھازىر ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ئۇ بىر دۆتلۈك بىلەن ئېلىنغان قارار. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرى ئىراق ئۇرۇشى ئىشىدا «بىز توغرا ئىشنى قىلىۋاتىمىز»، دەپ ئويلىغان.
لىدېرلار قىلىدىغان يالغانچىلىقلارنىڭ بەزىلىرى «ياخشى يالغانچىلىق» كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ. مەسىلەن، سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى كېننېدى كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسى جەريانىدا قىلغان يالغانچىلىق ئەنە شۇنىڭغا كىرىدۇ. ئۇ ۋەقە مۇنداق: سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى باشلىقى خرۇشېۋ ئامېرىكا پرېزىدېنتى كېننېدىگە «ئەگەر سىلەر ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى يۇپىتېر تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئۆز دۆلىتىڭلارغا قايتۇرۇپ كەتسەڭلار، بىزمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۇبادىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئۆز دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىمىز»، دەيدۇ. سىلەرنىڭمۇ خەۋىرىڭلاردا بولغىنىدەك، تۈركىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قوشنىسىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ يۇپىتېر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا توغرىلاپ قويۇلغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بومبىلىرى بولسا ئامېرىكىغا توغرىلاپ قويۇلغان. كېننېدىمۇ شۇنداق قىلىشقا رازى ئىدى. ئۇ 1961-يىلى 1-ئايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغان ۋاقىتتىلا تۈركىيەدىكى بومبىلارنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئارزۇ قىلغان بولۇپ، ئەمما Pentagon (ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى) ئۇنداق قىلالماي قالغان ئىدى. ئەگەر كېننېدى بۇ قېتىم خرۇشېۋ بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئاشۇ بومبىلارنى ئامېرىكىغا يۆتكەپ كەلسە، ئۇنى ئامېرىكا خەلقىگە چۈشەندۈرۈش تەسكە توختايتتى. تۈركىيەمۇ «ئامېرىكىنىڭ ياۋروپانى قوغداش ۋەدىسى تازا دېگەندەك مۇستەھكەم ئەمەسكەن»، دەپ ئويلاپ قالاتتى. شۇڭلاشقا كېننېدى خرۇشېۋغا مۇنداق دەيدۇ: «بىز شۇنداق كېلىشىپ، بومبىلىرىمىزنى يۆتكەيلى. ئەمما، بۇ ئىشنى دۇنياغا ئېلان قىلماي مەخپىي تۇتايلى. ئەگەر سىز بۇ ئىشنى ئاشكارىلاپ قويىدىكەنسىز، مەن ئۇنى ھەرگىزمۇ ئۆز ئۈستۈمگە ئالمايمەن. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئەگەر ئامېرىكىدىكىلەر بۇ ئىشنى سېزىپ قېلىپ، مەندىن سوئال سوراشقا باشلايدىكەن، مەن بۇ ئىشنى ھەرگىزمۇ ئۆز ئۈستۈمگە ئالمايمەن.» كېيىن ئامېرىكىدىكى ژۇرنالىستلار بۇ ئىشنى سېزىپ قېلىپ، كېننېدىدىن سوئال سورىغاندا، كېننېدى ھەقىقەتەنمۇ «ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئىش يوق»، دەپ، يالغان سۆزلەيدۇ. ئەينى ۋاقىتتا كېننېدىنىڭ سۆزىگە مەنمۇ ئىشەنگەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئويلىغىنىمىز خاتا ئىكەن. كېننېدى بىزگە يالغان سۆزلىگەن ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ ئىشتا يالغانچىلىق قىلغىنىمۇ ياخشى بولۇپتىكەن. سەۋەبى، كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى. ئەگەر ئاشۇنداق بولمىغان بولسا، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا يادرو بومبا ئۇرۇشى پارتلاپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىدى.
مەن بۈگۈنكى دوكلاتتا ئاساسەن ئىستراتېگىيىلىك يالغانچىلىق ئۈستىدە توختىلىمەن. ئىستراتېگىيىلىك يالغانچىلىق بەزىدە ياخشى يالغانچىلىق بولۇپ چىقىدۇ. بەزىدە بولسا ئېغىر خاتالىق بولۇپمۇ چىقىدۇ.
يالغانچىلىق دېگىنىمىز راست گەپ قىلىشقا قارىمۇ-قارشى بولغان ئەھۋالغا قارىتىلغان. يەنى، بىر تەرەپتە راست گەپ قىلىش، يەنە بىر تەرەپتە ئالدامچىلىق (deception) بار.
ئالدامچىلىق يەنە يالغانچىلىق، گەپ ئوينىتىش، ۋە يوشۇرۇش (concealment) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
راست گەپ قىلىش دېگىنىمىز بىر ئادەمنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىر ئەھۋالنى ئۇتتۇرلا، ھەمدە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئەمەلىي پاكىتقا ئۇيغۇن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشقا قارىتىلغان.
ئالدامچىلىق بولسا يۇقىرىقىنىڭ ئەكسى بولىدۇ. ئۈچ خىل ئالدامچىلىقنىڭ ئىچىدىكى يالغانچىلىق راست ئەمەس ئەھۋالنى راست قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا قارىتىلغان. بالىڭىز تاپشۇرۇقنى ئىشلىمىگەن بىر كۈنى سىز ئۇنىڭدىن «تاپشۇرۇقنى ئىشلىدىڭمۇ؟» دەپ سورىسىڭىز، ھەمدە بالىڭىز: «ھەئە، ئىشلىدىم»، دەپ جاۋاب بەرسە، بىر بىر يالغانچىلىق بولىدۇ.
يەنە بىر مىسال: ئامېرىكا ئىراققا ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 2002-يىلى 27-دېكابىردا مۇنداق دېدى: «بىزدە ئوساما بىن لادىن بىلەن سادام ھۈسەيىن ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ھەققىدە پولاتتەك ئىسپات بار.» ئۇنىڭدىن تەخمىنەن 2 يىل ئۆتكەندە، يەنى 2004-يىلى ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بىلىشىمچە، بىن لادىن بىلەن سادام ھۈسەيىن ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ھەققىدە بىرەر كۈچلۈك پاكىت يوق.» مانا بۇ يالغانچىلىق.
يالغانچىلىقنىڭ يەنە بىر شەكلىمۇ بار. ئۇنىڭدا سۆزلىگۈچى يالغان گەپتىن بىرنى تۈپتۈزلا قىلمايدۇ، بەلكى، بىر قاتار گەپلەرنى قىلىپ، ئاڭلىغۇچىنىڭ ئۇنىڭ سۆزىدىن خاتا يەكۈن چىقىرىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا سىز سۆزلىرىڭىزنى مەقسەتلىك ھالدا ئاڭلىغۇچىنى خاتا تەرەپكە يېتەكلەيدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىنىڭ خاتا يەكۈنگە ئېرىشىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىسىز.
مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى كىچىك بۇش مۇنداق دېدى: «سادام ھۈسەيىن 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ بىر قىسمىغا مەسئۇل.» ئامېرىكا 2003-يىلى ئىراققا تاجاۋۇز قىلغاندا، ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ تەڭدىن تولىسى دەل شۇنداق، يەنى «سادام ھۈسەيىن 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ بىر قىسمىغا مەسئۇل»، دەپ ئويلىغان. بۇنىڭ سەۋەبى بۇش ھۆكۈمىتى ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكىلىقلارنى يۇقىرىدىكى گەپكە ئىشەندۈرگەنلىكىدىندۇر. بۇ ئىشتا بۇش ھۆكۈمىتى ھەرگىزمۇ «سادام ھۈسەيىن 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقارغان»، دەپ ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويمىدى. بەلكى ئۇلار بىر مەزگىللىك ۋاقىت ئىچىدە سىزنى «11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى سادام ھۈسەيىن كەلتۈرۈپ چىقارغان» دېگەنگە ئىشەندۈرىدىغان بىر قاتار باياناتلارنى بەردى.
ئىككىنچى خىل ئالدامچىلىق يوشۇرۇشتىن ئىبارەت. يوشۇرۇش دېگىنىمىز بىر ئادەمنىڭ ئاڭلىغۇچىغا بىر قىسىم پاكىتلارنى قەستەن دېمەسلىكىگە قارىتىلغان. مەسىلەن، ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاشتىن بۇرۇن قولغا چۈشكەن بىر قانچە تېررورىستلارنى سوراق قىلىپ، ئوساما بىنلادىن بىلەن سادام ھۈسەيىن ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق مۇناسىۋەتنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىگە چىش-تىرنىغىچە ئۆچ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. ئەمما بۇش ھۆكۈمىتى بۇ ئۇچۇرنى ئامېرىكا خەلقىدىن يوشۇرۇپ، «ئۇ ئىككىسىنىڭ ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋىتى بار»، دېدى. بۇ يالغانچىلىققا ئەمەس، بەلكى يوشۇرۇشقا كىرىدۇ.
ئۈچىنچى خىل ئالدامچىلىق گەپ ئوينىتىش (spinning) تىن ئىبارەت. بۇ خىل ئەھۋالدا سىز بىۋاسىتە يالغانچىلىق قىلمايسىز، بەلكى باشقىلارغا ھېكايە ۋە پاكىتلارنىڭ ئىچىدىكى سىزگە پايدىلىقلىرىنى دەپ، سىزگە پايدىسىزلىرىنى بولسا قەستەن دېمەي ئايرىپ قويىسىز. مەسىلەن، بىر جۈپ ئوغۇل-قىزلار مۇھەببەتلىشىش پاراڭلىرىغا چۈشكەندە گەپ ئوينىتىدىغان ياكى گەپ يۈگۈرتىدىغان ئىشلارنى كۆپ قىلىدۇ. ئەگەر ھازىر پرېزىدېنت ئوباما مۇشۇ مەيداندا بار بولۇپ، بىز ئۇنىڭدىن: «ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ئەھۋالى قانداقراق؟» دەپ سورايدىغان بولساق، ئۇ بىزگە ئىقتىسادنىڭ پەقەت ئىجابىي تەرەپلىرىنى دەپ، سەلبىي تەرەپلىرىنى تىلغا ئالماي ياكى يوشۇرۇپ، گەپ ئوينىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ ياكى باشقا بىر ئەمەلدار يالغانچىلىق قىلمايدۇ، ئەمما گەپ ئوينىتىدۇ.
قىسقىسى، ئالدامچىلىقنىڭ يۇقىرىقىدەك 3 خىلى بار. بىز ھەممىمىز گەپ يورغىلىتىش ۋە يوشۇرۇش ئىشلىرىنى داۋاملىق قىلىپ تۇرىمىز. ئەمەلىيەتتە ئەگەر گەپ يورغىلىتىش ۋە يوشۇرۇش ئىشلىرى مەۋجۇت بولمايدىكەن، بىر جەمئىيەتنىڭ ئىشلىرى نورمال ھالدا يۈرۈشمەيدۇ. ئەمما، يالغانچىلىق بىر پۈتۈنلەي باشقىچە ئىش. سىز باشقىلارنى «گەپ يورغىلىتىدۇ، يوشۇرىدۇ» دەپ خاراكتېرلىسىڭىز، كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنى قوبۇل قىلالايدۇ. ئەمما «يالغانچى» دەپ خاراكتېرلىسىڭىز، ئۇنى كۆپىنچە كىشىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ.
ئەمدى مەن يۇقىرىدىكى ئالدامچىلىقلار خەلقئارا سىياسەتتە قانداق رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىمەن.
(2)
خەلقئارالىق يالغانچىلىقنىڭ تۆۋەندىكىدەك 5 خىل تۈرى بار.
(1) دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى يالغانچىلىق. بۇنىڭدا بىر دۆلەتنىڭ لىدېرى يەنە بىر دۆلەتنىڭ لىدېرى ياكى يەنە بىر دۆلەتنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىغا يالغانچىلىق قىلىدۇ. مەسىلەن، سوغۇق ئۇرۇش جەريانىدا، ئامېرىكا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇردى: ئەگەر ئۇلار شەرقىي ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلىدىكەن، ئامېرىكا يادرو بومبىسى بىلەن شەرقىي ياۋروپانى قوغدايدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىدىكى سەۋەب، ئامېرىكىنىڭ يادرو بومبىسى ئىشلىتىش ھەيۋىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايتتى. بىزنىڭ يادرو بومبىسى ئىشلىتىدىغانلىقىمىزغا، شۇنداق بولغاندا سوۋېت ئىتتىپاقى باشلىغان ئەنئەنىۋى ئۇرۇش بىر يادرو ئۇرۇشىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنسە، سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي ياۋروپاغا ئەنئەنىۋى ئۇرۇش باشلىمايتتى. شۇڭلاشقا سوۋېتلىقلارنى بىزنىڭ يادرو بومبىسى ئىشلىتىدىغانلىقىمىزغا ئىشەندۈرۈش بىزگە ناھايىتىمۇ پايدىلىق ئىدى. ئەمما بىزنىڭ يادرو بومبىسىنى راست ئىشلىتىدىغانلىقىمىز ياكى ئىشلەتمەيدىغانلىقىمىز ئېنىق ئەمەس ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئۆزىلا ئۇ يەردە ناھايىتى ئېغىر پاجىئە پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنى ئاز دەپ ئامېرىكىنىڭ ئۇ رايونلاردا يادرو بومبىسىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىز ئانچە تەسەۋۋۇر قىلالمايتتۇق. شۇنداق بولسىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي ياۋروپانى يادرو بومبىسى بىلەن قوغدايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەمما، ئۇلار كېيىنچە ھەرگىزمۇ شەرقىي ياۋروپانى يادرو بومبىسى بىلەن قوغدىمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى پەقەت قۇرۇق ھەيۋىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. دېمەك، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا لىدېرلىرى پەقەت ھەيۋە قىلغان (bluffing). ھەيۋە قىلىشمۇ يالغانچىلىقنىڭ بىر شەكلى. ئاشۇ قېتىملىق يالغانچىلىقنىڭ قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. ئۇ سوغۇق ئۇرۇش جەريانىدا ياۋروپانى بىر قېتىملىق چوڭ بالايىئاپەتتىن ساقلاپ قالدى. بۇ ئىشتىكى بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئامېرىكا لىدېرلىرى كېيىنچە ئۆزىنىڭ يالغانچىلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
1-رەسىم: جون مىئېرشايمېر چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بېرىۋاتقاندىكى بىر كۆرۈنۈش.
(2) ئەندىشە پەيدا قىلىش (fear mongering). ئەندىشە پەيدا قىلىش بىر دۆلەت لىدېرىنىڭ ئۆز خەلقىگە ئىشلىتىدىغان ۋاسىتىسى. بۇش ھاكىمىيىتىنىڭ ئىراق ئۇرۇشى قوزغاشتىن بۇرۇن دۆلەت ئىچىدە ئېلىپ بارغان ئىشلىرى ئەنە شۇنداق ئەندىشە پەيدا قىلىشنىڭ بىر مىسالى بولالايدۇ. بۇش ھاكىمىيىتى ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىنى ئانچە قوللاپ كەتمەيدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندى. شۇڭلاشقا ئۇلار ئامېرىكا خەلقىگە «سادام ھۈسەيىن تەختتىن چۈشۈرۈلمىسە بولمايدىغان دەرىجىدە ناھايىتىمۇ خەتەرلىك» دېگەن ئۇقۇمنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلدى. شۇ جەرياندا ئۇلار 4 خىل يالغانچىلىقنىڭ ھەممىسى بىلەن شۇغۇللاندى: ئالدامچىلىق، گەپ ئوينىتىش، يالغانچىلىق، ۋە ئەندىشە پەيدا قىلىش. ئامېرىكا لىدېرلىرى ۋىيېتنام ئۇرۇشىنى قوزغاشنىڭ ئالدىدىمۇ ئەندىشە پەيدا قىلىش ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.
(3) ئىستراتېگىيىلىك يوشۇرۇش. بۇنىڭ بىر ياخشى مىسالى ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى كېننېدىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى لىدېرى خرۇشېۋ بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنى يوشۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقى. بۇ ئىشتا كېننېدى ناھايىتى زىددىيەتلىك سىياسىي قاراردىن بىرنى ئېلىپ، ئۇنى ئامېرىكا خەلقى بىلەن ياۋروپالىقلاردىن يوشۇردى.
(4) مىللەتچىلىك قىلىپ خاتا ئىدىيە پەيدا قىلىش (nationalist myth-making). ھەممە ئەللەر مىللەتچىلىكتىن پايدىلىنىدىغان بولۇپ، مىللەتچىلىكنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە يالغان سۆزلەيدۇ. ھەممە دۆلەتلەر يالغان تارىخ توقۇش ئىشىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۆزىنى ياخشى تەرەپ، يەنە بىر دۆلەتنى يامان تەرەپ قىلىپ كۆرسىتىدىغان ھېكايىلەرنى توقۇيدۇ. مەسىلەن، مەن داۋاملىق ئىشلىتىدىغان بىر مىسال 1947-يىلىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇ چاغدا مەن ۋە مەن بىلىدىغان بارلىق كىشىلەر مۇنداق بىر بايانغا ئىشەنگەن: ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقى ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان ئەرەبلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۇ يەردىن كۆچۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ سەۋەبى ئەرەب لىدېرلىرى ئۇلارغا ئەنە شۇنداق يوليورۇق بېرىپ، ئۇلار كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەرەب ئەسكەرلىرى كېلىپ، بارلىق يەھۇدىيلارنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى، يەھۇدىيلارنى ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پەلەستىنلىكلەر ئۆيىگە قايتىپ كەلسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، ئەرەب لىدېرلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئەرەبلىكلەرنىڭ ھازىرقى ئىسرائىلىيە زېمىنىدىن كۆچۈپ كېتىپ، پەلەستىندە كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى پەيدا قىلغانلىقى ئاشۇ ئەرەبلەرنىڭ ئۆز گۇناھى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز ھازىر ئىسرائىلىيە تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق، ئەسلىدىكى ئىشنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلدۇق. ھەقىقىي يۈز بەرگەن ئەھۋال ئەسلىدە مۇنداق ئىكەن: ئىسرائىلىيەلىكلەر ئەرەبلىكلەر ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، يەنە 700 مىڭ ئەرەبنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن. ھەمدە كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىپ كېلىشىگە يول قويمىغان. مانا بۇ مىللەتچى خاتا ئىدىيە پەيدا قىلىشتۇر. بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار يالغۇز ئىسرائىلىيەلا ئەمەس. بۇنداق ئىشنى ھەممە دۆلەتلەر قىلىدۇ.
(5) لىبېرالىست (liberal) يالغانچىلىق. ئۇرۇشنى قانداق چۈشىنىش كېرەكلىكى ھەققىدە ھازىر خەلقئارادا ناھايىتى ياخشى قوبۇل قىلىنغان بىر قاتار ئۆلچەملەر بار. مەسىلەن، يول قويۇلىدىغان ئۇرۇش، ۋە بىر ئۇرۇشتا قانداق ئىشلارغا يول قويۇش، دېگەنلەر. ئۇ ئۆلچەملەر ئادالەتلىك ئۇرۇش نەزەرىيىسى بويىچە بېكىتىلگەن. بەزى ئەللەر ئۇرۇش قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاندىن ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆزى قىلغان ئىشلارنى يوشۇرىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىر ناھايىتى قىزىقارلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. ئۇرۇش جەريانىدا ئامېرىكا گېرمانىيەگە قارشى ئۇرۇشتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىر سەپتە تۇردى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ، سوغۇق ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن بولسا ئامېرىكا گېرمانىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇردى. يەنى، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بىلەن ئۆزىنىڭ دۈشمىنىنى ئالماشتۇردى. ئامېرىكا ئۈچۈن يېقىنقى تارىختا بۇنداق ئىشلار ناھايىتى كۆپ يۈز بەردى. يەنى ئامېرىكا كۆپلىگەن ھازىرقى زامان تارىخىدا ئادەم قىرغان ھاكىمىيەتلەر بىلەن دوست بولدى. سوغۇق ئۇرۇش جەريانىدا ياۋروپانىڭ مەركىزىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى بىر چوڭ كۈچ ھاسىل قىلىشتا گېرمانىيە ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا، بىز ئۇلارنى ئاقلاشقا مەجبۇرى بولدۇق. بىز «2-دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا شەرقىي ئۇرۇش رايونى ۋېرمونت (Vermont) ئالدىنقى سەپىدە يۈز بەرگەن چوڭ قىرغىنچىلىقتا گېرمانىيەنىڭ قولى يوق»، دېدۇق. بۇ بىر يالغانچىلىق. 1942-يىلى ئەتىيازدا ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيىسى گېرمانىيەنى بومباردىمان قىلىپ، چامىسىنىڭ يېتىشىچە گېرمان پۇقرالىرى ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق قىلدى. ئەمما ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ گېرمانىيە پۇقرالىرىنى قەستەن قىرغانلىقىنى دۇنيادىن يوشۇردى. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى ئۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپ ئىدى. ئەنگلىيە يالغانچىلىق قىلىپ، دۇنياغا «بىز پەقەت ھەربىي نىشانلارنى، ۋە ئىقتىسادىي نىشانلارنىلا بومباردىمان قىلدۇق»، دەپ جاكارلىدى. مانا بۇ لىبېرالىست يالغانچىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىلاۋە: يۇلغۇن لۇغىتىدە ئىنگلىزچە «liberal» دېگەن سۆز «سېخىي، مەرد، ئوچۇق قول، قولى ئوچۇق، مول، باي، تولۇق، يېتەرلىك، ئەركىن، باشباشتاقلىق، لىبېرالىست» دەپ ئىزاھلىنىپتۇ.
(3)
مەن كىتابىمدا ئىككى ئاساسىي بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇنىڭ بىرى، دۆلەتلەر ئۆز-ئارا يالغانچىلىق قىلىدىغان ئىشلار ئانچە كۆپ يۈز بەرمەيدۇ. مەن بۇ ئىشنى بايقىغاندا بىر ئاز چۆچۈپ كەتتىم. مەن دۆلەت ئەمەلدارلىرى باشقا دۆلەت خەلقلىرىگە يالغان گەپ قىلىدىغان ئىشلارنى ئىنتايىن كۆپ ئۇچراتقان. چەت ئەل دىپلوماتلىرى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ خەلقىگە يالغانچىلىق قىلىدىغان ئىشلارنىمۇ داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئەمما مەن دۆلەتلەر بىر-بىرىگە يالغان سۆزلەيدىغان ئىشنىڭ مىساللىرىنى تېپىش ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. كىتابىمغا بۇ ھەقتە بىر قانچە مىساللارنى كىرگۈزگەن بولۇپ، مەن ئۇ مىساللارنى تېپىش ئۈچۈن ئىنتايىن قاتتىق تىرىشتىم.
مەن مۇشۇنداق مەزمۇندا باشقىلارغا دوكلات بەرگەندە، تىڭشىغۇچىلارنىڭ نۇتۇقچىلارغا نەقەدەر ئىشەنمەيدىغانلىقىغا ھەيران قالدىم. يەنى، باشقىلار ماڭا داۋاملىق «ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. دۆلەتلەر بىر-بىرىگە يالغان سۆزلەيدىغان ئىشلار ئىنتايىن كۆپ بولۇشى كېرەك»، دەيدۇ. مەن شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا: «ئۆيىڭىزگە بېرىپ، كېيىنكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە دۆلەتلەر بىر-بىرىگە يالغان سۆزلەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، تاپقان مىساللىرىڭىزنى ماڭا ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىڭ»، دەيمەن. نەتىجىدە بىرەر ھەپتىدىن كېيىن ماڭا جاۋابلار كېلىشكە باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ جاۋابىدىن كۆپىنچە ۋاقىتلاردا 3 تەك مىسال چىقىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئىككىسى يالغانچىلىق ئەمەس بولۇپ، قالغان بىرى بولسا مەن كىتابىمدا تىلغا ئالغان مىسالنىڭ ئۆزى بولۇپ چىقىدۇ.
بەزى سورۇنلاردا تىڭشىغۇچىلار مەندىن: «سىزچە سادام ھۈسەيىن يالغانچىلىق قىلمىغانمىدۇ؟» دەپ سورىدى. «ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەد نىجات يالغان سۆزلىمىدىمۇ؟» دەپ سورىدى. «شىمالىي كورېيەلىكلەر بىزگە يالغان گەپ قىلمىدىمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن سوئال سورىغۇچىلارغا: «ئەگەر سىز ئۇلار يالغان گەپ قىلدى، دەپ ئويلىسىڭىز، ماڭا ئۇلارنىڭ قايسى گېپى يالغان ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىڭ»، دېدىم. ئەمما، ماڭا بىرەر مىسال كۆرسىتىپ بېرىدىغانلار چىقمىدى. مەن ئۆزۈممۇ سادام ھۈسەيىننىڭ يالغان گەپ قىلغانلىقىنىڭ بىرەر مىسالىنى تاپالمىدىم. بۇ دېگىنىم سادام بىر ياخشى ئادەم، ئەخمەد نىجات بىر ياخشى ئادەم، دېگىنىم ئەمەس. بۇ يەردىكى سوئال «ئۇلار بىزگە يالغان گەپ قىلىپ باقتىمۇ»، دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، مەن ئۇنىڭغا ئىسپات تاپالمىدىم. كىشىلەر مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئىشەنمەيدىكەن. مەن بۇنىڭغا ناھايىتى ھەيران قالدىم.
مېنىڭ ئىككىنچى بايقىشىم شۇكى، لىدېرلار باشقا ئەللەرگە يالغان سۆزلىگىنىگە قارىغاندا ئۆز خەلقىگە كۆپرەك يالغان گەپ قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالىدا ئەندىشە پەيدا قىلىش ھەممىدىن ئېغىر. بىر ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس تارىختىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى قىلغان يالغان گەپلەر ھەققىدە بىر كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇ كىتاب ئىنتايىن ئېسىل چىقىپتۇ. ئەمما، ئۇ كىتاب ئوقۇرمەنلەرنى ناھايىتىمۇ چۈشكۈنلەشتۈرۈۋېتىدىكەن. يەنى ئۇ كىتاب يالغان گەپلەر ھەققىدىكى مىساللار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، ئادەم ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە يالغان گەپ قىلغانلىقىنى بىلسە، بىر ئاز چۈشكۈنلىشىپ كېتىدىكەن. ئاشۇ كىتابتىكى بىر مىسال سادام ھۈسەيىن ھەققىدە ئىكەن. ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ئامېرىكا لىدېرلىرى دەسلىپىدە ھەممە يەرلەردە «سادامنىڭ چوڭ ۋەيرانچىلىق قوراللىرى بار»، دېگەن باياناتلارنى بېرىپ يۈرگەن. ئەمما كېيىنچە ئۇنداق قوراللار تېپىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر «ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب سادام بىزگە قۇرۇق ھەيۋە قىلغانلىقىدا. ئۇنىڭدا چوڭ ۋەيرانچىلىق قوراللىرى يوق بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنى ئاشۇنداق قوراللىرى باردەك قىلىپ كۆرسەتتى. شۇڭا بىز ئۇنىڭ دامىغا چۈشۈپ، ئۇنىڭدا چوڭ ۋەيرانچىلىق قوراللىرى بار، دەپ ئويلاپ قاپتىمىز»، دېيىشكە باشلىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا سادام ئىزچىل تۈردە «ئىراقتا چوڭ ۋەيرانچىلىق قوراللىرى يوق»، دەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئىشتا ئۇ ھەقىقەتەنمۇ يالغان سۆزلەپ باقمىغان. ئۇ يالغان گەپ بىلەن ھەيۋە قىلغانغا ئائىت پاكىتمۇ مەۋجۇت ئەمەس. مەن كۆپلىگەن ساھەلەردىكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلارغا «سىلەردە بىرەر ئىسپات بار بولسا ماڭا بەرگەن بولساڭلار»، دەپ تۇردۇم. ئەمما مەن ھازىرغىچە ئۇنداق ئىسپاتقا ئېرىشەلمىدىم. دېمەك، ئىراق ئۇرۇشى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ھەمدە 1990-يىللىرىنىڭ ھەممىسىدە سادام ھۈسەيىن بىزگە يالغان گەپ قىلىپ باققان ئەمەس. ئەمما پرېزىدېنت كىچىك بۇش بىزگە يالغانچىلىق قىلدى. بۇ ئەھۋال مېنىڭ ئىككى بايقىشىم بىلەن ئوخشاش.
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بىر دۆلەتنىڭ لىدېرلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ لىدېرلىرىغا يالغانچىلىق قىلماي، ئۆز دۆلىتىنىڭ خەلقىگە يالغانچىلىق قىلىدۇ؟ مېنىڭ چۈشەنچەم مۇنداق: خەلقئارا سىياسەتتە ئوخشىمىغان ئەللەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ئىشەنچ كۈچلۈك ئەمەس. بىر-بىرىگە ئىشەنمىگەن ئەھۋالدا قارشى تەرەپكە يالغان گەپ قىلىشنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى قالمايدۇ. دۆلەتلەر بىر-بىرىگە ئانچە ئىشەنمەيدۇ. شۇڭلاشقا رىگان ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىتا «ئۇلارغا ئىشىنىڭلار، ئەمما جەزملەشتۈرۈڭلار»، دېگەن. ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى، سوۋېتلىقلارغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا بىز جەزملەشتۈرمىسەك بولمايدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، سوۋېتلىقلارمۇ بىزگە ئىشەنمىگەن. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھازىر بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
مەملىكەت ئىچىدىكى ئىشلار يۇقىرىدىكىنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. خەلق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ لىدېرلىرىغا ئىشىنىدۇ. لىدېرلارنىڭ بىزنى قوغداش ۋەزىپىسى بار. ئۇلار بىز بىلەن بىر تەبىقىنىڭ ئادەملىرى. شۇڭلاشقا دۆلەتلەر ئارا مەۋجۇت ئەمەس ئىشەنچ لىدېرلار بىلەن خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
مەسىلەن، ئىراق ئۇرۇشى باشلىنىشتىن بۇرۇن، مەن ئىراقتىكى قوراللارنى تەكشۈرۈش ئىشىغا مەسئۇل بولغان ئەپەندىنىڭ بىر نۇتقىنى ئاڭلاپ، ئىراقتا زور ۋەيرانچىلىق كەلتۈرىدىغان قوراللارنىڭ يوقلۇقىغا ئىشەنگەن ئىدىم. ئەمما، بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رامسفېلد (Rumsfeld) مۇنداق دېدى: «بىز ئىراقتا زور ۋەيرانچىلىق قوراللىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىز، چۈنكى، بىز ئۇلارنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.» دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھېلىقى قوراللارنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمىسە، يۇقىرىقىدەك گەپ قىلمايتتى. ئۇ مۇشۇنداق مۇھىم ئىشلاردا بىزگە تۈپمۇ-تۈز يالغانچىلىق قىلمايتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن مەيدانىمنى ئۆزگەرتىپ، كىشىلەرگە «ئىراقتا زور ۋەيرانچىلىق قوراللىرى بار بولۇشى مۇمكىن»، دەپ يۈردۈم. ئەمەلىيەتتە بولسا ئىش ئۇنداق ئەمەس بولۇپ، رامسفېلد بىزگە يالغان سۆزلەپتۇ. بۇ ئىشتا بىز لىدېرلىرىمىزغا ئىشەندۇق. ئەگەر ئۆز لىدېرىغا ھېچ كىم ئىشەنمىسە، بىر دۆلەتنىڭ ئىشى نورمال ماڭمايدۇ. دېمەك، لىدېرلار باشقا دۆلەتكە يالغان سۆزلىگەنگە قارىغاندا ئۆز خەلقىگە بەكرەك يالغان سۆزلەيدۇ.
مەن يۇقىرىدا خەلقئارا سىياسەتتە لىدېرلارنىڭ ئەھۋالغا قاراپ يالغانچىلىق قىلىشى بىر ئادەتكە ئايلانغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. لىدېرلارنىڭ بەزىدە ئۆز خەلقىگە يالغانچىلىق قىلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق. ئەمما، يالغانچىلىقنىڭ رېئال زىيانلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ ئەندىشە پەيدا قىلىشنىڭ زىيىنى ناھايىتى چوڭ. يالغانچىلىقنىڭ 2 چوڭ خەتىرى بار. ئۇنىڭ بىرى ئۆزىگە يېنىش (blowback) بولۇپ، يەنە بىرى بولسا ئەكسى نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقىرىش (backfiring).
«ئۆزىگە يېنىش» مۇنداق بولىدۇ: بىر لىدېر ئۆز خەلقىگە مەلۇم بىر تاشقى سىياسەت ھەققىدە يالغان سۆزلىگەندە، ئۇ ئىچكى سىياسەتلەر ئۈستىدىمۇ يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرى بولۇپ، سەمىمىيەتسىزلىكنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئەگەر بىر لىدېر تاشقى سىياسەت تەھدىتى ئۈستىدە ئۆز خەلقىگە يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرى بولىدىكەن، بۇ ئاشۇ خەلق راستچىللىقنى توغرا قوبۇل قىلالمايدۇ، دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ. خەلقتە بىر مەسىلە بارلىقىدىن، ئۇلارنىڭ چوڭقۇر ئويلىيالمايدىغانلىقىدىن، ۋە ئۇلارنىڭ ناھايىتى پەرۋاسىز ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. لىدېر توغرا ئىش قىلىش ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى ئەخمەق قىلمىسا بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مانا بۇ ئەندىشە پەيدا قىلىشنىڭ دەل ئۆزىدۇر. تاشقى سىياسەت بىلەن ئىچكى سىياسەتنىڭ ھەر ئىككىسىدە يالغانچىلىق قىلىش خەلق ئاممىسى ئارىسىدا سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەبچى بولىدىغان بولۇپ، ئۇ تولىمۇ خەتەرلىك. بۇنداق ئەھۋالدا بىر جەمئىيەت نورمال ھەرىكەتلىنەلمەيدۇ.
«ئەكسى نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقىرىش» تا سىز قىلغان يالغانچىلىق سىز كۈتكەن نەتىجىنى ئېلىپ كەلمەي، سىز كۈتكەننىڭ ئەكسىگە توغرا كېلىدىغان نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، بۇش ھاكىمىيىتى بىر يالغانچىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكا خەلقىنى ئالداپ، شۇ ئارقىلىق ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. ئەمما بۇ ئۇرۇش بىر بالايىئاپەت بولۇپ چىقتى. ئۇلارنىڭ يالغانچىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ ئىراق ئۇرۇشى ھەققىدىكى ئىدىيىسى باشتىنلا خاتا بولغانلىقىدۇر. ئەگەر ئۇلار بىزگە راست گەپ قىلغان بولسا، ئىراق ئۇرۇشى يۈز بەرمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىزگە بۇ بالايىئاپەتمۇ كەلمەيتتى. ۋىيېتنام ئۇرۇشىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىش يۈز بەرگەن. يەنى ئۇ چاغدىمۇ دۆلەت لىدېرى خەلققە يالغان سۆزلىگەن. ئاشۇ ئىككى ئۇرۇشنىڭ ھەر ئىككىسى بىزگە ئەكسى نەتىجە ئېلىپ كەلدى.
دېمەك، ئەندىشە پەيدا قىلىش بىر ئىنتايىن خەتەرلىك ئىش. ئۇ ناچار سىياسەتكە ئېلىپ بېرىپ، مەدەنىيەتنى زەھەرلەپ، ئەڭ ئاخىرى بىزنى بىر مەغلۇبىيەتكە مەجبۇرلايدۇ.
ئەندىشىنى ئەڭ كۆپ پەيدا قىلىدىغان ئەللەر دېموكراتىك ئەللەر بولۇپ، ئۇلار يىراق كەلگۈسىدىكى تەھدىتكە قارشى ئالدىنى ئېلىش ئۇرۇشى ئېلىپ بارىدۇ. چەت ئەل تەھدىتى ھەققىدە ئۆز خەلقىگە ئەڭ كۆپ يالغانچىلىق قىلىدىغان ئەللەرمۇ دېموكراتىك ئەللەر. ئاشۇنداق ئەللەرنىڭ بىرى ئامېرىكىدىن ئىبارەت. ئامېرىكا دۇنيانى باشقۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر دۆلەت بولۇپ، ئۇ يەنە بىر دېموكراتىك دۆلەت.
پايدىلىنىش مەنبەسى:
[1] Why Leaders Lie: The Truth About Lying in International Politics
https://www.youtube.com/watch?v=VPe5f5dcrGE
مەزكۇر ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى يازمىلار:
[1] جۇڭگو ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ
<http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47047-Junggo-Asiyadiki-H%F6k%FCmran-K%FCch-Bolalmaydu>
[2] جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟
<http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47243-Junggo-bilen-Am%E9rikining-Urushush-%C9htimalliqi-Qanchilik>
[3] ترامپنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى جۇڭگو ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
<http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47285-Trampning-Pr%E9zid%E9nt-Bolushi-Junggo-%DCch%FCn-N%E9midin-D%E9rek-B%E9ridu>
[4] مىللەت دۆلىتى، مەدەنىيەت دۆلىتى، ۋە ئاسسىمىلياتسىيە
<http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47355-Millet-D%F6liti-Medeniyet-D%F6liti-we-Assimilyatsiye>
[5] شى جىنپىڭ جۇڭگونى بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە يېتەكلەيدۇ؟
http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47402-Shi-Jinping-Junggoni-Buningdin-K%E9yin-Qaysi-Terepke-Y%E9tekleydu
[6] جۇڭگو دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىققاندا
<http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47450-Elrohlan-Junggo-Dunyadiki-1-Orun%92gha-Chiqqanda>
7]] تارىخ بىلەن سۆھبەت: ئامېرىكا، غەرب، ئاسىيا، ۋە جۇڭگو
http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47530-Tarix-Bilen-S%F6hbet-Am%E9rika-Gherb-Asiya-we-Junggo
8]] جۇڭگو نېمىشقا تىنچ يول بىلەن تەرەققىي قىلالمايدۇ؟
http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47665-Elrohlan-Junggo-N%E9mishqa-Tinch-Yol-Bilen-Tereqqiy-Qilalmaydu
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.