ئەڭ يېڭى خەۋەر
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
يېقىندا خوتەندە جازالانغانلىقى ئېلان قىلىنغان 97 كادىردىن، بىر كەنت سېكرىتارى «دىنىي زاتلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقى» ئۈچۈن جازالانغان.
6- ئاپرېل، «خوتەن گېزىتى» ئۈندىدار سۇپىسىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قويغان پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگونىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 3- ئاينىڭ 12- كۈنى «ئامما خىزمىتىنى نازارەت قىلىش» نامىدىكى بىر گۇرۇپپىنىڭ خوتەنگە ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە ھازىرغا قەدەر 97 نەپەر كادىرنىڭ جازالانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
خىتاينىڭ «كۆزەتكۈچى» تورى 9- ئاپرېل بۇ ھەقتە تەپسىلىي بىر خەۋەر بەرگەن بولۇپ، ماۋزۇسى «خوتەندە 97 نەپەر كادىرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىندى: كەنت ياچېيكا سېكرىتارى دىنىي زاتلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشكە جۈرئەت قىلالمىغان» دەپ قويۇلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدە ئېلان قىلىنغان كىشىلەر 97 نەپەر بولۇپ، ئىككى نەپىرى ۋىلايەتكە بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلاردىن، 31 نەپىرى ناھىيە ۋە شەھەر دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن، 37 نەپىرى يېزا – بازار كادىرى، 20 نەپىرى كەنت كادىرى ۋە يەتتە نەپىرى كەنت ساقچىسى ئىكەن.
ئۇلاردىن ئالتە كىشىگە دىلو تۇرغۇزۇلغان، 18 كىشىنىڭ ئەمىلى تۆۋەنلىتىلگەن، 31 كىشىگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش، 12 كىشىگە مەمۇرىي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.
خەۋەردە جازالانغانلارنىڭ تىزىملىكى تەپسىلىي بېرىلگەن بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قسىمى ئۇيغۇر.
بۇلاردىن، خوتەن ناھىيە بۇزاق يېزا ئازىناباغ كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارى جىلىل مەمەتنىيازنىڭ «سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن ئەمەسلىكى ۋە دىنىي زاتلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان.» 3- ئاينىڭ 25- كۈنى، خوتەن ناھىيەلىك پارتكوم جىلىل مەتنىيازغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىپ، سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان
http://turkistantimes.com/uy/news-1446.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER