ئەڭ يېڭى خەۋەر
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
پوسكام ناھىيسىنىڭ ئىككىسۇ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق تۇرامەت تۇرسۇن 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاقسۇغا پاختا تېرش ئۈچۈن بارماقچى بولۇپ، تەۋەلىكىدىكى ئىككىسۇ يېزىلىق ساقچخانىغا «يېشىل كارت»بېجىرىش ئۈچۈن بارىدۇ.
ئىككسۇ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ئابدۇرسۇل ساقچىخانا ئالدىدا تۇرامەت تۇرسۇنغا «يېشىل كارت »بېجىرىپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيىتىدۇ.تۇرامەت تۇرسۇن ئۆزىنىڭ جان بېقىش ئۈچۈن ئاقسۇغا پاختا تېرىشقا باردىغانلىقىنى ۋە ساقچىخانىغا «يېشىل كارت»بېجىرىشكە كۆپ قېتىم كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ساقچىسى ئابدۇرسۇل تۇرامەت تۇرسۇننى 1999-يىلى دىندا تەربىيەلەنگەنلىكى ئۈچۈن نۇقتىلىق كۈزىتىش ئوبىكتى قىلىنغانلىقى سەۋەپلىك بېجىرىپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيىتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن تۇرامەت تۇرسۇن بۇنىڭ خىتاي قانۇنىنىڭ قايسى ماددىسىدا كۆرسىتىلگەنلىكىنى دەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ چاغدا خىتاي ساقچىسى ئابدۇرسۇل ، ھېلىغۇ ساڭا يېشىل كارت بېجىرىپ بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، سېنى قارشىلىق قىلدى دەپ ئېتىۋېتەلەيمەن دەپ بىلجىرلايدۇ. تۇرامەت تۇرسۇن سەنلەر دوپپسىنى ئېلىپ كەل دىسە، كاللىسىنى ئېلىپ كېلىدىغانلار تۇرساڭ دەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن غالجىرلاشقان خىتاينىڭ باققان ئىتى ئابدۇرسۇل تۇرامەتنى ئېتىۋىتىدۇ.
ھەمدە خىزمەتداشلىرىغا ماڭا قارشىلىق قىلدى ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى دەپ يالغان دىلو ياساپ ئۆزىنى ئاقلايدۇ.
ئۆزىنىڭ خەلقىنى ئېتىپ تاشلىغان بۇ سادىق مالاينى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئەمەلىنى دەرھال ئۆستۈرۈپ، پوسكام ناھىيىسىنىڭ يىما يېزىسىغا سىياسىي يىتەكچى قىلىپ تەيىنلەيدۇ.
ئۇيغۇر نىداىسى تور رادىئوسى خەۋىرى
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER