ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
بۈگۈن ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇردا خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ھەر قايسى شەھەر، ناھىيلەرگە چۈشۈرگەن ئۇقتۇرۇشىدا ئاشكارا قىلىنىشىچە ، چەتئەللەردە ئىسلام دىنىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن قايتىپ كېلىشى كېرەكلىكى ئەگەر قايتىپ كەلمىسە قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۇرۇشتە قىلىندىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ئۇقتۇرۇشنى بۇ يىل بېشىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا باشىلىغان بولۇپ، مىسر،تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىسلام دىنىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۈركۈملەپ قايتىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشنىپ قايتىپ بارغانلارنى ئايرىدىرومدىلا تۇتقۇن قىلىپ، ھازىرغىچە ئىزدېرىكى بولمىغانلىغىدەك ئۇچۇرلارغا ئىگەبولغان ئىدۇق.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلارنى قايتىپ كەلمىسە ۋەتەندىكى ئۇرۇق –تۇققانلىرىنى قولغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ، ئۇلارنى قورقۇتۇپ ۋەتەنگە قايتىپ بارغاندا تۈرمىلەردە مەخپى يوق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل تۈرگە ئايرىپ يوق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، مۇھاجىرەتتكى ئەھلى ئىلىملەرنى ئەڭ خەتەرلىك دەپ قاراپ، باشتا شۇلارغا قارا قولىنى ئۇزاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى يېقىندىن كۈزەتچىلەر، مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇندىدار ۋە باشقا ئالاقە ۋاستلىرى بىلەن قورقاق سېلىشىدىن قورقۇپ قالماي بەلكى تۇرۇشلۇق دۆلەتلىرىدە ئۆزىنى قوغداشقا ۋە ئۆزى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى دۇنياغا ئاشكارلاشقا، بۇ ئارقىلىق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارغا زىيان سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.