ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﺍ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ – ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻢ – 1
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻧﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﻣﯧﯖﯩﭙﺘﯘ. ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﯩﺸﻪﻛﻜﻪ ﻣﯩﯖﻪﻥ، ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﻪﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺴﺎ، ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪﺭ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭙﺘﯘ: <<ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﮕﻪ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﺸﻪﻛﻜﻪ ﻣﯩﻨﯩﯟﺍﭘﺘﯘ>>. ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﻮﯕﺎﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻪﻛﻜﻪ ﻣﯩﻨﺪﯛﺭﯛﭖ، ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﭙﺘﯘ. ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭙﺘﯘ: <<ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻪﻛﻜﻪ ﻣﯩﻨﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺷﯘ ﺳﺎﻗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﻣﯧﯖﯩﭙﺘﯘ. ﺋﺎﺧﻤﺎﻗﻠﯩﻖ-ﺩﻩ، ﺑﯘ!>>. ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺋﯩﺸﻪﻛﻜﻪ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﭙﺘﯘ. ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭙﺘﯘ: <<ﻗﺎﺭﺍﯕﻼﺭ، ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯘ؟ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺋﯩﺸﻪﻛﻜﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﻰ ﻧﯩﻤﯩﺴﻰ؟>>. ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ ﺋﯩﺸﻪﻛﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻣﯧﯖﯩﭙﺘﯘ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭙﺘﯘ: <<ﮪﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ-ﺩﻩ، ﺑﯘ؟ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺋﯩﺸﻪﻛﻨﻰ ﻣﯩﻨﻤﻪﻱ، ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﯟﺍﻟﻐﯩﻨﻰ ﻧﯩﻤﯩﺴﻰ؟ … >>
ﺑﯩﺰﺩﻩ، ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺷﺘﺎ ﺗﯘﺭﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﺑﺎﮪﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯ-ﻛﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﻩﯞﺍﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﻮﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻛﯚﭖ. ﺋﯘﻻﺭ ﻧﯩﻤﯩﻼ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﯘﺳﯘﺭ ﺗﯧﭙﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺩﯨﺮ. ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺗﯜﻙ ﺋﯜﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻳﯜﺭﯨﺸﯩﺪﯗ.
<<ﺩﻩﯞﺍﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮ، ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﯖﻨﻰ ﺟﺎﺭﯨﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭ، ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﻠﻰ>> ﺩﯦﺴﻪﯓ ﺩﯨﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ﻗﺎﻗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺍﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﭘﯩﺸﯩﯟﺍﺳﯩﺪﻩﻙ، ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﺗﻪﻥ – ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺳﯚﻳﮕﯜﺳﻰ ﮪﯩﭽﻜﯩﻤﺪﻩ ﻳﻮﻗﺘﻪﻙ، ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﯞﻩ ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻛﯚﭘﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﯩﺰﮪﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭ، ﭘﯩﺘﻨﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ. ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.
ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ 6 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻱ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﺎ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﭘﯩﺘﯧﺮﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﻪﻧﯟﻩﮔﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﻯ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ، 96 – ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯧﺮﻗﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﮪﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺟﻪﻧﯟﻩﮔﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﯩﺘﯧﺮ ﺑﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯩﺰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ 8 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺟﻪﻧﯟﻩﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ. ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺳﻮﺭﺍﺷﻘﺎ، ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﯩﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺋﺎﻱ – ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻪﭘﻪﺭﻟﻪﺭ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﻪﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻏﯧﻤﯩﮕﻪ ﺩﺍﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻤﯘ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. 20 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯚﻣﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﯩﺪﻩﻙ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﻟﯘﯕﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﯓ، ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺭﺍﮪﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺘﯘﻕ.
ﺋﻪﯓ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ، ﺑﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﺕ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﭘﻪﺭﮪﺎﺕ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﯩﺪﻯ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺟﻪﻧﯟﻩﺩﻩ ﺋﺎﻳﺮﯨﭙﻮﺭﺗﻘﺎ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﺠﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯜﺗﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﺠﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﻧﯟﻩﺩﻩ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ.
_ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺗﻮﻗﻼﻳﻠﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﺎﻳﻠﻰ – ﺩﯦﺪﻯ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ.
ﺑﯩﺰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﺎﻥ ﭘﻮﻟﯘ ﯞﻩ ﺧﺎﻣﺴﻪﻳﻠﻪﺭ ﺩﺍﺳﺘﯩﺮﺧﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺗﻮﻳﻐﯩﭽﻪ ﻏﯩﺰﺍﻻﻧﺪﯗﻕ. ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﭙﻪﺗﻪﻥ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﺎﺭﯨﻴﻪ ﺑﻪﻛﻼ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ. 3 ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﻠﯩﻖ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻐﺎ 100 ﻳﺎﯞﺭﻭ ﻛﯩﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ ﻏﯘﺭﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻨﻰ ﺭﺍﯞﯗﺭﯗﺱ ﺗﻮﻗﻠﯩﯟﺍﻟﺪﯗﻕ. ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﮪﺎﺯﯨﺮﻻ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺷﯩﯟﯨﺴﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﺗﯜﺷﻜﻪ ﺗﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﺋﻮﻣﺎﻕ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﺎﺭﺩﯗﻗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ 4 ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻣﺎﺷﺎﺋﺎﻟﻼﮪ!
ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ، ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ. ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯩﺰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﺎﯕﺪﯗﻕ. „ﮪﻪﺭﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﻪﺭﺯﺍﻧﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﮪﻪﻗﺎﭼﺎﻥ“، ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ ﯞﻩ ﺳﻮﺭﯨﺪﯨﻢ:
_ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ؟ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ؟
ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ:
_ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ. ﺟﻪﻧﯟﻩﺩﻩ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺑﻪﻛﻼ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﭘﯩﻨﺴﯩﻴﻮﻥ (ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﺎﮪﺎﻟﯩﻖ ﻳﺎﺗﺎﻕ)ﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺋﺎﻟﺪﯗﻕ. ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﺷﯟﯦﺘﺴﺎﺭﯨﻴﻪﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰ.
_ ﺋﯘ ﮪﺎﻟﺪﺍ، ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﮔﯚﺵ، ﺳﻪﻱ – ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻻﻳﻠﻰ. ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻳﻪﻳﻠﻰ، – ﺩﯦﺪﯨﻢ.
ﺑﯘ، ﻣﯘﺷﯘﺧﯩﻞ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭺ، ﻳﺎﺗﺎﻕ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﭘﻼ، ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻙ ﺑﺎﻗﻘﺎﻟﻨﯩﯔ ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﮔﯚﺵ، ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ، ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﭼﯚﭖ، ﻳﺎﻍ، ﺗﯘﺯ، ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ. ﭘﻪﺭﮪﺎﺕ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﺪﻯ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﻼ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﻕ. ﻳﺎﺗﺎﻕ ﻳﯧﯖﻰ ﮪﺎﻛﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﻯ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ.
ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ 9 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﺋﻪﺕ 8:35 ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺟﻪﻧﯟﻩ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻟﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ 20 ﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﺋﯧﺮﻗﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ 8 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺰ ﺳﻪﮪﻪﺭ ﺋﻮﺭﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺗﯘﺧﯘﻡ ﻗﻮﺭﯗﭖ ﻧﺎﺷﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ. ﺟﻪﻧﯟﻩﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﯞﯨﻠﺴﻮﻥ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻨﯩﯔ ﺯﺍﻟﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺗﯧﺨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺴﻰ – ﻳﺎﺩﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ 96 – ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯧﺮﻗﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﮪﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ، ﺏ ﺩ ﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﺶ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭﻧﻰ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﺎﺗﺘﯘﻕ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ، ﺗﯩﺒﻪﺕ، ﺧﻮﯕﻜﻮﯓ، ﺋﺎﺋﯘﻣﯩﻦ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. 20 ﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻼ ﺋﯧﺮﻗﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ، ﮪﻪﺭﺑﯩﺮ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ 10 ﺑﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ 200 ﺑﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺏ ﺩ ﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻗﯩﺴﻘﺎ – ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯜﺯﯛﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ – ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ، ﺏ ﺩ ﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﯕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺩﻭﻛﻼﺗﻨﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﯩﮕﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻮﻟﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﭗ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ، ﮪﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺗﯧﻠﯧﻔﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭼﯩﻘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺪﻯ. ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ 8 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﻛﻪﯓ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ 4 ﭼﺎﺳﺎ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﻯ. ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﻰ ﺗﯧﻨﯩﭻ ﮪﻪﻡ ﺳﯜﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﮪﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ، ﺑﯘ ﮪﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ 90% ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻠﯩﺮﻯ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﯞﻩ ﺧﻮﯕﻜﻮﯕﻠﯘﻕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﺯﺍ ﻻﮔﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﮪﻪﭘﺘﯩﻠﻪﺭ ﺟﻪﻧﯟﻩﮔﻪ ﻗﺎﺗﺮﯨﺸﻰ، ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﭽﻜﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ، ﺏ ﺩ ﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺟﺎﺯﺍ ﻻﮔﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺳﻮﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﮔﯘﯞﺍﮪﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻏﺪﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﺩﺍ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺩﯗﻛﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺗﺎﻗﺎﻗﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﯜﮔﯜﻝ، ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﻗﻮﻝ ﺗﯧﻠﯧﻔﯘﻧﻠﯩﺮﻯ، ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 3 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍ ﻻﻏﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﻟﻤﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﻭﻛﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺭﺍﺳﺘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ.
3 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﯗﻟﯘﻡ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯚﺭﭖ – ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ.
ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺗﯜﮔﯩﺸﻰ ﮪﺎﻣﺎﻥ، ﺏ ﺩ ﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺩﯨﻘﻘﻪﺗﻨﻰ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺷﯘﻛﻰ، 20 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﻪ 10 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﭼﯜﺷﺘﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﭽﻜﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻤﯘ ﺏ ﺩ ﺕ ﺋﯧﺮﻗﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮪﻪﺭﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ 1 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯩﻚ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺏ ﺩ ﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﯞﺍﻗﺘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻗﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﺗﺘﻰ. ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺩﯨﻤﻪﻙ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ ﺗﻪﺱ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻥ. 1 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ – ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﭘﯩﺮﺍﻛﺘﯩﻜﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﺋﻪﺕ 5 ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻤﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ، ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻨﻰ ﺗﻮﻗﻼﺵ ﻻﺯﯨﻢ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻛﻮﻛﯩﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﻗﻪﮪﯟﻩﻧﻰ 10 ﻳﺎﯞﺭﯗﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﭗ، ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻛﯚﭘﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻻﺵ – ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﺴﯩﺰ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻣﻨﯘﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ. ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺭﺍﮪﯩﭙﻼﺭ <<ﺗﯩﺒﻪﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﭽﯘ؟>> ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺧﻮﯕﻜﻮﯓ، ﺋﺎﺋﯘﻣﯩﻨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻣﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ.
ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭺ، 3 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺳﻪﻱ ﻗﻮﺭﯗﺷﺘﺎ ﺑﻪﻛﻼ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﺪﯗﻕ. ﻛﯩﭽﯩﻜﻼ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﭘﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ. ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺩﻩﻣﻠﻪﭖ ﻗﻮﻝ ﻗﻮﻟﭽﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯚﺯ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﭼﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ، ﮔﻮﻳﺎ ﮪﻪﭘﺘﯩﻠﻪﭖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻧﻪﭘﺴﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﻗﯩﻠﺪﯨﺘﺎﺗﺘﻰ. ﺗﺎﻣﺎﻕ ﭘﯩﺸﻘﯩﭽﻪ ﺗﺎﻗﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﺎﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻗﻼﭖ، ﺋﻪﺗﯩﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯘﻕ.
ﺟﻪﻧﯟﻩ، ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻗﯩﺴﺘﺎﯕﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟﻤﯩﺴﺎﻕ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﻕ 10 ﻣﯩﻨﯘﺗﻠﯘﻕ ﻳﻪﺭﮔﻪ 1 ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﯘﻕ. ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ، ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﻳﺘﯘﻕ. ﭘﯩﻼﻥ ﺗﯜﺯﯨﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﻛﯩﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪﺕ 2 – 3 ﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻪﮪﻪﺭ ﺳﺎﺋﻪﺕ 6 ﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘﯘﻕ.
10 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﻗﻮﺭﯗﭖ ﻧﺎﺷﺘﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻥ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﻪﺳﺘﻪﺭﻟﯩﯟﺍﻟﻤﯩﺴﺎﻕ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﺎﭺ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﺋﻪﺕ 15:00 ﺩﺍ ﯞﯨﻠﺴﻮﻥ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ، ﺳﺎﺋﻪﺕ 13:30 ﺩﺍ ﺏ ﺩ ﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺳﯚﮪﺒﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﮪﻪﺭﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ 1 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺗﯧﺨﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ 12:00 ﺩﯨﻦ 16:00 ﮔﯩﭽﻪ ﺏ ﺩ ﺕ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻘﺎ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﺎﺭﯨﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ، ﻧﻮﺭﯞﯦﮕﯩﻴﻪ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺑﯩﺰ ﺳﻪﮪﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﯞﯨﻠﺴﻮﻥ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﭘﻪﺭﮪﺎﺕ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﯩﺪﻯ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺏ ﺩ ﺕ ﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ. ﺑﯘ ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺟﻪﻧﯟﻩﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ. ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎﻏﺎ ﺏ ﺩ ﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ 1 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﻩﺧﻠﯩﺴﯩﺰ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘ، ﺏ ﺩ ﺕ ﻏﺎ ﮔﻮﻳﺎ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﻛﻰ ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﻤﺎﻻﻝ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﯨﺮﻩﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯘﺷﺨﻪﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ، ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﺭﮪﺎﺕ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﺪﻯ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﯞﯨﻠﺴﻮﻥ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺏ ﺩ ﺕ ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻛﺎﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﯞﯨﻠﺴﻮﻥ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺰ ﺏ ﺩ ﺕ ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﭼﺎﭘﺘﯘﻕ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﭼﯩﺮﻩﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯩﺰﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﮪﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺏ ﺩ ﺕ ﻏﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺑﯘ ﺋﯚﭼﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯘﻕ ﯞﻩ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺭﭼﻪ ﺳﺎﻗﻼﻳﺘﯘﻕ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻛﺎﺭﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭙﻼ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺏ ﺩ ﺕ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﯞﻩ 5 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﺯﺩﻯ.
ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺧﯘﺵ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ، ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﻤﯩﺰﮔﻪ <<ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ>> ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯚﺗﻪ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺏ ﺩ ﺕ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ 1 – ﻗﻮﻝ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎﻧﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﻪﺳﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ – ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ – ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺑﯩﺰ ﺳﺎﺋﻪﺕ 11:00 ﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ، ﺏ ﺩ ﺕ ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺘﺎﺑﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺳﺎﺋﻪﺕ 12:00 ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. 3 ﭘﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﺋﺎﻱ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻛﯚﻛﺒﺎﻳﺮﺍﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﯘﻡ ﺑﺎﺭ: ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ، ﻧﻮﺭﯞﯦﮕﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻯ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﺑﯘ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻘﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪﭖ ﻳﻮﻝ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﯛﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ. ﮪﻪﺭﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯩﯖﻼﺭﭼﻪ ﺳﺎﯞﺍﭘﻼﺭ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ! ﺋﺎﭼﻠﯩﻖ، ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻕ، ﮪﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﺳﻪﭘﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮪﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺭﻩﮪﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﮪﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺑﯘﺭﭼﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ.
ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪﺩﻩ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﻏﯧﻨﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ 40 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﺋﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻕ ﻻﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﻴﯩﭗ، ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﮪﯚﺳﯜﻥ ﻗﻮﺷﺘﻰ. ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﻏﯧﻨﻰ 10 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺘﺘﯩﻦ 13 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺘﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﺘﻰ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ.
ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﺯﯨﻤﻪﻥ.
ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﺍ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ – ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻢ – 2
ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺘﺘﺎ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ <<ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﺴﺮﺍﭘﭽﯩﻠﯩﻘﻰ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﺪﺍﺵ، ﺋﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ>> ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺩﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻼ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺶ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻝ ﻣﯩﺪﯨﺌﺎﻻﺭﺩﺍ ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻳﻤﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﻤﯘ؟ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﻏﯘﻻﺭﭼﻪ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻤﯘ؟ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮪﻪﻕ – ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﮪﻪﻗﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻦ – ﺋﯜﺳﺘﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯘ؟ <<ﭼﻪﺗﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺩﯦﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ.>> ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟
ﺏ ﺩ ﺕ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﮪﻪﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﯨﺰ – ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﯗﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺯﻭﺭﻟﯘﻕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﯨﺰﺩﺍﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﮕﻪ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺘﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻐﺎ ﺗﻮﻥ ﭘﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﯗﻥ. ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﺍﻕ – ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺗﺎﺭﺗﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﯗﻥ. ﻣﻪﺯﻟﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﮪﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﺳﺖ – ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﯗﻥ. ﺳﯧﻨﯩﯔ ﮪﻪﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯔ ﺏ ﺩ ﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﯕﺎ ﯞﻩ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﯧﻨﯩﯖﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﻻﮔﯩﺮﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﯩﻨﻰ، 1 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍ ﻻﮔﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﻻﮔﯩﺮﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺏ ﺩ ﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ، ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭ ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺳﻪﻧﭽﻪ ﺑﯘ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟
ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭘﺘﯘ: <<ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﺍ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ؛ ﺋﺎﺯﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﮪﻪﻗﻠﯩﺮﻯ، ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﺋﯩﻨﺪﯨﭽﯩﻨﯩﺲ ﭘﯩﭙﻮ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﺯﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺏ ﺩ ﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯗ…>>.
ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﻏﯘﻻﺭﭼﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﭼﺎﻏﻼﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺭﺍﺷﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﺍ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﯧﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﺍ ﮪﻪﺭﻛﯜﻧﻰ ﮪﻪﺭﺗﯜﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﻳﯩﻐﯩﻨﻼﺭ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻼﺭﻏﺎ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. <<ﺋﯧﺮﻗﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ>>، <<ﺋﺎﺯﺳﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ>>، <<ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ>>، <<ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ>>، <<ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻟﯟﺍﻍ، ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﮪﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ>>، <<ﺗﻪﻥ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ>>، <<ﺗﯩﻞ- ﻳﯧﺰﯨﻖ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ>> ….. ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﺎﻧﺎﭘﻤﯘ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺏ ﺩ ﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺴﺎ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﺗﺴﺎ، ﺏ ﺩ ﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﭘﺴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﺍ ﮪﻪﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺏ ﺩ ﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭘﺴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﺯﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺏ ﺩ ﺕ ﺋﺎﺯﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ <<ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﺯﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺋﺎﺯﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ>> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮪﯚﻛﯜﻣﻤﯘ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﻥ ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﯖﻤﯘ ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ؟ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﯘﺟﺎﺩﯨﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺳﻪﻥ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺴﻪﻥ؟
ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻧﺴﻪﻥ. ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ 1960 – ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﺍ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ، ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺏ ﺩ ﺕ ﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ. ﮪﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﯨﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎﻧﯩﯔ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﯗﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯨﻤﯩﺰ. ﺗﯩﺒﻪﺕ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﯘﺟﺎﺩﯨﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺑﺎﻟﯘﭼﯩﻼﺭ، ﺳﯩﻨﺪﮪﻼﺭ …. ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻣﯘﺟﺎﺩﯨﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. <<ﺯﺍﻟﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﯩﮭﺎﺩ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ>> ﺩﻩﻳﺴﻪﻧﯘ، ﺯﺍﻟﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯜﻣﻪﻧﻤﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺯﺍﻟﯩﻤﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺭﻩﺳﯟﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﻰ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﻳﺴﻪﻥ؟ ﺋﯩﻨﺴﺎﭖ ﻗﯩﻞ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ!
ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﯘﺭﯨﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ: <<ﮪﯩﭽﻜﯩﻢ ﮪﯩﭽﻜﯩﻤﻨﻰ ﭼﯚﻛﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺭﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ!>>. ﺳﻪﻥ ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺍﻧﻰ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺩﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﺎﯓ، ﻧﻪﺩﻩ ﻗﺎﻟﺪﯨﯔ ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ؟
ﺋﻪﺳﻠﻰ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﻛﯧﻠﻪﻱ:
ﺟﻪﻧﯟﻩﺩﯨﻜﻰ ﺏ ﺩ ﺕ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ 10 – ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﮪﻪﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺳﺎﺋﻪﺕ 13:00 ﮔﯩﭽﻪ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﯞﯨﻠﺴﻮﻥ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﺎﭘﺘﯘﻕ. ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﯜﭘﻼ ﺯﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﮔﯜﺭﺩﯗﻕ.
ﺑﯩﺰ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ، ﺏ ﺩ ﺕ ﯞﯨﻠﺴﻮﻥ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﯗﻕ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ 5 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻳﯘﺗﯘﻣﺪﯨﻦ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺏ ﺩ ﺕ ﺋﯧﺮﻗﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﻳﻪﻣﮭﯧﻠﮭﯥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻪﯕﯩﻠﯩﺰﭼﯩﺴﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ. ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﺍ 6 ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﯩﻤﯘ، ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﯕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ، ﺑﯘ ﺧﺎﻧﯩﻤﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺩﻭﻛﻼﺗﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯩﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ ﺋﯩﺌﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﮔﻪﻥ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺷﯘ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﺎ ﺩﻩﻗﯩﻘﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻻﻣﻼﺷﺘﻰ ﯞﻩ ﮪﻪﺭ ﺋﯩﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ، ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ.
ﺑﯩﺰ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪﻙ، ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ 30 ﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻗﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﮪﯩﻢ ﻏﯧﻨﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﺏ ﺩ ﺕ ﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻛﺎﺭﺗﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﯛﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﮪﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻘﺘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ 20 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﺑﯩﺮ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ 1 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ، ﺋﯧﻨﯩﻖ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻢ ﻻﺯﯨﻢ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯧﺮﻗﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻣﺎﺭﯗﮔﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. 8 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺏ ﺩ ﺕ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﺎﺭﯗﮔﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ 1 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﻤﯘ ﺑﻮﺵ ﻗﻮﻳﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻱ، ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﭖ ﺳﯚﺯ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﺯﺍ ﻻﮔﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺗﯩﺒﻪﺕ، ﺧﻮﯕﻜﻮﯓ، ﺋﺎﺋﯘﻣﯩﻦ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﺱ – ﺑﻪﺳﺘﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﯗﻟﯘﻡ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺳﺴﯩﻤﯩﻼﺗﺴﯩﻴﻪﺳﻰ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﺗﯩﻞ – ﻳﯧﺰﯨﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ. ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺏ ﺩ ﺕ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺟﺎﺯﺍ ﻻﮔﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺟﺎﯞﺍﭘﻼﺭ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺏ ﺩ ﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
ﻣﻪﻥ ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺩﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ. ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﯘﭼﻪ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮﯨﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺋﯧﻴﯩﻘﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. <<ﺳﻪﻥ ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻪﻧﺴﻪﻥ .- ﺩﻩ؟>> ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ.
ﺑﯩﺰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﺍﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ، 49 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎﻥ، ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺳﻪﮪﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﺷﻘﯘﺯﯗﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﻳﻪﺗﻤﯩﺪﻯ. ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺶ ﻻﺯﯨﻤﻜﻪﻥ. ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ – ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻣﯘﮪﯩﻤﻜﻪﻥ. ﭼﺎﭘﺎﻧﻨﻰ، ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮﻧﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻮﻣﻜﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﻤﯩﺴﺎ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. 3 ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﻰ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،- ﺩﻩ؟
ﺳﻪﮪﻨﯩﺪﻩ 5 – 6 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺧﯩﺘﺎﻱ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﯘﻟﻰ ﺧﯘ ﻟﻴﻪﻧﺨﯥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ <ﺟﯘﯕﺴﻪﻧﻔﯘ> ﻛﯧﻴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻛﯧﻴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ، ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻎ ﻣﯩﻘﺪﻩﻙ ﻗﺎﺩﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﭘﺎﺕ – ﭘﺎﺕ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﭼﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﯞﻩ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻭﭘﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﻴﮕﻪﻥ ﭘﻪﺭﮪﺎﺕ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﯩﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﻏﯧﻨﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯘ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺭﺍﮪﻪﺗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻻﻳﯩﺘﻪﻥ ﺩﻭﭘﭙﺎ ﻛﯧﻴﯩﺸﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ. ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯﻣﯘ ﻳﯜﺯ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﺍ ﺳﻮﺭﺍﻗﻘﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﮪﻮﺯﯗﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﺶ – ﺩﻩ؟ <<ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﺶ ﺩﻩﻳﺪﯗ>> ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻧﯩﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﺪﻩ ﺭﻭﺑﯩﺮﻭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺳﻪﻥ، ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﯖﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﺴﻪﻥ.
ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﻰ ﺋﯧﺮﻗﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﭙﻪﺭﻩﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯜﻟﻜﻪﺕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﯩﻼ ﺳﻪﻝ ﺳﻪﺯﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻡ. ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺳﻮﯞﻏﺎ – ﺳﺎﻻﻣﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﻨﺪﻩﻛﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﮪﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺑﺎﺭ. ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﻼﺱ ﻗﻮﻟﻰ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ، ﭘﯩﺴﻪﻧﺪﻩ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻟﻐﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺏ ﺩ ﺕ ﻏﺎ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ 5 ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﺍ ﻟﻮﺑﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﯓ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﻮﭘﯘﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﯩﺘﻰ ﻳﻪﺗﻤﯩﺴﻪ، ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﯨﻜﻰ ﺳﯧﺘﯩﻠﻤﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﻏﻪﺭﺑﻠﯩﻚ، ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻛﯜﭼﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﻪﯞ – ﻳﻮﺭﻛﺘﯩﻜﻰ ﺏ ﺩ ﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﮪﻪﻳﺪﻩﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎﻧﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺏ ﺩ ﺕ ﻏﺎ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ – ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺑﯩﺸﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗﺭ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺏ ﺩ ﺕ ﺩﯨﻦ، ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟
ﮪﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩﻙ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺩﻭﻛﻼﺗﺘﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻞ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻥ، ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﯧﺮﻗﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﺩﻯ. ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯧﺮﻗﯩﻲ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ 100 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﮪﻪﻗﺘﻪ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﻤﻪﻥ.
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.