logo

trugen jacn

ئالبېرىت ئىنىشتىيىن: ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ

einstein-path_0

(ئالبېرىت ئىنىشتىيىن)

ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ: ﮪﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ

ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﺎﻟﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﮪﻪ!

ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻘﻼ ﺗﯘﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ. ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ مەخسىتىمىزنىڭ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻛﻼ قىلىپ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﻛﯩﺘﯩﻤﯩﺰ.ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮪﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻛﯜﻧﺪۈﻟۈﻙ ﮪﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪۋجۇﺗﻠﯘﻗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

ئاﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺧﯩﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳۈﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯜﻟﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﯘﺳﯘﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ھېچ ﺗﻮﻧﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮪﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻨﻼ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﺧﯩﺘﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ.

مەن ﮪﻪﻡ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﮪﻪﻡ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮪﻪﺭﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﻩﻣﮕﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ.

ﻣﻪﻥ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺑﯩﺮ ﮪﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﻛﻮﻳﺪﺍ؛ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﺧﯩﺘﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﻪك ﻣﯩﯟﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳۈﻙ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪﺍ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.

ﻣﻪﻥ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. ﮪﺎﻳﺎﺕ، ﮪﻪﻡ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﮪﻪﻡ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﮔﯜﺯﻩﻟﺪﯗﺭ.

ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﮕﯩﮕﻪ ﻗﻪتئى ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﭽﯩﻤﻪﻥ.

ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺶ-ﮪﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪﺳﯩﻤﻼ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺯﯨﺪﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ.

سوپىنخاۋېرنىڭ« ئىنسان غايىلەر بويىچە ئىش قىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ غايە، ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەس» دېگەن بۇ سۆزى،  ياش ۋاقتىمدىن ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﺎﯕﺎ ﮪﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﮪﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﮔﻤﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﺑﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﮪﯩﺴﻴﺎﺕ، ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﺎﻟﻪﭺ ﮪﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﭼﯘﺷﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯩﭽﯩﺸﺘﻪﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ؛ ﮪﻪﻡ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﮪﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﻛﯚﺭﻣﻪﺳﻠﯩﮕﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯗ. ﻳﯘﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﭼﯘﺷﯘﻧﯩﺸﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺩﯛﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻏﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪقسىدىنى ﯞﻩ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻰ، ئوبىيكتىپ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﺎﯕﺎ ﮪﻪﺭﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭘﺴﻪﺗﻪﺩﻩﻙ ﺗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﮪﻪﺭﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ھۆكۈﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﮪﻪﺭﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ، ﺋﯚﺯﻧﯩﻼ ﻣﻪﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ كەتمەيمەن. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﭘﺎﺩﯨﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ.

ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻤﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﻣﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯘﺯﯗﺵ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯦﺌﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺕ، ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ.ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ سەنئەتنىڭ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﯩﺴﺎ، ﺑﯘ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻗﯘﭖ-ﻗﯘﺭﯗﻕ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ-ﻣۈﻟۈﻛﻜﻪ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯚﺭﯗﻧﯘﺷﻜﻪ ﯞﻩ ﮪﻪﺷﻪﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺑﯘ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮪﻪﺭﯞﺍﻗﯩﺖ ﭘﻪﺱ ﻛﯚﺭﺩﯗﻡ.

ئىجتىمائى ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﯨﻲ مەسئۇلىيەتكە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﯞﺭﻩﻧﻤﻪﺱ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ جەمئىيتى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺑﺎﻏﻼﺵ ﺋﯩﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﮕﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺯﯨﺪدﯨﻴﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﮪﻪﺭﯞﺍﻗﯩﺖ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻟﯘﻗﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺪﯨﻢ؛ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﻰ ﮪﯧﭻ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﮕﻪ، ﺩﻭﺳﻠﯘﺭﯗﻣﻐﺎ ﯞﻩ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻤﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻳﯧﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺴﺘﯧﮕﯩﻢ ﮪﯧﭻ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺯﺍﻳﻤﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻟﯘﻗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻢ ﮪﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪﻯ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺮﯨﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﮪﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ چىگرﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﭘﻪﺭﻕ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﮪﻪﻡ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﺑﯩﭙﻪﺭﯞﺍﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﮪﺮﯗﻡ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﮪﯚﻛﯘﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻧﯘﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﻗﯘﭖ-ﻗﯘﺭﯗﻕ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﻪﺭ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﻩﺳﺴﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

دېموكراتىيە، ﻳﻪﻧﻪ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﮪﯧﭽﻜﯩﻤﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﮪﻪﻳﻜﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺳﯘﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.  ﻣﺎﯕﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮪﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﺎﺷﯘﺭﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻘﺎ ﯞﻩ ﮪﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﻠﯟﯦﺴﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛﯜﭼﯜﻡ ﻗﺎﻟﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﻳﻪﻧﻰ ﭼﯘﺷﯘﻧﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻤﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻏﺎﻳﯩﺪﯗﺭ.

ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﺱ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻏﻪﻟﺒﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺭﻩھبەﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺳﺎﻳﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ.

ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺯﻭﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺗﯘﺯﯗﻣﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺗﯘﺯﯗﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺯﯗﻡ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻱ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﭘﻪﺱ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﯜﭺ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰﻻﺭﻏﯩﻼ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﺱ ﺑﯩﺮ ﻗﺎئىدەدۇر. ﺑﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺭﻭﺳﺴﯩﻴﻪﺩﻩ ﻛﯚﺭﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﮪﻪﺭﯞﺍﻗﯩﺖ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ.

ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﺍ ﮪﯚﻛﯘﻡ ﺳﯘﺭﮔﻪﻥ دېموكراتىيە ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭلىقى، ﺩﯦﻤﯘكرﺍﺗﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺩﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮪﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺗﯘﺯﯗﻣﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎئىدﯨﺴﯩﺰلىقىدﯨﻨﺪﯗﺭ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﺎﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﻛﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻥ. ﺋﺎﻣﯧﺮﻛﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﺗﻜﯘﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﮪﯘﻗﻮﻗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﭘﺮﯦﺰﯨﻨﺖ ﺑﺎﺭ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻛﯧﺴﻪﻝ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﮕﻪ ﻣﯘھﺘﺎﺝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺠﺪﯨﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﺯﯗﻣﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﺪﺍ.

ﮪﺎﻳﺎﺕ ﺳﻪﺭﮔﯘﺯﻩشتلىرﯨﻤﺪﻩ ﺋﻪﯓ ئەھمىيەت ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪﻡ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﯜﺯﻩﻛﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﯞﻩ ﮪﯧﺴﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﻨﭽﻪ ئېسىل ﯞﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﺠﺎﺗﻜﺎﺭ، ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺳﯧﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻜﺘﯘﺭ. ﺑﯘ ﻣﺎﯞﺯﯗﻧﯩﯔ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﻣﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ، ﺋﻪسكىرى ﺑﯩﺮ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯨﺸﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺯﯗﻣﺪﯨﻦ ﻣﻪﻥ قەتتىي ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﻤﻪﻥ.

ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯖﻼ تانسا ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯘﺯﯨﻚ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﻣﯘﺯىكا ﭼﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻼ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﭘﻪﺱ ﻛﯚﺭۈﺷﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯘﺭ. ﺭﻭﺷﻪﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﻣﯩﯖﻪ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﯞﺍﺑﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ.

ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﮔﻪنگەن ﻗﻪھرﯨﻤﺎﻧﻼﺭ، ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﺋﻪﺩﻩﭘﺴﯩﺰﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﭘﻪﺳﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﻤﻪﻥ! ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﮪﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺑﯘ ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﭼﺎﻧﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯩﻴﻤﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ. ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ئېدقاﺩﯨﻢ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﯘﻗﯘﺭىكى، ﺧﻪلىقئاﺭﺍ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ مەنپەئەتلەرنىڭ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺋﺎﺧﭙﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ، ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ، ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﻼ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻪﻡ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺋﯩﺪﻯ.

ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﯓ رېكوت ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ سەنئەت ﯞﻩ ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻳﻐﯘﺩﯗﺭ. ﮪﻪﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮪﻪﻡ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﺎﻳﺪﯗ ﮪﻪﻡ ﮪﻪﻳﺮﺍﻧﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ؛ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻟﯘﻛﺘﻪﻙ ﮪﯧﭽﻨﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯘﻳﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺧﯘددﻯ ﺋﯚﭼﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﺎﻣﻐﯩﻼ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ قورقۇنۇچلىقى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺩﯨﻨﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻣﺎﻧﺎ مۇﺷﯘ ﺳﯩﺮﺩﯗﺭ. ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﭼﯜﺷﯘﻧﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﺯﻩﻛﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﺋﻪﯓ ﭼﻮڭقۇﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ئەﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﯞﻩ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭﺩﯗﺭ.

ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﻩ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺑﯘ ﻣﻪﻧﺎﺩﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﻨﺪﺍﺭمەن. ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪقدىرﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺟﺎﺯﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﻪﻥ. ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﻟﯘﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮪﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﻛﯜﭺ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻨﻰ ﮪﻪﻡ ﺋﻮﻳﻼﭘﻤﯘ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﺭﺯﯗﻣﯘ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﻪﻥ.ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯘﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮگۈﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺰ ﺭوﮪﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﻗﯘﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﮪﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ شەﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

ﮪﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮪﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯘﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻯ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘھتەﺷﻪﻡ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ئىكەنلىكىنى ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻢ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﮪﯧﺲ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﻰ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﺎﻏﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎنلىقىنى ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯘﻧﯘﺷﻜﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻜﺘﯘﺭ.

ئېينىشتىيىننىڭ «مېنىڭ نەزىرىمدىكى دۇنيا» ناملىق پەلسەپە ۋە سىياسىي ماقالىلەر توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلاندى»

2016.02.07

گېرمانىيە

http://www.akademiye.org/ug

Share
1249 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.