ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
– ﻣﺎﻱ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪﯗﻕ. ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ 3 ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺳﯜﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺑﯩﺰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 60 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ ﻫﻪﻡ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ، ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺕ ﺋﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯩﭽﻰ – ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ؛ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎ ﻣﯚﺗﯩﺪﯨﻞ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺗﯘﺗﯘﻗﻠﯘﻕ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻧﻪﭘﺮﻩﺕ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﻨﺎﻣﻪ ﺑﯘ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﻛﺲ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﻨﺎﻣﻪ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﺗﻮﺭ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ: ”ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭ 10 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺯﻭﺭ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻗﺎﻳﺘﺎ – ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺴﻪﻛﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺳﻪﮔﻪﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﯟﻩﺭﺳﻪ، ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻢ ﺗﻮﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﺭﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺷﯘ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﻼ، ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ.“
ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ، ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ، ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ، ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻛﯚﺳﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﻐﺎﻥ.
ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﺗﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ “ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﻯ ﻳﻮﻕ“ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﻩ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ؛ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻫﻪﭘﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺍﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. 3 – ﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ﻛﯜﻧﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ.
ﺑﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 3 ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭﺑﻪﻧﺪﺗﯩﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ؛ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺑﯩﺰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ – ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯧﻨﯩﻘﺴﯩﺰ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ.
2009.5.5
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/ilham-tohti-yengi-sohbet-05062009050703.html/story_main?searchterm=ilham+tohti&encoding=arabic
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.