logo

trugen jacn

ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ: ‘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ’

uygurbiztori

ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ

u0227-pmx1ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﺴﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻏﺪﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ.

ﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ، ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺋﯘ ﺳﯚﺯﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ.

ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ، ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯘﺵ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ. ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺧﯩﺘﺎﻱ، ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﻣﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ.

ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯗﺭ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﻰ، ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻫﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﺘﯘﺭ.

2009.2.27

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/ilham-tohti-fransiyide-02282009013848.html/story_main?searchterm=ilham+tohti&encoding=arabic

Share
2047 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.