ئەڭ يېڭى خەۋەر
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئابدۇرەھىم پاراچ
ۋەتەنسىزگە ئايەممۇ ھېچ
ياراشمايدىكەن،
شاھ تونىنى كەيسىمۇ ئەل
قاراشمايدىكەن .
ياكى ھېچكىم كۆڭلىنى بىر
ئاياشمايدىكەن .
ئۇنۇڭ ئۈچۈن لىۋەنلەر چاچ
تاراشمايدىكەن .
ۋەتەنسىزنى بۇ دۇنيامۇ
ئويلاشمايدىكەن .
ئۇنىڭ توغرا ئىشلىرىمۇ
قولاشمايدىكەن .
ۋەتەنلىككە جۇدۇندا گۈل
سولاشمايدىكەن .
قارىغۇسى يول ماڭسىمۇ
ئاداشمايدىكەن .
ۋەتەنسىزدەك «ۋەتەن!» دەپ
قېيداشمايدىكەن .
دەرت كۆرسىمۇ ئالەمچە ھەم
ياداشمايدىكەن .
ۋەتەنسىزگە ئىسىلزادە،
تويلاشمايدىكەن .
چاقچاققىمۇ رايى يوقكەن
ئويناشمايدىكەن .
ۋەتەنلىككە ئىتمۇ قوپال
قاۋاشمايدىكەن .
ۋەتىنى بار ئىتمۇ ھەتتا
تالاشمايدىكەن .
ۋەتەنسىزنىڭ تويىنىمۇ كىم
قۇتلاشمايدىكەن .
ئۇ كۈن قۇشمۇ ئېچىلىپ مۇڭ
سايراشمايدىكەن .
ۋەتەنلىكنىڭ يولى ئوچۇق
تاقاشمايدىكەن .
ۋەتەنسىزگە ھەممە يەر تار
تاڭ ئاتمايدىكەن .
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER