ئەڭ يېڭى خەۋەر
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
تۈنۈگۈن (14.سىنتەبىر) ھىندۇنوزىيە ھۈكۈمەتنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئەلىپ بىرىلغان بىر باسقىندا “ئىراق-شام دۆلتى ئىسلام تەشكىلاتى” بىلەن مۇناسىۋەتلىك 4 نەپەر تۈرك پۇخراسىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئىلان قىلىندى.بۇ خەۋەر تۈركىيە مەدياسىدىمۇ كەڭ يەر ئالدى
ئاسسوسىادەت پرەسس خەۋەر ئاگىنىتلىغىنىڭ بىلدۈرىشىچە،ھىندىنوزىيە بولىس باياناتچىسى ئاگوس رىانتو ؛شەنبە(13.سىنتەبىر)كۈنى سۇلاۋەسى ئارىلىدا تۇتۇلغان گۇماندارلارنىڭ،ھىندۇنوزىيەنىڭ “ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى” بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان ۋە ئەڭ كۆپ ئىزدىلىۋاتقان ئەبۇ ۋارداھ سانتوسونى تۇتۇش ئۈچۈن ئىلىپ بىرىلغان بىر باسقىندا قولغا چۈشكەنلىگىنى ئىيىتقان ئىدى
بۇگۈن، تۇتۇلغان بۇ 4 نەپەر كىشىنىڭ تۈرك ئەمەس،تۈرك نەسلىگە ئائىت ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگى توغرىسىدا خەۋەر تارقالدى
ئاسسوسىادەت پرەسس خەۋەر ئاگىنىتلىغى،بۇ 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يىنىدىن “ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى” بارىقى چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە
مەنبە:تۈركىيە ھۈررىيەت گىزىتى
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER