ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ھىندىستاندىكى «دېككان خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ساقچىغا «تېررورچى» دەپ مەلۇم قىلغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى دولقۇن ئەيسا يېقىندا ھىندىستان ئەلچىخانىسىدىن ھىندىستانغا بېرىش ۋىزىسى ئالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 1-مايغىچە ئامېرىكىدىكى «خىتاي پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرغان «خەلقلەرنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن ھەمكارلىقىمىزنى ئاشۇرايلى: ئەركىنلىك، ئادالەت، باراۋەرلىك ۋە تىنچلىق» ناملىق خەلقئارا يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا بۇ قېتىم د ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ مەزكۇر قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىكەن. بۇ قېتىمقى خەلقئارا يىغىنغا خىتاي دېموكراتلىرى، خىتاي سىرتىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل ۋەكىللىرى، شۇنداقلا تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ (ئاۋمېن) ۋەكىللىرى قاتنىشىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى دارامسالا شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تىبەتلەرنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لاما بۇ قېتىم ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشىدىكەن
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/dolqun-eysa-04212016163947.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER