logo

trugen jacn

ھىندىستاندىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 3 ئۇيغۇرنىڭ تەلىپى رەت قىلىندى

kelepceli_sekilde_yakalandi_1335794540

ھىندىستاندىكى كەشمىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستاندىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەلىپى يېقىندا رەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالىمۇ بار ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2013-يىلى 12-ئىيۇن كۈنى كەشمىرنىڭ لاداخ يولىدىكى سۇلتان چۈشكۇ رايونىدا ھىندىستاننىڭ چېگرا ساقلىغۇچى ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، تۈرمىدە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل بولۇشىنى ساقلاۋاتقان، ئابدۇلخالىق، ئابدۇسالام، ئادىل قاتارلىق ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ ئىلتىماسى يېقىندا ئېچىلغان سوتتا رەت قىلىنغان.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن بۇ ئۈچ ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلسە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېغىر جازاغا تارتىلىشى ئەسكەرتىلگەن. بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ ھىندىستاندا تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن بۇيان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى ھەققىدە بايانات ۋە چاقىرىقلارنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنى ئەنسىرەتمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/hindistan-uyghur-11222016163142.html

Share
1107 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.