ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
مەن ئۆزۈمنىڭ 2015-يىلى 19-مايدا تورلارغا چىقارغان «ئىقتىسادشۇناسلىق باش مەسلىھەتچىسى دوكتور گۈلناز ئابدۇقادىر ھەققىدە يېڭى خەۋەر» (نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار 12) دېگەن ماقالىسىدە ئامېرىكىدىكى «Wells Fargo» دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ بانكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور گۈلناز ئابدۇقادىرنى تونۇشتۇرغان ئىدىم.
گۈلنازنىڭ جەمئىي 3 پەرزەنتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكىنىڭ ئىسمى گۈلەناي. گۈلەناي كېلەر يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان بولۇپ، بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشنى باشلىغان ئىدى. ئۇ بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا ئامېرىكىدىكى دۇنياغا ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان خاۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئاشۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق ھەققىدە بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالدى. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىزىمىز گۈلەناينى قىزغىن تەبرىكلەيمەن—مۇبارەك بولسۇن!
1-رەسىم: يېقىندا خاۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوبۇل قىلىنغان قىزىمىز گۈلەناي.
ھازىر ئامېرىكىدا تېخى بارلىق قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇش خېتى ئەۋەتىش ۋاقتى توشمىغان بولۇپ، بىر قىسىم داڭلىق مەكتەپلەر ئۆزلىرى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا مەكتەپلەرگە كېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بالدۇر ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. بۇنداق ئىش ئىنگلىزچە «Early Notification» دەپ ئاتىلىدۇ. گۈلەناي بۇ قېتىم ئەنە شۇنداق ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا قوبۇل قىلىنىش خېتىنى بالدۇر تاپشۇرۇپ ئالئالغان
گۈلەناي ھەققىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتمىسەم بولمايدىغان يەنە بىر مۇھىم ئىش، گۈلەناينىڭ ئاپىسى ۋە ئاكىسى بىلەن بىللە بۇ يىل ئەتىيازدا مەككىگە بېرىپ، ئۈمرە ھەج قىلىپ كېلىشىدۇر.
مەن گۈلەناينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتى ئۈچۈن زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن. تۆۋەندىكىسى گۈلەنايغا ئائىت يەنە بىر قىسىم رەسىملەر.
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.