logo

trugen jacn

گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمى سەۋەبلىك ئۇيغۇر كادىرلاردىن نۇرىمانگۈل ياسىن بىلەن ئابلىكىم تۇرەك جازالانغان

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

گۇما ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىنى بىر تەرەپ قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەن 4 نەپەر ساقچى خادىمىغا 200 مىڭ سوم بىلەن 4000 مىڭ سوم ئارىسىدا مۇكاپات بېرىلگەنلىكى، ھۇجۇمچىلار تەۋە بولغان كەنتكە مەسئۇل ئىككى ئۇيغۇر كادىر – نۇرىمانگۈل ياسىن بىلەن ئابلىكىم تۇرەككە خىزمەتتىن توختىتىش جازاسى بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار خىتاينى ۋەزىيەتنى ئوڭشاشتا مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشقا تايانماي، ئاساسلىقى مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلغان ئىدى.

مەلۇمكى، قانۇن دۆلەتلىرىدە قانلىق توقۇنۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ساقچىلارنىڭ گۇماندارلارنى تىرىك قولغا چۈشۈرۈشى، بولمىدى دېگەندە تىرىك قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇر رايونىدا ۋەقە گۇماندارلىرىنى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلماقتا. 14-فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن گۇما پىچاقلىق ھۇجۇم گۇماندارلىرىمۇ نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى، ئەنە شۇ ۋەقە گۇماندارلىرىنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن ساقچى خادىملىرىنى نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىغان.

ئۆتكەن يىلى 4-ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلغان ئامېرىكا، خىتاي تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق يىغىنىدا، خىتاي ئامېرىكىدىن شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى قاتارلىق ئاتالمىش تېررورچى تەشكىلاتلارنى جىمىقتۇرۇشقا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا تەرەپ بولسا، خىتايدىن تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى كۆرۈشكە، سۆز ۋە دىنىي ئەركىنلىككە يول قويۇپ، يەرلىك خەلقىنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىشقا دەۋەت قىلغان ئىدى.

گۇمىدىكى بىر ئاكتىپ پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ بۇ قېتىمقى ۋەقەدىمۇ مەسىلىنىڭ يىلتىزىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان ۋە كاتتا مۇكاپاتلاش ۋە قاتتىق جازالاش تەدبىرىدىن ۋاز كەچمىگەن.

ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇرىمانگۈل ياسىن بىلەن ئابلىكىم تۇرەكنىڭ ۋەقەنىڭ جەريانى ياكى كېلىپ-چىقىشى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. مانا بۇ رېئاللىق ئۇلارغا بېرىلگەن جازانىڭ قانۇنىي بىر ھۆكۈم بىلەن ئەمەس، سىياسىي بىر قارار بىلەن بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلانماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/guma-weqesi-03072017135104.html

Share
1570 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.