ئەڭ يېڭى خەۋەر
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا چىقىدىغان ئەڭ مۇھىم گېزىتلىرىدىن بىرى «بېيجىڭ ياشلار گېزىتى» دە 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالە ئىنتايىن زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.
«بېيجىڭ ياشلار گېزىتى» نىڭ شۇ كۈنىدىكى باش بېتىگە چوڭ قارا خەت بىلەن بېسىلغان مەزكۇر ماقالىگە «كۆپ ساندىكى پارتىيە ئەزالىرى ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان پارتىيە تەشكىلاتىنى تارقىتىۋېتىش كېرەك» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.
ھالبۇكى، بۇ ماقالە بېسىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا «بېيجىڭ ياشلار گېزىتى» نىڭ تور بېتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. لېكىن چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى نەشر قىلىۋاتقان گېزىت، ژۇرناللار بىلەن تور بەتلىرى مەزكۇر خەۋەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ خىتاينىڭ تەقدىرى ھەققىدە جىددىي بەس-مۇنازىرە قوزغىماقتا.
خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئاپوللو خەۋەرلىرى» تورى بۈگۈن «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تارقىلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى كۆرۈلۈۋاتامدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلغان.
ماقالىدە خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا چىقىدىغان ئەڭ مۇھىم ھۆكۈمەت گېزىتىدە بۇ خىل ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىچكى جەھەتتە ئاللىقاچان پارچىلانغانلىقىنىڭ ئالامىتىنى ئاشكارا قىلماقتا، دەپ كۆرسەتكەن
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-weziyiti-10262015161022.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER