logo

trugen jacn

پۇتىن شىمالىي كورىيەگە قىلغان تۇنجى زىيارىتىدە ئىككى دۆلەت مۇداپىيە كېلىشىمى ئىمزالىدى

روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 24 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شىمالىي كورىيەدە زىيارەتتە بولدى. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مۇداپىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. كېلىشىمگە ئاساسەن، قايسى بىر تەرەپ ھۇجۇمغا ئۇچرىسا يەنە بىر تەرەپ ياردەم قىلىدۇ.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ كېلىشىم غەربتە روسىيە شىمالىي كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياكى يادرو قوراللىرى تۈرىگە ياردەم بېرەرمۇ دېگەن ئەندىشىنى پەيدا قىلغان. ئامېرىكا NBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى پۇتىن شىمالىي كورىيەگە يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخۇتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرىگە تېخىنكىسى تەمىنلەش بەدىلىگە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئۈچۈن قورالغا ئېرىشىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.
ئىگىلىنىشىچە، شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن پۇتىننى ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالغان. بۇ كېلىشىم 19-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى پيوڭياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر نەچچە سائەتلىك سۆھبەتتىن كېيىن ئىمزالانغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كېلىشىمدىكى «ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش» ماددىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر ماددىسى بىلەن ئوخشاش مەزمۇندا ئىكەن.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو پروگراممىسىغا بىۋاستە ياردەم بېرىش روسىيەنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى سىياسىتىدىكى بىر روشەن ئۆزگىرىش ئىكەن.
ئامېرىكا ۋە كورىيە پۇتىننىڭ زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن پۇتىننىڭ زىيارىتىنى «ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا كېرەكلىك نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن چارىسىز ھالدا باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش» دەپ قارىدى.
2024-يىلى 19-ئىيۇن
Share
93 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.