logo

trugen jacn

پاسپورت يىغىۋېلىش پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئېلىپ بېرىلماقتا

image

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشى ئەزەلدىن مۇشكۈل بولۇشىغا قارىماي، پاسپورت سىياسىتىمۇ داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى بۇلتۇر يېڭى پاسپورت سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان «228 مىڭ 876 ئادەمنىڭ پاسپورت بېجىرىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، ‹بىرلا قېتىمدا بېجىرىپ بېرىش› تۈزۈمى بويىچە نۇرغۇن قولايلىقلارنىڭ يارىتىلغان» لىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتمەي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ تارماقلىرى يېقىنقى كۈنلەردە ئارقا – ئارقىدىن ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى يەنە يىغىۋېلىشقا باشلىدى. ساقچى ئورۇنلىرىدىن ئىگىلەپ دەلىللىشىمىزگە قارىغاندا، پاسپورتلار يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، كىم نەگە باردى؟ نېمە ئىشقا باردى؟ تارقاق ھەج قىلدىمۇ يوق؟ پاسپورتتا قان ئەۋرىشكىسى، ئاۋازى، DNA ئەۋرىشكىلىرىگە ئوخشاش چوقۇم بولۇشى شەرت قىلىنغان ئۇچۇرلار تولۇقمۇ ؟ دېگەندەك ئۇچۇرلىرىغىچە تەكشۈرۈلىدىكەن. ئەمما پاسپورتنىڭ قاچان قايتۇرۇپ بېرىلدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس شۇنداقلا ساقچىنىڭ پاسپورت يىغىشنىڭ نېمە ئۈچۈن پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا يۈرگۈزۈلىۋاتقانلىقىغا بەرگەن جاۋابى «شىنجاڭ ئالاھىدە رايون بولغاچقا، پاسپورتقىمۇ ئالاھىدە سىياسەت يۈرگۈزىلىدۇ.»

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى ھەپتە ئىچىدە، تارقاتقان پاسپورتلارنى يىغىۋېلىش ھەققىدىكى جىددىي ۋە كەڭ دائىرىلىك ئۇقتۇرۇش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس، خەلقارا مەتبۇئاتلاردىمۇ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا. دەل مۇ شۇ پەيتتە، رادىيومىزمۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق ھەمدە بۇ ئۇچۇرلارنى دەلىللەشكە تىرىشماقتىمىز.

ئۆزلىرىنى ھۆكۈمەت تارماقلىرىدا ئىشلەيدىغان كىشى دەپ ئاتىغان بەزى كىشىلەرنىڭ پاسپورت يىغىش ھەققىدىكى يەتكۈزگەن ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئومۇميۈزلۈك باشلانغان بۇ قېتىملىق پاسپورتلارنى يىغىش ھەرىكىتىنى يېڭىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇەنگو ئۆزى باش بولۇپ تۇتقان، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بىر مەسئۇل گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئۆزى كونترول قىلىۋاتقان بولۇپ، دەسلەپكى پىلاندا 500 مىڭ پاسپورتنى يىغىپ تەكشۈرۈشنى پىلانلىغان. بۇ نۇختىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىكەن. يىغىنلاردا ئۇنىڭ ئىجرا جەھەتتىكى قاتتىق قوللۇقنى تەكىتلىشى، رايوندىكى ئۇيغۇر كادىرلار ئارىسىدا «پاسپورتلارنى يىغىۋېلىش پات ئارىدا يەنە بىر قاتتىق تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ تەييارلىقى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن ئەندىشىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. بۇ ھەقتە ئۇچۇر يەتكۈزگەن كىشى يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ تازىلاشنى ھەربىي قىسىم ئارقىلىق ئىجرا قىلىدىكەن، دېگەن مىش – مىش گەپلەر بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى چېن چۇەنگو ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشتىن يالتايمايدىغان ئادەم دەپ ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ ھەقتە ئېچىلغان ئىچكى يىغىندا، چېن چۈەنگونىڭ بارلىق خىزمەتتە مۇقىملىق، ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدەشنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بۇ ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يەنە نويابىر كىرگۈچە پاسپورتلارنى يىغىپ بولۇش بۇيرۇقى بەرگەنلىكىنى، ئەمما قاچان قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندا ماناس، قومۇل، ئۈرۈمچىنىڭ مىدۇڭ رايونى، شىخەنزە قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەر چىقارغان پاسپورتلارنى يىغىش ئوقتۇرۇشلىرىدىمۇ، يېقىن مۇددەتتە پاسپورتىنى تاپشۇرمىغانلارنىڭ پاسپورتىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلىدىغانلىقى ياكى پاسپورت ئىگىلىرىگە ئاۋارىچىلىك بولىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ساقچى ئورۇنلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشلاردا پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ قارىماققا بارلىق ئاھالىلەرگە قارىتىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يەنىلا نوقۇل ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2015 – يىلى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بەزى رايونلاردا خەلقنى پاسپورت ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرغان ئىدى. ئەمدى پاسپورتلارنى قايتىدىن تۇيۇقسىز يىغىۋېلىشقا نېمە سەۋەب بولغانلىقى ئېنىق ئەمەس. شۇڭىمۇ بۇ كىشىلەردە خەلقئارا جەمئىيەتتە تۈرلۈك قىياس ۋە ئەندىشىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. بۇ ھەقتىكى شۈبھىلەرگە جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن ۋە شۇنىڭدەك ئىنكاسلارنى دەلىللەش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى دائىرىلەر بىلەن ئالاقىلاشتۇق. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى سىياسىي باشقارمىسىدىن تېلېفوننى ئالغان ئۇيغۇر كادىر، پاسپورتنى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقاندىن باشقا سۆز قىلماي تېلېفوننى قويدى.

پاسپورت يىغىش ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئېلى بىلەنلا چەكلەنگەنلىكى مەلۇم، شۇنداقتىمۇ بۇنى يەنە قايتا دەلىللەش ئۈچۈن بېيجىڭ شەھەر خەيدىڭ رايونىدىكى ساقچىخانىغا تېلېفون ئۇلىدۇق، ئۇ پاسپورتنى يىغىش دېگەن گەپكە ھەيران قالغاندەك، ئۇنداق ئىشنى بىلمەيمەن، دېدى ۋە ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ، ئەمىسە، شۇ يەرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكىدىن سوراڭ، دەپ تېلېفوننى ئۈزدى.

پۇقرالارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىشقا دائىر ئوقتۇرۇشلار ھازىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا تارقىتىلغانلىقى مەلۇم، بۇ ھەقتە ئۇچۇرلارنى دەلىللەش ئۈچۈن داۋاملىق جەنۇبتىكى جايلارغىمۇ تېلېفون قىلىپ سىناپ كۆردۇق. ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ساقچى ئاتۇشتىمۇ – 25 ئۆكتەبىرگىچە پاسپورتلارنى نوپۇس تەۋەلىكىدىكى ساقچىخانىلارغا تاپشۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىلغانلىقىنى، كېچىككەندە 29 – ئۆكتەبىردىن قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يىغىش مۆھلىتى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما پاسپورتلارنى قاچان قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە ھېچقانداق بۇيرۇق ياكى سىياسەت چۈشمىگەن.

ئۇ، «نېمە ئۈچۈن پاسپورت يىغىش پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا يۈرگۈزۈلىدۇ ؟» دېگەن سوئالىمىزغا «شىنجاڭ ئالاھىدە رايون، شۇڭا پاسپورتتىمۇ باشقا جايلاردىن ئالاھىدە سىياسەت قوللىنىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ساقچىخانىلار پاسپورتلارنى يىغىشقا مەسئۇل بولسىمۇ، ئۇنى تەكشۈرۈشكە يۇقىرى تارماقلار مەسئۇل بولىدىكەن، تەكشۈرۈش مەخسۇس، پاسپورت ئىگىسىنىڭ چېگرا ئاتلاش تارىخى ۋە سەۋەبلىرى، پاسپورتقا كىرگۈزۈلگەن شەخسى ئۇچۇرلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن شۇنداقلا ئۇ، پاسپورتى لازىم بولغانلارنىڭ ساقچىخانىلارغا ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىدە گۇمانلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمىسە،قايتۇرۇپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۆزىمۇ ئىشەنچ قىلالمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، تاپشۇرۇلمىغان پاسپورتلار جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى تەرىپىدىن بىر تۇتاش توڭلىتىپ قويۇلىدىكەن. ئەمما، ئۆزىنىڭ پاسپورتىنى مۆھلەت ئىچىدە تاپشۇرمىغانلارغا قانداق جازا كۆرىدىغانلىقىدىن خەۋىرى يوق ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/pasport-10252016225304.html

Share
740 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.