logo

trugen jacn

يەر شارى ۋاقتى گېزىتى, تۈركىيەنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئويلىشىشقا چاقىردى

e3fd87e0-312a-4e98-957f-cc6cc1144cc6

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئوبزورچى ماقالىسىدە، شەنبە كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنى تەنقىد قىلىنغان. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن تېررورلۇق ئۆلچىمىدىكى چۈشەنچە پەرقى ۋە ئىسلام دۆلىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئويلىشىش ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

يۇقىرىقى پىكىر مەزكۇر گېزىتىنىڭ ئىنگلىز تىلى نۇسخىسىدا ئېلان قىلىنغان «ئەنقەرەدىكى پارتلاش زور ئاشقۇنلۇق تەھدىتى» سەرلەۋھىلىك ئوبزورچى ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدا، تۈركىيەدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغانلىقىنى تەنقىدلەپ، تۈركىيەدىكى بۇ ئىجتىمائىي كۈچلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار تۈركىي مىللەتكە چېتىشلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە «تۇغقاندارچىلىق قىلىدۇ» دېگەن.

ماقالىدا يەنە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دۆلىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى تەنقىدلەپ، «تۈركىيەدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى تېررورلۇق قارشى ھەرىكىتى ھەققىدە قالايمىقان سۆزلەپ يۈردى. تۈرك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پوزىتسىيىسى بەزىدە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەۋرىنىپ قالدى. ئىسلام دۆلىتى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرغاچقا ئەنقەرەنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسى تاشقى دۇنيادا بەزى چۈشەنمەسلىكلەرنى پەيدا قىلدى» دېگەن.

تۈركىيە غەرب كىشىلىك ھوقۇق، ئەدلىيە ئۆلچەملىرىنى قوبۇل قىلغان ۋە بۇنى ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇن سىستېمىسىدا تەتبىقلاۋاتقان بىر دۆلەت. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، شۇڭا ئۇنىڭ تېررورلۇققا پەرقلىق تەبىر بېرىشى تەبىئىي ئەھۋال.

ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، لوندون ئۇيغۇر سەنئەت ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، «يەر شارى گېزىتى» نىڭ ئەنقەرەدىكى پارتلاشنى كوزىر قىلىپ، تۈركىيەنى ئۇيغۇرلارغا مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىشى «پۇرسەتپەرەسلىك» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ خاراكتېرى ئوخشىمايدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى خىتاي ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. ئۇ دائىم مۇشۇنداق پۇرسەتنى ئىزدەپ كەلدى. مەسىلەن، خىتاي «11‏-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن تارتىپ تاكى ئىسپانىيەدە پويىز پارتلاشقا ئوخشاش زور خەلقئارا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن باغلاپ، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مەقسىتى بۇلار تېررور، ئۇلارغا بىز بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىسەن. سەن قانداق باستۇرساڭ، بىز شۇنداق باستۇرىمىز. ئۇيغۇرلارغا يان تاياق بولما، دېگەننى بازارغا سېلىش.

ئامېرىكا خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور خەن ليانچاۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنى ئىزچىل خەلقئارا تېررورلۇققا باغلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان.

خەن ليەنچاۋ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بارلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل يوق، دېدى.

خەن ليەنچاۋ مۇنداق دەيدۇ: بۇ مەسىلىدە جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋە باشقا ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنى قايىل قىلىمەن دېسە، ئۇ چوقۇم قايىل قىلارلىق بىر دەلىل ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 3‏-بىر خەلقئارا ئورگاننىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشى شەرت. شۇنداق قىلغاندا ئۇ باشقىلارنىڭ زادى نېمە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىگە قايىل قىلالايدۇ. بىراق ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، جۇڭگودا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئۇ ئۇنداق كەڭ كۆلەملىك، تەشكىللىك خەلقئارا ئالاقىسى بار تېررورلۇق ئەمەس، بەلكى ئۇ خاس ئىندىۋىدۇئال ھادىسىلەردەك قىلىدۇ.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئوبزورچى ماقالىسىدە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 7‏-ئايدا 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، كېيىنرەك بېيجىڭ بۇ كىشىلەرنى «زوراۋانلىق تەرغىب قىلىنغان ۋىدېئولارنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى، ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ، ئىراق ۋە سۈرىيەگە غازات قىلىشقا ماڭغان» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدا، بۇ ۋەقە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى نامايىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللىغان تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى «ئوسمانلىچىلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن.

ماقالىدە مۇنداق دەيدۇ: «تۈركىيە ئوتتۇرا -شەرقنىڭ مۇرەككەپ سىياسىي قاينىمىغا كىرىپ قالدى. بۇ دۆلەتتە ئوسمانلى دەۋرىدىكى شان-شۆھرەتنىڭ ئىزى ھازىرمۇ مەۋجۇت. بەزى ئىجتىمائىي كۈچلەر ۋە تەشكىلاتلاردا تۈركىي مىللىتىگە چېتىشلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە تۇغقاندارچىلىق قىلىپ، كۆز يۇمىدىغان خاھىش بار. بۇ تۈركىيە بىلەن بەزى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تېررورلۇققا قانداق تەدبىر بېرىش جەھەتتىكى ئىختىلاپنى پەيدا قىلدى.»

لېكىن ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىشىدا پەرقلىق بىر سەۋەب بار. ئۇ، ئەڭ مۇھىم ئامىل تۈرك خەلقى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت، تىل، دىن ۋە تارىخىي ئورتاقلىق، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئاخباراتى بۇ رېئاللىقنى ھەرقانچە ئىنكار قىلسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رېئاللىقنى نەزەرگە ئېلىشى كېرەك.

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي بىلەن تۈركىيەنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. خىتاي بىر پارتىيەلىك دىكتاتور دۆلەت. لېكىن تۈركىيە ئوخشىمايدۇ. ئۇ دېموكراتىك تۈزۈمدىكى پارلامېنت ئاساسىدىكى خەلق ئۆزىنىڭ ۋەكىلىنى سايلىيالايدىغان بىر دۆلەت. ئۇلاردا بۇ پەرق بار.

لېكىن ئەڭ نېگىزلىك پەرق، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار قېرىنداش. ھۆكۈمەت قاراپ تۇرسىمۇ، تۈرك خەلقى قاراپ تۇرمايدۇ. يېقىندا خىتاينىڭ مالايشىيادىكى باش ئەلچىسى مالايشىيادىكى خىتاي ئىرقىدىن بولغان خىتايلارنىڭ ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ، مالايشىيا ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك، دېگەن بىر بايانات ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئۆزى بىز دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرەلەيدۇ. تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى، دېگەن ئۇقۇم كۈنتەرتىپكە كېلىپ بولغان مەسىلە.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن سۆزلەۋاتقان دۆلەتلەرنى ئەيىبلەش ئورنىغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئۆزگەرتسە ياخشى بولىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە خىتاي بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ. ناھايىتى ئەقەللىي بىر نەرسىنى، ئۇيغۇرلارنىڭكى يەرلىك بىر مىللەت، شۇ تۇپراقنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ دۆلەت بولۇپ ياشاش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ. 60 يىل ئاۋۋال كۆچۈپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئىگىلەپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەركىبىگە مەجبۇرى قوراللىق كىرگۈزۈپ، بۈگۈن بۇ بىزنىڭ زېمىنىمىز، دەپ بۇنداق سىياسىي بىشەملىك ۋە نەيرەڭۋازلىقنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ، ئەسلى مەسىلىنىڭ نېگىزى بۇ يەردە.

خىتاي ئۆزىنىڭ قانۇن -تۈزۈمى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قانچىلىك دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، بۇنى ئويلىشىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئورنىغا تۈركىيەنى، غەربنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوش ئۆلچەم قوللاندىڭ، دەپ ئەيىبلەش ئورنىغا ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ياخشىلاشنى ئويلىشىشى كېرەك.

دوكتور خەن ليەنچاۋنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشتە ئىشنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەنئەنىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشتىن باشلىشى شەرت.

ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى، ئەنئەنىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى شەرت. ھازىر شىنجاڭدا باستۇرۇش شۇ يەرگە يېتىپ باردى، دىنىي ئېتىقاد بىلەن شۇغۇللىنىش مۇمكىنچىلىكى قالمىدى، سىز ھەتتا ساقال قويسىڭىزمۇ بولمايدىغان نۇقتىغا باردى. ئۇ مىللەتنى، ئۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى، ئۇنىڭ خاس كىشىلىكىنى يوقىتىشتەك بۇنداق سىياسەت ئىنتايىن خەتەرلىك.

ئۇ بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا غازاتچى كۈچلەرگە يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇلار خەلقئارا غازاتچى كۈچلەرنى ئارقىسىدا ئالسا، بۇ جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە ناھايىتى ئاسانلا ئەجەللىك تەھدىت سالالايدۇ، دېدى.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدە، بەزى دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قانداق تەبىر بېرىش مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ئىختىلاپى بارلىقىنى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق ماقالىدا ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىسمى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.

ئانالىزچىلار، ماقالىدا تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپى كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا تېررورلۇق مۇئامىلىسى قىلىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەن.

ئەمما تۈركىيە خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق گۇرۇھلار» دەپ چەكلەشنى تەلەپ قىلغان ئۇ تەشكىلاتلارنىڭ تىنچ پائالىيەت قىلىۋاتقان قانۇنلۇق تەشكىلاتلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ تەلىپىگە بەك قۇلاق سالمىغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/turkiyede-partlash-10122015143945.html

Share
1756 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.