ئەڭ يېڭى خەۋەر
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
شۆھرەت ھوشۇر
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بەلگىلىك دەرىجىدە خىراجەت ئاجراتماقتا، بۇ خىراجەت يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشتىن كۆپ، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ خەلقنى قاقتى – سوقتى قىلىشلىرىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە. يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ بايئاۋات يېزىسىدىن دەل ئاشۇ ئەھۋالنىڭ تىپىك بىر مىسالى بايقالدى. ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر يېزىدىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى، يېزىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، قۇرۇلۇشنى ئۆزىنىڭ قېيىن ئىنىسىغا ھۆددىگە بەرگەن، ھۆددىگە ئالغۇچى كەسپ ئەھلى بولمىغاچقا، قۇرۇلۇشنى ۋاقتىدا پۈتتۈرەلمىگەن ۋە قۇرۇلۇش سۈپەت ئۆلچىمىدىن ئۆتەلمىگەن. ئالاقىدار ئورۇنلار مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، پەقەت ئۇنى مەنسىپىدىنلا ئېلىپ تاشلىغان، ئاھالىلەر تارتقان زىيااننى تۆلەتكۈزمىگەن ياكى تۆلەپ بەرمىگەن
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yopurgha-oy-01272015214019.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER