ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
نەزەر
ئامېرىكا ۋە خىتاي ئۆزئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىنكى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى ئىچىدە پرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتاي كومھۆكۈمىتىگە قارىتا ئەڭ قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئامېرىكا ۋە دۇنيا مەنپەئەتى ھەمدە غەرپ دېموكراتسىيىسىنى قوغدىغان قەھرىمان بىر پرېزىدېنت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئىناۋىتىنى كۆرتەردى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەدىر- قىممىتى ۋە غۇرۇرىنى ئۆستۈردى،ئامېرىكىنىڭ دۇنيادا ئىقتىسادىي جەھەتتىن يەنىلا قودرەتلىك بىر دېموكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى قايتىدىن دۇنياغا نامايان قىلدى. خەلقئارادا ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاي كۆمھۆكۈمىتىگە قارىتا كۈچلۈك ۋە قەتئىي تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىپ، خىتاي كومھۆكۈمىتىنى غال- غال تىترەتتى، ئۇلارنىڭ تېشى پال- پال، ئىچى غال- غال ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىدى، خىتاي كومھۈكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىغا تايىنىپ ئادالەتسىز تەرەققى قىلغان ئىقتىسادىغا قاتتىق زەربە بەردى. پرېزىدېنت دونالد ترامپ باشچىلىقىدىكى ئا ق ش ھۆكۈمىتى خەلقئارادا خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇشنى مەقسەت قىلغان ئىستراتېگىيىلىك پىلانى « بىر بەلۋاق، بىر يول قۇرۇلۇشى» غا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى ۋە دۇنيا خەلقىگە خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى، دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيە ۋە كىشلىك ھۆقۇقنى قوغداش بۇيىچە ئاجايىپ ئىشلارنى قىلدى، كىشلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ بايراقدارى بولدى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا سىياسىي سەھنىسىگە چىقاردى، پرېزىدېنت دونالد ترامپ « ئۇيغۇر كىشلىك ھۆقۇقى سىياسىتى قانۇنى» نى تەسدىقلىدى. گەرچە پرېزىدېنت دونالد ترامپ شۇقەدەر نەتىجىلىك ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، ئەپسۇس، ئۇ بۇ قېتىمقى سايلامدا پرېزىدېنتلىق ئورنىنى ساقلاپ قالالمىدى. نىمە ئۈچۈن پرېزىدېنت دونالد ترامپ بۇ قېتىمقى سايلامدا رىقابەتچىسىگە ئۇتقۇزۇپ قويدى؟ بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى قىسقىچە قىلىپ تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىلارغا يېغىچاقلاش مۇمكىن:
بۇندىن باشقا يەنە ئامېرىكىلىقلارنى ئۆزگىرىشچان جەمئىيەتتە ياشاشنى خالاشتىن ئىبارەت پىسخىك ھالەت ئامىلىمۇ ھەر قېتىملىق پرېزىدېنتلىق سايلامدا قىسمەن رول ئوينىدى.
قىسىقىسى، قانداقلا بولمىسۇن، پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ ھازىر زامان تارىخىدىكى پرېزىدېنتلار ئىچىدىكى شىر يۇرەك قالىتىس بىر پرېزىدېنت بولدى. ئۇ خۇددى ئەپسانىلەردىكى پالۋانلاردەك كومخىتايدىن ئىبارەت بۇ ياۋۇز يالماۋۇزنى يان پاشقا ئېلىپ، يەر يۈزىگە شۇنداق ئۇردىكى بۇ يىرتقۇچ يالماۋۇز يەر چىشلەپ، مۈشۈكتەك مىياڭلاپلا قالدى. پرېزىدېنت دونالد ترامپ باشچىلىقىدىكى ئا ق ش ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىنى سىلىدى، ئۇلارغا ئاتىلىق قىلدى. بۇنىڭ ئۇچۈن بىز شەرقىي تۈركىستانلىق ھەر قايسى تۈركىي مىللەت خەلقلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى پرېزىدېنت دونالد ترامپ باشچىلىقىدىكى ئا ق ش ھۆكۈمىتىگە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە رەخمىتىمىزنى ئېتىمىز، پرېزىدېنت دونالد جاناپلىرىغا سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۈمۈر ۋە ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك تىلەيمىز!
2020- يىلى 7- نويابىر
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.