logo

trugen jacn

مەھمۇت سىجاڭنىڭ چەتكە چىقىپ كېتىشى،ئابدۇنىياز كامالنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى

mahmut

ئابلەت ئابباس (قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك تەزكىرە ئىشخانىسىدىن)

مەن قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى توغرىسىدا بىر نەرسە يېزىش مۇددىئاسى بىلەن ئىزدىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ۋەقەشۇناس پېشقەدەملەر ئاغزىدىن يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرى كونا بازار كۆۋرۈك بېشىدا ئولتۇرۇشلۇق مۇھەممەت سەلەينىڭ يۇرتىمىز تارىخىدا تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان قۇمۇل ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە قەشقەردە كۆتۈرۈلگەن ئىنقىلابلارغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ماڭا تونۇش ھەم ناتونۇش بولغان بۇ مويسىپىت بىلەن كۆرۈشۈپ ئوڭايلا چىقىشىپ كەتتۇق. مېنى ئۇنىڭ خاتىرىسىنىڭ ساپلىقى، نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بەزى مۇھىم ئىشلارنىڭ شاھىدى ئىكەنلىكى تولىمۇ خۇش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن «يەتمىش - كەتمىش، سەكسەن - يوقسەن» دېگەندەك كۈنسايىن ئازلاپ كېتىۋاتقان ۋەقەشۇناس تىرىك شاھىدلارنىڭ بىرى بولغان بۇ مويسىپىتنىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلدىم ۋە نەچچە قېتىملاپ سۆھبەت قۇردۇم. سىلەرگە تەقدىم قىلىنىۋاتقان بۇ ئەسلىمە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرى ئىچىدىكى مەھمۇت مۇھىتى ۋە ئابدۇنىياز كاماللارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشلاردىن رەتلىنىپ، 1989 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئەسلىمىنىڭ ئىگىسى مۇھەممەت سەلەي ئۆز قەلىمى بىلەن ئىمزا قويغان ماتېرىيالدۇر.

ئەسكەر بولۇش

مەن بۇيىل توپتوغرا 76 ياشقا كىردىم، دادام كۇچالىق، ئانام يېڭىشەھەر خانئېرىقلىق ئىدى. مەن يېڭىشەھەر بازار ئىچىدە تۇغۇلغانىكەنمەن. دادام شەنيامۇلدا يايى ئىدى. مەن يېڭىشەھەردە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا قىرغىز ئوسمان تۇڭلىڭ قەشقەر كونا شەھەرنى ئىشغال قىلدى. ئارقىدىنلا تۆمۈر سىجاڭ پەيزاۋاتتىن كېلىپ، يېڭىشەھەر بارىن يولى ئارقىلىق غەجەكتىن ئۆتۈپ قەشقەر كونا شەھەرگە كىرىپ كەتتى.

تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى ئاتلىق ئىككىدىن قاتار بولۇپ، بارىن يولىدىن ئۆتكەندە مەنمۇ يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا سانجاق – سانجاق تۇرۇپ كەتكەن كىشىلەر قاتارىدا قىستىلىپ يۈرۈپ ئۇلارنى كۆرگەنىدىم. تۆمۈر سىجاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى ئۆتۈپ بولغىچە يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى خەلق «ئامىن، ئامىن» دەپ توۋلاپ دۇئا قىلىپ تۇردى. بۇ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇلارغا نۇسرەت تىلىگەنلىكى، ياشىسۇن دېگەنلىكى ئىدى. شۇ چاغدىكى كەيپىيات شۇنداق تەسىرلىك ئىدىكى، ياشانغانلار ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتكەنىدى. مەندە شۇ چاغدىن باشلاپ ئەسكەر بولۇش ئىستىكى تۇغۇلغانىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، شۇ چاغدا ھاۋا ئىسسىپ قالغان كۈنلەر بولغاچقا يالاڭ ئاياق ئىدىم. كېيىن ئۇقسام، شۇ كۈنى ئوسمان تۇڭلىڭ قەشقەر كاتتىلىرى ۋە نەچچە يۈز ھۈرمەت قاراۋۇلىنىڭ ھەمراھلىقىدا يېڭىشەھەرنىڭ ئاراباغ دېگەن يېرىگە تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئىستىقبالىغا چىققانىكەن. كېيىن تۆمۈر سىجاڭنى تۇڭگان گامازا ئۆلتۈرۈپ، بېشىنى كېسىپ قەشقەر كوناشەھەر ۋە يېڭىشەھەر كوچىلىرىدا سازايى قىلدى. گامازا مەرھۇم تۆمۈر سىجاڭنىڭ كەكە ساقىلىدىن كۆتۈرۈۋېلىپ «تيېمۇردى توۋ گېدياۋلا» دەپ توۋلاپ يېڭىشەھەر كوچىلىرىدا تېرىسىگە سىغماي قالغانىدى.

تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى يېڭىشەھەردە تۇڭگانلارغا قارشى ئوت ئاچتى. شۇ يىلى قىشتا خوجا نىياز ھاجى، مەھمۇت سىجاڭلار قەشقەرگە كەلدى. قۇربان ھېيىت كېلىشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى دادادم مېنى كەينىگە سېلىپ، قەشقەر قۇمدەرۋازىدىكى بىر سارايغا باشلاپ كىرىپ، كەمچەت تۇماقلىق سۆلەتلىك بىر كىشىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىردى. شۇ كۈنى ئازراق قار ئۇچقۇنداۋاتاتتى. ھېلىقى كىشى مۆيدىن تۇەنجاڭ ئىكەن. بىز ئۇ كىشىگە ئەدەب بىلەن سالام بەردۇق. ئۇ سالىمىمىزنى ئىلىك ئېلىپ دادامدىن «سىز قەيەرلىك» دەپ سورىدى. دادام «مەن كۇچالىق» دەپ جاۋاب بەردى. مۆيدىن تۇەنجاڭمۇ كۇچالىق بولۇپ، ئەسلىدە تۇماقچى ئىكەن. ئۇ كىشى ماڭا بىر قۇر نەزەر تاشلاپ «بۇ بالا ئەسكەرلىككە يارايدىغان بالا ئىكەن، ماڭا بېرەمسىز؟» دېۋىدى، دادام دەرھاللا «مانا بالا، ئۆزلىرىگە تۇتتۇم» دېدى. يۈرەكلىرىم ئويناپ كەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ئەسكەر بولۇپ قالدىم. شۇ چاغدا مەن 19 ياشلاردا بولۇپ، ناھايىتى ئۇستىخانلىق، بەستلىك يىگىت ئىدىم.

مەن ئەسكەر بولۇپ ئەتىسى مۆيدىن تۇەنجاڭ يۈزدەك ئەسكەر بىلەن يېڭىشەھەر ئۇرۇشىغا چىقماقچى بولدى. مەن يېڭىشەھەرلىك بولغاچقا ئۇلارغا يول باشلىدىم.مەن ئۇلارنى باشلاپ غەجەكتىن ئۆتۈپ، مامۇتخان پاتچىم تەرەپتىن ئايلىنىپ قىچىچى دېگەن يۇرتنىڭ ئويچاڭزا دېگەن يېرىگە باشلاپ كەلدىم. چۈنكى يېڭىشەھەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان قىسىملارنىڭ قوماندانلىق شىتابى ئويچاڭزىغا ئورۇنلاشقان ئىكەن. بىز ئويچاڭزىغا يېتىپ كەلگەندە مازىخۇي ئەسكەرلىرىنىڭ يېڭىشەھەر قەلئەسىدىن ئاتقان توپ ئوقلىرى ئۇ يەر بۇ يەرگە چۈشۈۋاتقان، ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ كۆزىگە بىر نەرسە تۇتۇپ شەھەر تەرەپكە قاراپ تۇرغان ئىكەن. مەن قىزىقسىنىپ يېنىمدىكىلەردىن «ئۇ كىم، كۆزىگە تۇتۇپ تۇرغىنى نېمە؟» دەپ سورىدىم. يېنىمدىكى بىرەيلەن «سەن تېخى بىلمەمسەن، مەھمۇت سىجاڭ دېگەن كىشى شۇ، كۆزىگە تۇتۇپ تۇرغىنى دۇربۇن» دېدى. دېمەك، مېنىڭ مەھمۇت سىجاڭ بىلەن دۇربۇن (گەرچە دۇربۇننىڭ نېمىلىكىنى بىلمىگەن بولساممۇ)نى شۇ يەردە تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى.

شۇنىڭدىن باشلاپ مەنمۇ يېڭىشەھەر ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ كەتتىم. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈن نىسپىدىن ئاشقاندا بىز بۇيرۇق بويىچە سېپىلغا ئېگىز شوتىلارنى قويۇپ، تىۋىش چىقارماي تەرەپ – تەرەپتىن چىقىشقا باشلىدۇق. ئالدىدىكىلەر سېپىلغا چىقىشقا ئاز قالغاندا پەستتىن ئۇشتۇمتۇت «پاڭ» قىلىپ ئوق چىقىپ قالدى. نەتىجىدە دۈشمەننىڭ بىخىرامان ئۇخلاپياتقان قاراۋۇللىرى ئويغىنىپ كېتىپ بىزنى پىلىموتقا تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن گازارمىلىرىدا ئۇخلاپ ياتقان دۈشمەنلەر چۇۋۇلۇپ چىقىپ ھەش – پەش دېگۈچە سېپىلغا ئورۇنلىشىپ مۇداپىئەنى كۈچەيتىۋالدى. سېپىلغا چىقىۋاتقان ئەسكەرلەر ئۈجمىدەك تۆكۈلۈپ كەتتى. بىر قىسمىمىز ئامان قالدۇق. كېيىن ئۇقساق، مازىخۇيغا سېتىلغان يېڭىشەھەرنىڭ بازار بېگى ئۆمەربەگنىڭ جاسۇسى ئوق چىقىرىپ دۈشمەنگە شەپە بەرگەن يەرنىڭ نەق ئۆزىدە قولغا چۈشۈپتۇ. بۇ مۇناپىق سوراقتا باشلىقى ئۆمەربەگ، بارىنلىق تۇردى چوڭ دېگەنلەرنى پاش قىپتۇ. ئەگەر شۇ كۈنى ئۆمەربەگنىڭ خائىنلىقى بولمىغىنىدا، يېڭىشەھەر قەلئەسىنى خۇددى تاۋاقتىكى تەييار ئاشتەكلا قولىمىزغا ئالغان بولاتتتۇق. شۇنىڭدىن كېيىن يېڭىشەھەر مۇداپىئەسى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە چىڭىپ كەتتى. دۈشمەن تاڭ ئاتقىچە ئۇخلىمايدىغان، سېپىل ئۈستىدىن چۈشمەيدىغان بولۇپ كەتتى.

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، خائىن ئۆمەربەگ، تۇردى چوڭ، مازىخۇينىڭ جاسۇسى ئارا قىچىچىلىق سەپەر دىۋانە(بۇ كەسپىي دىۋانە بولۇپ، مازىخۇينىڭ ئاقسۇدىكى تۇڭگان قىسىملىرىغا يازغان خېتىنى ئېلىپ كېتىۋېتىپ، ئاقسۇ يولىدا بىزنىڭ قىسىملارنىڭ قولىغا چۈشكەن) ئۈچىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، كونا شەھەر ھېيتگاھ مەيدانىدا دارغا ئېسىلدى. ئۇنىڭ كەينىدىنلا ئۈرۈمچىدە ئۇرۇش قىلىپ رۇس ۋە شېڭ شىسەي قوشۇنلىرىدىن يېڭىلگەن تۇڭگانلار قەشقەرگە باستۇرۇپ كەلدى. خوجا نىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت سىجاڭلار شەھەر خەلقىنىڭ ئامانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ كونا شەھەردىن چىقىپ كەتتى. مەن ئۆيگە قايتىپ كەتتىم. تۇڭگانلار ئەسكەرسىز قۇرۇق شەھەرگە بىر پاي ئوق ئاتماي كىردى. مېنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئەسكەرلىك ھاياتىم شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى.

مەھمۇت سىجاڭنى ئۇزىتىش

1934 – يىلى يازدا مەھمۇت سىجاڭ قەشقەرگە كېلىپ 6 – دىۋىزىيىگە سىجاڭ بولۇپ، يۇمىلاق شەھەر قورغانچىسىغا ئورۇنلاشقاندا 2 – قېتىم ئەسكەر بولۇپ، 3 – پولك (33 -پولك) قا تەقسىملەندىم. بۇ پولك يېڭىساردا تۇراتتى، پولك كوماندىرىمىز غوپۇر قارى، مۇئاۋىنى تۇرپانلىق ھەمدۇللا دېگەن كىشىلەر ئىدى. مەن 4 – ليەن، 1 – پەي، 1 – بەندە بىرىنچى دەرىجىلىك ئەسكەر ئىدىم. ليەنجاڭىمىز تۇرپانلىق ئابدۇلئەزىز، پەيجاڭىمىز ئاتۇشلۇق ئابلىز، بەنجاڭىمىز تۇرپانلىق يۈسۈپ دېگەن كىشىلەر ئىدى. بىزنىڭ ليەنىمىز پىلىموتچىلار ليەنى بولۇپ، 200 ئەسكەرنىڭ ھەممىسى پولكتىكى ساۋاتلىق ئەسكەرلەر ئارىسىدىن تاللانغانىدى. بۇ ليەن ئەسلىدە مەھمۇت سىجاڭنىڭ تەلەپ – مۇددىئاسى ۋە يۇقىرىنىڭ چوقۇم ئېغىر – يېنىك پىلىموتلارنى سەپلەپ بېرىمىز دېگەن چىرايلىق ۋەدىلىرى بويىچە تەشكىللەنگەنىدى. لېكىن مەھمۇت سىجاڭ چەتكە چىقىپ كەتكىچە ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن شېڭ شىسەي ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى، مەھمۇت سىجاڭنىڭ ترىشچانلىقلىرى بىكارغا كەتتى.

6 – دىۋىزىيە قارىمىقىدا تۆت پولك ئەسكەر بار بولۇپ، ھەممىسى ئاتلىق ئەسكەرلەر ئىدى. بىر پولكتا تۆت ليەن، بىر ليەندە تۆت پەي، بىر پەيدە تۆت بەن ئەسكەر بولاتتى. ئات باقارلار، ھارۋىكەشلەر، زاپخوزلار، ئاشپەزلەر ۋە باشقىلارنى قوشقاندا، بىر پولكتا 1000 غا يېقىن ئادەم بولاتتى.

1937 – يىلى 4 – ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى خۇپتەن بىلەن مەھمۇت سىجاڭ بىر بۆلۈك ئادەملەر بىلەن 33 – پولكقا يېتىپ كەلدى. ئۇ كىشى كېلىپلا 33 – پولكنى جىددىي ھالەتكە ئۆتكۈزۈپ، ئابدۇنىياز كامالنىڭ 1 – ليەنىنى ياپچانغا مۇداپىئەدە تۇرۇشقا ئەۋەتتى. ئارقىدىنلا يېڭىسار ھاكىمى (ئۇيغۇر)، باجخانا باشلىقى (خەنزۇ)، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى(خەنزۇ) نى چاقىرتىپ كېلىپ، پولك شىتابىدا سوراق قىلدى. نېمە دەپ سوراق قىلغانلىقىنى بىلمىدۇق. ئۇزاق ئۆتمەي ھاكىمنى قويۇۋېتىپ، قالغان ئىككەيلەننى پولك شىتابىنىڭ بېغىدا ئاتتۇرىۋېتىپ، ئادەملىرى بىلەن يولغا چىقتى. بىزنىڭ پەيدىكى 40 ئەسكەر يولبويى مەھمۇت سىجاڭنى قوغداپ ماڭدۇق. مەھمۇت سىجاڭ شۇ ئاخشىمى يېڭىساردىن يولغا چىقىپ، قىزىل، كۆك راۋات، كاچۇڭ، چىپقا، پىچان، كۆكيارلاردا قونالغۇ قىلىپ لاداخ يولىغا چۈشتى. كاچۇڭغا كەلگەندە قەشقەر گارنىزونى (قەشقەر گارنىزونىنىڭ ئورنى بۈگۈنكى يېڭىشەھەردىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئورنىدا) قورال – ياراق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىلياس قولىدا كويزا، ئىشەككە مىندۈرۈلۈپ ئىككى پۇتى ئېشەكنىڭ قورسىقى ئاستىدىن شوينا بىلەن چېتىلغان ھالەتتە كەلتۈرۈلدى. ئۇلار قىسقا يول ئارقىلىق ئۇدۇل مېڭىپ كاچۇڭغا كېلىپ مەھمۇت سىجاڭنى كۈتۈپ تۇرغان بولسا كېرەك. بۇ يەر كاچۇڭ جاڭگال بويىدىكى يول ئۈستى بولۇپ، يول بويىدا بىرەر چارەكچە كېلىدىغان يەرگە سېلىنغان بۇرما شەكىللىك پەشتىقى بار بىر قورغانچە بار ئىدى. مەھمۇت سىجاڭ بۇ يەرنى سورىۋېدى، يەرلىك خەلق بەدۆلەتنىڭ قورغىنى دەپ جاۋاپ بېرىشتى. مەھمۇت سىجاڭ شۇ يەردە توختاپ ئىلياسنى كىشەندىن ئازاد قىلىپ «سەن قەيەرلىك؟» دەپ سورىدى. ئىلياس «مەن تۇرپانلىق تەقسىر»دەپ جاۋاب بەردى. «سەن مۇسۇلمانمۇ» دېگەندە ئىلياس «ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمانمەن» دەپ جاۋاب بەردى. مەھمۇت سىجاڭ دەرغەزەپ بولۇپ، «ياق، يالغان، سەن كاپىر، ئەگەر سەن مۇسۇلمان بولساڭ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايتتىڭ، مەن مىللىي قىسىملارغا كۆپرەك قورال – ياراق، ئوق – دورا بېرىپ تۇرغىن دېسەم ئاڭلىمىدىڭ ئەمەسمۇ؟! بەدبەخ مانا ئەمدى لازىم بولدى» دېدى. ئىلياس «ليۇ سىلىڭدىن بۇيرۇق بولمىسا قانداق بېرەلەيمەن» دېۋىدى، مەھمۇت سىجاڭ «مەنچۇ؟ مەن نېمە» دەپ سورىدى. ئىلياس «ئۆزلىرىمۇ سىلىڭ» دېدى. مەھمۇت سىجاڭ تېخىمۇ قاتتىق دەرغەزەپكە كېلىپ «ھەي بەدبەخ، مەن بەر دېگەندىكىن بەرسەڭ بولماسمىدى، جاۋابىنى ئۆزۈم بېرەتتىم ئەمەسمۇ. سەن مەلئۇن گېپىمگە كىرمەي ئورۇس كونسۇلى بىلەن ليۇ سىلىڭغا جاسۇسلۇق قىلدىڭ، ئۆز قېرىنداشلىرىڭنى، مىللەت مەنپەئەتىنى ساتتىڭ، ئەمدى ساڭا ئوق زايا كەتكىدەك، قىلىچ بىلەن چېپىش كېرەك» دېدى ۋە ئارقىدىن «خەير بوپتۇ، ئېتىۋېتىڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلدى ۋە يەرلىك كىشىلەرگە ئۇنى كۆمۈپ قويۇشنى تاپىلاپ، يولىنى داۋاملاشتۇردى.

بىز كۆكيارغا يېتىپ بارغاندا مەھمۇت سىجاڭ بىزگە خىتاپ قىلىپ«بىز ھىندىستانغا چىقتۇق، مۇددىئايىمىز چەتئەلدىن قورال سېتىۋېلىپ قايتا ئىنقىلاب قىلىش، مەن بىر يىل ئىچىدە قايتىپ كېلىمەن، شۇنىڭغىچە قورالنى قولۇڭلاردا مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر مەن كەلمەيدىغان بولسام قىيامەت كۈنى قولۇڭلار ياقامدا بولسۇن! ھۆكۈمەتنىڭ يامان كۆرگەن ئادىمى مەن، سىلەرگە ھېچكەپ كەلمەيدۇ، قايتىپ كېتىڭلار» دېدى ۋە سۆزلەپ بولۇپ ھەممىمىزگە پۇل تارقىتىپ بەردى. ئاندىن مەندىن «سەن نەلىك» دەپ سورىۋېدى «مەن قەشقەرلىك» دەپ جاۋاب بەردىم. سىجاڭ يەنە «بىز بىلەن تىبەت چېگرىسىغىچە بىللە بارامسەن؟» دېۋىدى مەن «سىجاڭ ئاتا، دادام ئۆلۈپ كەتكىلى ئىككى ئاي بولدى، دادام جان ئۈزىدىغان چاغدا ئۈچ ئۇكامنى ماڭا تاپشۇرغان» دېيىشىمگە سىجاڭ «ھوي، مەن بۇنى بىلمەپتىمەن، ئۇنداقتا سەن قايتىپ ئۇكىلىرىڭنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال، ئېتىڭنى بىزگە ئالماشتۇرۇپ بەرگىن» دېدى. مەن دەرھال «ئات ئۆزلىرىنىڭ ئاتا» دەپ ئېتىمنى تۇتتۇم. مېنىڭ ئېتىم پولك بويىچە ناھايىتى زور، كۈچلۈك ئات ئىدى. يەنە بىر ئاتقا ئارتىلغان يۈكلەرنى ئۇنىڭغا ئارتىپ بوشىغان ئاتنى ماڭا بەردى. بىز شۇنداق قىلىپ كۆكياردا مەھمۇت سىجاڭنى ئۇزىتىپ قالدۇق. مەھمۇت سىجاڭ ئاكىسى مۇسۇل ھاجى، تۇرپانلىق باي ئاخۇن ئەزىزى، قەشقەر قىزىلدۆۋىلىك توختى ھاجى، تۇرپانلىق ھەمدۇللا (بۇ ئادەم لاداق يولىنى ئوبدان بىلەتتى) قاتارلىق 30 نەچچە ئادەم بىلەن لاداخ يولىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

ئابدۇنىياز كامالنىڭ يۈرۈشلىرىگە قاتنىشىش

بىز مەھمۇت سىجاڭدىن ئايرىلىپ كاچۇڭغا كەلسەك، بىزنىڭ 33 – پولك، يەكەندىكى 34 -پولك ۋە قەشقەردىكى 31 -، 32 – پولكلاردىن قېچىپ چىققان بىر قىسىم ئەسكەرلەر ئۇ يەرگە توپلانغان ئىكەن. مويدىن تۇەنجاڭمۇ تۈرمىدىن چىقىرىلىپ، شۇ يەرگە كەلتۈرۈلۈپتۇ. بۇ كىشى شۇ چاغلاردا بىزنىڭ پولكنىڭ تۈرمىسىدە قاماقلىق ئىدى. ئاڭلىشىمىزچە ئۇ كىشى قەشقەردە ئەپيۈن چېكىشنى ئۆگىنىپ قالغاچقا باشتا شىتاب تۈرمىسىگە، كېيىن يېڭىساردىكى 33 – پولك تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن ئىكەن.

كاچۇڭدا ئوپىتسېرلار كېڭىشى ئارقىلىق ئابدۇنىياز كامال سىجاڭلىققا، مۆيدىن تۇەنجاڭ مۇئاۋىن سىجاڭ ھەم شىتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. قوشۇنىمىز كەلپىننىڭ سايۋاغ دېگەن يېرىدە شېڭ شىسەينىڭ ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، تۆت – بەش ئەسكەر تېرەكنىڭ بېشىغا چىقىۋېلىپ بىرىنى سوقۇۋالغان، ئايروپىلاندىكى ئىككى رۇس، ئىككى خەنزۇ ئەسىرگە چۈشكەن. كېيىن مۆيدىن تۇەنجاڭ مۇشۇ ئەسىرلەرنى قويۇۋەتكەن، ھەم سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى شېڭ سىسەيگە ياردەمگە كەلگەندە ئىنقىلابتىن ئۈمىدسىزلىنىپ، مەخپىيەتلىكىمىزنى ئۇلارغا مەلۇم قىلىپ خەت يازغان (بۇ خەت ئابدۇنىياز كامالنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئىكەن) دېگەن جىنايەت بىلەن ئاۋات ناھىيىسىنىڭ بەشئېرىق ئۆستەڭ بويىدا ئېتىپ تاشلاندى.

ئابدۇنىياز كامال سىجاڭلىققا كۆتۈرۈلۈپ، ئەسكەرلەرنى 6 – دىۋىزىيىنىڭ شىتاتى بويىچە تۆت پولكقا ئايرىپ تەڭ تەقسىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، دىۋىزىيە بويىچە ھەممەيلەننى يېڭى پولك، ليەنلەر بويىچە كەڭ دالىدا سەپراس قىلىپ، ئۆزى بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ سۆز قىلدى، ئاخىرىدا:«بىز كىم ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىمىز؟» دەپ سورىدى، ھەممىمىز بىردەك «خەلق ئۈچۈن» دەپ جاۋاب بەردۇق. ئۇ يەنە «خەلق بىزنىڭ نېمىمىز؟» دەپ ياندۇرۇپ سورىدى. بىز «خەلق بىزنىڭ ئاتا – ئانىمىز، ئاكا – ئىنىمىز، ھەدە – سىڭلىمىز» دەپ جاۋاب بەردۇق. ئۇ «توغرا، خەلق بىزنىڭ ئاتا – ئانىمىز، ئاكا – ئىنىمىز، ئاچا – سىڭىللىرىمىز، بىز خەلق پەرزەنتى، شۇڭا ئۇرۇشتا خەلقىمىزنىڭ بىر تال يىپ چاغلىق نەرسىسىگىمۇ تېگىشكە، خوتۇن – قىزلارغا چېقىلىشقا بولمايدۇ، كىمدەكىم خىلاپلىق قىلىدىكەن، ھەربىي قانۇن بويىچە ئېتىپ تاشلىنىدۇ» دەپ خىتاپ قىلدى. ئاندىن يېڭى 1 – پولكقا كېچىلەپ يەكەنگە يۈرۈش قىلىپ يەكەننى ئىشغال قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى. شۇ چاغدا يەكەندە بىر ليەن خەنزۇ ئەسكەر تۇراتتى، ئۇلار يەكەننى ئۇرۇشمايلا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇنىياز كامال يەكەندە شىتاب قۇرۇپ، ماخۇسەن بىلەن بىرلىشىپ شېڭشىسەي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئوت ئاچتى. ماخۇسەننىڭ 36 – دىۋىزىيىسى بىلەن بىزنىڭ 6 – دىۋىزىيە ئۇرۇشقا ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى بېشىمىزدىكى فۇراژكىلارنى چۆرۈۋېتىپ، ئاق دوپپا كىيدۇق، بىلەكلىرىمىزگە «فى سەبىلىللا» دەپ خەت يېزىلغان ئاق لاتا باغلىدۇق. 4 – ئايدىن 10 – ئايغىچە شېڭ شىسەي ۋە بىزنى باستۇرۇشقا ياردەمگە كەلگەن سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن مەكىت، مارالبېشى، ئاقسۇ، قەشقەرلەردە قانلىق جەڭ قىلدۇق. ماخۇسەن بىلەن بىزنىڭ بىرلەشمە قوشۇننىڭ ھەممىسى ئاق دوپپا كىيگەچكە بۇ ئۇرۇشلار خەلق ئىچىدە «ئاق دوپپىلىقنىڭ يېغىلىقى» دېگەن نام بىلەن تونۇلدى.

بىز يەكەندىن چىقىپ يېڭىسارنىڭ سېدە دېگەن يېرىگە كەلگەندە شېڭ شىسەي ئارمىيىسىنىڭ بىر ئايروپىلانىنى سوقۇۋەتتۇق. شۇ ئايروپىلان يېڭىشەھەرنىڭ تازغۇن يېزىسىدىكى يالغۇز ئۈجمە دېگەن جاڭگالغا چۈشۈپتۇ. كىشىلەرنىڭ ئېيىتىشىچە بۇ ئايروپىلاننى كۆرۈش ئۈچۈن يىراق – يېقىندىن كېلىدىغان ئادەملەرنىڭ ھەپتە كۈنگىچە ئايىقى ئۈزۈلمەي قىزىق بازارغا ئايلانغان ئىكەن.

بىز كۈزگىچە ئاقسۇدا شېڭ شىسەي ئارمىيىسى بىلەن قاتتىق ئۇرۇش قىلىپ شېڭ شىسەي ئارمىيىسىنى خېلى زىيانغا ئۇچراتتۇق، كۈچى يەتمىگەن شېڭ شىسەي ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم سورىدى. تانكا، ئايروپىلانلارنىڭ ھىمايىسىدە كەلگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بىلەن ئاقسۇنىڭ قۇمباش دېگەن يېرىدە قاتتىق سوقۇشتۇق. ئاخىرى ئوقىمىز تۈگەپ كەتتى. بىز يەكەندىن چىقىدىغان چاغدا ھەر بىرىمىزگە 200 تالدىن ئوق بېرىلگەنىدى. بىز كۆپ غەلىبىلىك ئۇرۇشلارنى قىلغان ئىدۇق، بارغانلىكى يەردە پىدائىيلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سېپىمىزگە ئۈزلۈكسىز قوشۇلۇپ تۇردى. ئاقسۇغا بارغاندا بىزنىڭ پولكنىڭ ئەسكىرى 1500 گە يەتكەنىدى. بىزنىڭ قىزىل ئارمىيە بىلەن تۇتۇشقان ۋاقتىمىز 9 – ئاي مەزگىلى بولۇپ، بىزنىڭ پولكتىلا ئەمەس باشقا پولكلاردىمۇ ئوق – دورا ئۆكسۈپ قالغانىدى. شۇڭا بىز بۇيرۇققا بىنائەن يەكەنگە چېكىنىدىغان بولدۇق. مەكىتكە كەلگەندە بەزى ئەسكەرلەر قېچىپ كەتتى. مەنمۇ مەكىتتىن قېچىپ شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرىگە تۇتۇلۇپ قالدىم. ئۇلار مېنى قورالسىزلاندۇرۇپ سوراق قىلىپ مېنىڭ بىر ئاددىي ئەسكەرلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن پەيزاۋات ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم ئارىغا نامدار ئادەملەرنى قويۇپ كېپىل بولۇپ تۈرمىدىن چىقىرىۋالدى. كېيىن ئاڭلىسام ئابدۇنىياز كامال ئاخىرىغىچە تىركىشىپ، پەقەت ئامال قالمىغاندا ئەسكەرلىرىنى تارقىۋېتىپ ئۆزى شېڭ شىسەينىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. بىزنىڭ پولك كوماندىرىمىز ئامىر قوشۇنىمىز مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، تۇتۇق بەرمەي قېچىپ يۈرۈپ، ئاخىرى يېڭىشەھەرنىڭ تازغۇن يېزىسىغا كەلگەندە، تازغۇن كېرەملىلىك ئابدۇرېھىم مەخسۇم دېگەن كىشى ئۇنى ئون نەچچە ئادەم بىلەن قورشىۋاپتۇ، پولك كوماندىرى ئامىرنىڭ پىلىموتىدا ئوق بولسىمۇ لېكىن ئۇلارغا ئوق چىقىرىشنى راۋا كۆرمەپتۇ، ئابدۇرېھىم مەخسۇم ئۇنى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ مۇكاپات ئاپتۇ.

مېنىڭ ئىككى قېتىم ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ سەپتىن چېكىنگەنگە قەدەر كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىم مانا مۇشۇلاردىن ئىبارەت.

خاتىمە ئورنىدا

مەن بۇ يەردە ئابدۇنىياز كامالنى شېڭ شىسەيگە تۇتۇپ بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان يەنە بىر شاھىتنىڭ ئەسلىمىسىنى مۇھەممەت سەلەينىڭ ئەسلىمىلىرىگە تولۇقلىما قىلىشنى لايىق تاپتىم.

مەزكۇر ئەسلىمىنىڭ ئىگىسى تۇردىيوف سۇلتان ناسىر 1936 – يىلى مەھمۇت سىجاڭ قوماندانلىقىدىكى 6 – دىۋىزىيىنىڭ 31 – پولكىدا ئەسكەر بولغان، مەھمۇت سىجاڭ چەتكە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، قەشقەردە قېلىپ، كېيىن شېڭ شىسەي بىلەن سوۋېتنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسى تەركىۋىدىكى ئەخمەت مەخسۇم پولكىنىڭ يۈسۈپ ليەنجاڭ ليەنىدە جەڭچى بولغان ھەمدە شېڭ شىسەي ئۈچۈن قان كېچىپ جانپىدالىق بىلەن ئۇرۇش قىلغان. شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈگەندە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىپ، گېئولوگىيە ئىنژېنېرى بولغان. 50 – يىللاردا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئۈرۈمچى كان ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. 60 – يىللاردا ئەكسىلئىنقىلابچى دېگەن قالپاق بىلەن قولغا ئېلىنىپ 18 يىل تۈرمىدە ياتقان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، 1937 – يىلى 2 – ئاپرىل كۈنى مەھمۇت سىجاڭ قەشقەردىن چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى شايارلىق مۇئاۋىن پولك كوماندىرى ياقۇپقا قۇرباننىيازنى ئېتىۋېتىپ، 31 -، 32 – پولكلارنى باشلاپ يېڭىسارغا بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. مەھمۇت سىجاڭ قەشقەردىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ياقۇپ قۇرباننىيازنى ئاتقان، بىراق ئوق ئۇنىڭ پۇتىغا تېگىپ ئۆلمەي قالغان، قۇرباننىيازمۇ ئۇنى ئېتىپ يارىدار قىلغان. نەتىجىدە ئىككى پولكتىكى ئازغىنە ئەسكەر مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان پىلانى بويىچە شەھەردىن چىقىپ، يېڭىساردىكى قىسىملارغا قوشۇلغان. قالغانلىرى ئامالسىز قالغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشنىڭ تەكتىنى بىلمىگەچكە قەشقەردە تۇرۇپ قالغان.

1937 – يىل 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئابدۇنىياز كامال قەشقەر كوناشەھەر ئەتراپىغا يېتىپ كېلىپ، ئەتىسى تاڭ سەھەردە يۇمىلاق شەھەر قەلئەسىنى قورشاۋغا ئالغان. شەھەردە قالغان 31 -، 32 – پولكلارغا شېڭ شىسەي تەرىپىدىن مۇۋەققەت سىجاڭلىققا تەيىنلەنگەن قۇرباننىياز ئەسكەرلەرنى سېپىل ئۈستىگە چىقىپ ئابدۇنىياز كامال قىسىملىرىغا زەربە بېرىشكە بۇيرۇغان. ئەسكەرلەر پەستىكىلەرنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئوق چىقارمىغان. بەزىلىرى سېپىلدىن سېرىلىپ چۈشۈپ قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. بۇ دەل شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىدە ئابدۇنىياز كامال قوشۇنىغا قارشى جازا يۈرۈشى تەشكىللەۋاتقان ۋاقتى بولغاچقا، تەييارلىق پۈتكىچە ئابدۇنىياز كامال، ماخۇسەنلەرنى بىخۇتلاشتۇرۇپ ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش، 31 -، 32 – پولكتىكى ئەسكەرلەرنىڭ قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،قەشقەردە تۇرۇشلۇق سوۋېت كونسۇلى ئارىغا كىرىپ قۇرباننىياز باشچىلىقىدىكى 31 -، 32 – پولكنى كوناشەھەرنى بىكارلاپ يېڭىشەھەرگە چىقىپ كېتىش ئارقىلىق ئابدۇنىياز قوشۇنلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئورۇنلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش توغرىسىدا ماداراچىلىق قىلغان. نەتىجىدە تۇردىيوف سۇلتان ناسىرمۇ يۇقىرىقى ئىككى پولك تەركىۋىدە يېڭىشەھەرگە چىقىپ ئورۇنلاشقان. شۇ يىلى 9 – ئايدا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ماشىنىلاشقان قىسىملىرى ئەركەشتام، سىمخانا قاتارلىق ئېغىزلاردىن كىرىپ ئابدۇنىياز كامال بىلەن ماخۇسەننىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىگە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغان. ئاقسۇدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئابدۇنىياز دىۋىزىيىسىنىڭ ئوق – دورىلىرى تۈگەپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان، قەشقەر فرونتىدىكى ماخۇسەننىڭ بىرىگادا كوماندىرى ما شىڭكۈي 2000 ئەسكەر بىلەن قارشى تەرەپكە تەسلىم بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلەشمە ئارمىيە پۈتۈن سەپ بويىچە يىمىرىلگەن. سوۋېت – شېڭ شىسەي بىرلەشمە ئارمىيىسى 31- ۋە 32 – پولكتىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلەر بىلەن ماشىڭكۈي قىسىملىرىنى ئاۋانگارت قىسىم قىلىپ ئالدىغا سېلىپ ماخۇسەن قىسىملىرىغا قوغلاپ زەربە بەرگەن.

شۇ يىلى 10 – ئايدا تۇردىيوف ناسىرلار يەكەن يېڭىشەھەردە دەم ئېلىپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۇقىرىدىن ئابدۇنىياز كامالنى قوغلاپ تۇتۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئەسلىدە ئابدۇنىياز كامال ئەسكەرلەرنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، بىر قانچە ئادىمى بىلەن چەتكە چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ چېگرىغا ماڭغاندا، سوۋېتنىڭ رازۋېدكا ئايروپىلانلىرى بايقىۋالغان ئىكەن. بۇيرۇق بويىچە ئاتلانغان يۈسۈپ ليەنجاڭ ليەنى ئاتلىق يولغا چىقىپ كوسراپتىكى بىر جىرا ئىچىدە چۈشكۈن قىلغان ئابدۇنىياز كامالنى قورشاۋغا ئالغان. ئابدۇنىياز كامالنىڭ ھەمرالىرى پىلىموت بىلەن ئۇلارغا ئوت ئاچماقچى بولغاندا ئابدۇنىياز كامال ئۇلارنى توسۇپ، يۈسۈپ ليەنجاڭغا« ئەمدى ئۆزئارا قان تۆكۈشمەيلى، ھېلىمۇ بىزدىن نۇرغۇن قانلار بىھۇدە ئاقتى، ئەگەر سىز بىزگە قوشۇلسىڭىز، بىرلىكتە كەشمىرگە چىقىپ كېتەيلى، ئەسكەرلىرىڭىزدىن خالىغانلار بىز بىلەن بىللە ماڭسۇن» دېگەندە يۈسۈپ ليەنجاڭ«مەن بۇيرۇق بويىچە چىقتىم، مەن سىلەرنى تۇتۇپ يەكەنگە قايتىمەن» دېگەن. قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ئابدۇنىياز كامال ھەسرەت چېكىپ «توغرا، بۇيرۇق بويىچە چىقتىڭىز، سىز بۈگۈن بۇيرۇق بويىچە مېنى تۇتۇپ بېرىسىز، ئەتە باشقا بىرسى بۇيرۇق بويىچە سىزنى تۇتۇپ بېرىدۇ، بىز قاچانغىچە بىربىرىمىزنى تۇتۇپ بېرەرمىز! ھەي بىزنى خاراپ قىلغان پەيلىمىز، مانا، ئېلىڭ» دەپ قورالىنى يۈسۈپ ليەنجاڭغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئۇلار يەكەنگە ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن بىر ئايروپىلان ئۇلارنى ئېلىپ كەتكەن.

دەرۋەقە، ئابدۇنىياز كامالنىڭ ئالدىن بىشارەت بەرگىنىدەك، 1940 – يىلىغا كەلگەندە شېڭ شىسەي قۇرباننىياز، ئەخمەت مەخسۇم، يۈسۈپ ليەنجاڭلارنى ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىپ تۈرمىدە مەخپىي ئۆلتۈرگەن.

مەنبە: ”شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى“ ژۇرنىلى 2001-يىللىق 4-سان

http://bbs.izdinix.com/thread-45615-1-6.html

Share
1624 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.