logo

trugen jacn

مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا: مەسىلە ھەق-ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكى

مەسىلە ھەق-ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكى
بىر قانچە كۈندىن بۇيان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئۇغۇزخان ئەپەندىم ئۈستىدىن تارقىلىۋاتقان گەپ-سۆزلەر كىشىنى چۆچۈتىدۇ.
بۇنداق بىر ئىشنىڭ راست بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ئىددىئالارغا ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنىدىم. بۈگۈن شىكايەت قىلغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋېدىئولۇق بايانىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەسىلىنىڭ جىددىيلىكىنى ھېس قىلدىم. بولۇپمۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ۋە ھاياتىدىن ئەنسىرەپ قالغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار ئادەمنى غەزەپلەندۈرىدۇ ۋە مەسىلىنىڭ خارەكتېرىنى ئەخلاقىي دائىرىدىن چىقىرىپ، قانۇنىي دائىرىگە يۆتكەيدۇ.
مەسىلە ھەق-ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىددىئاسىغا چېتىلغان ئىكەن، ئەمدى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش توغرا ئەمەس. مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ھەق-ناھەقنى ئايرىش ۋە ئادالەتنى ياقىلاش ھەممىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى.
شىكايەت قىلىنغۇچى جامائەت ئەربابى ۋە تەشكىلات رەھبىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە قارىتا مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە ئاممىغا چۈشەنچە بېرىش مەسئۇلىيىتى بار.
شۇڭا، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇ مەسىلىگە قارىتا چۈشەنچە بېرىشى كېرەك.
يەنە بىرگە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭمۇ بۇ ئىشتىن «خەۋىرى بارلىقى» سۆزلىنىۋاتىدۇ. ئۆلىمالار بىرلىكى مۇستەقىل تەشكىلات بولۇش سۈپىتىدە بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەلقىمىزگە چۈشەنچە بەرمىسە بولمايدىغان يەرگە يەتتى.
تۈركىيە بىر قانۇن دۆلىتى. كىم بولۇشدىن قەتئىينەزەر قانۇندىن ئۈستۈن ئەمەس. ھېچكىمگە تۆھمەت قىلىشقا بولمىغاندەك، ھېچكىمگە تەھدىت سېلىشقىمۇ يول قويۇلمايدۇ.
Share
519 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.