ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
قۇتلان
قەشقەر نەزەرباغدىكى ئەرزدار دېھقانلار ۋەكىلى تۇرغۇن مامۇتنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگىلى بىر يىلدىن ئاشقاندا، ئۇنىڭ قازا قىلغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئەينى چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېيجىڭغىچە ئەرز قىلىپ بارغان ھەمراھلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك رېجىم ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلار تۇرغۇن مامۇتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. نەزەرباغ يېزىلىق ساقچىخانىمۇ تۇرغۇن مامۇتنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
نەزەرباغ دېھقانلىرىنىڭ قولدىن كەتكەن تېرىلغۇ يەرلىرى ھەققىدىكى دەۋا-دەستۇرلاردىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېھقانلار ۋەكىلى تۇرغۇن مامۇت ئەينى چاغدا نەزەرباغ ساقچىخانىسىدا جىسمانىي زەربىگە ئۇچراپ، ساقال-بۇرۇتلىرى يۇڭدالغان ئىكەن. ئۇندىن باشقا نەزەرباغدىكى يەر دەۋاسى قىلىۋاتقان دېھقانلار ۋەكىللىرىدىن ئابدۇقەييۇم مەمەت قاتارلىق ئونغا يېقىن كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، رېجىم ئاستىغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم.
2015-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرى مەرھۇم تۇرغۇن مامۇت رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تاشقى دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدى. ئۇ ئاشۇ قېتىملىق بايانلىرىدا قەشقەر نەزەرباغ يېزىلىق پارتكومنىڭ 12 نەپەر ئۇيغۇر دېھقانلار ۋەكىلىنى «ئېكسكۇرسىيىگە ئاپىرىمىز» دېگەن نام بىلەن خوتەنگە ئېلىپ بېرىپ بىر مېھمانخانىغا بىر ھەپتە نەزەربەند قىلىپ قويغانلىقىنى ئاشكارا قىلغان ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ دەل خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ قەشقەرگە كەلگەن مەزگىلى بولۇپ، تۇرغۇن مامۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئۇلارنىڭ چاتاق چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ بۇ «ساختا ئېكسكۇرسىيە» نى ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.
مەرھۇم تۇرغۇن مامۇت ئاشۇ قېتىملىق زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۆزىنىڭ يەنە بېيجىڭغىچە بېرىپ ئەرز قىلىش ئىرادىسىدىن قايتمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.
ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىدا قەشقەر نەزەرباغ يېزا يۇقىرىقى قازرىق كەنتىنىڭ 1950-يىللاردىكى «ئىجارە كېمەيتىش» ھەرىكىتىدىن بۇيان تېرىپ كېلىۋاتقان ئومۇمىي تېرىلغۇ يېرىنىڭ 7500 مو ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 2002-يىلى دائىرىلەر قەشقەر ئايرودرومىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش باھانىسىدە مەزكۇر كەنتنىڭ 5000 مو يېرىنى ئېلىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقى قازرىق كەنتىنىڭ ئومۇمىي تېرىلغۇ يېرى 2357 موغا چۈشۈپ قالغان. يەنە بىر يىل ئۆتۈپ نەزەرباغ يېزىلىق پارتكوم يۇقىرىقى قازرىق كەنتىنىڭ 864 مو يېرىنى قەشقەر شېنجېن تەرەققىيات رايونىغا سېتىۋەتكەن. دېھقانلار بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئەرز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يېزىلىق پارتكوم سېتىۋەتكەن 864 مو يەردىن ئاران 164 مو يەرنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ، قالغان 700 مو يەرنىڭ پۇلىنى قايتۇرمىغان. بۇنىڭ بىلەن ئامالسىز قالغان كەنتتىكى دېھقانلار تۇرغۇن مامۇتنىڭ باشچىلىقىدا ئۈرۈمچى، بېيجىڭغىچە ئەرز قىلىپ بارغان.
ئەھۋالدىن تولۇق خەۋەردار، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇرغۇن مامۇتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ھەمدە باشقا ئەرزدار دېھقانلارنىڭ رېجىم ئاستىغا ئېلىنىشى بىلەن نەزەرباغ دېھقانلىرىنىڭ شۇنچە يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن يەر دەۋاسى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى پۈتۈنلەي بېسىقتۇرۇۋېتىلگەن
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/tutqun-dehqan-04212016152710.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.