logo

trugen jacn

مېڭ جىيەنجۇ ئۇيغۇر رايونىنى بىر «جەڭ مەيدانى» دەپ كۆرسەتتى

 

ئۇيغۇر رايونىدىكى كونتروللۇق ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي دائىرىلىرى رايوندا تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى بىر «جەڭ مەيدانى» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ بۇ قارارى 23 – يانۋار بېيجىڭدا ئاخىرلاشقان مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ بىر يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، بۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچى ئۆلكىلىرىدىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرلەرگە كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.»

خەۋەردە خىتاي مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى مېڭ جىيەنجۇنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇ:«‹تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى› نى يۈرگۈزۈشنى ئاچقۇچ قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچى – سىرتىدىكى ئىككى ۋەزىيەت، شىنجاڭنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى ئىككى ئۇرۇش مەيدانى، ئىنتېرنېتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىككى ئۇرۇش لىنىيەسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاكتىپ، ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىدىغان ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان جەڭ قىلىشىمىز لازىم» دېگەن.

مېڭ جىيەنجۇ يەنە جاسۇسلۇق ئۇچۇرلىرىغا تايىنىپ يېتەكلەشنى تەكىتلەشتە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ۋە قوماندانلىق قىلىش مېخانىزمىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ تېررورلۇققا زەر بېرىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، غەرب كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينىڭ بۇنىڭ باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تېخى يېقىندىلا خىتاينىڭ باي كۆمۈركان ۋەقەسىدىكى مەيدانىغا سوئال قويغان ۋە مەزكۇر ۋەقەنىڭ خىتاي ئېيتقاندەك بىر خەلقئارا تېررورلۇق ۋەقەسى بولماستىن، بەلكى بىر نارازىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن فىرانسۇز مۇخبىرى ئۇرسىلا خىتايدىن مەجبۇرىي چىقىرىپ تاشلىغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-basturush-01242016162155.html

Share
1551 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.