logo

trugen jacn

مۇھجىرەتتىكى رىئاللىقىز – مۇئەللىم

مۇھجىرەتتىكى رىئاللىقىز

مۇئەللىم

⁠90-يىللارنىڭ ئالدىدا خەلقىمىز مەيلى سىياسى ( بىراز بولسىمۇ) مەيلى ئىقتىسادى، مەيلى مائارىپ، مەيلى نەشىرياتچىلىق، مەيلى دىنى …..جەھەتتە بولسۇن بىر ئوزىگە خاس ھايات ياشىغان ئىدى.
90-يىللاردىن كىيىن مىللىتىمىزنىڭ كوللۇكتۇپ بولاراق ئەڭ باشتا يوقاتقان يېرى دىنى مەسىلىسى بوپتۇ⁠. 90- يىللارنىڭ ئالدىدىكى مىللەتنىڭ دىنى ھاياتنىڭ ئىچىدە بولغان بولسا 90-يىللاردىن كىيىن تامامەن دىن ھاياتنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىپتۇ. بۇنىڭ سەۋەپلىرى تۈرلۈك بولسىمۇ ئاساسلىغى دىننىڭ سىياسىلىشىشى،ھاكىمىيەتنىڭ بۇ سىياسىلاشقان دىن بىلەن مىللەتنى بارسا كەلمەس يوللارغا ئىتتىرىشى، غوجام كورسۇن دىگەن چۇشەنجىنىڭ ئارتىپ بىرىشى ، شەكىلۋازلىقنىڭ ، رىياكارلىقنىڭ ۋە ساختىلىقنىڭ يامرىشى بىلەن مىللەتنىڭ دىنى بولغان ئىسلام ، ئورىپ – ئادەتىمىز ۋە مىللى ئەنئەنىللىرىمىز بىلەن بىر تەن بىر جان بولۇپ ئىچ- ئىچىگە يۇغۇرۇلغان ئىسلامىمىز مىللەت ھاياتىنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلانغىنىنى كۆردۇق . بىلدۇقكى ساقال بىلەن توۋلانغان مۇقام ناخشىللىرىمىز ، يەكتەك ۋە روماللار بىلەن ئوينالغان ئۇسۇللىرىمىز ، مەھەللەردىكى مەشرەپلىرىمىز ، تويلىرىمىزدىكى قىزغىن شادىمانلىقلىرىمىز ، ئېتىز – قىرلاردىن ، خامانلاردىن كىلىدىغان ئېسىل كۈيلىرىمىز…. نەگىدۇ يوقالدى ، ھېيىت – ئايەملىرىمىزدە پۈتۈن جەمەتىمىز، ئەر- ئايال ، كىلىن -قىزلىرىمىز بىر داستىخانغا كىلىپ ئولتۇردىغان ھاللىرىمىز ئۇيغۇر ھاياتىدىن سىقىپ چىقىرىلدى ، ئەرەپلەرگە ھارام بولمىغان ناخشا – مۇزىكىلار بىزلەرگە گونايى كەبىر ھېساپلاندى . ناخشا – ئۇسۇللۇق تويلىرىمىز پاسىقلىقنىڭ بەلگىسى بوپ سانالدى . ..ئىچكى ئامىل بولغان دىنى چۇشەنچىمىز تاشقى ئامىللارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ، ئەخلاقى يەكلەشنىڭ ۋاستىسىغا ئايلىنىپ دوشمەنلىشىش بىلەن نەتىجىلەندى . قەلبى تۇيغۇللىرىمىزدىكى كىلىپ -كىتەر ئىچكى ھىسلىرىمىز نەپرەتلىك غەزەپلەرگە ئايلىنىپ ئۆز-ئارا ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ سېپىلىنى مۇستەھكەملىدۇق … روھىيىتىمىزدە شەكىللەنگەن بۇ خىل رەزىللىكلەر خىتاي ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ئامەت بولدى . ئارقا – ئارقىدىن ، ئۈستى- ئۈستىلەپ بېشىمىزغا كەلگەن ئاپەتلەر خىتاي دۆلەت پىلانىنىڭ قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا سېستىمىلق ئېلىپ بىرىۋاتقان مىللەتنى پۈتۈن يوقۇتۇش سىياسىتى ئىدى.
1949-يىلدىن كىيىن يۈرگۈزۈلگەن خىتاي مائارىپىنىڭ مىڭە يۇيۇش تاكتىكىسى بىر ئەۋلاتنى تامامەن ئۆزگەرتىپ بولدى . خىتاي مائارىپىنىڭ مىڭە يۇيۇش ئوچىغىدا تاۋلىنىپ چىققان بۇ نەسىل تارىخى كۆز قاراش جەھەتتە پۇتۇنلەي خىتاي زىھنىيتى بىلەن بىردەك . بۇ بىردەكلىكنى ھازىر چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى تالاش – تارتىشلىرىمىزدىن بىلىپ يىتىش قىيىن ئەمەس . بىزلەر خىتاي رىجىمىدا بەكمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىردە زەھەرلىنىپ كەتكەنمىز . روسلارنىڭ مەرگىزى ئاسىيانى ھەر جەھەتتىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆزگەرتىۋىتەلىگەنلىگىنىڭ مىۋىسىنى تا ھازىرغىچە كورىۋاتىدۇ . ئاسىيا تارىخىنى بولۇپمۇ تۇركى خەلىقلەرنىڭ بىر پۇتۇن تارىخىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك بۇرمىلاپ قوراشتۇرۇپ بۈگۈنكى تارىخچىلارنىڭ مەنبە ، ماتىريال غەزىنىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلالىغۇدەك سەزگۈر تارىخچىلارنىڭ چىقىشى بەسى مۈشكۈلدۇر. بۇ ھال خىتاينىڭ پايدىسىغا خىزمەت قىلىپ كەلگەن ۋە يەنە داۋاملىق قىلماقتا . خېلى -خېلى زىيالىلىرىمىزنىڭ تارىخ قارىشى روس ۋە خىتاي كۆز ئەينىگى بىلەن ، تەرجىمە تارىخ ئارقىلىق كىچىگىمىزدە سىڭدۈرۈلگەن خىتاي زىھنىيتى بىلەن تارىخىمىزغا باھا بىرىش ، مۇلاھىزە قىلىش ، ئەسەرلەر يېزىش بىلەن ئاۋەرە كاشكى . بۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇيدىغان ئەۋلاتلىرىمىز بولغان بولسا …. بىر مىللەتنىڭ تارىخى مۇستەقىل بولغان ، دۆلىتىنى قۇرغان ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان ئاكادىمىكلەرنىڭ بىرلىكتە يېزىپ چىقىدىغان روھىدۇر. شۇنداق بولغاندا تارىخ بىزگە كۈچ بىرىدۇ ، باتۇرلۇق ۋە جاسارەت بىرىدۇ . ھازىر كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى ئۆز تارىخىمىزنى ساغلام ئۇيغۇرلۇق زىھنى بىلەن چۇشەنمىگەنلىگىمىز ئۈچۈن كەلگۇسىمىزگە توغرا قاراش تىكلىيەلمەي گاڭگىراپ قالماقتىمىز .تۈگۈمەس ، ئايىغى چىقماس ئىختىلاپلارنىڭ ئىچىدە پىرقىراپ ئەس ھۇشىمىزنى يوقۇتۇپ قويماقتىمىز . بىزنىڭ بۇ خىل زىھنى قۇللۇقنىڭ ئىچىدىن چىقالماسلىغىمىزنى بىلگەن خىتايلار تۈرلۈك ئىلغار تېخنىكا ۋە ئۇچۇر ۋاستىلىرى بىلەن
يەنە بىر دېجىتال قۇللۇققا مەھكۇم قىلماقتا..ئەزەلدىن مۇستەقىل مىللى مائارىپتا تەربىلەنمىگەن ئۇيغۇرلار ئىغىر بىر بىسىم ئىچىدە قالماقتا. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان كىشىللىرىمىز بولغان بىلەن ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالىغىنىمىز يوق . دۇنيا سىياسىتى ھەر كۈن يىڭىلىقلار بىلەن تىز ئۆزگىرىۋاتقان ئەھۋالدا بىزدەك دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىگە سۈرگۈن قىلىنغان مىللەتنىڭ ، ئاشۇ كەڭ زىمىنىنى ئازات قىلىشنىڭ يولى قايسى،.؟، چەتئەلدە يىڭى بىر بىلىملىك ئەۋلات تەربىلەپمۇ ؟،. ئۇيغۇر ئۇيغۇرغا نەپرەتلىنىش بىلەنمۇ؟،. سۇتۇق بوغراخان بوۋىمىزدىن كەلگەن بۇ دىنىمىزنى تۈگۈمەس ئىختىلاپنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىرىش بىلەنمۇ ؟ خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغان توپلاردىكى ۋە ئىكران ئىنقىلاپچىللىرى بىلەنمۇ ؟،. قۇرال تۇتقان ئەسكەرلىرىمىزنى قارىلاش بىلەنمۇ ؟،.
زادى كىملەر بىلەن ،.،؟!؟،.
“كۆرۇپ چوڭ بولغان باشقا ، چوڭ بولۇپ كۆرگەن باشقا “
ۋەتەنىنى ، تۇپرىغىنى ، ئۇ زىمىننىڭ تاغ – دەريا ، چۆل – باياۋانلىرىنى …. ئۇ مىللەتنىڭ شۇ يۇرتتا بەرگەن روھى ، ۋىژدانى ، ئەخلاقى ۋە پۈتكۈل مەنىۋىيەتىنىڭ ئىچىگە تۇغۇلۇپ ، خىتاينىڭ فىزىكى ۋە پىسخىكى پۇتۇن ۋەھشى زۇلۇملىرىنى ھىس قىلىپ كۆروپ چوڭ بولغان بىر ئەۋلات ، بۇ خىل ھالەتلەرنىڭ ھېچ بىرىنى بىلمىگەن ، كۆرمىگەن چەتئەلدە ئۆسكەن ۋە تەربىيەلەنگەن يەنە بىر ئەۋلاتلارغا ئازاتلىق ئىنقىلاۋىنى ئامانەت قىلىش بىلەنمۇ،.؟!؟،..

 

2024. 10.10

Share
221 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.