ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر «مۇقىملىق خىزمىتىنى ھىمايە قىلىش» بويىچە 14-ئىيۇلدىن 17-ئىيۇلغا قەدەر خوتەندە نەق مەيدان يىغىنى ئاچقان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن مەزكۇر يىغىندا ئىنتايىن يۇقىرى تېمپىدا سۆز قىلغان.
ئۇ يىغىندا جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ بىرىنچى قول پارتكوم سېكرېتارلىرى، مەزكۇر رايوندا سىياسىي جەھەتتىن ئەڭ سەزگۈر بولغان 8 ناھىيە ۋە شەھەرنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى شۇنداقلا ناھىيەلىك سىياسىي قانۇن سېكرېتارلىرىغا كۆرسەتمە بېرىپ مۇنداق دېگەن: «قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن يۇقىرى بېسىملىق كەيپىياتنى باشتىن ئاخىر ساقلاش، تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى بىخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قوزغاش بىلەن قاتتىق مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ھىمايە قىلىش كۈرىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.»
خوتەندە چاقىرىلغان مەزكۇر يىغىندا يەنە ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ خىتايلاردىن قويۇلغان بىرىنچى قول پارتكوم سېكرېتارلىرى «ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىدىغانلىقى» ھەققىدە جاڭ چۈنشيەنگە ۋەدە بەرگەن.
جاڭ چۈنشيەننىڭ خوتەندە سۆزلىگەن سۆزلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئۇلار بىردەك، بۇ جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى، يەنى 2014-يىلى 13-سېنتەبىردە خوتەندىكى مەسئۇل كادىرلارغا سۆزلىگەن سۆزىدىكى «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش»چاقىرىقىنى ئەسكە سالىدۇ، دەپ ھېسابلىماقتا.
تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ سۆزلىرى 21-ئەسىردە، يەنى بۈگۈن ئۆزىنى دۇنيادا ئىككىنچى زور كۈچ دەپ ھېسابلاۋاتقان خىتايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى بولغان بىر كىشىنىڭ ئېغىزىدىن چىقىدىغان سۆز ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى جاڭ چۈنشيەن خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم بىلەن بىر قىسىم ناھىيەلەرنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرىگە «مۇقىملىق خىزمىتى» بويىچە كۆرسەتمە بەرگەندە مۇنداق دېگەن: «خەلق ئاممىسى ‹تېررورلۇق› قا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى مۇھىم كۈچ. نۆۋەتتە خوتەن رايونىدا ‹تېررورچىلار› نى قورشاپ يوقىتىش ئوپېراتسىيەسى بويىچە نۇرغۇنلىغان تىپىك ئۈلگىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇيغۇرلاردا بىر ماقال-تەمسىل بار، ئۇ بولسىمۇ ‹ئۆز يېغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش›. بىز مۇقىملىق مەسىلىسىدە مەركەزنىڭ يوليورۇقلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.»
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، جاڭ چۈنشيەننىڭ «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش» سۆزىنى ئىشلىتىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىشتىكى كونا تاكتىكىسىنىڭ ئۇيغۇرچىلاشقان كەلىمە بىلەن قىپ-يالىڭاچ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدۇر، دەپ كۆرسەتتى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي تارىختىن بۇيان ئۆز دۈشمەنلىرىگە، بولۇپمۇ ئۆز ئەتراپىدىكى يات مىللەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا «ياتلارنىڭ قولى بىلەن ياتلارغا تاقابىل تۇرۇش» تاكتىكىسىنى قوللىنىپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ تاكتىكىنى ئۇيغۇرچە ماقال-تەمسىلگە يۆگەپ قەپەستىن چىقىرىشى خىتاينىڭ كونا تاكتىكىسىنى يېڭى تارىخىي شارائىتتا داۋاملىق قوللىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى قانداق قاتلامغا مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جاڭ چۈنشيەننىڭ خوتەندە سۆزلىگەن ئىككى قېتىملىق سۆزىنىڭ يوشۇرۇن سىگنالىنى ھېس قىلىشى ۋە چۈشىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى پەرھات بىلگىنمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى.
ئۇ، خىتاي ئۆزىنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئېلىغا كەڭ كۆلەمدە ئاھالە كۆچۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئېرىتىپ تۈگىتىش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ پىلانى نۆۋەتتە جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. خىتايدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنە 10-15 يىلدىن كېيىن خىتاينىڭ ئاھالە كۆچۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئاقمايدۇ. جاڭ چۈنشيەن بۇنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنى بازارغا سېلىشقا مەجبۇر بولغان، دېگەنلەرنى تەكىتلىدى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-weziyiti-07212016153720.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.