logo

trugen jacn

مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسى ياپونىيە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتماقتا

758ae069-2cff-4b81-b24a-7368a75e7d2e

قۇتلۇق قادىرى

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا خانىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ خىتايدىن ھەيدىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ۋەقە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كۆپلەپ بېرىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «سانكىن شىنبۇن» گېزىتىمۇ بۇ ھەقتە ئۇزۇندىن بۇيان ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسىگە ياپون خەلقىنىڭمۇ يېقىندىن ھېسداشلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

25-يانۋار ياپونىيە «سانكىن شىنبۇن» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئوكابېنىڭ فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا خانىم بىلەن پارىژدا ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسى مەزكۇر گېزىتىنىڭ باش بېتىدە ئېلان قىلىندى.

ياپونىيە مۇخبىر ئوكابې ماقالىسىدە ئۇرسۇلا خانىمنىڭ ئۆز ئېغزىدىن ئاڭلىغان بېيجىڭدىن ھەيدىلىش تەقدىرى ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى يەنە قايتىدىن باستۇرۇشقا ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلغان.

مۇخبىر ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى نويابىردا پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ھەرىكىتى بولماستىن، بەلكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن باشلاپلا بۇ خىل سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

مۇخبىر، فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا خانىمنىڭ فىرانسىيە مەتبۇئاتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتى تېررورلۇقتىن يىراق» دېگەن قاراش ئاساس قىلىنغان ھالدا ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكىتىنى پارىژ ۋەقەسىگە باغلاپ باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىماقچى بولغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى بۇزغانلىقى سەۋەبىدىن، بىر كېچىدىلا ئۇنىڭ خىتاينىڭ دۈشمىنىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ماقالىدە مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىمنىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ پارىژغا يېتىپ كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق سەرگۈزەشتلىرى تولۇق تەسۋىرلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىگە قىلچە پىسەنت قىلماسلىقتىن ئىبارەت قەيسەر روھىغا ۋە مۇخبىرلىق ئەخلاقىغا ئالقىش ئوقۇلغان.

شۇنداقلا ماقالىدە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشتا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىمنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىگە بولغان ئاغرىنىشلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

«سانكىن شىنبۇن» گېزىتىدە چاتما شەكىلدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۇرسۇلا خانىم ھەققىدىكى بۇ خىل ماقالىلەرگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان خىتايدىكى مىللەتلەر ئىشلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى يۇرى خانىم مەزكۇر ماقالە ھەققىدە توختىلىپ:«مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم ھەققىدىكى ماقالىلەرنى ئىزچىل ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. ئوقۇغانسېرى ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ياپونىيە مۇخبىرلىرىمۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشى كېرەك دەپ قارايمەن» دېدى.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرىدىن قانۇنشۇناس يامادا مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم ھەققىدە توختىلىپ: «مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇپ تولىمۇ سۆيۈندۈم. فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا گەرچە بىر ئايال بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مۇخبىرلىق ئەخلاقى ۋە ئىنسانىي پەزىلىتى بىلەن خىتاينىڭ تەھدىتلىرىدىن قىلچە قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن دۇنياغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاشكارىلىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ قەھرىمانلىقى دەپ قارايمەن ۋە ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن» دېدى.

ياپونىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان مانجۇ ئايال يازغۇچى مېڭشا بۇ ھەقتە توختىلىپ:«خىتاي كومپارتىيەسى مەيلى قايسى دۆلەتنىڭ مۇخبىرى بولسۇن، كىمىكى خىتاينىڭ ھەقىقىتىنى ئاشكارىلايدىكەن، ئۇنى چوقۇم قوغلاپ چىقىرىدۇ. ئىلگىرى ياپونىيە مۇخبىرلىرىمۇ بۇ خىل تەقدىرگە دۇچ كەلگەن. سانكىن شىنبۇن گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ھەم بار. شۇڭا بۇ قېتىم مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسىنى ياپونىيەدە كەڭ ئاڭلىتىشنىڭ ئۆزىنى مەن مۇنداق دەپ تەھلىل قىلىمەن. بىرىنچى، خىتايدىكى ياپونىيە مۇخبىرلىرىغا بېرىلىۋاتقان دىققەت قىلىش سىگنالى، ئىككىنچى، ياپونىيە مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇرسۇلادەك ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىنىڭ ھەقىقىتىنى قورقماستىن دۇنياغا ئاشكارىلاشقا دەۋەت قىلىش» دېدى.

ياپونىيەدىكى بىر قىسىم سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە،«سانكىن شىنبۇن» گېزىتىدە ئۇرسۇلا خانىم ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە دەل ياپونىيەدىكى بىر قىسىم تاراتقۇ ۋە مەتبۇئاتلار ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ تەشۋىق قىلىش خاھىشى يۈز بېرىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/xitayda-muxbir-01262016134026.html

Share
1786 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.