logo

trugen jacn

مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم: خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتىدىن خەلقنى باستۇرۇشقا ئاجراتقان خىراجىتى كۆپ

timthumb

قۇتلۇق قادىرى

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

فىرانسىيە دۆلەتلىك رادىئو ئىستانسىسى مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس بىر سائەتلىك سۆھبەت پروگراممىسى ئېلىپ بارغان. پروگراممىغا ئۇرسۇلا خانىمدىن باشقا يەنە خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى تەتقىقاتچىلىرىدىنمۇ ئىككى نەپىرى قاتناشقان.

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر سائەتلىك ئەتىگەنلىك رادىئو سۆھبەت پروگراممىسىدا مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراش ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان ماقالىسى ھەققىدە توختالغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رادىئو سۆھبەت پروگراممىسىدا ئۇرسۇلا خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتكەن.

ئەركىن ئابلىمىتنىڭ دېيىشىچە، سۆھبەت پروگراممىسى داۋامىدا مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم خىتاينىڭ ھەربىي خىراجەتكە ئاجراتقان ئىقتىسادىدىن خەلقنى باستۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئاجراتقان ئىقتىسادىي خىراجىتىنىڭ كۆپلۈكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىمنىڭ مەزكۇر رادىئو پروگراممىسىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇزۇن يىللار خىتايدا ئوقۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان فىرانسىيەلىك خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچى كودېرىك خانىم بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇ:«ئۇرسۇلا خانىم خىتايدا 16 يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە مۇخبىرلىرىمىزدىن بىرى. ئۇ ئىشلەۋاتقان ژۇرنالمۇ فىرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن بىرى. ‹بىز ئۇرسۇلا خانىم پاجىئەسىدىن نېمىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك؟› دېگەندە، خىتايدا ئەركىنلىك ئۈچۈن سۆز قىلغان ھەرقانداق ئىنسان جىنايەتچى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلايدىغان ‹ب ب س›، ‹نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى› دېگەندەك تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئۈچۈن دۈشمەن بولىدۇ» دېدى.

ئۇ، يەنە: «ئەمەلىيەتنى سۆزلىگەن چەتئەللىكلەرنىڭ تەقدىرى خىتايدا بۇ خىل ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقان يەردە، شەرقىي تۈركىستاندا ھەقنى سۆزلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى نېمە بولماقچى؟» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

رادىئو پروگراممىسىدىن كېيىن، فىرانسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دەينى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:«مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى فىرانسىيەدە كەڭ ئاڭلىتىلىۋاتىدۇ. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ نەقەدەر ناچارلىقىنى بۇنىڭدىن تولۇق چۈشىنىۋېلىشى ۋە بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك» دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/firansiye-muxbir-01222016125842.html

Share
1579 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.