logo

trugen jacn

مىسرانىم تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى – تۇرسۇنجان مەمەت مارشالنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش جەريانى ئاشكارىلاندى

 

797b92be-9ef7-4058-8073-e47476969348

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

بۇ يىل 3-ئايدىن 5-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تور ساھەسىدىن ئاز دېگەندە 5 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق تور ساھەسىدە ئېلىپ بارغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئۇيغۇر تور بەت قۇرغۇچىلىرى بىلەن تور يازغۇچىلىرىنى تازىلاش ئوپېراتسىيەسى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇنداقتا، دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكىلەرنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى زادى قانداق باشلانغان؟

مەزكۇر زەنجىرسىمان تۇتقۇن قىلىشنىڭ جەريانىنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن 3-ئاينىڭ 29-كۈنى كورلادىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن «مىسرانىم» تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ ئاكتىپ تور يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان تۇرسۇنجان مەمەت مارشالنىڭ دېلوسىغا نەزەر ئاغدۇرۇپ كۆرەيلى.

تۇرسۇنجان تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېتىلىگەندىن كېيىن، ئاپىسىنىڭ يۈرەك كېسىلى قايتا قوزغىلىپ يىقىلىپ چۈشىدۇ. بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كەلگەن دىئابېت كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ ئاخىرى دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كىرىپ قالىدۇ.

Tursunjan-Memet-misranim-2

تۇرسۇنجاننىڭ دادىسى مەمەت قارىم كورلا شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ بالنىست بۆلۈمىدە تۇرۇپ، رادىيومىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئوغلىنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەمەت قارىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنى پۇقراچە كىيىنگەن 6 نەپەر ساقچى ئىككى ئاپتوموبىل بىلەن كورلىنىڭ شاڭخو كەنتىگە كېلىپ تۇرسۇنجاننى تۇتۇپ كەتكەن. مەمەت قارىم ساقچىلارنىڭ كىملىكىنى سورىغىنىدا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى ئىكەنلىكىنى، تۇرسۇنجاننى ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆيىگە ئەكېلىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار تۇرسۇنجاننىڭ شەخسىي كومپيوتېرىنى ۋە بىر قىسىم كىتابلىرىنىمۇ ئېلىپ كەتكەن. ئۇلار يەنە تۇرسۇنجاننىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە دېمەسلىكنى تاپىلىغان.

مەمەت قارىم ئوغلى تۇرسۇنجاننىڭ دەسلەپ كورلادا بىر كۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، ئاندىن ئاقسۇغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئۇ يەردىن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىلىپ، ئۈرۈمچى تۆمۈريول باش ئۇچاستىكىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

5-ئاينىڭ 18-كۈنى مەمەت قارىم ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئادۋوكات ئابدۇرېشىت مىجىت بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭغا 15 مىڭ سوم پۇل تۆلەپ ئوغلى ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلىپ بېرىشىنى ئۆتۈنگەن. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى مەمەت قارىم ئادۋوكات ئابدۇرېشىت بىلەن ئۈرۈمچى تۆمۈريول باش ئۇچاستىكىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا بارىدۇ، ئەمما مەمەت قارىم دەرۋازىدىن كىرگۈزۈلمەيدۇ. ئادۋوكات گەرچە ئىچىگە كىرىشكە يول قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن تۇرسۇنجان بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

5-ئاينىڭ ئاخىرى تۇرسۇنجان مەمەت ئاقسۇغا يۆتكەپ كېتىلىدۇ. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇيغۇن، مەمەت قارىمغا تېلېفون قىلىپ ئاقسۇغا كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەمەت قارىم ئاقسۇغا بارغىنىدا ئۇنىڭغا ئوغلىنىڭ ئەيىبنامىسىنى ئوقۇپ بېرىدۇ. ئەيىبنامىدە تۇرسۇنجاننىڭ «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ.

بىز تۇرسۇنجان مەمەت مارشالنىڭ دېلوسى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر دېلوغا ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى ئابدۇرېشىت مىجىتقا تېلېفون قىلدۇق. ھالبۇكى، ئۇ بىزنىڭ چەتئەلدىن تېلېفون قىلغىنىمىزنى بىلىپ، دېلو ھەققىدە ئېغىز ئېچىشنى رەت قىلدى ۋە تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇنجان مەمەت بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ كورلانىڭ شاڭخو بازىرىغا قاراشلىق شاڭخو كەنتىدىكى مەمەت قارىم ئائىلىسىنىڭ يالغۇز ئوغلى ئىكەن. ئۇنىڭ 5 قىز قېرىندىشى بار ئىكەن. تۇرسۇنجان مەمەت يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى «مىسرانىم»، «باغداش» ۋە باشقا ئاساسلىق تورلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بويىچە كۆپلىگەن ماقالە، خەۋەر ۋە زىيارەت خاتىرىلىرىنى ئېلان قىلغان. كېيىنچە ئۇ «مىسرانىم» تورىنىڭ كورلادا تۇرۇشلۇق باشقۇرغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

تۇرسۇنجان مەمەت مارشالنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ يېقىندا ئاقسۇدا تۇتقۇن قىلىنغان يەنە بىر داڭلىق تور يازغۇچىسى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر دېلوسى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-tor-06142016141405.html

Share
2031 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.