ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
شۆھرەت ھوشۇر
11 – ۋە 12 – ماي كۈنلىرى خوتەننىڭ لوپ ناھىيە بازىرىدىكى قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلغان پىدائىيلارنىڭ كىملىكلىرى قىسمەن ھالدا ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچ نەپەر پىدائىينىڭ يېشى 18 ياش بىلەن 20 ياش ئارىسىدا، ھەر ئۈچىلىسى لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى دۆڭگۈزلەك كەنتىدىن. نۆۋەتتە خىتاي ساقچىلىرى لوپنىڭ دول يېزىسىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە سوراق قىلىشنى داۋام قىلماقتا.
تۇتۇلۇپ سورىلىۋاتقانلار 3 نەپەر پىدائىينىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە كۆڭۈل يېقىنلىرى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، شۇ ۋەقە سادىر بولغان ئىككى كۈندە دول يېزىسىدىن ناھىيە بازىرىغا كىرگەنلەر. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاش يۈز بەرگەندە ۋەقە مەيدانىغا يېقىن جايدا بايقالغان 31 ياشلىق مەتتۇرسۇن مەتتۇردى، نۆۋەتتە لوپ كونابازار ساقچىخانىسىدا مۇھىم گۇماندار سۈپىتىدە سوراق قىلىنماقتا
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/lop-qarawulxana-05152015230154.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.