logo

trugen jacn

كۈپ-كۈندۈزدە يوقاپ كەتكەن نارسىدىنىڭ جەسىتى ئۆز مەھەللىسىدىن تېپىلغان

aadb364d-4db1-4ee9-8c91-5fd1e2e8d2d7

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بالا يېتىش ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئۇيغۇر ئۇندىدار سالونلىرىدا بالىلارنىڭ كۆپلەپ يىتىپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە بەزى بالىلارنىڭ جەسەتلىرى تېپىلغان بولسىمۇ، ئىچكى ئورگانلىرىنىڭ ئوغرىلانغانلىقى مەلۇم بولغانلىقىدەك ئۇچۇرلار تارقىلىپ، ئاتا-ئانىلاردا قايتىدىن تەشۋىش پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرچە تارقالغان بالا ئىزدەش ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ئىگىلەشلىرىمىز داۋامىدا، بىر ئاي ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر توپىلىق يېزىسىدىن يوقاپ كەتكەن 8 ياشلىق دىلارە ئابدۇمىجىتنىڭ، 19 كۈن بولغاندا جەسىتىنىڭ ئۆز مەھەللىدىن تېپىلغانلىقىدەك يەنە بىر ئېچىنىشلىق ۋەقە ئاشكارىلاندى.

«يالغان ئۇچۇر»

ئىككى-ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئۇندىدار توپلۇقلىرىدا «جىددىي ئۇقتۇرۇش» نامىدا بىر ئۇچۇر تارقالدى، ئۇنىڭدا: «كۆپچىلىك دىققەت: ئۈرۈمچىدە 20دىن ئارتۇق بالا يوقاپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە بالىنىڭ ‍ئىچ ‍ئەزالىرى ‍ئوغرىلاندى، بۈگۈن مەكتەپمۇ ‍ئاتا-ئانىلار يىغىنى ‍ئاچتى، كوچىدا لاغايلاپ يۈرۈپ، بالىغا بىنانىڭ ئالدىغىچە ‍ئەگىشىپ كەلگەن، مىنىبۇس ھەيدىگەن، ئاشلىق سېتىۋالىدىغان، كونا ئائىلە ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالىدىغانلاردىن قارا ماسكا تاقىغان، قارا ئىشتان كىيگەن، يول سورايدىغانلارغا ھەرگىز توختىماڭ، كارىڭىز بولمىسۇن، تاپشۇرۇپ ‍ئالغانلار تارقىتىڭ، بۇ بىر ھەقىقەت، بىر قېتىم تارقاتسىڭىز، بەلكىم بىر بالىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن» دەپ ئەسكەرتىلگەن. بۇ ئۇچۇر تېز ئارىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، ئاتا-ئانىلاردا تەشۋىش ۋە ئەندىشە پەيدا قىلغان.

بۇ ھەقتە 20-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇلار «بۇ ئۇچۇر يالغان ئۇچۇر» دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئەمما بالا يېتىش ۋەقەلىرىگە دائىر مەلۇمات بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلدى.

يىتكەنلەرنى ئىزدەش پىدائىيسىدىن ئاتا-ئانىلار سەمىگە «خەتەر بەزىدە يېنىمىزدىلا ئىكەن»

گەرچە بالا يوقاپ كېتىش ۋەقەلىرى پەۋقۇلئاددە كۈپ كۆرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرگە جىددىي ۋە ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر قوللانماي كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردا جاي-جايلاردا ئاممىدىن تەشكىللەنگەن يىتكەنلەرنى ئىزدەش پىدائىيلار ئەترەتلىرى، مەخسۇس تور بېكەتلەر قۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرگەن يەنە بىر يېڭى جەمئىيەت ھادىسىسى. بىز يېقىندا يىتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرلىرى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئادەم ئىزدەش ئۇچۇرلىرىدىن، ئاقسۇ توپىلىق يېزىسى 9-كەنت 4-گۇرۇپپىدىن 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى يوقاپ كەتكەن 8 ياشلىق دىلارە ئابدۇمىجىتنى ئىزدەش ئۇچۇرىدىكى يىتكەن بالىلارنى ئىزدەش پىدائىيلىرىدىن بىرىگە تېلېفون قىلدۇق، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ پىدائىي قىز دىلارەنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېيتتى، دىلارەنىڭ تېپىلغانلىقىدىن سۆيۈلگەنلىكىمىزنى ئىپادىلەش ئەسناسىدا ئۇ يەنە تېپىلغىنى دىلارەنىڭ جەسىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدە يىتىپ كەتكەن بالىلارنى ئىزدەش گۇرۇپپىلىرىدا 3 يىل پىدائىي بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان، يەنە نۇرغۇن بەختسىز بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بۇ خىل پاجىئەنىڭ ئۆز بېشىغا ئۆز ئائىلىسىگە كېلىشىنى، سۆيۈملۈك نارەسىدە جىيەن قىزىنىڭ تەقدىرىنىڭ مۇنچە ئېچىنىشلىق ئاخىرلىشىشىنى ئويلاپمۇ يەتمىگەنلىكىنى، شۇنچە كۆپ بالىلارنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇشقا قاتناشقان بولسىمۇ، ئۆز جىيەنىنى قاتىلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ قالالمىغانلىقىدىن ئۆكۈنۈۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنى شۇ تاپتا شۇنچە ئامالسىز، كۈچسىز سىزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇ پىدائىي قىز، ئائىلىسىگە كەلگەن بۇ قاباھەتتىن باشقا ئاتا-ئانىلارنى «خەتەر بەزىدە يېنىمىزدىلا ئىكەن، بالىلىرىمىزغا قاتىللىق، زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلار ئادەم بېدىكلىرىلا بولماستىن، ئۆز يېقىنلىرىمىز، بىزنى بىلىدىغان، كۆزىتىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا ئىكەن…» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەمدىلا 8 ياشقا كىرگەن دىلارە بىر ئاي ئىلگىرى يەنى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى يەكشەنبە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30 ئەتراپىدا، تاغىسىنىڭ ئۆيىدىن ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كېتىۋېتىپ بىر نەچچە يۈز مېتىر ئارىلىقتا يوقاپ كەتكەن، كۈپ كۈندۈزدە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان قىزىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاتا، ئانىسى مەھەللىلەرنى ئارىلاپ تاپالماي يېرىم سائەتتىن كېيىنلا، توپىلىق يېزىلىق ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلغان.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، ئەمما دائىرىلەر «ھازىر ئادەملىرىمىز يېتىشمەيدۇ، ئامالىمىز يوق، ئۇچۇر كۈتۈڭلار» دېگەندىن باشقا ھېچقانداق بىر جىددىي تەدبىر قوللانمىغان. نەتىجىدە ئامالسىز قالغان قىز ئاتا-ئانا ئادەم ئىزدەش پىدائىيلىرىدىن ياردەم سورىغان، جىيەنى دىلارەنىڭ يىتىپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىن، بەزى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بالىنى ئادەم بېدىكلىرى ئېلىپ قاچقان بولۇشى مۇمكىن دېگەن گۇمان بىلەن باشقا پىدائىيلار بىلەن بىرگە تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، باشقا يۇرتلارنى كېزىپ ئىزدەپ يۈرگەندە يەنى دىلارە يىتىپ 19-كۈنىگە كەلگەندە بولسا، بىر مال باققۇچى بوۋاي توپىلىق مەھەللىسىنىڭ خىلۋەت بىر جايىدا توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان بىر قىزنىڭ جەسىتىنى بايقىغانلىقىنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

بۇ نارىسىدىنىڭ جەسىتى دەل دىلارە بولۇپ، ئۇ تېپىلغاندا ئۇچىسىدا بىر پوپايكىسىدىن باشقا ھېچنېمە يوق، ھەتتا پۇتىدىكى پايپاقمۇ سالدۇرۇۋېتىلگەن ھالدا داق يەرگە يۈزىگە سۇلياۋ ئورالغان ھالەتتە تاشلاپ قويۇلغان ئىكەن. 12 كۈن ئاۋۋال ساقچى ۋە قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ دىلارەنىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇشىچە «دىلارە جان ئۈزۈشتىن ئىلگىرى بىر قانچە كۈن جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق خورلانغان، ئاياغ ئاستى قىلىنغان ۋە ھالسىز ھالەتتە سوغۇققا تاشلاپ قويۇلۇپ ئېچىنىشلىق ھالدا توڭلاپ جان ئۈزگەن…»

دىلارەنىڭ ئاتا-ئانىسى يۈرەك پارىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ پاجىئەدىن ھازىرغىچە تېخى ئەسلىگە كېلەلمىگەن بولۇپ بۇ بەختسىز ئاتا، ئانىنى ئاۋارە قىلىشنى توغرا كۆرمىدۇق. ئەمما بۇرنىنىڭ ئۇچىدا يۈز بەرگەن بۇ پەۋقۇلئاددە ئېچىنىشلىق دېلودىن ساقچىلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقانمىدۇ؟

ئەپسۇسكى، توپىلىق يېزىلىق ساقچىخانىدىن تېلېفوننى ئالغان خادىم، «سەن كىم؟» دەپ سوراق قىلغاندىن باشقا جاۋاب بەرمىدى.

يەكشەنبە، كۈپ-كۈندۈزدە، بۇ نارەسىدە قانداقلارچە تۇيۇقسىز غايىب بولۇپ كەتتى؟ ئۇنىڭ جەسىتى 19 كۈن بولغاندا، يەنە كېلىپ ئۆز مەھەللىسىدە قانداق پەيدا بولۇپ قالدى؟ دىلارەنىڭ قاتىلى كىم؟

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/bala-yutush-01202016135617.html

 

Share
1335 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.