logo

trugen jacn

”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى

12 Mukam-12 Muqam

”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى

مەھمەتىمىن ھەزرەت

20 ئاپرىل، 2025-يىل

ئالقىش ساداسىنىڭ ئارقىسىدىكى قان

يېقىندا ، چىن ھۆكۈمىتى رەسمىي تاللانغان ئۇيغۇر سەنەتكارلىرىنى ياۋروپاغا ئەۋەتتى. ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىسىنىڭ مەشھۇر «12 مۇقام» فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىجدىكى ئېيففېل مۇنارىنىڭ يېنىدىكى مەيداندا ، ئاندىن ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپېشتتىكى داڭلىق قەھرىمانلار مەيدانىدا ئورۇنلاندى.

چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇ پا’ئالىيەتنى «چىن بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ نامايەندىسى» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما بىز بىلىمىز كى ، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇ مۇزىكا بىلەن ئېيتىلغان لەرزان ناخشىلار، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرەك ئازابىنىڭ كۈلۈمسىرەشكە مەجبۇرلانغان ئەكس ساداسى ئىدى.

قاتىلنى ئالقىشلاتقۇزۇش: چىننىڭ كونا ئويۇنىنىڭ يېڭى ۋاريانتى

بۇ ۋەقە خۇددى سوغۇق قانلىق بىر قاتىلنىڭ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بۇرۇلۇپ: «قارا ،كۈلۈمسىرىسەڭ  ، بالاڭ جەننەتكە كىرىدۇ، ئەگەر يىغلىساڭ سەنمۇ ئۆلىسەن.» دەپ تەھدىد سالغانغا ئوخشاش بىر ئىش.

شەرقىي تۈركىستاندىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر سەنەتكارلىرى، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىنى چالغانلىقى، ناخشىسىنى ئېيتقانلىقى ئۈچۈنلا تۇتۇپ كېتىلدى، جازا لاگېرلىرىدا غايىب بولدى ياكى جىسمانىي ۋە پسىخولوگىيىلىك قىيناشلارغا ئۇچرىدى. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر تويدا ئۇيغۇر ناخشىسىنى ئېيتقان كىشى ئۆزىنى چىن ساقچى ئىدەرىسىدا كۆرىدۇ. دەل ئۇيغۇر سەنەتچىلەر پارىجدا ئويۇن قويۇۋاتقان كۈنلەردە ئۈرۈمچىدە فىلم چەكمەك ئۈچۈن كەلگەن گو جىئانمىڭ ئىسمىدىكى بىر چىنلى، پەقەتلا بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ تەمبۇر چېلىۋاتقان كۆرۈنىشىنى فىلمگە تارتقانلىقى ئۈچۈن 75000 يۇۋەن جازاغا ئۇچۇرىدى ۋە بۇ خەۋەر دۇنيا مەدياسىدىمۇ خەۋەر قىلىندى.

ئۈرۈمچىدە بۇ زۇلۇمنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان چىن دۆلىتى، ۋەتەندە چەكلەنگەن مۇزىكىلارنى تاللانغان سەنەتكارلار ئارقىلىق ياۋروپانىڭ مەيدانلىرىدا كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ، بۇ سەنەتكارلار دۆلەتنىڭ ھىمايىسىدە بىۋاستە تەربىيەلەنگەن ساختا «بەخىتلىك ئۇيغۇرلار». ئۇلار چىن كومىنىست پارتىسىنىڭ شەپقەتسىزلىگىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان ئىنسانلار.ئۇلار، يۈرەكلىرى دۇزاق ئۆتىدا كۆيۈپ تۇرسىمۇ «كۈلۈمسىرەش مەجبۇرىيىتى» بار سەنەتكارلار. چىن، بۇ تەبەسسۇمنى پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئامما، بۇ ”بەخىتلىك ئۇيغۇرلار“ ئوبرازىنىڭ ئارقىسىدىن گۈپۈلدەپ قان ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ.

چىننىڭ يۈز كۆزىگە چاچرىغان ئۇيغۇر قېنىنى، ئۇيغۇر سەنئېتى بىلەن يۇيۇش نۇمۇسسىزلىقى

7 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ، ئۆيلىرىدىن تۇتۇپ ئېلىپ چىقىپ كېتىلىپ ئىز-دىرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرنىڭ سانى بىر مىلوندىن ئارتۇق. لاگېرلاردىمۇ، ئۆلدىمۇ؟ خەۋەر يوق. ئانىلار بالىلىرىنىڭ نەدىلىكىنى تېخىچە بىلمەيدۇ. ئاتىلار جىمىقتۇرۇلدى. ياشلار ئۆز تىلىدا سۆزلىيەلمەيدۇ.

ھازىر چىن، پۈتۈن بۇ جىنايەتلىرىنى يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەدىبىيات- سەنئىتىنى سۇپۇن ئورنىدا قوللۇنۇپ يۇيۇۋەتمەكچى بولاۋاتىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ساقايماس يارىنى، يەنە ئۇيغۇر سەنئىتىنى يۇپۇق قىلىپ يېپىش بىلە خەقارانى ئالداۋاتىدۇ.. ئەمما بۇ يۇپۇقتىن قان تامچىلاۋاتقانلىقىنى بىز كۆرۈۋاتىمىز.

بۇ «ئوبراز تازىلاش» ئەمەس. بۇ خۇددى جىنايەتچى،جىنايەت سادىر بولغان جايغا گۈل-چىچەك قويۇپ قويغاندەكلا بىر ئىش: «قاراڭلار ، نېمىدېگەن رەڭدار ، قانچىلىك ئەنەنىۋى ، قانچىلىك ھەقىقى». ئەمما بۇ چىنلىقنىڭ ئارقىسىدا مەھبۇسلار ، قىيناشلار ۋە دەپنە قىلىنمايلا كۆمۈۋېتىلگەنلەر بار.

مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچى

بۇ ئويۇنلار ماۋ دەۋرىدىمۇ ئوينالغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە مىڭلىغان ئۇيغۇر سەنەتكارلىرى قولغا ئېلىنغان بولسا ، بىر قانچە يۈز «كۆستەرمىلىك سەنەتكار»نى ئۈرۈمچىدە بېقىپ ، چەتئەل رەھبەرلىرى زىيارەت قىلغاندا بۇ ”ئۇيغۇرلارنىڭ بەخىتلىك يۈزى“نى سەھنىگە چىقىراتتى. ئوخشاش تاكتىكا بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ تەشكىللىك ، تېخىمۇ كەسپىي ۋە دۇنياۋى ئۇسۇلدا قوللىنىلىۋاتىدۇ.

بۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ مەككار ئۇسۇلىدۇر:

قاتىللىقنى رەت قىلىپ تۇرۇپ جىنايەت ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرۇش، تەبەسسۇم قىلىپ تۇرۇپ قان ئىچىش، قۇرباننى، جاللاتنىڭ يۈزىنى گۈزەللەشتۈرىدىغان گىرىم بويۇمى ئورنىدا ئىشلىتىش، پەقەتلا چىن كومىنىستىك پارتىسىنىڭ قولىدىنلا كېلىدىغان ماھارەت ۋە رەزىللىكتۇر.

دۇنيا بۇ ”ئويۇن“نى چوقۇم كۆرۈشى كېرەك

ياۋروپا مەيدانلىرىدىكى «بەخىتلىك ئۇيغۇر» ئۇسسۇلىنى كۆرگەن غەربلىك كۆرۈرمەنلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما بىز بىلىمىز:

بىز بۇ ناخشا،مۇزىكىلارنىڭ قايسى جاراھەتلىك يۈرەكلەرگە كۆمۈلگەن كۆز ياشلىرى بىلەن نەملەنگەنلىكىنى ، قايسى ئانىلارنىڭ يىغلاپ، يىغلاپ بۇغۇلغان ئاۋازىنىڭ ئەكس ساداسى ئىكەنلىكىنى، قايسى ياشلارنىڭ خەنزۇچە ناخشا ئېيتىشقا مەجبۇرلانغاندا تەلەپپۇزى سەۋەبىدىن ھاقارەتلەنگەنلىكىنى ، ئانا قۇچىقىدىن تارتىۋېلىنغان بۇۋاقلارنىڭ ئىڭراشلىرى بۇ ناخشىلارغا قانداق سىڭىپ كەتكەنلىكىنى…. . چەتئەللىكلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئامما بىز ياخشى بىلىمىز. بەلكىم، غەب دۆلەتلىرىدە بۇ ”بەخىتلىك ئۇيغۇرلار“ نى كۆرۈپ، چىن ئەمدى ئۆزگەرگەن بولىشى مۇمكىن،دەپ چۈشىنىدىغانلار بولىشى مۇمكىن. ئامما بىز، يىلاننىڭ خۇيىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. تۈرك قېرىنداشلار ۋە ياۋرۇپالىق دوستلار ئارىسىدا،يۈزلىرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇرىدىغا چىن رەھبەرلىرىنى كەچۈرىشى مۇمكىن، ئامما بىر كۈلۈپ تۇرىدىغان،ئامما يۈرىكى مۇزدىن سوغۇق بۇ قاتىللارنى ئەبەدى كەچۈرمەيمىز.

ھازىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئازابى «سەنئەت» نامىدا ئىستېمالغا سۇنۇلۇۋاتىدۇ:

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز دۇنيا’غا شۇنداق چاقىرىقتا بولىمىز:

چىن، بىر خەلقنى ۋەيران قىلىپلا قالماي ، يەنە ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەر بىر قىممەتنى يەر يۈزىدىن سۈپۈرۈپ تاشلىماقچى. ئونىڭدىن كېيىن بۇ قىممەتلەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن قايتا يۇغۇرۇپ چىن كۈلتۈرى ئىچىدە ئېرىتىپ ئاخىرى يوق قىلماقچى. بۇ قاتىللىقتۇر ، ئىنكار قىلىشتۇر ۋە خورلاشتۇر.ئۇيغۇر مىللىتى بۇگۈن سۈكۈتتە، ئامما بۇ بويۇن ئەككەنلىك ئەمەس.

”يا كۈلۈمسىرەيسەن، ياكى ئۆلىسەن“

چىن، ياۋرۇپاغا ئاپارغان ئۇيغۇرلارغا ئالدىن شۇندا ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى:
”بۇگۈن، ياۋرۇپاغا كېلىشىڭ ۋە ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىشىڭ بىزنىڭ غەمخورلىقىمىز ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتما!

كۈلۈمسىرە!
بەلگىلەپ بەرگەن ناخشىنىلا ئېيت.
يۇرتقا قايتقاندا،
چىنچە ناخشا ئېيتىدىغانلىقىڭ ئىسىڭدە بولسۇن.چىنچە تەلەپپۇزۇڭ توغرا بولسۇن.
خاتا ئېيتشقا رۇخسەت يوق.
سەھنىدىلا ھەركەت قىلىشىڭغا رۇخسەت.
ھەقىقەتنى ئاڭلىتىمەن دەپ خام خىيال قىلما.
ئاڭلىتىمەن دىسەڭ سەنمۇ غايىب بولىسەن ۋە ئائىلەڭ…“

ئەمما بىز چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمىز. بىز ھەقىقەتنى چۈشەندۈرشنى داۋاملاشتۇرىمىز. چۈنكى ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى پەقەتلا بىر خىل مېلودى ئەمەس ، ئۇ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلپ رېتىمىنىڭ مۇزىكىلاشتۇرۇلغان ھالى.بىر كۈنى كىلىدۇ، بۇ قەلبلەر قايتىدىن ئەركىن سوقۇشقا باشلايدۇ. ئەركىن يۈرەكلەردىن ئۇرغۇپ چىققان بۇ مەدىنىيەت ئابىدىسى 12 مۇقام شەرقى تۈركىستان ئاسمىنىدا تەكرار يۈكسىلىدۇ ۋە دۇنياغا تارقايدۇ.
كۈلۈشكە مەجبۇرلانمايمىز، ھەر ئۇيغۇر كۈلۈپ ئويغىنىدۇ، بىر بىرى بىلەن كۈلۈپ كۆرۈشىدۇ. بۇ كۈلكىلەر يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان خوشاللىقنىڭ تەبىئى ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكىگە دۇنيا شاھىت بولىدۇ.
ئامما، ئو كۈنلەرگە قەدەر بىز سۈكۈت قىلمايمىز، قەتئى سۈكۈت قىلمايمىز. چۈنكى، بىزنىڭ سۈكۈتىمىز ۋەتەندە تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزڭ ئۈن تىۋىشسىز غايىب بۆلۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.
دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، سۈكۈت قىلىش، جىنايەتكە ئورتاق بولۇش دىمەكتۇر.

ئىلاۋە: بۇ ماقالە تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىندى

Share
16 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.