ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
قۇتلان
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى, تارقاتقان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، دائىرىلەر كۇچا ناھىيىسى تەۋەسىدىكى بەزى يېزا، كەنتلەردە «جىددىي پاش قىلىش كارتىسى» تارقىتىلغان.
كۇچا ناھىيە كونا شەھەر يېزا سامساق كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر «پاش قىلىش كارتىسى» نى تارقىتىشتىكى مەقسەت ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار شۇنداقلا زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا ئائىت يىپ ئۇچلىرى» ھەققىدە ئالدىن ئاخبارات ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر «پاش قىلىش كارتىسى» ئارقىلىق ئاخبارات يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئاخباراتى تەكشۈرۈپ دەلىللەنگەندە راست چىققانلىرىغا 5 مىڭ سومدىن 500 مىڭ سومغىچە مۇكاپات بېرىلىدىكەن. ئاخبارات يەتكۈزگەنلەرنىڭ كىملىكى مەخپىي تۇتۇلىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر «پاش قىلىش كارتىسى» نىڭ خەلق ئىچىگە تارقىتىلىشى ۋە ئاخبارات يەتكۈزگەنلەرگە يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپات بېرىشكە ۋەدە قىلىنىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/diniy-ashqunluq-05042015143726.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.